نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » 2011 » مارت
يەر تەۋرەشتىن كېيىن...

يەر تەۋرەشتىن كېيىن…

ۋاقتى: 2011 - يىلى 31 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 1,006 قېتىم


11- مارت ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن پۈتۈن يەر شارى لەرزىگە كەلدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى ۋە تەپەككۈرىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ياپون مىللىتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن تراگېدىيەدىن مەڭدەپ قالدى. يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يوكوھاما يادرو بۇلغىنىشى بۇ تراگېدىيەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. تەبىئى ئاپەت بىلەن سۈنئى ئاپەت خۇددى ئىتتىپاق تۈزىۋالغاندەك ياپونلارغا مىسلىسىز قارا كۈنلەرنى ئېلىپ [...]

[ تەپسىلاتى ]

« سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى(2)

« سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى(2)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 31 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 985 قېتىم


داستاننىڭ تۆتىنچى بۆلىكى  شائىر تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، رىۋايەت بىلەن ئووتتۇرىغا قويولغان شېئىرى تراگېدىيە شائىرنىڭ تەپەككۈرىدە قەدىم بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرنى، ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى ئۇلايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساددا ھايات ۋە تەبىئەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇيدىغان بىر پەللە سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان. ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇش باشقىلارنىڭ پاجىئەسىنى كۆرگەندە كۈچىيىدۇ. دىمەك، پاجىئە [...]

[ تەپسىلاتى ]

« سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى)1(

« سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى)1(

ۋاقتى: 2011 - يىلى 31 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 853 قېتىم


抒情长诗《飞石》的文化解读  قىسقىچە مەزمۇنى: «سالغا تېشى » 20 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى مۇۋاپىقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان. ماقالىدە، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا ئىچكىرىلەش بىلەن بىللە داستاندا يارىتىلغان شېئىرىي تېما، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي ئىماگ، ئوبراز، سىموۋۇللارنىڭ مەنە قاتلاملىرى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، داستاننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگىزىلىدۇ. «سالغا تېشى »[1]  شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرىيەت [...]

[ تەپسىلاتى ]

سالغا تېشى

سالغا تېشى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 31 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 836 قېتىم


                              ﺑﻮﻏﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ 1 ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﻛﯚﻧﯜﻙ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻟﻪﻳﻠﯩﻤﻪﺱ ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻠﯩﺘﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻗﺎﻱ، ﺳﺎھﯩﻠﺪﺍ ، ﺑﯩﺰﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ، ﻏﯧﺮﯨﭻ ﭼﻪﺗﻨﯩﻤﻪﺱ . ﺭﻩﯕﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﺎﺗﺴﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﭽﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ، ﭼﺎﯓ – ﺗﻮﺯﺍﻧﺪﺍ ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻪﻡ، ھەيھات، ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯜﭼﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺩﻩﻗﯩﻘﯩﻠﻪﺭ [...]

[ تەپسىلاتى ]

مەڭگۈ تاش

مەڭگۈ تاش

ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 4 پارچە | زىيارەت: 1,186 قېتىم


ئەسلى ماكانىڭ زادى قەيەردە؟ قانداق بولغىيتتى بوي- تۇرقۇڭ؟ كىملەر سېنى ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن؟ كىملەر سېنى يۆتكەپ كېلىشكەن؟ قايسى تاشچى، سېنى يەتكۈزگەن يۈكسەكلىككە؟ چوقۇپ، يۇنۇپ، كېسىپ، رەندىلەپ. ئۆز ئۆتمۈشىڭمۇ گۈزەل بىر تارىخ، تارىخ ئۈستىگە يېزىلدى تارىخ، ئايلاندىڭ مەڭگۈ تاشقا پۈتۈلدى قىسمەت، پۈتۈلدى بارلىق. پۈتۈكچىدە ھىكمەت، سېنى يەتكۈزگەن مەڭگۈلۈككە. يېزىقى ئۇنىڭ ئەپسۇنى، ”كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن،“ تاشقا [...]

[ تەپسىلاتى ]

20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا(3)

20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا(3)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 28 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 757 قېتىم


20 –ئەسىرنىڭ 80 –يىللىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پۈتكۈل 90 –يىللاردا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەنئەنىۋىي دۇنياقاراشتا تەپەككۈرنى ،ئىجادىيەت ماھارەتلىرىدە يېڭىلاشنى ،پروزا ئېستېتىكىسىدا چوڭقۇرلاشنى مەركەز قىلغان كۆپ مەنبەلىك ئىزدىنىشنى قانات يايدۇردى . بۇ ئالدى بىلەن پروزا تېمىلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن باشلاندى . بىرىنچىدىن ،بۇ ۋاقىتتا يازغۇچىلار پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى جەمىيەتنىڭ تارىخى قاتلاملىرىغا ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئىچكىرىلەش ئارقىلىق ئىپادىلەندى . مەسىلەن [...]

[ تەپسىلاتى ]

20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا(2)

20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا(2)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 28 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 772 قېتىم


بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ 3- دەۋرى يەنى يېڭى دەۋر باسقۇچى يازغۇچىلىرىمىز پروزا ئېڭىنىڭ پارتلاش يىللىرىدۇر . بۇ يىللار ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى ، ئىزدىنىشى ئەڭ ئاكتىپ ، پروزىچىلىقتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان يىللار بولدى . يېڭى دەۋرنىڭ “ ئىدىيىنى ئازات قىلىش “ تىن ئىبارەت مەنئىۋىي چاقىرىقى يازغۇچىلارغا ئەدەبىيات –سەنئەتنىڭ داغدام يولىنى كۆرسىتىپ بەردى [...]

[ تەپسىلاتى ]

20 - ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا (1)

20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا (1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 28 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 813 قېتىم


پروزا ئىجادىيىتىدە يازغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا يېڭىلىنىش بولغاندىلا ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدە يۈكسىلىش مەيدانغا كېلىدۇ . بىز بۇ يەردە دەۋاتقان يۈكسىلىش دەل پروزا ئېستېتىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ . 20-ئەسىر ئۇيغۇر پروزا تارىخىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پروزا ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىدىن ئىبارەت . شۇڭا 20 –ئەسىر پروزا ئېڭى تەرەققىيات تارىخىنى تەكشۈرىشىمىزمۇ پروزا ئېستېتىكىسى مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ ، بىر تەرەپنى [...]

[ تەپسىلاتى ]

روھ دىئالوگى

روھ دىئالوگى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 27 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 4 پارچە | زىيارەت: 1,129 قېتىم


 روھىڭنى يوقۇتۇپ قويدۇڭ. روھىڭنى ئىزدەش سېنى يىگانىلىققا ئېلىپ باردى. يىگانىلىق ئۆزىنى چۈشۈنۈش،ئۆزىنى بىلىشنىڭ تۈنجى قەدىمى.  ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا سەن روبىنزون كروزو ئەمەسسەن. سەن ھەم مەلۇم غايىۋىلىكنىڭ نىشانى سۈپۈتىدە يارىتىلغان قەھرىمانمۇ ئەمەس ھەم تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن مەلۇم فىزىكىلىق ماكانغا قامىلىپ، يىگانىلىقنىڭ ئاجايىپ ئاچچىق ئازاپلىرى ۋە ئۆلۈمنىڭ قورقۇنۇچلىرىنى بارغانسېرى مۇزلاۋاتقان تېنىڭ ھەم شۇنداقلا تېخىچە ھاياتتىن ئاداققى ئۈمىدىنى [...]

[ تەپسىلاتى ]

بلوگ يېزىش

بلوگ يېزىش

ۋاقتى: 2011 - يىلى 27 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 25 پارچە | زىيارەت: 1,763 قېتىم


بەزىدە بلوگ خاتىرىلىرى ئوقۇۋېتىپ يازارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىغا ھەيران قالىمەن، ھەم بلوگ يېزىشنىڭ تەسەۋۋۇردىن باشقا رىئاللىققا تۇتاشقان تەرەپىنى كۆرىمەن. تەسەۋۋۇر بىلەن رىئاللىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك ئارىلىق بار، لېكىن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلەمچى ئامىل سىز. تەسەۋۋۇرنىڭ مەنبەسى رىئاللىق بولسىمۇ ئۇ مەۋجۇت رىئاللىقىڭىزدىن ھالقىغانلىقى بىلەن گۈزەل، ھەم مەنزىلىدە يەنە بىر مەۋجۇت رىئاللىقنى بەرپا قىلغانلىقى بىلەن قىممەتلىك. تەسەۋۋۇر سوبېكتىپ رىئاللىق، ئۇنىڭ مەنزىلى [...]

[ تەپسىلاتى ]