نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » بايان نۇقتىسى

بايان نۇقتىسى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 22 - ئىيۇل | ئاپتورى: | سەھىپە: بايانشۇناسلىق | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 861 قېتىم


ئېنىقكى، بايانشۇناسلىق بايانى ئەسەرلەر توغرىسىدىكى ئىلىمدۇر، لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بايانشۇناسلىقنىڭ ئۇقۇمى، دائىرىسى، مەنىسى، ماھىيىتى قاتارلىقلارنى چۈشىنىش ناھايىتى تېيىز ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن بايانشۇناسلىقنى ئەڭ ئاددى نۇقتىدىن، يەنى بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزدىكى پروزىدىكى بايان مەسىلىسىدىن باشلاپ سۆزلەيمىز.

پروزىچىلىقنىڭ بايانشۇناسلىق مەزمۇنلىرى ناھايىتى مول، مەسىلەن، بايان نۇقتىسى، يازغۇچى، بايانچى، پېرسۇناژ ۋە ئوقۇرمەننىڭ مۇناسىۋىتى، باياننىڭ يىپ ئۇچى، باياننىڭ ۋاقتى، باياننىڭ رېتىمى، بايان مۇقامى، باياننىڭ ئارىلىقى، بايان تىلى قاتارلىقلار.

بايان نۇقتىسى : بايان نۇقتىسى (point of view, angle of observation) كۈزىتىش نۇقتىسى، كۈزىتىش فوكوسى، بايان نۇقتىسى، فوكۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ پروزىنىڭ بايان قىلغۇچىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولغان يېزىش ماھارىتى بولۇپ، ھېنرىي جامېس 1907- 1909 – يىلىغىچە يازغان پروزا تەھلىلىدە پروزا تەنقىدچىلىكىنىڭ بىر ئاتالغۇسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان. غەرپ پروزىچىلىرى كۈزىتىش نۇقتىسىنىڭ پروزىچىلىقتىكى ئورنىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، ئۇنى مۇرەككەپ پروزا يېزىقچىلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا دەپ بىلىدۇ. ئاتالمىش بايان نۇقتىسى پروزا ئەسىرىنى بايان قىلىشتىكى نۇقتىنى، يازغۇچى بىلەن پېرسۇناژنىڭ مۇناسىۋېتىنى، يەنى يازغۇچىنىڭ قانداق سالاھىيەتتە بايانچىنىڭ رولىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەمىلىيەتتە بايانچى ۋە ھىكايىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. ۋولفگاڭ ئېسېر « پروزىدا تۆۋەندىكىدەك 4خىل كۈزىتىش نۇقتىسى پرىنسىپ سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ، ئۇلار : بايانچىنىڭ نۇقتىسى، پېرسۇناژنىڭ نۇقتىسى، سيۇژېت نۇقتىسى، توقۇلما ئوقۇرمەننىڭ نۇقتىسى » دەپ قارايدۇ. تۆۋەندە ئاساسلىق قىلىپ بايانچىنىڭ نۇقتىسىنى تونۇشتۇرىمىز.

« بايانچىنىڭ بايان نۇقتىسىغا قاتنىششى » يەنە « سوبېكتىپ بايان نۇقتىسى »، « ساددا (نوقۇل ) بايان نۇقتىسى» ، « ئىچكى فوكۇس » قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بايانچى بولسا ئەسەر ۋەقەلىكىدىكى قاتناشقۇچى، باشتىن كەچۈرگۈچى بولۇپ، ئەسەردە مەلۇم پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ، ئەسەردىكى بارلىق مەزمۇنلار مەزكۇر پېرسۇناژنىڭ كۆزى ئارقىلىق كۈزىتىلىدۇ، ئۇنىڭ تىلى ئارقىلىق سۆزلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ سوبېكىتچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، زور دەرىجىدە چىنلىققا، يېقىنلىققا، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. لۇشۈننىڭ « ھەسرەت »، تۇرگېنىۋنىڭ « تۇنجى سۆيگۈ »، شارلوت بېرناندنىڭ « جەنئەي »، زۇنۇن قادىرنىڭ « ماغدۇر كەتكەندە »، زوردۇن سابىرنىڭ « ئىزدىنىش » روماننىڭ 1- قىسمى قاتارلىقلار مۇشۇنداق ئەسەرلەردۇر.

« بايانچىنىڭ كۈزىتىشى» بايان نۇقتىسى يەنە « ساپ ئوبېكتىپ بايان نۇقتىسى » ، « درامماتىك بايان نۇقتىسى »، « تاشقى فوكۇس » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كۈزىتىش نۇقتىسىدا بايانچى ئەسەردىكى پېرسۇناژ بولالمايدۇ، بەلكى سىرتتا تۇرۇپ كۈزىتىپ ئوبېكتىپ ھالەتتە بايان يۈرگۈزىدۇ. بايانچى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنى تەبىئى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۆزى تياتىرخانىدىكى بىر سەمىمى خاتىرىلىگۈچىگە ئوخشاش سىرتقى مۇھىتنى تەسۋىرلەش، پېرسۇناژنىڭ پورتىرىتىنى، كىيىم – كېچەكلىرىنى، مىمىكىسىنى، ھەرىكىتىنى، تىلىنى شۇنداقلا مۇھىت مەنزىرە قاتارلىق  سىرتقى ئامىللارنى تەسۋىرلەشكە دىققەت قىلىدۇ، لېكىن تەسۋىرلىۋاتقان ھەرقانداق نەرسە ئۈستىدىن سوبېكتىپ چۈشەندۈرۈش ۋە باھانى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ، پېرسۇناژنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تېىخىمۇ تەسۋىرلىمەيدۇ. لۇشۈننىڭ «示众» ناملىق ھىكايىسى دەل مۇشۇ خىل بايان ئۇسۇلىدا يېزىلغان. بۇ خىل بايان ئۇسۇلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئوبرازلىرى چىن، مۇھىت ئېنىق بولۇپ تەشۋىش تۇيغۇسى كۈچلۈك كېلىدۇ. بۇ خىل ھىكايىلەر ئوخشاشلا ماكان – زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.

« بايانچىنىڭ ھەممىنى بىلىشى » دىن ئىبارەت بايان نۇقتىسى يەنە « خۇدانىڭ بايانى »، « ھەممىدىن خەۋردار» بايان نۇقتىسى بولۇپ « فوكۇسسىز بايان » خاراكتېرىگە ئىگە. بۇ خىل بايان ئۇسۇلىدا گەرچە بايانچى ئەسەردىكى ۋەقە ۋە ئوبرازلار بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەسەردىكى ئاللىقاچان بولۇپ بولغان ئىشلار، ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ۋە كەلگۈسى يۈز بېرىدىغان ئىشلار توغرىسىدا بىلمەيدىغىنى ھەم بۇ ھەقتە توختالمايدىغىنى يوق. ئۇنىڭ بايانى ھەم ۋاقىتنىڭ ھەم ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھەتتا ئىلگىرى – كېيىن نەچچە يۈز يىلدا ھەرقايسى جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەركىن بايان قىلالايدۇ. ئەسەردىكى ئوبرازلارنىڭ ھەر بىر ئىش – ھەركىتى، ھەر بىر گەپ – سۆزى ھەم ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى كىچىككىنە ئۆ‍زگىرىش، روھىدىكى يوشۇرۇن ئۆ‍زگىرىشلەر ھەتتا سۆزلەشكە ئەپسىز ھەرىكەتلەرنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىل بايان ئۇسۇلى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلەشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ، زامان جەھەتتىن ئۇزۇن، ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرنى ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ. بىراق بۇ خىل بايان ئۇسۇلى رىئاللىقتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىنى بىلىشكە قادىر بولالمايدىغان ئەمىلىيىتىدىن يىراق بولغاچقا بارغانسېرى كۆپ شۈبھىگە ئۇچراۋاتىدۇ.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif