نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش(3)

«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش(3)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 18 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 998 قېتىم


« ئاپئاق ئپچىلغان سۆگەت گۈلى» ئەپسانە ۋاستىسىدىن پايدىلنىپ، سپھرىي رىئالىزىملىق ئۇسۇلدا چۆنچىباي، مايسىخان، ئاتىللا ئوبرازلىرى ئارقىلىق جەمئىيىتىمىز كەسكىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن ياشاش مۇھىتى مەسىلىسى ۋە روھى كىرزىسنىڭ ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

 ئاتىللا  قەھرىمانلىق موتىفىدۇر. ئاتىللانىڭ قەدىمكى ئېپوسلاردىكى قەھرىمانلارغا ئوخشاش غەيرىي نورمال ھالەتتە تۇغۇلىشى ۋە ئۆسۈش جەريانى يازغۇچىنىڭ يۈكسەك بەدئىي ئەندىزىگە ئىگە بەدىئىي تىپ ياكى قەھرىمان يارتىشنى ئەمەس، بەلكى ھەر بىر كىتابخاننىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سپلىپ ئۆزى ھەققىدە ئويلايدىغان، ئۆزىنى- ئۆزى باھالاپ كۆرسىتىدىغان ئويغۇنۇشنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى تارىختىن بويان نۇرغۇنلىغان ئادەملەر قەھرىمانلارنىڭ ئىش_ ئىزلىرى ئارقىلق ئۆزلىرىگە چىقىش يولى ئىزدىگەن.

ئاتىللا ئائىلىدىن ئىبارەت جەمئىيەتنىڭ كىچىك بىر ھالقىسىدا بولسىمۇ، ئاتىنىڭ دۇنيا قارىشىغا قارمۇ قارشى مەيدانغا چىقالىدى. ئۇ يۇشۇرۇن ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئاتىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى بىر خىل بوشلۇقنى، ئەنئەنىگە قايتىشتەك روھىي تەشنالىقنى بىلدإردى. ئانىنىڭ قەدىمىي مازارغا تىۋىنىپ ھامىلدار بولىشى، ئاتىللانىڭ ئىپوس قەھرىمانلىرىدەك غەيرى نورمال ھالەتتە تۇغۇلىشى ۋە ئۆسۈشى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى بىر خىل بوشلۇقنى، ئەنئەنىگە قايتىشتەك روھىي تەشنالىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھېكايىدىكى ئاتىللا رېئاللىقتىن ھالقىغان پېرسوناژ، بۇ خىل ھالقىش روھى جەھەتتىكى ھالقىشتا كونكىرىت ئىپادىلنىدۇ. كېسەك تاملىق ئەسكى ئۆي، ساۋاتسىز ،نادان ئاتا- ئانا، توپا – چاڭ قاپلىغان كىچىككىنە بازار ئاتىللانىڭ مەۋجۇت مۇھىتى بولسىمۇ، لپكىن ئاتىللانىڭ پىكىر _ تەسەۋۋۇرى، ھەركىتى بۇ كونكىرىت مۇھىتتىن ھالقىغان.  زامانىۋىيلىقنىڭ ھەر خىل ماددىيي ۋە ئىجدىمائىي ۋاستىلىرى ئاتىللارنى ئوراپ تۇرغان ماكانغا زادى قانچىلىك تەسىر قىلدى؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم بولسىمۇ، لېكىن چۆنچىباينىڭ كاۋاپتىن، پۇلدىن پاشقىنى كەمدىن كەم ئويلايدىغان، مەھەللىدىكى ئۆلۈم – يېتىم، نەزىرلەرگە كەمدىن – كەم بارىدىغانلىقىدىن چۈنچىبايدا ھەرگىزمۇ زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن تەڭ يىتىپ كېلىدىغان « مەدەنىيەت ئەخلەتلىرى» گە تاقابىل تۇرغۇدەك روھىي تاكامۇللۇقنى تاپالمايمىز.

ھىكايىدە يازغۇچىنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى پۇلنىڭ جەمئىيەت ئىقتىسادىدىكى ياكى چۆنچىباي ئائىلىسىدىكى ئەھمىيىتى بولماستىن، بەلكى ئادەملەرنىڭ پۇلدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ئۆلچەم ئالدىدىكى قىممىتى. پۇل گەرچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، ئائىلىنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ پۇلنىلا ئويلايدىغان ئادەملەرنى قايمۇقتۇرۇدۇ، چەكلەيدۇ، بويسۇندۇرىدۇ، بۇنداق ئادەملەرنى ئاسانلا ئۆزىنىڭ قولىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر چۆنچىباي ئارزۇ قىلغىنىدەك پۇلغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق پۇلغا ئىرىشكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ كىيىنكى روھى تۇۋرىكى نېمە بولىشى كپرەك؟ ئاتىللانىڭ تەقدىرى قانداق بولىشى كېرەك؟

ئاتىللانىڭ روھى يازغۇچىنىڭ ھپكايىدە بىزگە ئېيتماقچى بولغان ئاساسلىق موددىئاسىدۇر.

فرېئودنىڭ « ئادىمىيەت قۇرۇلمىسى» نەزىريىسىگە ئاساسلانغاندا، ئادىمىيەت ئۈچ قاتلاملىق بولىدۇ. بىرىنچى، ئەسلى ئۆز ( Id )  ــــ يىيىش، ئۇخلاش، ھۇزۇرلىنىش، يەنى ئادەمدىكى تەبئىي ئىقتىدارلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى، ئۆز (  Ego) رېئاللاشقان تەبىئىي ئىقتىدارنى،يەنى ئەقىل ۋە ئىھتىياتچانلىقنى كۆرسىتىدۇ.  ئۈچىنچى، ھالقىما ئۆز (Super Ego ) ــــــ يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەتنى، يەنى ئادەمكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى كۆرسىتىدۇ.

« تاياق بىلەن يەرگە ئاجايىپ غارايىپ نەرسىلەرنىڭ شەكىللىرىنى سىزىدىغان بولدى. بۇ شەكىللەر قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئاستىغا كىچىكرەك بىر شارچە سىزىلغان بۇلۇپ، مۇشۇ شارچىدىن تارتىلغان سىزىقلار ئاشۇ قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇزغا تۇتاشقان ئىدى». بىز ئاتىللا ئوبرازىدا ئۆزىنىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئويلايدۇ. بىز ئاتىللانىڭ دادىسى بىلەن بولغان توقۇنىشىدىن شۇنى بىلۋالالايمىزكى، چۆنچىباي ئادىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەسلى ئۆز قاتلىمىدا، ھايۋانلاردىن ئانچە پەرىقلەنمەي ياشايدۇ.

ماركىس بىلەن ئىنگىلىس گېگىلنىڭ « توقۇنۇش تەلىماتى» غا تارىخي ماتىرىيالىزىملىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بپرىش ئارقىلىق تېراگىدىيىنى مۇنداق كۆرسەتكەن ئىدى: « تراگېدىيلىك توقۇنۇش تراگېدىيە قەھرىمانىنىڭ يەككە ئېدىراكيي كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت بولماستىن، بەلكى تارىخي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەرلىكى ۋە تراگېدىيە قەھرىمانىنىڭ شۇغىللىنىۋاتقان ئىش ھەركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت.» ئۇلار ئىككى خىل ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بىرى،« گپگىل پەلسەپىسىگە تەنقىدىي مۇقەددىمە» دە ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇلۇپ، كونا تۈزۈمنى ھىمايە قىلغۇچىلار كونا تۈزۈمنى يەنىلائوبىيكتىپ قانونىيەتكە  ئۇيغۇن دەپ ئىشەنگەن چاغدا ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئپچىنىشلىق بولىدۇ. بىراق بۇ خىل تراگېدىيە شەخسنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى تارىخنىڭ سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇ دىگەنلىك، بىر خىل كونا تۈزۈم يېڭى جەمئىيەت كۈچلىرنىڭ زەربىسى ئاستىدا يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەندە، كونا تۈزۈمنىڭ قوغدىغۇچىلىرى سادىقلىق بىلەن كونا تۈزۈمنى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. ئۇلار مۇقەررەر ھالدا كونا تۈزۈمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. ئككىنىچى بىر خىلى، « فېرناند لاسسالغا » دپگەن ماقالىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بۇلۇپ، تارىخىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بىلەن بۇ تەلەپنىڭ رىئاللىققا ئايلانماسلىقى ئوتتۇرىسىدىكى تراگېدىيە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان تراگېدىيە. تراگېدىيە قەھرىمانى بىر مەقسەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. بۇ مەقسەت تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن، ئەمما تراگېدىيە قەھرىمانى ئوبىكتىپ شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ ھەم بۇ مەخسەت ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقاندا يۇقىتىلىدۇ.

كونا تۈزۈم ئەسلىدىنلا بىر خىل رېئال قىممىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ يوقىتىلىشى ئاكتىپ قىممەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى مۇقەررە نەتىجە. شۇڭلاشقا كونا تۈزۈملەرنى قوغدىغۇچىلارنىڭ يۇقىتىلىشىمۇ ئوبىكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن. بۇ ئەسلى تراگىدىيلىك قىممەتكە ئىگە بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئەمما بۇ يەردە قىممەت توقۇنىشى مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، كونا تۈزۈملەر ئۆزىنىڭ رېئال قىممىتىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لپكىن ئۇ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە يەنىلا مۇقەددەس. بۇ خىل مۇقەددەسلىك كونا تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەنئەنىۋىي ئادەتلەردىن ۋە ئۇنى ئۇنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئاشۇ خىل قىممەت قاراشلىرىدىن كىلىپ چىققان. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ كونا تۈزۈمنى قوغداش جەريانىدىكى ھەرىكەت ۋە ئۇرۇنۇشلىرى ئەستايىدىل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تارىخ نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار مۇقەررە يوقىلىدىغان نەرسىلەرنى قۇتقۇزماقچى بولۇشىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ھېچقانچە قىممەتكە ئىگە ئەمەس، ئەمما ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، بۇ ،كىشىلىك قىممىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشقا ئاشۇرلىشى بۇلۇپ، مۇشۇ نۇقتىدا تراگېدىيلىك قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.

چۆنچىباي دەل ماركىس، ئېنگىلىس ئوتتۇرغا قويغان بىرىنچى خىل شەكىلدىكى تراگېدىيەلىك قىممەتنىڭ ئەدەبىي كۆرسىتىلىشى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان « تارىخنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى » گەقارشى نادانلارچە ئاڭ كونا تۈزۈمنىڭ يپڭى ئىجدىمائىي تۈزۈم بىلەن توقۇنۇشۇۋاتقان مەزگىلدىكى مۇقەررەرلىك. ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، چۆنچىباينىڭ ئاقىۋىتى تراگېدىيلىك قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. يەنىمۇ چوڭقۇرراق تەكشۈرگىنىمىزدە چۆنچىباينىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل تراگېدىينىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەسئولىيىتى بارمۇ ياكى ئۇلار سۈكۈت قىلىشى، « تارىخىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى» نىڭ بۇنداق تراگېدىيلەرنى يەنىمۇ كۆپرەك مەيدانغا چىقىرىشىغا يول قۇيۇشى كېرەكمۇ؟

شۇنى قىستۇرما قىلىشقا بولىدۇكى، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر پروزىسىدا يارىتىلغان ئوبرازلار سپستىمىسىدا ئالتە بالا ئوبرازى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇلار باغراش پوۋپسىت، ھېكايىلىرىدىن:

①   « مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقىدا قپتىپ قالغان سۈرەت » پوۋسىتىدىكى ئاقسۇلۇق تۆمۈرچىنىڭ 26 _ ئوغلى.

②   « ئاپئاق ئپچىلغان سۆگەت گۈلى» ھپكايىسىدىكى چۆنچىباينىڭ ئوغلى ئاتىللا.

③   « قۇياش ۋە بالا » ھپكايىسىدىكى بەش ياشلىق بالا.

④   « يۈرەكتاغ » پوۋسىتىدىكى ئۈچ كىچىك بالا.

باغراش ھېكايىلىرىدىكى بۇ بالىلار ئوبرازلىرىدا تەكلىماكان روھىنىڭ تىندىنسىيلىك يۇغۇرۇلمىلىرى مەۋجۇت بۇلۇپ، بۇ تەكلىماكان روھىنىڭ مىللەت مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى ئەدەبىي ئىپادىلنىشى، مىللەت پىسخىكىسىنىڭ بالا ئوبرازىلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلىشىدۇر.

مىللەتنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا ھامان چوقۇنۇش( ئېتىقاد) قارشىلىق ۋە ئىككىلىنىشتىن ئىبارەت غەيرىي ئىدىراكىيلىققا ئىگە تاللاش بولىدۇ.  باغراش ھېكايىلىرىدىكى بالىلار ھامان ئۆز مىللىتىنىڭ سەۋەنلىكلىرىگە ئوت ئاچقان،  بۇ يولدا ئۆز تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئوبرازلار سېستىمىسىدۇر. « مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقىدا قپتىپ قالغان سۈرەت» تىكى 26 ـ ئوغۇل ۋە « قۇياش ۋە بالا » ھېكايىسىدىكى بالىلاردىكى روھ ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشەنچتىن ھەيران قالىمىز. تاشقى دۇنيانىڭ قالايمىقان شاۋقۇنلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى خاتىرجەملىككە، ئۈمىدكە ۋە ئىشەنچكە تولغاندۇر. بۇ يازغۇچىنىڭ يۈكسەك رومانتىزىملىق خاھىشى بىلەن مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈرمەمدۇ؟

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. مەلەك مۇنداق يازغان:

    ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ ھېكايىنى ئوقۇپ نەچچە كۈنگىچە خارامۇش يۈرگەنىدىم

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif