نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ يەتتە نەزىرىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ يەتتە نەزىرىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق

ۋاقتى: 2011 - يىلى 7 - ئىيۇل | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 5 پارچە | زىيارەت: 2,260 قېتىم


نۇھ بلوگى ئىلاۋىسى

ئەنەيتۇللا قۇربان ئۆزىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئنتىلىشى ۋە تۆھپىلىرىنى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كەسپداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشىنى، ئۇرۇق – تۇققان، دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى، خەلقمىزنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن شان – شەرەپلىرىنى ئېلىپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. بۈگۈن بىز قايغۇلۇق قەلبىمىز بىلەن ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىمنىڭ يەتتە نەزىرىنى ئۆتكۈزدۇق.

( مەرھۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەستىلىكى، خىزمەتداشلىرى ئابدۇللا مەتقۇربان ۋە مەتتۇرسۇن ئېلى مۇئەللىملەر بىلەن سۆھبەتتە )

ئەنەيتۇللا قۇربان ئىقتىدارلىق پىداگوك، نەتىجىلىك يازغۇچى، ئۇ خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى، ئۇنىڭ ۋاپاتى خەلقىمىز ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش. ئەنەيتۇللا قۇربان ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ساداقىتى ۋە مۇھەببىتى، ئىجتىھاتلىق ئەمگەكلىرى بىلەن ھاياتىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلدى.

ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىمنىڭ  ۋاپاتىدىن كېيىن، جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا بولغان ئېچىنىشى ۋە  قايغۇسىنى ئىپادىلىدى. 2011- يىلى 7- ئاينىڭ 7 –كۈنى ئۈرۈمچى جىگدىلىك مەسچىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەرھۇمنىڭ يەتتە نەزىرىدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتى مۇدىرى پراففىسور ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر مەرھۇمنىڭ خىزمەتداشلىرىغا ۋاكالەتەن تەزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئەنەيتۇللا قۇرباننىڭ  كىشىلىك ئەخلاق- پەزىلەتلىرى ۋە تۆھپىسىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، مەرھۇمنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىغا تەسەللى بەردى، سەبرە تىلىدى.

تۆۋەندە بىز بۇ نۇتۇقنى تولۇق ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قايغۇرغان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەم سەبرە تىلەيمىز. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىگى ۋە نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن خەلقىمىزگە بارىكاللا! شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى ساھالەردە جاپالىق ئىشلەۋاتقان تۆھپىكارلارغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىشىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۆتىنىمىز.

ئەنەيتۇللا قۇرباننىڭ يەتتە نەزىرىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق

ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر

( شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىنىڭ مۇدىرى )

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۆھتىرەم جامائەت!  بۈگۈن بىز چەكسىز قايغۇ ئىچىدە مەرھۇم سەبدىشىمىز ئەنەيتۇللا قۇرباننىڭ يەتتە نەزىرىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەن ئىنىستوتىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار نامىدىن مەرھۇمنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىدىن، ئۇرۇغ – تۇققانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

مەرھۇم ئەنەيتۇللا قۇربان بىزنىڭ ياخشى سەبدىشىمىز ئىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈللىكى، سەمىمىلىكى بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى، ئۇ ئەستايىدىللىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسىگە نائىل ئىدى.

ئەنەيتۇللا قۇربان قابىل، ئىجتىھاتلىق ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇ 28 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا « ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى »، « كاتىبات يېزىقچىلىقى »  قاتارلىق 10 نەچچە خىل دەرسنى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە، ئۇيغۇر كاتىباتلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى.

ئەنەيتۇللا قۇربان ناھايتى كۆيۈمچان، مەسئۇلىيەتچان بىر باغۋەن ئىدى، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەمەلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ ئىشلەيتتى. ئۇ  تىرىشچانلىقى، قەيسەرلىكى، تەمكىنلىكى ۋە راستچىللىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولاتتى، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن ئەخلاقلاندۇراتتى، ئوقۇغۇچىلارغا ئاتىلارچە مۇئامىلە قىلاتتى، چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بەدىلىگە كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ھۆرمەت بىلەن، پەخىر بىلەن تىلغا ئالاتتى.

ئەنەيتۇللا قۇربان يېتىلگەن بىر تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇ  40 پارچىغا يېقىن ئىلمي ماقالە يېزىپ، نۇرغۇنلىغان چىگىش تۈگۈنلەرنى، نازۇك  مەسىلىلەرنى يەشكەن ئىدى.

ئەنەيتۇللا قۇربان كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋە تالانتىلىق نەسىر يازغۇچىسى ئىدى. ئۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي تالانتىنى نامايەن قىلغان ئىدى، چاڭقىغان كۆڭۈللەرگە سۇ  بەرگەن ئىدى.

ئەنەيتۇللا قۇربان مېھرىبان ئاتا، مەسئۇلىيەتچان بىر ئەر ئىدى. ئۇ تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلدى، پەرزەنتلىرىنى ئەخلاقلىق، ياراملىق قىلىپ تەربىيلىدى. ئائىلىسىگە سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئەرلىك بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلدى.

بىز ئەنەيتۇللا قۇرباندەك بىر ياخشى سەبدىشىمىزدىن، قابىل ئوقۇتقۇچىمىزدىن، يىتىلگەن تەتقىقاتچىمىزدىن، تالانتىلىق يازغۇچىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.

ئەپسۇسكى، كۆڭلىگە نى-نى ئارمانلارنى پۈككەن بۇ ئەزىمەت ئارىمىزدىن بەك بالدۇر كېتىپ قالدى. ئۇ ئاخىرقى دەرسىنى تۈگىتەلمەيلا كەتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا خوش دىيەلمەيلا كەتتى، ئۇ پەرزەنىتلىرىنى ئاتا مېھرىگە،  قېرىنداشلىرىنى ئاكا ۋە ئۇكا مېھرىگە قاندۇرالمايلا كەتتى. ئۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا ۋەسىيەت قالدۇرالمايلا كەتتى. ئۇ يالقۇنلۇق نەسىرلىرىنى تۈگىتەلمەيلا كەتتى. ئۇ ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان نەۋرىسىنى كۆرەلمەيلا كەتتى. ئۇ سەپداشلىرىنى، كەسىپداشلىرىنى، ساۋاقداشلىرىنى، ئوقۇغۇچىلىرىنى، قىسقىسى، پاك روھاناتىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى تاشلاپ كەتتى، ئۇ ھەممىمىزنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ كەتتى.

ئەنەيتۇللا قۇربان ۋاقىتسىز ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى جەمىئەت ئۈچۈن، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور تۇقىتىش. بىز مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن چەكسىز قايغۇردۇق! بىز مەرھۇمنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىنى، خەيرىلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەرھۇمنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزىمىز! ئەلۋىدا، ئەزىز بۇرادىرىمىز ! پاك روھىڭىز جەننەت گۈلشەنىدە خۇشھال  بولغاي!

2011-يىل 7- ئىيول  ئۈرۈمچى، جىگدىلىك مەسچىتى

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (5) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. قۇتتېكىن مۇنداق يازغان:

    مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى ئۇلۇغ ئاللاھ جەننەتتىن قىلغاي!

  2. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    مەرھۇمنىڭ ھايات پائاليەتلىرى ئادەمنى تەسىرلەندۈردىكەن. مەرھۇم يۇرتىمىزنىڭ ئالى مائارىپ ئىشلىرىغا زور توھپىلەرنى قوشۇپتىكەن.

  3. nasimi مۇنداق يازغان:

    muallim siz kalbimizda mangv hayat…

  4. كۆكتولۇن مۇنداق يازغان:

    ھازىرغىچە ھەر ئەسلىسەم كۆزلىرىم ياشقا، قەلبىم ھەسرەتكە تولىدۇ. ئەنەيتۇللا مۇئەللىمنىڭ سەمىمى يېتەكلىشى، كۆڭۈل بۆلۈشلىرى يىزىقچىلىق سەۋىيەم يۇقىرى كۆتىرىلگەندى. ئەنەيتۇللا مالىمنىڭ ئۆلۈمى ھاياتىمدا ماڭا ئەڭ ئېغىر كەلگەن ئۈلۈملەرنىڭ بىرى. مۇئەللىم ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كىيىن، قولۇمغا قەلەم ئېلىشتىن قاچىدىغان بولۇپ قالدىم. مەرھۇمغا ياراتقۇچىمىز ياخشىلىق قىلسۇن.
    بىر گەپنى تەكرارلايمەن،‹ ئۇ بىزنى چىن سۆيەتتى›

  5. ئەنۋەر مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! ئەزىز ئۇستاز. مەن بۈگۇن تور بەت ئارلاۋىتىپ ، سېزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئۇچىرتىپ قالدىم ھەم شۇنداقلا ئاۋۋال بۇ تېمىنى كۆردۇم . شۇنداقلا سېزنى ،رەھمەتلىك مۇئەللىمنى ،يەنە ئاۋۇ قىستۇرما رەسىمنى كۆرۇپ سىلەرنى سىغىنىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى .مومكېن بولسا ،ئاشۇ سىنېپلاردا ئولتۇرۇپ، يەنە بىر سائەت بولسىمۇ دەرىسېڭلارنى ئاڭلىۋالغان بولسامچۇ كاشكې دەپ ئارمان قىلىپ كەتتىم . ‹مەن مەكتەپ پۇتتۇرۇپ بولغان ئوقۇغۇچىڭلا›
    ئامان بولۇڭلا ئۇستازلېرىم .تىنېڭلارغا سالامەتلىك ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر تېلە يمەن .

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif