نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئۆي

ئۆي

ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئىيۇن | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 883 قېتىم


ئادەم دىگەن قىزىق بولىدىكەن، ئوتتۇرا مەكتەپتە تەبىئى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىم چوقۇم تەبىئى پەندە ئوقۇشۇڭ كېرەك دەپ نەچچە ئايغىچە خىزمەت ئىشلىسىمۇ، مەن شائىر، يازغۇچى بولمىسام بولمايدۇ، چوقۇم ئەدەبىيات ئوقۇيمەن دەپ جاھىللىق قىلىپ ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمنى بەك خاپا قىلغان ئىدىم.  بەلكىم ئۇ چاغلاردا ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقىغانلارنىڭ ھەممىسى شائىر، يازغۇچى بولىدۇ دەپ قارىسام كېرەك. كېيىن دىگەندەك ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقىدىم، لېكىن شائىرمۇ، يازغۇچىمۇ بولالمىدىم، ئەمىلىيەتتە ئەدەبىيات كەسپىگە كىرىپ ئوقىغاندىن كېيىن شائىرلىق، يازغۇچىلىقنىڭ ۋەزنىنى چۈشىنىشكە باشلىغان بولسام كېرەك. مېنىڭ نەزەرىمدە ئەدەبىيات مۇقەددەس ئىدى، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن مەندەك ئاددىي بىر ئىنساننىڭ كىشى قەلبىنى تىترىتەلەيدىغان گۈزەل شېئىرلارنى يېزىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىدىم. نۇرغۇنلىغان شېئىر ھەۋاسكارلىرى 19،18 ياش چاغلىرىدا ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت يولىدا بىر بۆسۈش، يۈكسىلىش ھاسىل قىلىدىكەن، لېكىن مەن مۇشۇ يېشىمدا شېئىر يېزىشتىن توختىغان ئىدىم. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ مەكتەپ گېزىتلىرىدە شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنىپ بالا شائىر ئاتالغان مەن نىمە ئۈچۈندۇر شېئىردىن يىراقلىشىپ باردىم؟ بەلكىم بۇ ئۆزەممۇ جاۋاپ تاپالمايدىغان مەڭگۈلۈك سۇئال بولسا كېرەك.

شېئىر يېزىقىتىن پۈتۈلگەن قۇرۇلما، ئۇ مەنە ۋە تىلنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۆز فۇنكىتسىيىسىنى ئادا قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ئاھاڭدارلىق ۋە قاپىيەنىڭ يېزىق قۇرۇلمىسىنى ئىستېتىك قۇرۇلمىغا چىۋەرلىك بىلەن ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

شېئىرنى يەنە ئىستېتىك ھەركەت دەپ چۈشىنىش مۈمكىن، شائىرنىڭ ھاياتىي تەجرىبىلىرى ( ھەرىكىتى ) بىلەن شېئىردىكى لىرىك مەننىڭ دىئالوگى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئېستېتىك بوشلۇق شېئىرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

شېئىرغا يەنە قانداق تەبىرلەرنى بېرىش مۈمكىن، بەلكىم شېئىرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ چۈشەنمەسلىكىمىز مۈمكىن، سەمىمىلىك بىلەن ئېيتقاندا شېئىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ئانچە مۇھىم بولمىسا كېرەك، ئۇنداقتا مۇھىم نەرسە نىمە؟ مېنىڭچە شېئىرمۇ سىزنىڭ ھاياتنى كۈزىتىشتىكى بىر كۆزنىكىڭىز دەپ قارىسىڭىزلا كۇپايە، بەلكىم سىز بىر پارچە پەلسەپە ئەسىرى ئارقىلىق چۈشەنمىگەن مەسىلىنى بىر پارچە شېئىر ئارقىلىق تولۇق چۈشەنگەن بولىشىڭىز مۈمكىن، ياكى بىر پارچە شېئىر ئارقىلىق چۈشەنمىگەن مەنانى بىر ماتىماتىكىلىق فورمۇلا ئارقىلىق چۈشەنگەن بولىشىڭىز مۈمكىن، سەۋەپ نىمىدە؟

بۇ سۇئالغا سىز جاۋاپ بېرەلەمسىز؟ بەلكىم ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى، بەزى تېكىستلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا تېخىمۇ چوڭقۇر، ئەتراپلىق، تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە بولوشى مۈمكىن. سەۋەپلەر ئالىمىدە سەۋەپ ئىزدەيمىز، گەرچە ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن شېئىر يېزىشنى توختاتقان بولساممۇ، لېكىن بەزىدە ئۇ بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شېئىرىي ئىلھاملار كېلىپ قالىدۇ، بىرەر ۋاراق قەغەزگە تىركەپ قويىمەن… كونا بلوگنى قۇرغان چېغىمدا خاتىرەمگە قارىسام بىرقانچە كونا شېئىرلار تۇرىدۇ، بلوگ قۇرۇشنىڭ قىزىقچىلىقىدا ئۇ يەرگە يوللاپ قويغان ئىدىم، بۈگۈن بۇ بىر پارچىسىنى يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. بۇ يازمىلار  شېئىردىن يىراقتا تۇرسىمۇ، لېكىن نۇھنىڭ ئىستېتىك دۇنياسىنى خىرە بولسىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ…..

 

ئۆي

 

سىقىرايدۇ تېنىم،

چىقىرايدۇ جېنىم.

ئۆي،

سۆيۈملۈك كېسەلدۇرسەن،

ئون يىلدىن بېرى ماڭا چاپلاشقان.

سەن چىقمىدىڭ،

مەن كىرەلمىدىم.

سەن كۆپەيدىڭ ئاققۇنلاردەك،

تەنلەر ئاقىدۇ ساڭىلا قاراپ.

تاش ئۆي، تاش ئائىلە، تاش شەھەر،

بىر خىش بىر خىشتىن پۇتۈپ چىقىدۇ.

 

مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى،

مۇنبەردىلا بولىمەن خاقان – پادىشاھ.

 بىراق،

دەرستىن كېيىن،

قايتىشىم كېرەك كىچىك كۈلبەمگە،

يىلبويى كۈننۇرى چۈشمەيدىغان،

زەي گۈللىرى ئېچىلىپ كەتكەن،

كىچىك ئائىلەم ئارانلا سىغقان،

غېرىپ خانەمگە.

قايتىشىم كېرەك رىئاللىقىمغا،

قايتىشىم كېرەك كىتاپلىرىم ئارىسىغا.

مەن كىتاپ- دەپتەرنىڭ ئارىسىدىن چىقالمىدىم،

كىتاپ – دەپتەرنىڭ قۇرلىرىغا،

مەن سىغدىم، ئالەم سىغدى،

بىز پاتقىدەك چىرايلىق ئۆي سىغمىدى.

 

ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ يۈئەن،

يىگىرمە بەش تۈمەن.

سوزۇلىدۇ، قىسقىرايدۇ،

قىممىتى ئۆسىدۇ نېفىتتەك.

مەنمۇ ھەم،

سوزۇلدۇم، قىسقىرىدىم،

ياندىم،

ئۆچتۈم،

كۈل بولدۇم.

 

ئۈرۈمچىدە ئۆي،

قىزىل يۈزلۈك رىئاللىق،

خۇددى ئاق يۈزلۈك ئۆلۈمگە ئوخشاش.

ئۆلۈم مېنىڭ ئاخىرقى مۇنبىرىم،

ھەيھات، خاقان- پادىشاھ بولىمەن ئاداققى قېتىم.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆي كۆچىمەن،

كۆچىرىدۇ تەختىراۋاندا،

كۆچۈرگەندەك كېلىن قىزنى.

ئۆلۈمنىڭ ئۆيىگە تاللاش يوق،

ھەممە- ھەممىدىن يىراقلىشىسەن،

بىر ئاللاھقا يېقىنلىشىسەن.

قەلبىڭگە، قەلبىڭگە ھەممە سىغىدۇ،

سەنمۇ سىغىسەن قەلبىڭگىلا ھەم.

 

ئۆلۈم،

ھازىچىلار كېلىدۇ، پەتىچىلەر كېلىدۇ،

چىرايلىق ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ ھازا ئاچىدۇ:

___ رەھمەتلىك ئوبدان ئادەم ئىدى،

___ ئۆيىنى ئوبدان تۇتىۋاپتىكەن.

___ ھەي ئىسىت، ھەممىسى قالدى،

___ ياشلىقىدا ئۆينىڭ جاپاسىنى تارتقان ئىدى.

شۇ چاغدىمۇ چىرايلىق ئۆيۈم،

ھىجىيىپ، جىلمىيىپ قاراپ تۇرىسەن،

ئاق نۇر چېچىپ پەتىچىلەرگە.

 

 2004 – يىل

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif