ۋاقتى: 2011 - يىلى 27 - ئىيۇن |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: بايانشۇناسلىق |
ئىنكاس: 1 پارچە |
زىيارەت: 977 قېتىم
بايانشۇناسلىق نەزەرىيىسىدە بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىنى قانداق بېكىتىش ناھايىتى بىر تەس كاتوگىرىيە. ئىلگىرى بىز ئۇنى پروزا نەزەرىيىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن ئىدۇق، لېكىن پروزا نەزىرىيىسى بۇنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئېلىپ بولالمايدۇ، چۈنكى بايانشۇناسلىقنىڭ دائىرىسى بەك كەڭ. بايانشۇناسلىق دىگىنىمىز زادى نىمە؟ بايانشۇناسلىق يەنى بايان قانۇنىيىتى ھەققىدىكى تەلىمات. تودوروۋنىڭ تەبىرى مۇنداق: بايان بولسا بىردىن ئارتۇق ۋەقەنىڭ بايان قىلىنىشى؛ رېنېت : بايان بولسا بىر ياكى بىردىن ئارتۇق چىن ۋە توقۇلما ۋەقەلەرنىڭ بايان قىلىنىشىدۇر
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 21 - ئىيۇن |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: خەنزۇ ئەدەبىياتى |
ئىنكاس: 3 پارچە |
زىيارەت: 1,024 قېتىم
جوڭگو بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى كۆپ خىل ئەدەبىيات پەنلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياش بىر تەتقىقات يۆنىلىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن باشلاپ ئىزچىل مۇجىمەل( 暖昧 ) ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟ بۇ سۆزىمىز ئىككى خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بىرى بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى يېزىشنىڭ مۈمكىنچىلىكى مەسىلىسى، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، چاغداش ئەدەبىيات تارىخىنى تىكلەشنىڭ [...]
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 11 - ئىيۇن |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: پروزا نەزەرىيىسى |
ئىنكاس: 2 پارچە |
زىيارەت: 997 قېتىم
گەرچە پروزا بىزنىڭ ئەڭ باي، ئەڭ خاراكتېرلىك، ئەڭ مودا ئەدەبىيات مەھسۇلاتىمىز بولسىمۇ، ئۇ گەرچە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈنۈمگە، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان قۇرۇلمىغا ۋە ماھارەتلەرگە ئىگە بولۇپ، تەنقىدچىلەرنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كېيىنكى ھادىسە، ئۇنىڭ بەدىئى شەكىللىرى يەنىلا تەرەققىيات ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 7 - ئىيۇن |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر |
ئىنكاس: 3 پارچە |
زىيارەت: 1,226 قېتىم
سىز ئادەتتە ھېچنېمە ئەمەس، لېكىن كىملەرگىدۇ دۇنياسىز! ئۆز ئىشقىدا پادىشاھنى يىغلىتىپ كۆزلىرىنى كۆر قىلغان، شائىرنى ئاشقلىق دەشتىدە ئۆمۈربۇيى غەزەل پۇتكۈزگەن شور پىشانە دېھقان قىزى-گۈل، قانداق بەخىتلىك- ھە! ھەي، دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ، «ئەلگە پادىشاھ،ئىشىققا قۇل» دېگەن ھېكمەت بىكارغا ئېيتىلمىغان! نەۋايىغا شائىرلىققا شاگىرت كىرمەكچى بولغان پادىچى يىگىتنى ئۇ قانداق يېتەكلىگەن؟ سىز سەلتەنەتلىك «خەمسە» توغرىسىدا ئاڭلىغان. لېكىن پادىشاھنىڭ شائىرنىڭ ئېتىنى يىتىلىشى ئالەم پەيدا بولغاندىن بېرى كۆرۈلمىگەن ئىشلار.
[ تەپسىلاتى ]
ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئىيۇن |
ئاپتورى: نۇھ |
سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى |
ئىنكاس: يوق |
زىيارەت: 834 قېتىم
شېئىر يېزىقىتىن پۈتۈلگەن قۇرۇلما، ئۇ مەنە ۋە تىلنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئۆز فۇنكىتسىيىسىنى ئادا قىلىدۇ، بۇ جەرياندا ئاھاڭدارلىق ۋە قاپىيەنىڭ يېزىق قۇرۇلمىسىنى ئىستېتىك قۇرۇلمىغا چىۋەرلىك بىلەن ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. شېئىرنى يەنە ئىستېتىك ھەركەت دەپ چۈشىنىش مۈمكىن، شائىرنىڭ ھاياتىي تەجرىبىلىرى ( ھەرىكىتى ) بىلەن شېئىردىكى لىرىك مەننىڭ دىئالوگى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئېستېتىك بوشلۇق شېئىرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
[ تەپسىلاتى ]