ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تەرجىمە كىتاپلارنى تەھرىرلەش ھەققىدە يۈزەكى قاراشلىرىم

تەرجىمە كىتاپلارنى تەھرىرلەش ھەققىدە يۈزەكى قاراشلىرىم

ۋاقتى: 2016-07-01 ئاۋاتلىقى: 6920 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دىلبەر ئابدۇرىھېم

.

تەرجىمە ھەر خىل تىللىق مىللەتلەر ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشتىكى بىر خىل ۋاسىتە. تەرجىمە خاراكتىرىدىن ئالغاندا، بىرىنچىدىن، بىر خىل تىل پائالىيىتى بولۇپ،مەلۇم بىر خىل تىلدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن، ھېسسىيات ۋە ئۇسلۇبنى ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا ئىپادىلەپ بېرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بىر خىل مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق تەرجىماننىڭ ئەسلىي ئەسەرنى چۈشىنىش ۋە تەرجىمە ئەسەردە ئىپادىلەپ بىرەلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىجادىيەت جەريانىدىن ئالغاندا، تەرجىمە بىر خىل قايتا ئىجادىيەت جەريانى بولۇپ، تەرجىمە ئەسەرلەر ئادەتتە دېدۇكىسىيەلىك ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىدۇ. تەرجىمە ئەسەرلەرنى تەھرىرلەش بولسا يەنە بىر قېتىملىق ئىجادىيەت جەريانىدۇر. شۇڭا،تەرجىمە كىتابلارنى تەھرىرلەش ئۆزگىچە مەشغۇلات قائىدىسى ۋە قانۇنىيىتىگە ئىگە.
تەرجىمە ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگەندە، ئادەتتىكى كىتاب تەھرىرلەش تەرتىپلىرىدىن باشقا، تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. تەرجىمەئۆلچىمى بويىچە ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىگە باھا بېرىش، سېلىشتۇرۇش ھەمدە مۇۋاپىق ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ. مۇھەررىر ئالدى بىلەن تەرجىمانغا ئوخشاش ئەسەرنى چۈشىنىش، ئىپادىلەش ۋە توغرىلاشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاندىن قۇسۇر ئىزدەش پوزىتسەيىسدە تۇرۇپ، تەرجىمىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئىزدەيدۇ. تەرجىمىنىڭ توغرا، راۋان، سۈپەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىغا قارايدۇ. ئاخىردا ئىككى خىل تىل ئوتتۇرىسىدىكى سۆز-جۈملە، گىرامماتكا، لوگىكا ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشاش بولماسلىق تۈپەيلى كېلىپ چىققان پەرقلەرنى تۈگىتىشكە تىرىشىدۇ. مانا بۇ نۇقتىلار مۇھەررىرلەردىن ھەر بىر ھالقىنى ئىنىچكە مۇلاھىزە قىلىش ۋە دەڭسەپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆۋەندە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتاپلارنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلەش جەريانىدا ھىس قىلغان بىر نەچچە نۇقتا ھەققىدە كەشپىياتلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتمەكچىمەن.

1. سۆز تاللاش
تەرجىمىدە ئەسلى ئەسەرنىڭ مەقسىتى، ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، ئەسلىي ئەسەردىكى ئوي-پىكىر ۋە ھېسسىياتنى ئىمكانقەدەر ئەينەن-راۋان ئىپادىلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوخشاشمىغان سۆزلەرنىڭ شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوخشىمىغان مەنزىرلەرنى ئىپادىلەپ بېرىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، سۆز تاللاشمۇ تەرجىمە خىزمىتىدىكى ئاساسىي ماھارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسەر تىلىنىڭ توغرا ھەم كۆركەم بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بىرىنچىدىن،سۆزلەر بىر مەنىلىكمۇ، كۆپ مەنىلىكمۇ بولىدۇ. سۆز جايىدا تاللانسا، تەسىر كۈچى ئاشىدۇ؛

ئىككىنچىدىن، ھەر خىل تىللارنىڭ ئۆزىگە خاس گىرامماتىكىسى، لوگىكىسى ۋە سۆز ئىشلىتىش ئادىتى بولىدۇ. مانا بۇ ھال تەرجىمە جەريانىدا، سۆزنىڭ جۈملىدىكى ئورنىنى تاللاش بىلەن بىللە،ئالدى-كەينىىدىكى تېكىستلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلىش، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىشلىتىش ئادىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، نۆۋىتى كەلسە مەنىداش سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئالايلى:

1.桑德拉头发披散着,迎风飘拂起来,显得分外的浪漫和潇洒。

ئەسلىي تەرجىمە ئەسەردە: ساندرانىڭ چاچلىرى پاخپىيىپ، شامالدا لەپىلدەيتتى، ئىنتايىن رومانتىك ۋە شوخ كۆرۈنەتتى.
ئۆزگەرتىلگىنى: ساندرانىڭ چاچلىرى قۇيۋىتىلگەن بولۇپ، شامالدا يەلپۈنۈپ، شۇنداق رومانتىك ھەم شوخ كۆرسىتەتتى.
يۇقىرىقى جۈملىدە ئۈچ سۆز نۇقتىلىق ئۆزگەرتىلدى.

(1)«披散» نىڭ لۇغەت مەنىسى «چۇۋۇلماق، پاخپايماق، چېچىلماق»، ھالبۇكى بۇ جۈملىدە «披散» چاچنىڭ قۇيۋېتىلگەن ھالىتىگە قارىتىلغان، شۇڭا بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ھېچقايسىسى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ؛

(2) «飘拂»نىڭ لۇغەت مەنسى «لەيلىمەك، ئۈزمەك». بىراق بۇ جۈملىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ئىشلىتىش ئادىتىدىن ئالغاندا، «يەلپۈنمەك» سۆزى مۇۋاپىق؛

(3)«分外»نىڭ لۇغەت مەنىسى «ئالاھىدە، ئادەتتىن تاشقىرى»، ئەمما بۇ سۆزلەرنى ئەدەبىي تەرجىمىگە، بولۇپمۇ بۇ جۈملىدىكى ئورنىغا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ جۈملىدە «شۇنداق، ئاجايىپ» دېگەندەك مەنىداش سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. دېمەك،ئەسەر تىلىنىڭ سۈپىتى سۆز تاللاش دەرىجىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.

يەنە ئالايلى:

2.我喜欢吃苹果。

ئەسلىي تەرجىمە: مەن ئالما يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن.
ئۆزگەرتىلگىنى: مەن ئالمىغا ئامراق.

他只好垂头丧气地朝旅馆走,心里想着,没有了钱,该怎么办。3.

ئەسلىي تەرجىمە: ئۇ نائىلاج مەيۈسلەنگەن ھالدا مېھمانخانىغا كېتىۋېتىپ، پۇل بولمىسا قانداق قىلارمەن دەپ ئويلاپتۇ.
ئۆزگەرتىلگىنى: ئۇ نائىلاچ سالپىيىپ مېھمانخانىغا كېتىۋېتىپ، پۇل بولمىسا قانداق قىلارمەن دپ غەم قىپتۇ.
2. ئۇدۇل تەرجىمە قىلىش ۋە مەنەن تەرجىمە قىلىش
ئۇدۇل تەرجىمە قىلىش تەرجىمە ئەسەر تىلى يول قويغان ئەھۋالدا، ئەسلىي ساقلاپ قېلىشنى، يەنى سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنى بىلەن تەرجىمە ئەسەردىكى ئىپادىلەش شەكلى ئوتتۇرسىدا زىددىيەت توغۇلۇپ، سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلىشقا مۇمكىن بولمىغاندا، مەنەن تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەنەن تەرجىمىدە، ئەسلىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەمما شەكىل جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇدۇل تەرجىمە، ئۆلۈك تەرجىمە، ئىختىيارىي تەرجىمە ئەمەس، ئالايلى:

4. 该死的会议,我真要咒它

ئەسلىي تەرجىمە: بۇ ئۆلگۈر يىغىننى بەك قارغۇغىغۇم كېلhۋاتىدۇ.
ئۆزگەرتىلگىنى: قارغۇشتەككۈر بۇ يىغىنغا ھەجەپ ئۆچ بولدۇم؟

5.我只好答应。

ئەسلىي تەرجىمە: مەن نائىلاج ماقۇل دەيمەن.
ئۆزگەرتىلگىنى: مېنىڭ قۇشۇلماي ئىلاجىم يوق.
ھەر قانداق ئەسەرنىڭ ئىدىيەۋى سۈپىتى ۋە بەدىئي سۈپىتى ئالدى بىلەن تىلغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تىل قانچىكى توغرا، گىرامماتىكا ۋە لوگىكىغا ئۇيغۇن، ئىخچام بولسا، ئوي-پىكىر شۇنچە روشەنلىشىدۇ. يۇقىرىقى جۈملىلەرنى ئالساق، ئەسلىي تەرجىمىدە گەرچە خەنزۇچە خەتنىڭ مەنىسى تولۇق ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، ھېسسىيات ئىپادىلەنمەيلا قالماستىن، يەنە دەل جايىغا چۈشمىگەندەك بىر خىل كەمتۈكلۈق چىقىپ تۇرىدۇ. يەنە ئالايلى:

6.你打算让谁做你的丈夫呢?我可以为你做主。

ئەسلىي تەرجىمە: كىمنى ئۆزىڭىزگە ئەر قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟ مەن سزگە تېىپىپ بېرەي.
ئۆزگەرتىلگىنى: كۆڭلىڭىزدىكى ئادىمىڭىزنى دەڭ، مەن سىزگە باشپاناھ بولاي.

7.伯爵也没有说明真实身份。

ئەسلىي تەرجىمە: گىرافمۇ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى دېمەپتۇ.
ئۆزگەرتىلگىنى: گىرافمۇ ئۆزىنى ئاشكارىلىماپتۇ.

8.她看到一艘很大的海盗船刚驶离海岸不远,后面还拖着她乘坐的那只船。

ئەسلىي تەرجىمە: ئۇ بىر چوڭ قاراقچىلار كېمىسىنىڭ ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرغانىلىقىنى، كەينىگە خانىم ئولتۇرغان كېمىنىڭ سۆرىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.
ئۆزگەرتىلگىنى: ئۇ چوڭ بىر قاراقچىلار كېمىسىنىڭ ئۆزى ئولتۇرغان كېمىنى سۆرەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
بەزى جۈملىلەر گىرامماتىكا جەھەتتىن ساغلامدەك كۆرۈنسىمۇ، لوگىكىغا ياكى شۇ مىللەتنىڭ سۆز ئادىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. يۇقىرىقى جۈملىلەردە ئەسلىي تەرجىمىنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ، لېكىن بىھۇدە ئۇزىراپ كەتكەندك ياكى قوپال تۇيغۇ بېرىدۇ. قىسقىسى، ئۇدۇل تەرجىمە بىلەن مەنەن تەرجىمە ئىشلىرىدا دائىم قوللىنىلدىغان ئىككى خىل ئۇسۇل بولۇپ، پەقەت ئىككى خىل تەرجىمە ۋاسىتىسى خالاس. قايسى خىل شەكلىنى قوللىنىش ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. ئاخىرقى مەقسەت يەنىلا ئەسلىي ئەسەردىكى ئوي-پىكىر، ھېسسىياتنى ئۇقۇرمەنلەرگە ئىمكانقەدەر ئەينەن يەتكۈزۈش.
3. شەكىل ۋە مەنە جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇش
خەنزۇتىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىل سېستىمىسىغا تەۋە، جۈملە قۇرۇلمىسىدا روشەن پەرق مەۋجۈت. ئۇيغۇر تىلىدا جۈملىنىڭ لوگىكىلىق باغلىنىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بەلگىلىك جۈملە قۇرۇلمىسى بولىدۇ، باغلىغۇچىلار، قۇشۇمچىلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. خەنزۇتىلىدا جۈملە قۇرۇلمىسى نىسبەتەن ئەركىن كېلىدۇ، قۇشۇمچىلار كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. شەكىل جەھەتتىن تەرجىمە قىلىش دېگىنىمىز، ئاساسلىقى، جۈملە قۇرۇلمىسىغا قارىتىلىدۇ. بەزى ھاللاردا تەرجىمە قۇرۇلمىسىغا ۋە شەكىل جەھەتتىن ئەسلىي تېكىستكە يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنە قاچىدۇ، جۈملە ئۇزىراپ كېتىدۇ ياكى راۋانلىقىغا تەسرى يېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شەكىل جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇش ۋە مەنە جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاددىي ئىپادىلەش شەكلىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

9.罗伯特心中就有了疑惑,现在见了他,热情早已烟消云散了。

ئەسلىي تەرجىمە: زوبېرت كۆڭلىدە گۇمانلىنىپ قالغان، ئەمدى كىلىدنى كۆرۈپمۇ، قىزغىنلىقى ئاللىقاياقلارغا يوقالدى.
ئۆزگەرتىلگىنى: زوبېرت كۆڭلىدە گۇمان تۇغۇلغانلىقتىن، كىلىدقا قىزغىن بولالمىدى.

10.她说这番话时,内心很痛苦,表面上却装的很温和。

ئەسلىي تەرجىمە: ئۇ مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا قاتتىق ئازاپلىنۋاتاتتى،ئەمما ئىنتايىن مۇلايىم قىياپەتكە كىرىۋالغانىدى.
ئۆزگەرتىلگىنى: ئۇ بۇ گەپلەرنى ئازابىنى ئىچىگە يۈتۈپ تۇرۇپ، شۇنداق مۇلايىم قىياپەتتە دېدى.
يۇقىرىقى جۈملىلەردە، خەنزۇچە جۈملە ئۈچ ئاددى جۈملىدىن تەركىب تاپقان قوشما جۈملە شەكلىدە تەرجىمە قىلىنسا، ئوقۇغان ئادەمگە جۈملىلەر زورمۇزور سوزىۋېتىلگەندەك، يېقىمسىز تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇڭا، ئەسلىي جۈملىدىكى ئاساسىي تەركىبنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، ئىشلەتسىمۇ-ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغان تەركىبلەر قىسقارتىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى باغلىغۇچىلار، قۇشۇمچىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغان، نەتىجىدە تەرجىمە جانلىق، ئخچام ھەم راۋان چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، سۆز-جۈملىلەرنى ئىمكانقەدەر ئىخچاملاشقىمۇ بولىدۇ. ئالايلى:

她知道克菜德所讲的这些话全是言不由衷,只不过是推托之词,目的是拖延时间罢了。

ئەسلىي تەرجىمە: ئۇ كىلىدنىڭ چىن كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دېمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈش مەقسىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى.
ئۆزگەرتىلگىنى: ئۇ كىلىدنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى دېمەي، باھانە كۆرسىتىپ ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدى.

12.她听了这个消息,心里很高兴;因为她向父亲学习过这种病的治法。

ئەسلىي تەرجىمە: ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بوپتۇ: چۈنكى ئۇ دادىسىدىن بۇنداق كېسەلنى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆگۈنىۋالغانىكەن.
ئۆزگەرتىلگىنى: ئۇ دادىسىدىن بۇنداق كېسەلنى داۋالاشنى ئۆگۈنۋالغانىكەن، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىچ-ئىچىدىن خۇش بوپتۇ.
خەنزۇتىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئورۇن تەرتىپى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، شەكىل جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇش بىلەن مەنە جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلماي، قارىسىغىلا تەرجىمە قىلىنسا، ئىنتوناتىسىيە، ئوي-پىكىر تولۇق ئىپادىلەنمەي قالىدۇ. شۇڭا، ئەسلىي تىكىستىنى تولۇق چۈشىنىش ئاساسىدا، ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسى ۋە لوگىكىسى، جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئورۇن تەرتىپى، بىرىكمە جۈملىلەردىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەت، شۇنداقلا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
يۇقىرىدا، كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش، تەرجىمە-تەھرىرلىك خىزمىتىگە بولغان ئېتىبارىنى قوزغاش مەقسىتىدە، تەرجىمە كىتاپلارنى تەھرىرلەش جەريانىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. تەرجىمە كىتابلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
پارتىيە، ھۆكۈمەت تەرجىمە ئىشلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئاز سانلىق مىللەت تەرجىمە ئىشلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلەۋاتقان مۇشۇنداق ئالتۇن پەيىتتە، تەرجىمانلار قۇشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىللە تەرجىمە كىتاپلارنىڭ تەھرىرلىكىنى ياخشى ئىشلەشمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.

(ئاپتور قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدىن)


ئەسلى مەنبە:  «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى