نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » 20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا (1)

20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا (1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 28 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 874 قېتىم


پروزا ئىجادىيىتىدە يازغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا يېڭىلىنىش بولغاندىلا ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدە يۈكسىلىش مەيدانغا كېلىدۇ . بىز بۇ يەردە دەۋاتقان يۈكسىلىش دەل پروزا ئېستېتىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ . 20-ئەسىر ئۇيغۇر پروزا تارىخىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا پروزا ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىدىن ئىبارەت . شۇڭا 20 –ئەسىر پروزا ئېڭى تەرەققىيات تارىخىنى تەكشۈرىشىمىزمۇ پروزا ئېستېتىكىسى مەسىلىسى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ ، بىر تەرەپنى ھەل قىلىش ئىككىنچى بىر مەسىلىنى تەبىئى ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ .
20 –ئەسىر ئۇيغۇر پروزىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنى قانداق چۈشىنىش ۋە قانداق يېزىش مەسىلىسىدە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى ئارقىلىق قەدەممۇ –قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇلارنىڭ زامانغا لايىق پروزا ئېڭىنىڭ بارغانچە مۇكەممەللەشكەن ،كېڭەيگەن ۋە چوڭقۇرلاشقان تارىخىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس .
پروزا ئېڭى ئەلۋەتتە ، پروزىنى قانداق چۈشىنىش ۋە قانداق يېزىش مەسىلىسىدۇر . يازغۇچىلارنىڭ پروزا ژانىرىنى قانداق چۈشىنىشى ۋە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشى بىر دەۋر پروزىسىنىڭ قىممىتى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان ياكى تۆۋەنلىۋىتىدىغان ھەم كىتاپخانلارنىڭ پروزا ئېستىتىكىسىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق مەسىلىدۇر .
يازغۇچىلار بىلەن كىتاپخانلارنىڭ پروزا ئېڭى قاتلاملىق ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە يازغۇچىلار ( ئىجاد قىلغۇچىلار ) مەسىلىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدا تۇرىدۇ .بىر دەۋردە مەسئۇلىيەتچان ، تىرىشچان ،ئۆزىنىڭ پىكرى ۋە يۈرەك قېنىنى ئۆز مىللىتىنىڭ پروزىسى ئۈچۈن بېغىشلىيالايدىغان مىننەتسىز يازغۇچىلارنىڭ بولىشى ، مىللەتنىڭ ۋە ئەدەبىياتنىڭ بەخت – سائادىتى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئىجتىھاتى ئارقىلىق پروزا شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىلا ئىلگىرىلەپ قالماي،ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق يېڭى بىر بەدىئى دۇنيا يارىتىلىپ ، يېڭىچە بىر پروزا ئېڭى مەيدانغا كېلىدۇ .بۇ خىل ئاڭ يوشۇرۇن ۋە غۇۋا ئىپادىلىنىدىغان بولسىمۇ ناھايىتى كۆپ نۇقتىلارغا كېسىشىدۇ ۋە سىڭىپ كېتىدۇ . بىر مىللەتنىڭ يېڭى بىر خىل دۇنياقارىشى ۋە ئىدولوگىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ھىسسى يىلتىزنى دەل مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئىزلەشكە بولىدۇ .
پروزا ئۇقۇمىغا بېرىلىدىغان تەبىر ئوخشىمايدۇ.چەتئەللەردىن جوڭگوغىچە بولغان ئەدەبىيات نەزىرىچىلىر ى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئەنئەنىۋىي تەبىرلەرنىڭ بىرى پروزىنى چۆچەك سۆزلەش دەپ قاراش . چۆچەك ۋە پروزا ئاتالغۇلىرى ئېنگىلىز تىلىدا ئوخشاش بىر سۆز story)) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . فرانسىيەلىك ئەدەبىي تەنقىتچى ئابېر شوكۇلى ) ( 阿比尔.谢括利“پروزا نەسرى ئۇسۇلدا بايان قىلىنىدىغان مۇئەييەن ھەجىمدىكى ئويدۇرۇلغان چۆچەكتۇر ” ①دەيدۇ ئەنگىلىيە يازغۇچىسى فوست ( 福斯特) بولسا ِ“ھەجىم جەھەتتىن 50مىڭ خەتتىن ئاشقان ھەرقانداق نەسرى ئەسەرنى پروزا دەپ قاراشقا بولىدۇ ②دەپ ئېيتىدۇ . مەيلى بۇ كۆزقاراشلارنىڭ ھەر خىل بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئومۇملاشقان تەبىر شۇكى ”پروزا پېرسۇناژ،سيۇژىت ۋە مۇھىتنى كونكىرت تەسۋىرلەش ئارقىلىق رىئال تۇرمۇشنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي تۈردىن ئىبارەت “ ③ .پروزىنىڭ ئومۇمى خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ۋ . گ . بېلىنىسكىي مۇنداق دىگەنىدى :“ ئۇ باشقا ژانىردىكى بارلىق شېئىرىي ئامىللار بىلەن بىرلەشكەن،يەنى ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ۋەقەلىكنى تەسۋىرلىگەندىكى ھىسسىياتىنى ئىزھار قىلىدىغان لىرىك شېئىرى تۇيغۇسىمۇ بار ، پېرسۇناژلار ئۆزىنى تېخىمۇ روشەن ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلەيدىغان ۋاستە —— درامما ئامىلىمۇ بار ، باشقا ژانىردىكى شېئىرلاردا مۈمكىن بولمايدىغان غايىۋانە بايان ،مۇھاكىمە ۋە ساۋاقلار ھىكايە رومانلاردا ئۆزىنىڭ قانۇنى ئورنىغا ئىگە بولىدۇ “ ④بۇ پروزىنىڭ شېئىر ۋە دراممىغا قارىغاندا كۆپ دەرىجىدە ئەركىن بولىدىغانلىقى ،ئۇنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشنى تېخىمۇ كەڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
شەكىل ،مەزمۇن ، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە تەسۋىر يوللىرىدا مۇشۇنداق كەڭ ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغان پروزا ژانىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 20 – ئەسىردىلا مەيدانغا كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىشى ئىجتىمائى ، تارىخى سەۋەپلەرگە ،مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ژانىرلىرىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھەم شۇنداقلا مىللى يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسى ئۆزگىچىلىگىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك . مېنىڭچە ،20 –ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى مەسىلىسىدە مانا مۇشۇ نۇقتىلارنى بۆسۈش ئېغىزى قىلغاندىلا ئاندىن بۇ تەتقىقاتنى ئىچكى ئورگىناللىققا ئگە قىلغىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇرئەدەبىياتى تارىخىغا مۇراجەت قىلغىنىمىزدا ، كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى پروزا تۈرىگە يېقىن تۇرىدىغان ، ئىزچىللىقى مۇقىم ،تارقىلىش دائىرىسى ۋە تەسىرى بىرقەدەر زور بولغان نەسرى ژانىر چۆچەك ۋە قىسسەلەر بولىشى مۈمكىن . دۇنيا ئەدەبىياتىدا ھەرقايسى مىللەتلەر پروزىچىلىقىنىڭ ئانىسى شۇ مىللەتلەرنىڭ چۆچەكلىرىدۇر . ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ۋە قىسسەلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىنىڭ ئىنكاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقنىڭ گۈزەللىك ۋە ھايات قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى رومانتىزىم بولۇپ ،زور دەرىجىدە سىموۋۇل ، جانلاندۇرۇش ، مۇبالىغە قاتارلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ، تۇرمۇش رىئاللىقىدىن ئۈزلۈكسىز يىراقلىشىپ ، ھەقىقى ۋەقە ۋە زىددىيەتلەر راۋاجىدا خاراكتىر ياراتماستىن ، بەلكى ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەر زىمىنىدا ھاسىل بولغان غايىۋىي دۇنيا ۋە غايىۋىي تەلپۈنىشلەر ئىچىدە ، ياخشىلىق – يامانلىق ، گۈزەللىك – رەزىللىك ،چىنلىق -ساختىلىق قاتارلىق دىداكتىك ئۇقۇملارنى ۋەز –نەسىھەت، ئىما – ئىشارەت يولى بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن بولغاچقا ئەڭ چوڭ نەسرى بەدىئى زىمىنىمىز بولغان چۆچەكلەرمۇ پروزا ژانىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولالمىدى .
يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇيغۇر نەسرى ئەدەبىياتىنىڭ ناھايىتى زور بەدىئىي زىمىنى ۋە قۇۋۋىتى بولسىمۇ لېكىن چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشاشتەك مەۋجۇت ئىجتىمائى مۇھىت ، ئۈزۈكلىككە ئىگە مەدەنىيەت ئالاقىسى پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا رىئاللىىققا ئايلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى .ئۇيغۇر ئەدىپلىرى تەربىيىلىنىدىغان زىمىنمۇ شېئىرىيەت ژانىرىنى ئاساس قىلغان بەدىئى دۇنيا ،ئۇلار ھەم ئەڭ كۆپ ئىمكانىيەتتە قوبۇل قىلالايدىغان يېڭى ئەدەبىيات ئېستېتىكىسىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتى بىلەن تومۇرداش ياكى ژانىرلار تەرەققىياتىدا ئۇنچە كۆپ پەرقلەر بولمىغان شەرق ئەدەبىياتىدىن كېلىدىغان بولغاچقا ،يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئېستېتىكىسىدا ئۆز ئەدەبىياتىنىڭ ژانىرلار قۇرۇلىشىدا تۈپلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالايدىغان مەنئىۋى سۈپەت ھازىرلانمىغان ئىدى .
بىر خىل ئەدەبىيات ژانىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە يەنىمۇ نۇرغۇن ئوبېكتىپ ۋە سوبېكتىپ سەۋەپلەرنىڭ رول ئوينايدىغانلىقى تەبىئى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تەرەققىياتى جەريانىدا پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنى كۆپ چۈشەكىگەن ھەتتا بەزى ئاپتورلار يىرىك پروزا ئەمگەكلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلار ئىزچىللىق شەكىللەندۈرەلمىگەچكە ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەسرى ژانىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇنىدىن ھالقىپ ،سۈپەت ئۆزگىرىشى ياسىشى ناھايىتى ئۇزاق يىللارغا سوزۇلغان ئىدى . ⑤ 20 – ئەسىرنىڭ غايەت زور ئىجتىمائىلىشىشتەك ئالاھىدىلىكى بۇ ژانىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە قىلدى .
ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ئۆزارا ئۈگىنىش ۋە تەسىرنى چەتكە قاقمايدۇ . ئەدەبىيات تارىخىمىز 20 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندا دۇنيا ئەدەبىيات نەمۇنىنىلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرۇشۇشقا مۇۋەپپەق بولدى . بولۇپمۇ رۇس پررلتارىيات ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بىلەن سوۋېت ئۇيغۇر ،تاتار قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھىكايە ،پوۋېست ،رومانلىرى خەلقىمىز ئارىسىغا تارقىلىشقا باشلىدى .1930 –يىللىرى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە كۆتىرىلگەن مەدەنىيەت – ئاقارتىش دولقۇنى ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئالاھىدە مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ ، بۇ ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ تۇرمۇشىغا زور يۈكسىلەشلەرنى ئېلىپ كەلدى . بۇ خىل مائارىپ – مەدەنىيەتنىڭ تۈركىسىدە يېتىشىپ چىققان 20 – ئەسىرنىڭ زىيالى ،شائىر ، درامماتورگلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كىلاسسىك سەلتەنىتى بىلەن دەۋر رىئاللىقى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەت ۋە تەلەپنى چوڭقۇر ھىس قىلىشتى . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن تەڭلەشتۈرۈش ، ئەدەبىياتنى دەۋرنىڭ ،خەلقنىڭ مەنئىۋىي تەلەپلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كېلىشىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلدى .
ئەڭ ئالدى بىلەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنى 20 –ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كام بولسا بولمايدىغان بىر ژانىر دەپ قارىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز . بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئاۋانگارت يازغۇچىلار بىر تەرەپتىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ بايان ئۇسۇلى ۋە پېرسۇناژلارنى تەسۋىرلەشتىكى ئارتۇقچىلىقىغا ۋارىسلىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن چۆچەكلىرىمىزنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق غايىۋىلەشتۈرىلىدىغان باش تېمىسىنى يېڭىلاپ ،قۇرۇلما ۋە تەسۋىر ئۇسۇللىرىدا سوۋېت رىئالىستىك پروزىسى ۋە قېرىنداش مىللەتلەر پروزىچىلىقىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوپۇل قىلىپ ،ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنى بەدىئى چىنلىق بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ،ئەركىن ،جانلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ۋە تەسۋىرلەش يوللىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدىغان ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى پروزىچىلىقىمىزنى مەيدانغا كەلتۈردى .
جەمىيەت ۋە تۇرمۇش رىئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش پروزا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ئېڭى ئىدى . بۇ ۋاقىتتىىكى پروزا ئەسەرلىرى جەمىيەت ئۆزگىرىشى ،تەلەپلىرى ۋە ئادەملەرنىڭ جەمىيەت قوينىدىكى رىئال ئىش –ھەركەت ۋە كۈرەشلىرىگە بېغىشلانغان بولۇپ ، جەمىيەتنىڭ تاشقى پوستى ۋە ئادەملەرنىڭ تاشقى ھەركەت ھالىتى ئاساسى باش تېما ئىدى . مەسىلەن : سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «يىتىم توختى » ،« شانلىق قۇربان » ، «زامانقۇل » ، زۇنۇن قادىرنىڭ « كۈچۈككە ھۇجۇم » ،« مۇئەللىمنىڭ خېتى » ،ئابلىز نازىرىنىڭ «مۇڭلۇق ئالچۇق » ، « قادىر يامان » ، ئابلىمىت مەسئۇدىنىڭ « ساراڭ ساقايدى » ،« مەتباقى » قاتارلىق ھىكايىلىرى دەل مۇشۇنداق يېزىلغان بولۇپ ،يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنى جەمىيەت قاتلىمىدا راۋاجلاندۇرغان بولۇپ ، بۇ چاغدىكى پروزا ئەسەرلىرىنىڭ سەنئەت رولىغا قارىغاندا جەمىيەتشۇناسلىق رولى كۆرىنەرلىك ئىدى .
بىر خىل ئەدەبىي شەكىلنىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە مەزمۇن دائىرىسىدە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى ۋە رىئاللىققا يېقىنلىشىشى ئۇنىڭ ماھىيەت جەھەتتە سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇيغۇر پروزا تارىخىدا بىز دەل يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئوڭ تاناسىپ بولغان ژانىرلارنىڭ تېما ۋە باش تېما جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلىگەن ۋە كېڭەيگەن ، ئۈزلۈكسىز تۈردە رىئاللىققا يېقىنلاشقانلىقىغا دىققەت قىلىمىز . بۇ خىل ئىلگىرىلەش كۆپىنچە ئىككى خىل ھەركەت ھالىتىدە سۈپەت ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . بىر خىلى ئەنئەنىۋىي تېما ۋە ئەنئەنىۋىي باش تېمىلاردىن ھالقىشتا ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ ، بۇنى زۇنۇن قادىرنىڭ ئىجادىيەت يولى ئارقىلىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ . ئۇنىڭ « ئىككى بارمىغىم بىلەن » ،« رودۇپاي » قاتارلىق ھىكايىلىرىدە خەلق چۆچەكلىرىنىڭ تېما ۋە باش تېما ئالاھىدىلىكى ۋە تەسىرى ناھايىتى زور ئورۇندا تۇرىدۇ . « مۇئەللىمنىڭ خېتى » ، « كۈچۈككە ھۇجۇم » ھىكايىلىرى ئارقىلىق يېتىلىۋاتقان پروزا ئېڭى بارغانچە رىئاللىققا يېقىنلىشىپ ،« ماغدۇر كەتكەندە » ھىكايىسىدە ھەقىقى يۈكسەكلىككە كۆتىرىلىدۇ . ئاپتور دەسلەپكى ھىكايىلىرىدە خەلق چۆچەكلىرىگە يانداشقان بولسىمۇ ،بارا –بارا بۇ خىل ئەندىزىدىن قۇتۇلۇپ رىئالىزىملىق مىتود ئارقىلىق ، ئۇيغۇر رىئال تۇرمۇشىنى تېما قىلىپ ، جانلىق زىددىيەتلەر توقۇنۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى تۇرمۇش رىئاللىقىنى قەلەمگە ئالدى . بۇنىڭ بىلەن ئەپسانە رىۋايەتلەر بوسۇغۇسىدىن قۇتۇلالماي ، باش تېما يېقىدىن رىئاللىقنىڭ ئۆزىنى ئەمەس ، كەلگۈسىنى خىيال قىلىدىغان ،بەدىئى تەسىرىگە دىداكتىك يوللار بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇيغۇر نەسرى ئەدەبىياتىغا خاتىمە بېرىلىپ ، ھەقىقى مەنىدىكى 20 – ئەسىر پروزىسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى جاكالاندى .
پروزا تاشقى دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرىشنىلا ئۆزىنىڭ تەسۋىر ئوبېكتى قىلمايدۇ . ئۇ كەڭ ۋە ناھايىتى مۇكەممەل بەدىئى ئالەم بولىشى ۋە بۇ خىل بەدىئى ئالەمنى كىتاپخانلارغا تەقدىم قىلىشى كېرەك .« ماغدۇر كەتكەندە » دەل مانا مۇشۇ خىل پروزا ئېڭىنىڭ مەھسۇلىدۇر . يازغۇچى ئۆزىنىڭ پروزا ئېڭىنى ئىنسان روھى دۇنياسىنىڭ ئېستېتىك قاتلىمىدا راۋاجلاندۇرغان بولۇپ ، ترگېدىيە بۇ خىل ئېستېتىك قاتلامنىڭ ئادەتتىكىچە ھىسسى قاتلام ،ئادەتتىكىچە ھاياجانلىنىش ئەمەس ، بىر ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ زامانغا لايىق بەدىئى بالاغىتىنى شۇنداقلا قەدىمى بىر شېئىر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەدەبىيات ئېڭىغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان ئىچكى قۇۋۋىتىنى نامايەن قىلدى .
ئەپسۇس ، بۇ خىل ئېستېتىك ئىزلىنىش ئىزچىللىققا ئېرىشەلمىدى .50 –يىللاردىكى ئەدەبىيات ئۈچۈن ياساپ چىقىرىلغان ھەر خىل ئۇقۇم ۋە قېلىپلار ھەم بۇنىڭغا يول قويماتتى . بۇ يىللاردا ئۇيغۇر پروزىسى دۆلىتىمىزدىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر پروزا ئىجادىيىتىگە ئوخشاش ، ئىنقىلاۋى قىزغىنلىق ۋە سىياسىۋىلىكنى ، پېرسۇناژلار ئوبرازىدا باش قەھرىمان ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ، سىنىپىي كۈرەشلەرنى زىددىيەت توقۇنىشى قىلىشنى تۇتقا قىلىپ ،ئىجادىيەتتە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىغا ئۇلىشىپ كەتتى .گەرچە زۇنۇن قادىرنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر ۋەكىللىك ھىكايىسى « چېنىقىش » تا ئۆزى ياراتقان بۇرۇنقى ئېستېتېك پەللىگە يېقىنلاشقان بولسىمۇ ، باشقا پروزا ئەسەرلىرى جەمىيەت قاتلىمىدىن بۆسۈپ چىقالماي ، ھادىسىلەرنىڭ بايانى بولۇپ قالدى . بۇ ۋاقىتتىكى پروزا ئىجادىيىتىمىزدە ئوخشاش مەزمۇن ۋە شەكىلدىن ئىبارەت پروزا ئىجادىيەت قېلىپى پروزىچىلىقىمىزنى تار يولغا قىستاپ ، بەدىئى ئىجادىيەتتىكى “ قايتا ئىجاد قىلىش ئېڭى “ ۋە تېما ۋە باش تېمىدىكى “ يېڭى بولۇش“ تىن ئىبارەت ئېستېتىك تەسىر پروزا ئىجادىيىتىدىن يىراقلاشقان ئىدى .
پروزا ئىجادىيىتى ماھىيىتىدىن ئالغاندا بىر خىل سەنئەت ئىجادىيىتۇر . ئېنىقكى ئۇ يازغۇچىلاردىن سەنئەتنىڭ ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ، مەلۇم خىل ئېستېتىك قىممەت يارىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . بىراق بۇ پروزىچىلىقتا ئىنقىلاپ ۋە سىياسى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس . پروزا سەنئىتىمۇ ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ يازغۇچى مىڭىسىدىكى ئىنكاسى بولغان ئىكەن ، ئۇنداقتا ئىنقىلاپ ۋە سىياسى تۇرمۇشمۇ پروزىچىلىقتا چوقۇم ئەكس ئەتتۈرىلىشى لازىم . بىز دۇنيا ۋە خەنزۇ پروزىچىلىقىدا مانا مۇشۇ خىل تېمىلار يورۇتۇلغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرىمىز .ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى بۇ ئەسەرلەردە ناھايىتى ئىنچىكە بولغان سەنئەت ئۆلچىمى ئارقىلىق ئىنقىلاپ ۋە سىياسى تۇرمۇش مەزمۇنلىرى پۈتۈنلەي سەنئەتلەشتۈرىۋېتىلگەن . ئەمدى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىمىزغا قايتىپ كەلسەك ،50 – 60 –يىللاردىكى ھىكايىلىرىمىزدىن «چېنىقىش » (زۇنۇن قادىرى ) ،« بەش تال ئوق » ، « قەشقەر گۈزىلى » (تۇردى سامساق ) قاتارلىق ساناقلىق بىرقانچە پارچە ئەسەردىن باشقىلىرىدا جەمىيەتنىڭ تاشقى ھەركەت ھالىتىنى تەسۋىرلەش ، ئىنقىلاپ ۋە سىياسى تۇرمۇشنى ئىپادىلەش ،زور دەرىجىدە ئۇقۇملاشتۇرۇش ۋە فورمۇلالاشتۇشتەك يېتەرسىزلىكلەر ساقلاندى . بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپلەر زادى نىمىدە ؟ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ( ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئىجتىمائى تارىخىمىزنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغۇچىلىرىمىزغا مەجبۇرى تېڭىلغان ، ھەقىقى بەدىئى ئىجادىيەتكە پايدىسىز بولغان سىرتقى ئامىللاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىشىدۇ . مېنىڭ قارىشىمچە يۇقىرىقى سەۋەپ نۇرغۇنلىغان ئوبېكتىپ سەۋەپلەرنىڭ بىرىلا بولالىشى مۈمكىن ، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر پروزىچىلىقى تېخى ناھايىتى ياش بىر ژانىر بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن،ئۇلاردا ئېستېتىك بەدىئى قىممەتنى قوغلۇشالايدىغان سەنئەت كۈچى تولۇق ھازىرلانمىغان ئىدى .
لېكىن بۇ يىللار شەكىللەنگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان پروزىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان چېنىقىش يىللىرى ئىدى .جوڭگو جەمىيىتىدە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ بىلەن خاراكتىرلەنگەن ئۆزگىرىشلەر توختاۋسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا پروزىچىلىقىمىزنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مەلۇم كۆلەمدىكى يازغۇچىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى⑥ ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت مۇدھىش قارا كۈنلەردىمۇ بەزى يازغۇچىلارنىڭ بەزىدە ئاشكارە بەزىدە يوشۇرۇن ھالەتتە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ،پروزىچىلىقىمىزنىڭ ئىپادىلەش ۋە تەسۋىرلەش سەنئىتى ئۈچۈن ھارماي ئىزدەنگەنلىكى ،بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ رىئاللىق بىلەن مەلۇم ئارىلىق ساقلاپ ،رومان ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى تەييارلىقلىرىغا كىرىشكەنلىكى بىز ئۈچۈن يەنىلا چوڭ مۇۋاپىقىيەتتۇر . ⑦

( ئاخىرى بار )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif