ۋاقتى: 2011 - يىلى 22 - ئىيۇل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: بايانشۇناسلىق |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 806 قېتىم
بايان نۇقتىسى(point of view, angle of observation) كۈزىتىش نۇقتىسى، كۈزىتىش فوكوسى، بايان نۇقتىسى، فوكۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ پروزىنىڭ بايان قىلغۇچىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولغان يېزىش ماھارىتى بولۇپ، ھېنرىي جامېس 1907- 1909 – يىلىغىچە يازغان پروزا تەھلىلىدە پروزا تەنقىدچىلىكىنىڭ بىر ئاتالغۇسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 19 - ئىيۇل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: پروزا نەزەرىيىسى |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 914 قېتىم
پروزا پېرسۇناژلارنى كۆپ تەرەپلەردىن ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. پروزىدا ئوبرازنى تەسۋىرلىگەندە ماكان زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، درامما ئەسەرلىرىگە ئوخشاش سەھنىدە ئورۇنلاش شەرتلىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىلدىن قىسىلمايدۇ، پروزىچى ھەم ئوبرازنىڭ تاشقى پورتېرىتى، كىيىم كېچەكلىرىنى تەسۋىرلىسىمۇ، ھەرىكەتلىرىنى يازسىمۇ، يەنە پىسخىك كەچۈرمىشلىرى، ھىسىىسياتىنى يازسىمۇ بولىدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 7 - ئىيۇل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى, نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: 4 پارچە |
زىيارەت: 2,105 قېتىم
كۆڭلىگە نى-نى ئارمانلارنى پۈككەن بۇ ئەزىمەت ئارىمىزدىن بەك بالدۇر كېتىپ قالدى. ئۇ ئاخىرقى دەرسىنى تۈگىتەلمەيلا كەتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا خوش دىيەلمەيلا كەتتى، ئۇ پەرزەنىتلىرىنى ئاتا مېھرىگە، قېرىنداشلىرىنى ئاكا ۋە ئۇكا مېھرىگە قاندۇرالمايلا كەتتى. ئۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا ۋەسىيەت قالدۇرالمايلا كەتتى. ئۇ يالقۇنلۇق نەسىرلىرىنى تۈگىتەلمەيلا كەتتى. ئۇ ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان نەۋرىسىنى كۆرەلمەيلا كەتتى.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئىيۇل |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: 3 پارچە |
زىيارەت: 1,239 قېتىم
ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىم مۇنبەردە دەرس سۆزلەۋېتىپ مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن يىقىلدى، كېسەلخانىدا 10 نەچچە كۈن ھۇشسىز ھالەتتە ياتتى، شۇنداقتىمۇ بىز ئۇنىڭ پات ئارىدا ساقىيىپ ئارىمىزغا قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمۈتۋار ئىدۇق. مۇئەللىمگە ئاللاھتىن شىپالىق تىلىدۇق، ئۇنىڭ كېسەل بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ئىدى، بىز ياردەم قىلالمايتتۇق، پەقەتلا مەدەت تىلەيتتۇق. ئەزرائىل ئۇنى ئېلىپ كەتتى، بىز بۇ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئىشتكەن قۇلاقلىرىمىزغا ئىشەنمىدۇق. ئەتراپىمىزدىن ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىمنىڭ ۋەزمىن ئاۋازىنى، مەزمۇت ۋە زەبەردەست گەۋدىسىنى ئىزدىدۇق. لېكىن بۇ ئاچچىق رىئاللىق ئىدى، ھىچكىم ئۇنى تېتىماي مۈمكىن ئەمەس!
[ تەپسىلاتى ]