نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 1 )

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 1 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 8 - نويابىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 4 پارچە | زىيارەت: 1,450 قېتىم


_ «جاللات خېنىم» رومانى توغرىسىدا

تارىخ بىزگە نۇرغۇنلىغان سىرلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. تارىخ ئەسلىدىنلا چېگىش بولىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر تارىخ مەلۇم سىنىپىي جەمىيەت ۋە گۇرۇھنىڭ غالىپلىق ناخشىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا تارىخنامىلەرگە يېزىلغان تارىخ بىلەن خەلقنىڭ قەلبىگە يېزىلغان تارىخ ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پەرق ۋە ئوخشىماسلىقنىڭ بولىشى تارىخنىڭ كۆپ قاتلاملىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا تەتقىق قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  ئۇيغۇر تارىخى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈگۈنكى زامانغا ئۇلىشىش تارىخى، ئۇ تارىخ قەدىمىمىزنىڭ ئىزچىىلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تارىخنامىلەردە ئىزچىل، سېستىمىلىق يېزىلغان تارىخ ئەمەس.  بۇ خىل تارىخ يېزىلدى دىگەندىمۇ كۆپ خىل ئىدىيە، ھەرىكەت تارىخىنىڭ مەلۇم بىر تەرەپلىرىلا يورۇتۇلغان خالاس. بۇ تارىخنىڭ كىتاپنامىلەردە يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەندىن باشقا يەنە بىر يۈزىنى يەنى شۇ تارىخنىڭ ئوبېكتى بولغان ئىجتىمائى توپنىڭ دۇنياقارىشى، ئېستېتىك قارىشى، ھەرىكەت ۋە روھىيىتىدە ساقلانغان، ھاياتىي مەنبەگە ئايلانغان، ئەكس ئەتكەن تەرەپلىرىنى كۆرۈش، كۈزۈتۈش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتسە كېرەك.

تارىخنىڭ بۇ خىل كۈزىتىلىشى تارىخ پېنىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە زىت ئەمەس. بۇ پەقەت تارىخ پېنىنىڭ نوقۇل تەزكىرەشۇناسلىق ۋە ھۆججەتشۇناسلىق قاتلىمىدىن بۆسۈپ چىقىپ كۆپ خىل كۈزىتىش نۇقتىسى ۋە  بىلىش يۈكسەكلىكىگە قاراپ تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. تارىخ تەتقىقاتىدىكى ئاساس تارىخىي ماتىرىياللار بولسىمۇ لېكىن بۇ تارىخ تەتقىقاتىنىڭ بىردىن بىر ئاساسى ئەمەس، ئەگەر شۇنداق دەپ قارىلىدىكەن بۇ تارىخ پېنىنىڭ ئىلمىيلىقى ۋە تارىخنىڭمۇ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى ئىنكار قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تارىخىي ماتىرىياللارغا تايىنىپ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش  تارىخ پېنىنىڭ مۇقىم، تۇرغۇنلۇق ئالاھىدىلىكىگە كۆڭۈل بۆلسە، تارىخنى ئىجتىمائى توپنىڭ پەلسەپە، ئەدەبىيات – سەنئەت، ھەركەت، ئىدولوگىيە ۋە پىسخىكا تەرەققىياتى مۇساپىسىگە قويۇپ كۈزىتىش تارىخنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە، ژانىر خۇسۇسىيىتىگە ھەم ئۇنىڭ ئەبەدىلىك ئالاھىدىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئۇيغۇر تارىخچىلىقى ھەققىدە سۆزلىگىنىمىزدە يەنە بىر نۇقتىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر تارىخى بىز بۈگۈنكى كۈندە پەن نۇقتىسىدىن كەسكىن پەرقلەرگە ئايرىغان ”تارىخ “ ئەمەس، بەلكى تەزكىرە ئەدەبىياتى ياكى ئەدەبىياتتىن ئايرىلىپ باقمىغان، ئەدەبىيات بىلەن ئېنىق ژانىر ئايرىمىغان ئەدەبىي تارىختىن ئىبارەت. «مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرى»، «تۈركى تىللار دىۋانى»،«تەزكىرەئى بۇغراخان»،«تارىخى رەشىدى» ،«تەۋارىخ»،«تەزكىرائى ئەزىزان»،«تارىخى ھەمىدىيە»قاتارلىق ئەسەرلەرگە قاراپ باقساقلا بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپالايمىز. يۇقىرىقى كىلاسسىك نەمۇنىلەر مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن ھەم  تارىخ ھەم ئەدەبىيات. يەنە ئۇلاردا ئەكس ئەتكەن باشقا ژانىرلىق خۇسۇسىيەت ۋە مەزمۇن قاتلاملىرى ئەجداتلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ھەر خىل ئوبېكتىپ ئىنكاسلىرىدىن ئىبارەت.

بىز تەزكىرە ئەدەبىياتى ياكى ئەدەبىي تارىخ دەپ ئېيتىۋاتقان ژانىر ئۇيغۇر مەدىنىيىتى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ 20 – ئەسىر ئاخىرقى بۆلىكىدە باشقا بىر ژانىر نامى بىلەن مەيدانغا چىقتى. بۇ مەلۇم خىل ئەدەبىيات شەكلىنىڭ ئەنئەنىۋىلىك ئاساسىدا راۋاجلىنپ بارىدىغانلىقىدەك ئىچكى تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈردى. تەزكىرە ئەدەبىياتى ئەنئەنىسى شۇنداقلا بۇ خىل ئەنئەنىنىڭ زامانىۋىي سەنئەت ئېڭى يۈكسەكلىگىدىكى ئىسلاھات بىزدە دەسلەپ قىسسەچىلىكنى ئاندىن تارىخىي رومانچىلىق ھادىسىسىنى مەيدانغا چىقاردى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شەكىللەنگەن «تارىخى رومانچىلىق قىزغىنلىقى» ھادىسىسى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى تارىخىي ماتىرىياللار ئاساسىدا يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشى ۋە تارىخقا يەنە قايتىدىن قايتىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تارىخ ھەققىدىكى ئوبېكتىپ ھەقىقەتلەردىن مۇكەممەل تارىخ ئىدىيىسى تىكلەش قىزغىنلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئەدەبىياتىمىزدا پروزا ۋە تارىخنىڭ بىرلەشمىسىدە يارىتىلغان ئەسەرلەرنىڭ خاراكتىرىنى « تارىخ » سۆزى بىلەن ئېنىقلاشقا ئادەتلەندۇق. تارىخىي ھىكايە، تارىخىي پوۋېست ۋە تارىخىي رومان دىگەندەك. بۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. بۇ خىل ژانىر ھەققىدە ”ئوكيانۇس“تىمۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: “ تارىخى شەخسلەر ۋە ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق بەلگىلىك تارىخىي دەۋرنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسى ۋە تارىخىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى قايتا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بەلگىلىك توقۇلمىغا يول قويۇلىدۇ، لېكىن تەسۋىرلىنىۋاتقان ئاساسىي پېرسۇناژ ۋە ۋەقەلەرنىڭ چوقۇم تارىخىي ئاساسى بولۇشى كېرەك.“[1] پروزىنىڭ تارىخنى بايان قىلىشى ئەزەلدىن پروزىچىلىقنىڭ مەدەنىيەت رولىدىن ئىبارەت. پروزىنىڭ تەزكىرەچىلىك دەۋرىمۇ بۇنىڭدىن خالى ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىق ھادىسىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئەنئەنىۋىي تەزكىرىچىلىكنىڭ مەدەنىيەت رولىنىڭ بۈگۈنكى زامانغا خاس ئىچكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى. بۈگۈنكى تارىخىي رومانچىلىقىمىزدا پەقەت ئەنئەنە ھەققىدىكى ئىنكارچىلىق ۋە ئىسلاھات پروزىنىڭ سەنئەت رولىنى چۈشىنىش ۋە ئىگەللەشتە رىئاللىشىۋاتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا سەنئىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ۋە تىرىشچانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك.

( ئاخىرى بار…)


[1] 《ئوكيانۇس》، شاڭخەي لۇغەتچىلىك نەشرىياتى، 1979 – يىلى نەشرىياتى، 147 –بەت.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (4) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. رىفئەت مۇنداق يازغان:

    ئىنتايىن ياخشى باشلىنش بوپتۇ! – نۇھ ئەپەندىم «جاللات خېنىم» رۇمانىنى قايتا بىر قازاي دەپسىزدە؟

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      ئەسسالام رىفئەت ئەپەندى، ئالدى بىلەن سىزنىڭ بلوگىمىزغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىۋاتقىنىڭىزغا رەخمەت ئېيتىمەن. مەزكۇر ماقالە بۇرۇن يېزىلغان ئىدى، بۇ قېتىم روماننىڭ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىدىدە بلوگقا يوللاندى. تەنقىدىي پىكرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى سورايمەن.

  2. ساجىدە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرى تېخى يولانمىدىمۇ يا مەن تاپالمىدىممۇ؟
    بىراق ياخشى پىكىرلەر بولۇپتىكەنتۇق.

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكوم سالام! بلوگىمغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. ماقالە تولۇق يوللانغان، بۇ بەتتىكى تېكىست ئاخىرىدىكى « كېيىنكى تېكىست » دىگەن يەرنى باسسىڭىز ماقالىنىڭ ئاخىرى ئېچىلىدۇ.

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif