ئەدەبىي تەنقىتچىلىكنىڭ خاراكتىرى
ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بولسا ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋىي قىسمى. ئەدەبىياتشۇناسلىق بولسا ئەدەبىياتنى تەتقىقات ئوبېكىتى قىلغان، ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئەدەبىياتقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىلىم. ئەدەبىياتشۇناسلىق ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تارىخى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. بۇ بەش تارماقنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىقات ئوبېكىتلىرى، ئۇسۇللىرى ۋە رولى بار. ئۇلار ئۆزارا مۇستەقىللىققا ھەم زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. ئەدەبىي تەنقىدچىلىك كونكىرت يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرىنى باھالاش بىلەن بىرگە مەلۇم تارىخى دەۋردىكى ئەدەبىيات ھەرىكىتى، ئەدەبىيات ئىدىيىلىرى ۋە ھەر خىل ئەدەبىيات ئېقىملىرىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىدۇ. ئەدەبىيات نەزەرىيىسى بولسا ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزلىنىدۇ ۋە خۇلاسە چىقىرىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى زىچ، بىراق، خاراكتىرى، رولى، ئۆلچىمى، ئۇسۇلى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشماسلىقلارغا ئىگە.
ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بولسا مەلۇم ئەدەبىيات ھادىسىسىگە بولغان تونۇش ۋە باھا، ئۇ زوقلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، زوقلىنىشنى ئاساس قىلغان بىر خىل ئىلمىي پائالىيەتتىن ئىبارەت. ئەدەبىي تەنقىدچىلىك سەنئەت تەنقىدچىلىكىگە مەنسۇپ، سەنئەت تەنقىتچىلىكى سەنئەتتىن زوقلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ ۋە مەلۇم جەمىيەت ۋە سىنىپنىڭ مەنپەئەتى ۋە غايىسىنى ئاساس قىلىپ، مەلۇم تەنقىدچىلىك ئۆلچىمى ئاساسىدا، سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى ھەق ناھەق، ياخشىلىق يامانلىق ۋە گۈزەللىك ۋە رەزىللىكى ھەققىدە نەزەرىيىۋىي پەرقلەندۈرۈش ۋە ھۆكۈم يۈرگىزىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن بىز ئەدەبىي تەنقىدچىلىك خاراكتىرىنىڭ بىرقانچە ئالاھىدىلىكلىرى كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز: ئەدەبىي تەنقىدچىلىك زوقلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، زوقلىنىشنى چىقىش نۇقتىسى، ئاساس قىلىدۇ؛ ئەمما زوقلىنىش بىلەن ئوخشاشمايدۇ، زوقتىن يۇقىرى تۇرۇدىغان بولۇپ زوقلىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە تەرەققىياتى؛ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بولسا ئىدراكى باھالاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىلمىي پائالىيەت، شۇنداقلا ئۇ يەنە بىر خىل ئالاھىدە ئىلمىي پالىيەتتىن ئىبارەت.
ئالدىنقى يازما: «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش(3)
كېيىنكى يازما: رەيھان
بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى
ھازىر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك گۇرۇھۋازلىققا ئايلىنىپ، ئۆز يېقىنلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ماختاپ يازىدىغان، غۇم-ئاداۋىتى بارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مىڭ بىر يەردىن قۇسۇر چىقىرىپ تىللاپ، سۆكۈپ ئۇلارنى باش كۈتۈرسىز قىلىۋېتىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى. ئەسلى بۇ ماقالىدە يېزىلغاندەك ئىلمىي ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۇنىڭ رولى ناھايىتى زور بولغان بولاتتى.