نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (2)

بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (2)

ۋاقتى: 2012 - يىلى 17 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 437 قېتىم


بىر شائىرنىڭ  ئىجادىيەتتىكى ”ئۆزلۈك“نى تېپىش ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس. شائىر ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقىدا چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجادىيەت خاسلىقىنى تەرەققى قىلدۇرىشى لازىم. بەلگىلىك خاسلىقنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە بەلگىلىك يېتەرسىزلىكى بولىدۇ، بىر شائىر دەل بىر خىل چەكلىمە. ئەگەر شائىر ئىجادىيەت داۋامىدا دائىم تەڭشەش، بۆسۈش، تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، ئاسانلا ئۆز كەمچىلىكى زورىيىپ، كېڭىيىپ ئاخىرىدا خاسلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ئىجادىيەتتىكى يامان ئۆسمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بەزى شائىرلارنىڭ سوبېكتىپ ئېڭى بەك كۈچلۈك بولغاچقا بۇ خىل پىسخىك ھالەتنىڭ بەلگىلەش خاراكتىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇلار مەلۇم خىل ئىجادىيەت خاسلىقىنى شەكىللەندۈرسىلا تەڭشەش، بۆسۈش، ئۆزگىرىش، تەرەققىيات ياسىشىغا يول قويمايدۇ-دە، ئىجادىيىتى قېلىپلىشىپ، ئۈزلۈكسىز بىر خىل كىملىكنى تەكرارلاۋېرىدۇ. بۇغدا ئابدۇللا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كىرگەندە ئالدىنقى مەزگىللىك ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى ئاساسىدا بەلگىلىك ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى ۋە ئىجادىيىتىدە يېڭىچە تېما ۋە يېڭىچە شەكىللەرنى ياراتتى، شېئىرىي پىكىردە چوڭقۇرلۇققا ۋە پەلسەپىۋىلىككە ئېرىشتى. شائىرنىڭ « دېڭىز ئۈستىدىكى چۈش »،« چاشقان شۇنداق دەيدىكەن» ، « دېڭىز يوپۇرماق، جانان »شېئىرلىرى شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېمىلىرىدىن ئەپسانىۋىي، رىۋايەت، چۈش تۈسىدىكى دېتاللارغا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق مەلۇم شېئىرىي پىكىرلەرنى ئىپادىلەشكە قاراپ بۇرۇلۇشقا ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەلۋەتتە، شائىر ئىجادىيىدە بۇ يىللاردا يەنىلا تەبىئەت، ئادەم، ھاياتلىق ھەققىدە چوڭقۇر ۋە ئۆزگىچە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن « ئانىجان – ئانىجان ياشىغىن ئۇزاق »، « ئانا »، « تۇرپان قەسىدىسى »، « گۈل ۋە مۇقامچى »، « ئەقىدە »، « مۇقام » قاتارلىق ئېسىل لىرىكىلارمۇ يېزىلدى. بۇ شېئىرلارغا سىڭدۈرۈلگەن ھىسسىيات جانلىق ۋە تەبىئى بولۇپ، شائىرنىڭ ئۆزلىكىنى، ھىسسىياتىنى ئىپادىلەش شەكلى ئۆزگىچە. شائىرنىڭ ئۆزلىكى ۋە خاسلىقى بۇ شېئىرلاردا ئىپادىلەنگەن ئوبراز ۋە سىموۋۇللارغا سىڭىپ كەتكەن، سۈنئىلىك ۋە ياسالمىلىقتىن خالى بولۇپ، شېئىرىي ھىسسىيات شائىرنىڭ كەچمىشلىرىدە ئەمەس، بەلكى شېئىرنىڭ ئۆزىدە قارار تاپقان. شائىرنىڭ « ئانا » شېئىرى شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، شائىر بىلەن تونۇشلۇقى بار كىشىلەر بۇ شېئىرنى شائىرنىڭ ۋاپادارلىقى بىلەن باغلايدۇ. ئەمىلىيەتتە،بۇ شېئىرنى ئېستېتىك نۇقتىدىن تەكشۈرگەن چېغىمىزدا شائىرنىڭ بۇ شېئىرنى يازغان چېغىدا شەخسىي ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتىن، ئۆزلىكىنى سىڭدۈرۈشتىن كۆرە، بايان ۋە پىكىرگە كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. شائىرنىڭ لىرىكا نۇقتىسى بىرىنچى شەخس « مەن » ئەمەس، ئۈچىنچى شەخس « سەن » ئارقىلىق ئانىنى كۈزىتىدۇ. بۇ خىل بايان نۇقتىسى شائىرنىڭ شەخسىي كەچمىشلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ قېلىپ، ھىسسىياتنى ئاقما ھىساۋات شەكلىدە ئىپادىلەشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ھىسسىيات ئانىنىڭ ئوبرازلىق سۆز –ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تۆھپىلىرى ئارقىلىق بارغانچە قېنىقلىشىپ ئەۋجىگە چىققاندىلا « مەن» يەنە بىر لىرىك ئوبراز سۈپىتىدە ئۈچىنچى شەخسنىڭ ھىسسىياتىغا ئورتاقلىشىدۇ. بۇ شېئىردىكى ھىسسىيات پەقەت ئىككى شەخسنىڭ ھىسسىياتى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەمەس،كىشىلىك ئالماش « سەن » ۋە « مەن » نىڭ ھىسسىياتى بارغانچە چوڭقۇرلىشىپ ئۆملۈك ئالماش « بىز » نى شېئىرغا ئېلىپ كىرىدۇ. شېئىر ئىجادىيىتى شائىر مەنئىۋىي سۈپىتىنىڭ يېزىق ئارقىلىق بەلگىلەشكەن مەنا قاتلىمىغا ئىگە بولۇشىدۇر. مەنا سوبېكتىپ، ئابىستراكىتنى بولۇپ، ئىچكى ئىدىيىۋىي ھىسسىياتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە خاسلىقىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە ئېستېتىك قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. «ئانا » شېئىرىدىكى ئېستېتىك قۇرۇلما تۇراق – ۋەزىنلەرنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان،لېكىن شائىر سىرتقى رېتىمنىڭ تەسىرىگە ئەمەس، ئىچكى قەلب رېتىمنىڭ ئاۋازىغا ئەگەشكەن بولغاچقا شېئىر يەنىلا ئاھاڭدارلىق ۋە مۇزىكىدارلىققا ئىگە بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن شېئىردا تەكرارلاشتىن ئىبارت بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېستېتېكىلىق گۈزەللىك يارىتىلغان. شېئىردا سۆز، مىسرالار ئارقىمۇ – ئارقا، ياكى بىرقانچە مىسرا، كوبلېتلار تەكرارلىنىپ كېلىپ، پارالېل شېئىرىي قۇرۇلما شەكىللەندۈرۈپ، شائىرنىڭ قەلب رېتىمىغا جۆر بولۇش بىلەن بىللە، ھىسسىياتنى تېىخىمۇ ياخشى ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شېئىردا ئانا ئوبرازىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق ئېغىز ئەدەبىايتىغا تەۋە خاسىيەتلىك سانلار ۋە ئۇدۇم چۈشەنچىلەر شېئىرنىڭ ئېستېتىك كەڭلىكىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ شېئىردىكى ھىسسىياتنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشى ئىشىنەرلىك بولۇپ، بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان مەنا قاتلىمى ۋاقىت، يەر شارى، ئىنسانىيەت ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. « ئانا » شېئىرى پەقەت يۈكسەك مەنا قاتلىمىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شېرىي شەكىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى نۇقتىسىدىنمۇ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

شائىرنىڭ بۇ يىللاردا ئەپسانىۋىي رىۋايەت دېتاللىرىغا مۇراجەت قىلىشى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا80 –ۋە 90 يىللاردا « قۇيۇن ھەققىدە رىۋايەت »، « قاغا ھەققىدە رىۋايەت »، « ئەنبەر ھەققىدە رىۋايەت »،« سۈندۈك ھەققىدە رىۋايەت »،« كۆز »،« شىرماق »، « دەريا ئىلاھى»،« تۇرنا  ھەققىدە رىۋايەت »، « بىر رىۋايەت »، « قىز قەلئەسى »،« گۇناھكار كېلىن» قاتارلىق شېئىرلارنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇ يىللاردا رىۋايەت ۋە ئەپسانىگە قايتىش دۇنيا ئەدەبىياتىدا بولۇپمۇ پروزىچىلىقتا ئالاھىدە بىر خىل يۈزلىنىش ئىدى. ئۇيغۇر پروزىچىلىقىمۇ بۇ خىل تەسىرنىڭ سىرتىدا قالمىغان بولۇپ، پروزا ئەسەرلىرىمىزدە مىللى فولكلۇرلۇق رىۋايەت ئەپسانە ۋە ئۇدۇملار ئارقىلىق زامانىۋىلىق ۋە ئەنئەنە زىددىيىتىدىكى كۈلتۈرەل مەسىلىلەر ئوتتۇرۇغا قويۇلغان ئىدى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىدىكى ئەپسانىۋىي رىۋايەت دېتاللىرى پارچە – پارچە، كىچىك ھالەتتە بولۇپ، شائىر ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى ماس ماددا سۈپىتىدە ھاياتلىق ۋە ئادەمىلىك ھەققىدىكى شېئىرىي تېمىلارنى مىللىي ئېتنىك مەنبەگە تۇتاشتۇردى.

شائىرنىڭ بۇ خىل رىۋايەت تۈسىدىكى تېمىلىرى ماكان-  زامانسىزلاشتۇرۇلغان، شېئىرىي پىكىر يوشۇرۇن ۋە غۇۋا، ناھايىتى زور شېئىرىي بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولۇپ، كىتاپخاننى ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى ئارقىلىق ئىنسان تەقدىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۈرگە يېتەكلەيدۇ. شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ شېئىرلىرىدا سىناق قىلىشقا باشلىغان شېئىرىي بوشلۇق يارىتىش ئارقىلىق ئېستېتىك پەللىگە ئېرشىشتىن ئىبارەت مەنزىل بۇ مەزگىلدە شائىر شېىرلىرىدا خاسلىققا ۋە ئىزچىللىققا ئىگە بولدى. شائىر ئىجادىيىتىنى تېمىلار نۇقتىسىدىن كۈزەتكىنىمىزدە شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ، ئەپسانىۋىي – رىۋايەت تېمىلارنىڭ تەسىرىدە ئېتنىك جۇغراپىۋىي تېمىلارنىمۇ ئىجادىيىتىگە ئېلىپ كىرىپ، مىڭ يىللاپ تارىخقا ئىگە ئېتنىك كۈلتۈرىمز ھەققىدە ئويلىنىش بىلەن بىرگە، دەۋر يۈكسەكلىكىدىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنى كىتاپخانلارنىڭ تەپەككۈرىگە سوغا قىلىدۇ. « قۇرمىش ئاتا »، «يارغول »، «مىرەن»، « چەرچەن يولى»، «ئەسكىشەھەر»،«سەرۋەڭ »،«سۇلتان سەئىد قىلىچ مازارى» قاتارلىق شېئىرلاردا بۇ خىل ئېتنىك تېمىلار شائىرنىڭ ئۆزگىچە بەدىئى تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئوبېكتىپ تەسۋىرلەشتىن قۇتۇلغان بولۇپ، شائىر مەنئىۋىي سوبېكتىنىڭ ھىسسىيات تەلقىنلىرىدە  چوڭقۇر مەنا قاتلاملىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.

( ئاخىرى بار….. )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif