نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 4 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 4 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 14 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 837 قېتىم


4

ئەڭ ئالدى بىلەن  «style)«文体) سۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بۇ سۆز ئېتمولوگىيەلىك نۇقتىدىلا مۇرەككەپ تىل-مەدەنىيەت جۇغلانمىسى ئارقىلىق ناھايىتى نۇرغۇن مەنىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر سۆزگە ئايلانغان. بەلكىم مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك تەتقىقاتچىلار بۇ سۆزنى  « مەنىسى مۈجىمەل ئاتالغۇ »  (an ambiguous term)[i]، دەپ قاراشقان. بۇ خىل قاراشنىڭ ئۆزىلا « style) «文体) مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەم ئۇنى ئىلمىي چۈشىنىش ۋە ئىگەللەشنىڭ قىيىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

 بۇ سۆز دەسلەپ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىمۇ پەقەت   风格 دەپلا تەرجىمە قىلىنغان. بىراق يەنە بەزىلەر بۇ سۆزنى مەخسۇس ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن  خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا  文体、语体、风格、文笔قاتارلىقلارغا تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. ئوخشاش بىر سۆز نىمە ئۈچۈن خەنزۇچە تەرجىمىدە بىرقانچە مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ داڭلىق ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى توڭ چىڭبىڭ ئەپەندى بۇ مەسىلىگە ئۆزىنىڭ « ئەدەبىي ئىستىل ۋە ئەدەبىي ئىستىل يارىتىش »(«文体与文体的创造 ») ناملىق كىتاۋىدا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ : « مېنىڭچە风格بولسا  ‹ style › نىڭ كېڭەيتىلگەن مەنىسى بولۇپ ، رەسساملىق، ھەيكالتاراشلىق، مۇزىكا، بىناكارلىق، ئەدەبىيات  قاتارلىق  بارلىق سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ، 文体 بولسا ‹ style › نىڭ  خاس مەنىسى بولۇپ ، مەخسۇس تىل سەنئىتى بولغان ئەدەبىياتنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ  ‹ style › دىن ئىبارەت بىر سۆزنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى.“[ii]

گەرچە خەنزۇلاردا زامانىۋىي (يېقىنقى) « style »(文体)شۇناسلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىلا باشلانغان بولسىمۇ لېكىن « style »(文体)شۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىقلىقى تۈپەيلى بۇھەقتىكى نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولدى .ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ «  文体 »،  «风格 » ۋە  «  文体学”  »،  « 风格学 »  ئاتالغۇلىرىنىڭ تەڭ قىممەتتە قوللىنىشى خەنزۇلاردىمۇ بۇ مەسىلىگە تېخى تولۇق چەك بېكىتىلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.[iii]  ئەلۋەتتە بۇ ھەقتىكى ئىلمىي مۇنازىرىلەرنىڭ شەكىللىنىشى جوڭگو تىل – ئەدەبىيات ساھاسىدە ئەنئەنىۋىي ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىن ئايرىلغان، يېڭى ھەم زامانىۋىي بولغان پەن ـــــــ文体学 نى بارلىققا كەلتۈردى.

بىز يەنىلا خەلقارادا  « style »، خەنزۇلاردا « 文体 »شۇناسلىق دەپ ئېلىنىۋاتقان، بۈگۈنكى زامانىۋىي ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئىگەلىگەن بىر پەنگە نىسبەتەن سەل قاراش پوزىتسىيىسىنى تۇتىۋاتىمىز. بىزمۇ ھەم بۇ ئاتالغۇنى يەنىلا   « ئۇسلۇب » سۆزى بىلەن بىر مەنىدە چۈشەندۇق ياكى ئىشلەتتۇق، بۇ ئاتالغۇلار ھەم بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىلمىي پەرق ۋە ئۇنىڭ رولى، ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش بىزدە ھەقىقەتەن ئاز بولدى. ئەلۋەتتە   « style » سۆزىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغاندا بىزدە بۇ ئاتالغۇلارنى زادى دەل مەنىسى بىلەن قانداق ئاتاشتا مەلۇم قىيىنچىلىقلار بىزگە يولىقىدۇ. لېكىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، بۇ پەقەت ئاتالغۇ مەسىلىسىلا ئەمەس بەلكى ئەدەبىيات نەزەرىيە تەتقىقاتىمىزدىكى بىز قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك رىئاللىق. ئاتالغۇ ۋە ئۇنىڭ لۇغەت مەنىسىنى ئېنىقلاش بىزنىڭ مانا مۇشۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشىمىزدىكى بىرىنچى قەدەم خالاس.

ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزىرىيىسىدە مۇشۇ مەزمۇندىكى تەتقىقاتلارنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بولسىمۇ لېكىن بۇھەقتىكى قېزىش، رەتلەش ئىشلىرى تېخى قولغا ئېلىنمىغاچقا، كىلاسسىكلارنىڭ  ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ۋە ئۇسلۇب – ئالاھىدىلىكلىرىنى نىمە دەپ ئاتىغانلىقى ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ خىل قانۇنىيەتلىرىنى قانچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن تۈركۈملەرگە ئايرىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارنى بىلىشكە ئامالسىزمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئازاتلىقتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىيات نەزەرىيىمىزدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خەنزۇ ئەەدەبىياتى نەزىرىيىسىدىن نەزىرىيىدىكى ئاساسىي ساۋات خاراكتىرلىك مەسىلىلەرنى يەتكۈزۈشلا مەقسەت قىلىنىپ ،يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، شۇنداقلا ئۆز مىللى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقىىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تۈركۈملەرگە بۆلۈش ئارقىلىق ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىچكى ئورگىناللىقى  بىلەن پارالىل ماڭالايدىغان نەزەرىيە قۇرۇلىشى شەكىللەنمىگەچكە، بىز بۇ ھەقتىكى بارلىق مەسىلەرنى ئۇسلۇپ سۆزى بىلەنلا ئاتاشقا ياكى مەسىلىدىن ئەگىپ ئۆتۈشكە ئادەتلەندۇق.

شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرەپىدىن 2001 –يىلى نەشر قىلىنغان پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن ئاپتونۇم رايونلۇق پەلسەپە – ئىجتىمائىي پەن تېمىسى بولغان« قۇتاتغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى » ناملىق كىتاپ بىزگە بەدىئى ئەسەر ئۈستىدىكى ئىستىلىستىكا تەتقىقاتى بىلەن « style ) «文体)شۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ياخشى ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى ھەم بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇتتتى. بۇ ئەسەردە« قۇتاتغۇبىلىك » تىل ئەۋرىشكىسى ۋە ماتىرىيال مەنبەسى قىلىنغان بولۇپ، تىل ئىستىلىستىكىسى نۇقتىسىدىن ئىستىلىستىك شەكىللەرنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىستىلىستىكىلىق ئەنئەنىلىرىىنى ئېچىپ بېرىشتە ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىيياتى ساھاسىدىلا ئەمەس بەلكى مەملىكىتىمىزنىڭ « قۇتاتغۇبىلىك » تەتقىقاتىدىكى تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى سەۋىيىدىكى نەتىجە بولۇپ قالدى . لېكىن بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى بۇ ئەسەر پەقەت «  文体学 »  ئىلمىنىڭ بىر تارمىغى بولغان«语言文体学» ياكى «语篇文体学»[iv]ھەققىدىكى  ئىزدىنىشىمىزگە ئۆرنەك بولالايدۇ.

قەدىمقى ياۋروپادا style ئەڭ ئالدى بلەن ئىستىلىستىكا كاتوگېرىيىسىگە تەۋە ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا تېخىمۇ كونكېرتنى ئېيتقاندا شېئىرىيەت ئۇقۇمىغا ئايلىنىشى كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بىزنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىمۇ مۇشۇ خىل ئەنئەنىنىڭ ئىزچىللاشقانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. « قۇتاتقۇبىلىك ئىستىلىستىكى »  ناملىق ئىلمىي ئەمگەكنىڭ مەيدانغا كېلىشى مانا مۇشۇ خىل ئەنئەنىنىڭ تېخىمۇ نەزىرىۋىلەشكەن ۋە سېستىمىلاشقان بىر نەتىجىسى بولۇپلا قالماستىن ئەڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى،  ئۇنىڭ تەتقىقات نۇقتىسى گەرچە  ئىستىلىستىكا بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدا ئەدەبىياتىمىزدا ھىچكىم قول تەككۈزمىگەن تىل ھەققىدىكى style ساھاسىگىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىچكىرىلىگەن. بۇ پەنگە مەنسۇپ بولغان « تىل ئىستىلى » ساھاسىدە ئەمەلىي تەجرىبە يەكۈنلەنگەن.  بۇ بىز تېخىچە نامىنى نىمە دەپ ئاتاشنىمۇ بىلمەي گاڭگىراپ يۈرگەن بىر ئىلىم تۈرى ۋە ئاتالغۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پىكىر يۈرگىزىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە .

كىلاسسىكلىرىمىزىن ئەبۇ يۈسۈپ ئىبىنى ئەبۇ بەكرى خارەزمى سەككاكى ۋە ئەلىشىر نەۋائىلارنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى ھەم  زامانىمىزدىكى « قۇتاتقۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى » نىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى بىزگە ستىلىستىكا ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدىغان دىئالىكتىك بىرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدەك قانۇنىيەتنى ۋە ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن خېلىلا ئارقىدا مېڭىۋاتقان ئەدەبىيات نەزەرىيەسى قۇرۇلۇشىمىز ھەققىدە پىكىر قېلىپ بېقىشىمىزغا ئۈندەيدۇ. ماقالىمىزدا مۇھىم پىكىر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان « style )« 文体) سۆزىنى قانداق ئۆزلەشتۈرۈش مەسىلىسىمۇ يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن بىزدە يېڭى بىر پىكىرنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ.

   خەنزۇ ئەدەبىياتى نەزەرىيەسىدىمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئەدەبىياتنىڭ بەدىئىي گۈزەللىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىچكى ئورگىناللىق نۇقتىسىدىن  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشى قولغا ئېلىندى ھەم بىز ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەسىلە  « style » ، ئۇسلۇب قاتارلىقلارنىڭ ئېتمولوگىيەسى ۋە بۈگۈنكى ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدىكى ئورنىغا قاراپ چىقىلدى. ئۇلاردا style سۆزى 文体   دەپ ئېلىنىپ «风格 » ( ئۇسلۇب ) بىلەن پەرقلەندۈرۈلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيە قۇرۇلۇشىغا، خەنزۇ بەدىئى ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئېستېتىتىكىسىغا غايەت زور ۈتۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىمۇ بەدىئىي ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىمۇ ئۇسلۇب ۋە  styleسۆزلىرىنى بىر مەنىدە دەپ ئۆزلەشتۈرگەنلىكىمىزدىن ئەپسۇسلۇق ھىس قىلغانلىقىنى يوشۇرمىغان ئىدى. ئاپتور ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرىيىسىدىمۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ بەدىئى گۈزەللىك قانۇنىيەتلىرىگە ھەقىقى ئىچكىرىلەيدىغان تەتقىقاتنىڭ بولىشىنى دەل غەرپتە   style، خەنزۇلاردا «   文学文体学研究 » دەپ ئېلىنىۋاتقان  تەتقىقاتنىڭ شەكىللىنىشى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ دەپ قارايدۇ.

   ئاپتور بۇ ئاتالغۇ مەسىلىسىدە، غەرپ دۇنياسىدا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان style سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە « ئىستىل » سۆزىنى قوللانساق دىگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خەنزۇلار گەرچە style سۆزىنى يەنىلا بەزىدە «风格 » بەزىدە «文体»  دەپ قوللىنىۋاتقان، كونكىرت كونتىكىستقا كەلگەندىلا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئايرىۋاتقان بولسىمۇ ، ئاپتورنىڭ قارىشىچە بىزدە مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بۇ ئاتالغۇلارنى ۋە ئۇلارغا يۈكلەنگەن مەنىلەرنى ئايرىش بۇندىن كېيىنكى نەزەرىيە تەتقىقاتى قۇرۇلۇشىدا ئېنىقسىزلىق ۋە مۈجىمەللىكنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ دەپ قارايدۇ.« style  » (文体)سۆزى ئىستىل دەپ ئېلىنغاندا ئېنىقكى « stylistics »  يەنى «文体学»   ئىستىلشۇناسلىق ياكى ئىستىل ئىلمى دەپ ئېلىنىدۇ.

  يەنە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئىستىلىستىكا ئىلمىدىن ئايرىلىپ چىققان «تىل ئىستىلىستىكىسى»،« نۇتۇق ئىستىلىستىكىسى »،«ئۇچۇر ئىستىلىستىكىسى»،« ئېستېتىكىلىق ئىستىلىستىكا»،« ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىستىلىستىكىسى »،« پروزا ئىستىلىستىكىسى»………[v]قاتارلىق تارماقلار بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىستىل سۆزى بىلەن تەڭ قاتلاملىق مەنە شەكىللەندۈرمەيدۇ. مەسىلەن، « قۇتادغۇبىلىك ئىستىلىستىكىسى » بىلەن  « ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىستىلىستىكىسى »، « پروزا ئىستىلىستىكىسى » تەڭداش مەنىدە كېلەلەيدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەدەبىي ئەسەر ئىستىلىستىكا نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىدۇ. لېكىن ھەرگىزمۇ بۇ « قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئىستىلى»، « پروزا ئىستىلى » دىيىش بىلەن تەڭ بولالمايدۇ. كېيىنكىسىدە ئىستىلشۇناسلىق ئىلمى نۇقتىسىدىن تەتقىقات يۈرگىزىلىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پەقەت ئىستىلىستىكا ئىلمىنىڭ ئىستىل ئىلمىنى بەزىبىر نەزەرىيىلەر بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكى خالاس. ئىستىلىستىكا بىلەن ئىستىلشۇناسلىق بىر –بىرىنى تولۇقلاش مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولۇپ  « ئىستىلىستىكا ئەسەر (语篇)نىڭ ھاسىل بولۇش جەريانىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىستىلشۇناسلىق بولسا ئەسەرنىڭ قوبۇل قىلنىش جەريانىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. »[vi]

ئەلۋەتتە، بىز غەرپتە ۋە جوڭگودا بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەس مۇنازىرىلەردىن بۇ سۆزنىڭ قاتلاملىق يەنى كەڭ ۋە تار مەنىلەرنى ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز . يۇقىرىقى يۈزەكى قاراشلىرىمىزنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا سەۋەپ بولغان 文学文体بولسا تار مەنىدىكى ئىستىل كاتوگېرىيەسىگە تەۋە بولۇپ ئۇنى « ئەدەبىيات ئىستىلى » دەپ ئېلىش تامامەن توغرا. مېنىڭچە ،ئىستىل ئاتالغۇسىنى قوبۇل قىلىش ، ئۇيغۇر تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئورنىنى تۇراقلاشتۇرۇش ناھايىتى تەخىرسىز خىزمەتتۇر .  ئىستىل تەتقىقاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مىللى ئەدەبىيات سەنئىتىمىزنىڭ ئىچكى ئورگىناللىقى نۇقتىسىدىن ھەقىقى تەتقىقاتنىڭ باشلىنىشىنى كۆرسىتىپلا قالماي دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيە قۇرۇلىشى قەدىمىگە يېقىنلىشىشىمىزنىڭ يېڭى بىر قەدىمى بولۇپ قالىدۇ.


i]许力生著《文体风格的现代透视》,第1页,浙江大学出版社2006年10月第一版 ]

ii]童庆炳《文体与文体的创造  》第52页,云南人民出版社1994年5月第一版 1995年7月第二次印刷]

iii]胡壮麟、刘世生主编《西方文体学辞典》,第304-305页,清华大学出版社2004年11月第一版]

 «   vi]  «    语篇文体学 »  ياكى « 语言文体学 » مەلۇم بىر پارچە ئەسەر ياكى ئەسەر پارچىسىنى تىل ئىستىلى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ.

[v] ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىقلار تۈزگەن « قۇتاتقۇبىلىك ستىلىستىكىسى »27-بەت، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2001 – يىل 6 – ئاي 1 – نەشرى .

vi]王守元、郭鸿、苗兴伟主编《文体学研究在中国的进展》第9页,上海外语出版社,2004年10月第一版]

( ئاخىرى بار )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif