دىئالوگ
تور بەتلىرىنىڭ قات – قات تېكىستلىرىگە ئەگىشىپ بۇ بلوگقا يەتكۈچى، مەرھابا! ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە ئېيتماقچى بولغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟ بۇ سەھىپىدە سىز ئەدەبىيات ھەققىدىكى دىئالوگلىرىمىزغا قاتنىشالايسىز !
بۇ يازمىغا (25) پارچە ئىنكاس يېزىلدى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم نوھ ئەپەندى،بىلوگىڭىزدا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ نادىر يازمىلارنىڭ ئېلان قىلىنشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ، ئەدەبىيات – بىر مىللەتنى روھى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن داۋالايدىغان ، ئادەمدە يېڭىچە بىر ئاڭ ،تەپەككۇر پەيدا قىلىدىغان پەن ، سىزنىڭ شۇنداق قىلالىشىڭىزغا ئشىنىمەن.
سەمىمىي مەدىتىڭىزگە رەخمەت ئىزتىل! مەنمۇ سىز ئېيتقان مەنزىل ئۈچۈن تىرىشقۇچى خالاس!
ئەسسالام مالىم ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمدن……
ئەدەبىياتقا بېغىشلانغان مەخسۇس بىلوگدىن بىرنى ئۇچراتقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، خالىسىڭىز ئۆز-ئارا ئۇلىنىش قىلىۋالساق…
ئەسسالام چاغرىتېكىن! ئىنكاسىڭىزنى كېچىكىپ كۆردۈم، قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت!
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم نوھ ھەزىرەتلىرى ئۇزۇن بولدى يۇقاپلا كەتلا ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئوخشىماملا؟ بىز تەرەپلەرگە بېرىپ پەتىلەپ كېلەيمۇ دىمەيلا ؟ كەلبىمىز ئوتلۇق قەدەملىرىنى قىزغىن قارىشى ئالدۇ !!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئىزتىل! يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىشقا پۇرسەت بولمىغاچ، بلوگمۇ يېڭىلانمىدى، سىز تەرەپكىمۇ ئۆتەلمىدىم، جىددىچىلىك سەل پەسەيسە سىزنى يوقلاپ تۇرىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇھ ئەپەندى،
بلوگىڭىزنى ھەقىقەتەن ياخشى قۇرىۋاپسىز، ئەمما مەن بلوگىڭىزدا مۇنداق بىر مەسىلە بارلىقىنى بايقاپ قالدىم.
بلوگنىڭ كونا يازمىلىرىنى تاپقىلى بولمايدىكەن. يەنى ئاستىدا بلوگ يازمىلار بەتكە ئايرىلغان بولسا ياخشى بولاركەن. ھازىر يازمىلىرىڭىزنىڭ باش بەتتە (يەنى 1-بەتتە) كۆرۈنگەنلىرىدىن باشقىلىرىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. بولسا مۇشۇ مەسىلە ھەل بولۇپ كەتسە بلوگىڭىزنىڭ ئۆزگىچىلىكى تېخىمۇ ئاشاركەن…
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، ئىلقۇت ئەپەندى، سەمىمىي پىكرىڭىزدىن خۇش بولدۇم. بۇ تور كۆرگۈچتىكى مەسىلە بولسا كېرەك، مېنىڭكىدە ( ئاتەش تۈلكە كۆرگۈسى ) ناھايىتى نورمال كۆرىنىدۇ. ھەممە كۆرگۈلەردە نورمال كۆرىنىدىغان قىلىشقا بولامدۇ؟ بۇنى بلوگ مۇتەخەسىسلىرىدىن تەلىم ئېلىشىمغا توغرا كېلىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
نۇھ ئەدەبىيات بلوگىنى ئىلقۇت بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم. ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز.
رەخمەت، بىرلىك، ھەمكارلىق نىشانىمىز بولغاي!
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم نوھ ئەپەندى،بىلوگىڭىزدا ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلار باركەن! نوھ ئەپەندى ئەگەر بىزمۇ بىلوگىڭزغا ئەسەر يوللىماقچى بولساق قانداق يوللايمىز؟
رھمەت!
ئەسسالام ئەلويكوم رىفئەت ئەپەندى، قەدىمىڭىزگە مەرھابا! بۇ شەخسىي بلوگ بولغاچقا ھازىرغىچە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ( نادىر ئەسەرلەردىن باشقا ) قوبۇل قىلمىدۇق ھەم تەشكىللەشكە ۋاقىتمۇ ئاجرىتالمىدۇق، ئەگەر ئەدەبىيات ھەققىدە ياخشى ئەسەرلىرىڭىز ( ئىلمىي ماقالە )بولسا،
../blog@gmail.com غا يوللاپ بەرسىڭىز، بلوگ تەلىۋىگە ماس كەلسىلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنغايمىز.
ئەسسالام ئەلويكوم نۇھ ئەپەندى، كۆرسەتمىڭىزگە رەھمەت!
بىلوگىڭىزغا ھەرقېتىم كىرسەم ئۆزۇمنى شۇنداق ئەركىن،ئازادە ھېس قىلىمەن! ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق ساپ بولغان، ئىلمى قىممىتى بار بىلوگقا تەشنا ئىدىم….
ئەمگىكىڭىزگە بارىكاللا!
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام رىفئەت، رىغبىتىڭىزگە رەخمەت. بلوگنى سىز دىگەندەك مەنزىلنى كۆزلەپ قۇرغان ئىدىم، لېكىن ھەر خىل سەۋەپلەردىن كۆپ ئىلگىرىلەش يوق، كۆپرەك پىكىر بېرىپ تۇرارسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،كارۋانىم مەھەللىسىنىڭ ئۇلىنىش كەنتىدىن نۇھ بلوگىغا بىر جاي ھازىرلاندى،ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز…
رەخمەت كارۋانىم! تور دۇنياسىدا ياخشى سەپەرداشلاردىن بولغايمىز!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بلوگىڭىزنى نامزاتلار تىزىملىكىدىن كۆردۈم.
ئىلتىماس قىلىمەن. مۇزىكىنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز بوپتىكەندۇق.
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام! پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەخمەت.
قەلىبدىن قەلىبكە يول بولسۇن. ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەسەرلىرىڭىز بەك سەرخىلكەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بەھىرلىنىشى ئۈچۈن، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنبىرىمىزگە كۆچۈرۈپ چاپلىساق بولامۇ؟؟؟؟
ۋەئەلەيكوم سالام! شەۋقىي تورى ياخشى باشقۇرىلىۋاتىدۇ، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋە بۇ تور ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقان ھەر بىر ساۋاقداشقا ئاپىرىن! مەنمۇ مەزكۇر مەكتەپتە بىلىم ئالغان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تور يازمىلىرىم ساۋاقداشلارغا نەپ بېرەلىسە خۇش بولىمەن. ماقالىلارنىڭ ئاپتورى ۋە ئېنىق بەت ئادرىسى بىلەن كۆچۈرۈپ چاپلىساڭلار تامامەن بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھېيىتلىق پەتىلەپ كېلىشىم ، ئۇلۇغ روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، روزا ھېيتنىڭ خاسىيتىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەم ئۇتۇقلۇق ، ئەزىز تىنىڭىز سالامەت بولسۇن . ئىللىق ئائىلىڭىزگە ئاللاھنىڭ بەرىكەتلىرى ياغسۇن . كۈنلىرىڭىز خۇشاللىق تۇرمۇشىڭىز مەنىلىك بولسۇن ! « ئىزتىل بلوگى» ۋە كەمىنە مۇرات موللامەت ئىزتىلنىڭ ئوتلۇق سالاملىرى سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نوھ ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى ، خىزمەتلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق ، تۇرمۇشىڭىز بەخىتلىك ، ئىشلىرىڭىز جايىدا كېتىپ بارامدۇ ؟ ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىزگە سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن . تورغا چىقماس بۇلۇپ كەتتىڭىز ، خىزمەتلىرىڭىز ئالدىراش ئوخشايدۇ ؟ مەن سىزدىن بۇيىلقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم ، ۋاقتىڭىز يەتسە سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز .
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇرات سالامەت ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ ئۇزۇن بولدى كۆرىشەلمىدۇق. تەتىلدە باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم. قارىغاندا ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئىرادىسىگە كەلگەن ئوخشايسىز، مەن بىلىدىغان ئىشلار بولسا ئەلۋەتتە يول كۆرسىتىمەن. سالامەت بولۇڭ!