ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

تۆمۈر تاۋاق چۈشى

تۆمۈر تاۋاق چۈشى

ۋاقتى: 2016-11-04 ئاۋاتلىقى: 6830 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىلقۇت ئىلاۋىسى: ئاپتۇر مەزكۇر ئەسەردە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېسىمى تۈپەيلى مەمۇرلۇق ئىمتىھان ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئودا 3 يىل تىرىشقانلىقى، ئەمما ھەر قېتىمدا بىر نەچچە نومۇرنىڭ كەملەپ قېلىشى ياكى باشقا سەۋەب تۈپەيلى ئىمتھان ئۆتكلىدىن ئۆتەلمەي، دۆلەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىنكى روھى كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق دۆلەت تۆمۈر تاۋىقىغا ئېرىشەلمىگەن ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، جەمئىيەت تەرىپىدىن كېلىدىغان بېسىمىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

.

تۆمۈر تاۋاق چۈشى

.

ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى: ئايگۈل ھۇشۇر

.

تۆمۈر قاچا… تۆمۈر قاچا.

ئۇف… ئەسلى چۈشۈمكەندە ….

تىپىرلاپ ئويغۇنۇپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدىم. چۈشۈمدە ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنا دېگۈدەكمەن. لىفىتتىن بىراقلا تۆمۈر قاچا ئىچىگە چۈشۈپ قالغۇدەكمەن. ….

ئاپامنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

-بۇ بالا يەنە جۆيلىگىلى تۇردى دېسە….

-دادىسى….-بۇ قېتىم چوقۇم پۇل خەجلەيلى. قانچە پۇل كەتسە مەيلى … بولمىسا تايىنلىق تۆمۈر قاچىنى پۇلغا سېتىۋالايلى….ئاڭلاۋاتاملا…….

مېنىڭ دۆلەت مەمۇرلىقىغا ئىمتىھان بېرىۋاتقىنىمغا 3 يىل بولغان ئىدى. ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا پەقەت بىر نەچچە نۇمۇرۇملا كەملەپ قېلىۋاتاتتى. شۇ تاپتىكى خىيالىم يېقىندىن بۇيانقى روھىي ھالىتىمگە تۇتاشتى. ئاچچىق ھەم تاتلىق خىياللار ئىچىدە تەشۋىشلىنىدىغان، ئىچىم تىتىلداپ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئارزۇ ئارمانلىرىمنى خىرەلەشتۈرمەكتە ئىدى. پەقەت روھىي ئېلاستىكىلىقىم تۈپەيلى گاھىدا شىرىن خىيال كۈچىدىن ئۇزۇق تاپاتتىم…

تېلېفون، تورلاردىن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلەر كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۇ ساۋاقداشلىرىم ئىچىدە «كىتاپ خالتىسى» دەپ نامى بار بىز ئانچە كۆزگە ئىلمايدىغان، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى مەدىكاردەك قارا ئىش قىلىپ، پۇل تېپىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغالىرى توغرىسىدا … خەۋەرلەر ئاجايىپ ئىدى.

-ھازىر ئانداق پۇل تېپىپتۇ… مانداق پۇل تېپىپتۇ… مانداق يەردا ئىشلەپتۇ… پالانى ساۋاقدېشىمىز كارخانىدا مال زاكاز قىلغۇچىكەنتۇق ھازىر ئەستايىدىللىقىدىن باشلىقىغا ياراپ قېلىپ كاتىپلىققا ئۆستۈرۈلۈپتۇ… پۇستانى ساۋاقدېشىمىز شىركەت ئالدىدا ئېلان قەغىزى تارقىتىشتىن پىلان لايىھەلەش بۆلىمىگە يۆتكىلىپتۇ دېگەندەك يېڭى خەۋەرلەرنى پات-پاتلا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدۇق…

.

.

بۇ ئۆيدە كۈنلىرىم ئىمتىھان خەۋىرىنى كۈتۈش، يەنە كېلەر قېتىملىق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كىتاپ كۆرۈش، ئۆيدىكىلەر بىلەن پسىخىك جېڭى قىلىش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى. گاھىدا خىيالغا غەرق بولسام، گاھىدا بىنانىڭ ئەڭ ئۈستى قەۋىتىگە چىقىپ، بارلىق ئاۋازىم بىلەن «تۆمۈر تاۋاق!»….«تۆمۈر تاۋاق!»….دەپ توۋلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم..

مانا چۈشلىرىمدىمۇ «تۆمۈر تاۋاق!»… ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئولتۇرسا قوپسا دەيدىغىنىمۇ شۇ سۆز…

مېنىڭ ئۈچ يىلدىن بېرىقى 1080 كۈنۈم، 25920 سائەت ۋاقتىم، 1555200 مىنۇتۇم، 93312000 سكونت…. دەقىقە ۋاقتىم پۈتۈنلەي تۆمۈر تاۋاقنىڭ زەنجىر كىشەنلىرىگە چىرمىشىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ «تۆمۈر تاۋاق» مەن ئۈچۈن ئەمدى مەۋھۇم نەرسە سۈپىتىدا خىرەلەشمەكتە ئىدى.

ئاھ… خۇدا … ئۈچ يىلدىن بېرى يوقاتقان نەرسەم نېمىدۇ؟….. ئۆز-ئۆزۈمگە نېمە ئۈچۈن دېگەن سۇئاللارنى ياغدۇرۇشقا باشلىدىم.

مانا «تۆمۈر تاۋاق!»…. «تۆمۈر تاۋاق!»…. بۇ ئاۋازىم بىلەن ئەمدىلا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقان ئۆيدىكىلار ھوجرامغا يۈگۈرۈپ كىرىشتى… ئۇلار نېمە دېيىشىنى نېمە قىلارىنى بىلمەي داڭ قېتىپ قېلىشقان ئىدى. چۈنكى مەن شىرە ئۈستىدىكى ئىستاكاننى يەرگە ئېتىپ سۇندۇرغان ئىدىم. ئاپامنىڭ يىغلاپ قۇچاقلىشى بىلەن ئارىدىكى جىمجىتلىق بۇزۇلدى….

-جېنىم بالام….! -بولدى… بولدى… ئەمدى «تۆمۈر تاۋاق» ئىمتىھانىغا زورلىمايمىز….كۆڭلۈڭ خالىغان يەردە ئىشلە جېنىم بالام … بولدى… چېقىلسۇن ئىستاكان بىلەن تەڭ «تۆمۈر تاۋاق»……

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى