نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » 4- نۆۋەتلىك شەھەر ئەدەبىياتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئارسلان تالىپ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

4- نۆۋەتلىك شەھەر ئەدەبىياتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئارسلان تالىپ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: يېڭىلىق | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 1,207 قېتىم


2011- يىلى 4- ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن « 4- نۆۋەتلىك شەھەر ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى » شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نۇرباغ ئىش باشقارمىسى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. « شەھەر ئەدەبىياتى » ھەققىدىكى مۇھاكىمە 2002- يىلى « تەڭرىتاغ » ژورنىلى تەرەپىدىن تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن، 2- 3 – نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا  قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمىيىتى يەنە بىر ساھىپخان بولۇپ قوشۇلغان.

بۈگۈنكى يىغىنمۇ يۇقىرىقى ئىككى ساھىپخاننىڭ تەشكىللىشىدە ئۆتكۈزۈلدى.  يىغىندا   « ۋىجدان، مەسئۇلىيەت سەمىمىلىكتىنمۇ مۇھىم »، « تېما، ئوبراز نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر شەھەر ئەدەبىياتىنىڭ مۈمكىنچىلىكى »، « شەھەر ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ ئىجتمائىي رولى »، « بىز شەھەر ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن نىمىلەرگە ئېرىشتۇق » قاتارلىق ماقالىلار ئوقۇلۇپ، ئۇيغۇر شەھەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ يۈزلىنىشى كۆرسۈتىپ بېرىلدى.

تەپسىلى مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

شۇكۈنى چۈشتىن كېيىن قاراماي شەھەر ـ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىئىيىتى، قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئارسلان تالىپ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ــ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نۇرباغ ئىش باشقارمىسى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ پىرافىسسورى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، شىنجاڭ نىفىتلىك شىركىتى، نۇرباغ خۇجۇلۇق شىركىتىدىن دولقۇن ئەلى،  قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ياش ئوبزورچى ئەلىجان ئوبۇل خەنجىرى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتىنىڭ مۇھەررىرى، ئوبزورچى يالقۇن روزى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھۆريەت راخمان، قاراماي شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقەت ئورنىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى ئايبەك ئۆمەر ئۇيغۇرى قاتارلىقلار ماقالە ئوقىدى. يىغىن ئاخىرىدا يازغۇچىغا تون تارتۇقلاندى.  

 تەپسىلى مەزمۇنىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ.

يازغۇچى ئارخىبى

ئىسمى: ئارسلان تالىپ

يۇرتى: قۇمۇل

ئوقىغان مەكتىپى: 1978- يىلدىن 1983 – يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى جوڭگو تىل – ئەدەبىياتى فاكولتېتى.

تۇنجى ئەسىرى: «تويدىن كىيىن»، ھىكايە، «قەشقەر ئەدەبىياتى»،  1980-يىلى.

ھازىرغىچە قازانغانلىرى

 يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە

ئۈچ يۈز پارچىدىن ئوشۇق شېئىر

يەتتە پارچە پوۋىست

يىگىرمە پارچىدىن ئوشۇق ئەدەبىي ئاخپارات ۋە ئىلمىي ماقالىسى ھەرقايسى ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.

توپلاملىرى

«ئۇيقۇسىز چۈش»، ھىكايىلار توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى

«ھالاكەتلىك ئۈچ بۈرجەك»، پوۋىسىتلار توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

رومانلىرى

« كىروراننىڭ يېڭى رىۋايىتى »

 « خېزىرغا يولۇققان ئاتا »

 « ياۋاكۆز »

« كەچكۈزدىكى شىۋىرغان »

« چۆلدىكى چوغ-ۋارىس ھۆكۈمەت »

« ئىللىغان زىمىن »

قاتارلىق رومانلىرى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرلەندى.

شەرەپلىرى        

«خېزىرغا يولۇققان ئاتا » رومانى تۇنجى نوۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى» غا، مەملىكەتلىك 6-نوۋەتلىك كىتاپ يەرمەنكىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك كىتاپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئىككى ھىكايىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، 12 پارچە ئەسىرى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «قارا ياقۇت ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تۇنجى نۆۋەتلىك «قاراماي ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»نىڭ «شەرەپ مۇكاپاتى» غا، ئىككىنجى نۆۋەتلىك «قاراماي ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ «ئەسەر مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان، ئاپتور يەنە «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2007-يىل ۋە 2011 – يىللىق «تۆھپىكار يازغۇچى» شەرىپىنىڭ ساھىبى.   


ئارسلان تالىپ، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو نېفىت يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، قاراماي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

 

 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئايتۈرك مۇنداق يازغان:

    ئارسلان تالىپنىڭ ئۆمرى،ئىجادىيىتى زىيادە بولسۇن!!!!!!!!

  2. ئايبەرچىن مۇنداق يازغان:

    بۇ سەھىپىڭىزياخشى بوپتۇ . مۇشۇلار ھەممىسى كېيىنچە ياخشى ماتىريال بولۇپ قالغۇدەك.

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif