نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەنەيتۇللا قۇربان نەسىرلىرى

ئەنەيتۇللا قۇربان نەسىرلىرى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئىيۇل | ئاپتورى: | سەھىپە: نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 1,323 قېتىم


سۆز بېشى

ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىم 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 9:00 غا يېقىن ئۈرۈمچىدە 53 يېشىدا ۋاپات بولدى. بۈگۈن مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ 3- كۈنىدە بۇ خاتىرىنى يېزىشقا ۋاقىت چىقىرالىدىم، بۇ يەردە مەرھۇمغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە سېغىنىشىمنى ئىپادىلەيمەن.

ئۇستازىم ھەم كەسپدىشىم، نەسىرچى ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىمنىڭ ۋاپاتى بىزنى ھەسرەت ۋە نادامەتتە قالدۇردى. ئىنسان ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكى ئايان بولسىمۇ، لېكىن يېقىن – يورۇقلىرىمىزنىڭ ئۆلىمى بىز ئۈچۈن يەنىلا قوبۇل قىلىش ئىنتايىن  تەس بولغان رىئاللىق.

ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىم مۇنبەردە دەرس سۆزلەۋېتىپ مېڭىگە قان چۈشۈش سەۋەبىدىن يىقىلدى، كېسەلخانىدا 10 نەچچە كۈن ھۇشسىز ھالەتتە ياتتى، شۇنداقتىمۇ بىز ئۇنىڭ پات ئارىدا ساقىيىپ ئارىمىزغا قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمۈتۋار ئىدۇق. مۇئەللىمگە ئاللاھتىن شىپالىق تىلىدۇق، ئۇنىڭ كېسەل بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ئىدى، بىز ياردەم قىلالمايتتۇق، پەقەتلا مەدەت تىلەيتتۇق. ئەزرائىل ئۇنى ئېلىپ كەتتى، بىز بۇ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئىشتكەن قۇلاقلىرىمىزغا ئىشەنمىدۇق. ئەتراپىمىزدىن ئەنەيتۇللا قۇربان مۇئەللىمنىڭ ۋەزمىن ئاۋازىنى، مەزمۇت ۋە زەبەردەست گەۋدىسىنى ئىزدىدۇق. لېكىن بۇ ئاچچىق رىئاللىق ئىدى، ھىچكىم ئۇنى تېتىماي مۈمكىن ئەمەس!

قالۇ ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!

مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن، ئامىن!

ئەنەيتۇللا قۇرباننىڭ تەرجىمىھالى

ئەنەيتۇللا قۇربان  1958-يىلى 1-ئايدا توقسۇن ناھىيسىنىڭ ئىلانلىق يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1966 -يىلى 9-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 1966-يىلى 9-ئايدىن 1971-يىلى 7-ئايغىچە ئىلانلىق يېزا گۈلباغ باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1973-يىلى 7-ئايغىچە ئىلانلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1973-يىلى 9-ئايدىن 1976-يىلى 4-ئايغىچە توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1976-يىلى 4-ئايدا توقسۇن ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلىغا ئىمتىھان بېرىپ دىكتور ھەم مۇخبىر بولغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ئاخبارات ژانىرلىرى بويىچە ئاشۇ چاغدا باشلانغان. كېيىن ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىغا يۆتكىلىپ، 1978-يىلى 3-ئايغىچە ئىلانلىق يېزىلىق رادىئو ئۇزىلىدا ئىشلىگەن. 1977 -يىلى 3-ئايدا ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتاھانى ئەسلىگە كەلگەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ  1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن.

ئەنەيتۇللا قۇربان 1983-يىلى 2-ئايدا ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى ئوقۇغان شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان. ئۇ ئۇنۋىرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ مۇنبەردىن ئايرىلماي كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇ تولۇق كۇرس ۋە مەخسوس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئەمىلى يېزىقچىلىق»، «ئىقتىساد يىزىقچىلىقى»، «ئەدەبى يېزىقچىلىق»، «مەمورى خەت-ئالاقە يېزىقچىلىقى»، «كاتىپلىق ئىلمى»، «كاتىبات يىزىقچىلىقى»، «ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى تەتقىقاتى»، «سۆز قابىليىتى ۋە ناتىقلىق»، «ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە قائىدە يوسۇن ئىلمى»، «پىلانلاش ئىلمى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كەلدى. بەزى دەرسلەرنى ئۆزى يېڭىدىن ئاچتى. ئۇ يەنە «جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى»، «يېزىقچىلىق كونسىلتاتسىيە كىتابى»، «ئالىي مەكتەپ تىل ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشتى.

ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل شوغۇللىنىپ «يىللارغا جاۋاپنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر ھىكايىچىلىقىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىسى» «تارىخى چىنلىقنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى»، «ئەقلىيە سۆزلەر ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلارنى يېزىپ ئىلان قىلدى. بىر قىسىم ماقالىلىرى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى.

ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1980-يىللارنىڭ دەسلىپىدە رەسمى باشلاندى. ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق نەسر، شېئىر، ھېكايە بالىلار ئەسەرلىرى، تىپىشماق، چۆچەك، ئەقلىيە سۆز قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا مەلۇم ساندا تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلدى: «ھايات بەيگىسىدە»، «بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى»، «تاللانغان ماقالىلار»، «ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما»، «جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى داڭلىق نەسىرلەردىن تاللانما» قاتارلىق توپلاملارغا ۋە دەرسلىك كىتاپلارغا ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ «ئىككى تامچە ياش»، «ئۇ، ئۇخلىغانمىكىن»، «ئويغانغان چۈش» قاتارلىق نەسر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.

ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرى شىنجاڭ ئونۋىرسىتى «211 قۇرۇلىشى» نى ئۆتكۈزىۋېلىش خىزمىتىدە ئىلغار شەخس بولۇپ مۇكاپاتلاندى، شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى پارتىكومى تەرىپىدىن «ئىلغار يازغۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ئاپتۇنۇم رايونلۇق كىنو-فىلىم تارقىتىش قويۇش شىركىتى تەرىپىدىن ئىلغار كىنو ئوبزورچىسى بولۇپ مۇكاپاتلاندى. «تارىخى چىنلىقنىڭ بەدىئى ئىنكاسى» ناملىق ماقالىسى مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، «قېنىمىز ئوخشاشلا قىزىل، ئوخشاشلا قىزىق» ناملىق ئەسىرى ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، «نۆل» ناملىق نەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى.1996 -يىلى «شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى شىچۈەن لياڭيى ئىلغار ياش ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا، «لىرىك سۇژىت ھەققىدە»  ناملىق ئىلمى ماقالىسى جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمىيىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئىلمى ماقالە» مۇكاپاتىغا، «قۇياشقا تۇتاشقان ئويلار» ناملىق ئەسىرى «خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.

ئەنەيتۇللا قۇربان ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو تۇرپانشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو يېزىقچىلىق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

ئەنەيتۇللا قۇربان نەسىرلىرى

مۇقەددەس سۆيگۈ، شىرىن ئەسلىمە

بۇ مىليون يۈرەكلەرنىڭ پاك ھەم پاكىزە قېتىدا ئۆزىنىڭ ئەبەدى ئۆڭمەس، ئۆزگەرمەس ئوبرازىنى قالدۇرغان سۆيۈملۈك ماكان؛ بۇ مىننەتسىز مېھنەت ئىگىلىرىنىڭ تىنىمسىز ئەمگىكىدە، بېغىشلاش روھىدا قېزىلغان مەرىپەت چەشمىسىدىن تەشنالارنىڭ چاڭقاق تىلەكلىرىگە زەم-زەم تامدۇرغان بۇيۈكلۈك بالقىغان ماكان، بۇ يۇلتۇز تۇغىدىغان، قۇياشقا ھارارەت بېرىدىغان، تاغلارغا چىدام، زىمىننىڭ يېشىل ياشىرىشى ئۈچۈن يىلتىز يايىدىغان خىسلەتلىك ماكان؛ بۇ يۈرەكلەردىن-يۇرەكلەرگە سىرغىش بېرىدىغان، سىڭىش بېرىدىغان، تىلەكلەرگە كۈلۈش بېرىدىغان، قېنىش بېرىدىغان، تەقدىر يولىنى ئاشۇنداق ئوڭلايدىغان، ئىستىقبال قەدەملىرىنى زەپەر قۇچاقلىرىدا گۈلگە ئورايدىغان ماكان. بۇ قانچىلارنىڭ ئۈمىد شامىغا ئوت ياققان جاي، قانچىلارنىڭ ئارمانىغا پەرۋاز بولغان جاي، شۇنداق، بۇ مېھنەت، مەرىپەت، سۆيگۈ مۇھەببەت قىيامىدىن قوپۇرۇلغان مەڭگۈلۈك پىرامىدا، بۇ، ئەڭ سەبى-سەمىمى كۆزلەردىن چاقنىغان ئۆچمەس نۇر ماياك؛ بۇ، يۈرەكلەردىن يۈرەكلەرگە كۆچىدىغان ئۆچمەيدىغان ئوت، سۇغۇلماس ئېقىن، سوۋۇماس يالقۇن…

بۇ، مەرىپەت مەشئىلى. ئۇنىڭدىن نۇر تارايدۇ، ھارارەت تارايدۇ؛ ئۇ تۈنلەرنى يۇتۇپ تاڭ چىللايدۇ؛ ئۇ ئەتراپىغا يېشىل-يېشىل بوستان ئورايدۇ؛ ئۇ سەبىيلەردىن تۇيۇمسىز تەلپۈنۈش-ئىستەك تىلەيدۇ، پىداكار قەلىبلەردىن مىننەتسىز مېھنەت سورايدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئەڭ سەمىمى كۈيىدىغان يۈرەكلەر بار، ئەڭ تۇيۇمسىز كۈلىدىغان تىلەكلەر بار، ئەڭ بېسىلماي قىمىلدايدىغان ئىستەكلەر بار. ئىستىقبالنىڭ تۇنجى قەدىمى مۇشۇ يەردە، تەقدىر قىسمەتنىڭ يىشىمى مۇشۇ يەردە، پارلاق كېلەچەكنىڭ ھۇلى مۇشۇ يەردە قوپۇرۇلغان، مېھىرلىك سايە تاشلايدىغان بوستانلارنىڭ يىلتىزى مۇشۇ يەردە بىخلىغان، ئالەمگە تۇتاشقان تارام-تارام يوللار مۇشۇ يەردىن باشلانغان. شۇنداق، بۇ بىلىم بالقىيدىغان بۇلاق، سۆيگۈ بېرىدىغان يۈرەك، ئەڭ ھالال ئەجىر مېھنەتتە ئەبەدى خازاڭسىز كۆكلەيدىغان گۈلۈستان.

مانا بۇ بىزنىڭ ئانا مەكتىۋىمىز ھەقدالىق ئىستىگىمىز، مەڭگۈلۈك مېھرىمىز، مۇھەببىتىمىز سىڭىپ كەتكەن سۆيۈملۈك ماكان، قەلب رىشتىمىز ئەبەدى ئۈزۈلمەيدىغان، يۈرەك بېغىشىمىز مەڭگۈ-مەڭگۈ باغرىغا باغاشلىنىپ قالىدىغان شىرىن ئارمانلىرىمىز قېنىش تاپقان، گۈزەل ئارزۇلىرىمىز چېچەك ئاچقان قۇياشلىق ماكان. ئۇ، ئۇستازلارنىڭ جاپالىق ئەجىر مېھنىتى بىلەن شاگىرتلارنىڭ قانماس ئارزۇ ئىستەكلىرى يۇغۇرۇلغان خاسىيەتلىك داستان، ئۇ، مىليون دولدۇللارغا جەڭگاھ بولغان، ئۇيغاق بۈركۈتلەرگە ئۇچۇم بەرگەن، يورۇق يۇلتۇزلارغا يەم بەرگەن، ھارارەت بەرگەن خىسلەتلىك بوستان. ئۇ، ھەممىگە مەڭگۈ نۇرى ئۆچمەيدىغان، جۇلاسىدىن كەتمەيدىغان تاج بېرىدۇ، ئۇ ھەممىگە مەڭگۈ غۇلىمايدىغان ھۇل بېرىدۇ، سەلتەنەتىدىن كەتمەيدىغان تەخت بېرىدۇ، ئۇ ھەممىنىڭ ھۇلىغا ئەبەدى چىرىمەيدىغان يىلتىز بولۇپ كۆمۈلىدۇ، ھەممىنىڭ ئارزۇلىرىدا سۇلمايدىغان، سۇغۇلمايدىغان، غازاڭسىز گۈل پەسلى بولۇپ ئېچىلىدۇ، ئۇ ھەر قەلبتە ھاياتنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك مەنىلىرىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ، ئۇ ھەر مەزگىلدە ھاياتنىڭ باھار پەسلى بولۇپ ئېچىلىدۇ، كۈزنىڭ مەھىشەت پەسلى بولۇپ تۈكۈلىدۇ. ئۇ، ھەر ئىنسان ئىستىكىن ئاشۇنداق قاندۇرىدۇ، ھەر يۈرەكتە ھايات يوللىرىنى يورۇتىدىغان ئۆچمەس مەشئەللەرگە ئوت ياقىدۇ، ئۇ ئاشۇنداق، ئىستىقبال جىيەكلىرىگە يېيىلغان پايانداز، ئۇ شۇنداق مۇھتاجلىققا ئاپتاپ سېپىدىغان، ئەبەدى گۈللىنىش پەسلى بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ياز.

ئادەم ئانىنى ئەڭ ئۇلۇغ بىلىدۇ، ئانا دەپ تۇغۇلىدۇ، ئانا دەپ تىلى چىقىدۇ، ئانا دەپ ئويغىنىدۇ، ئانا دەپ يىغلىغاندا يۈرىكىنى باسالمايدۇ. ئانا ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ مەبۇدە. ئەزىم دەريالىرىنى ئانا بىلەن تەڭ ئاتايدۇ، ئانا دەريا دەپ. كىندىك قېنى تۈكۈلگەن تۇپراقنى ئانا بىلەن تەڭ يادلايدۇ، چۆل بولسىمۇ، جەزىر بولسىمۇ جەننەتنى تەڭ قىلمايدۇ، ئانا تۇپراق دەپ، ماكانىنى شۇنىڭ بىلەن تەڭ ساناپ، بىرگە ھىساپلاپ ئانا يۇرت-ئانا ۋەتەن دەيدۇ، يۈرىكىنىڭ نېرى-نېرىدىن سۆيۈنۈپ، يۈرىكىنى سۆزلىتىدىغان، يۈرەكلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇدىغان گۈزەل تۇيغۇلىرىنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىدىغان، ئارمانلىرىنى ئاشۇنداق بوستان قىلىپ ياشنىتىدىغان تىلىنى-ئالەمدىكى ئەڭ گۈزەل ھەم يېقىملىق ئاۋازنى «ئانا تىلىم» دەپ پەخىرلىنىدۇ، ئىچ-ئىچىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ئۇنى مەڭگۈلۈك كۆكلەش يىلتىزى، ئىقبالنىڭ پاياندازى، شان-شەرەپنىڭ تاجى ھىساپلاپ. بەلكى ئانا دېگەن نام بىلەن مۇھەببەت، چىن سۆيگۈ، بۇزۇلماس قەسەم ھەم مەڭگۈلۈك ئەقىدە ئورتاقتۇ؟ بەلكى «ئانا» دەپ ئىلتىجا قىلىش بىلەن ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلار، گۈزەل تىلەك ھەم ئوتلۇق ئىستەكلەر مەھكەم يۇغۇرۇلغاندۇ؟ شۇڭا ئادەم ھەر قېتىم «ئانا» دېگەندە ۋۇجۇدى شادلىقتىن ياكى ھەسرەتتىن سىلكىنىدۇ، شۇڭا ئادەم ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئىپتىخارلىق، ئەڭ بۈيۈك ھەم ئەڭ قەدىرلىك، ئەقىدىلىك تەرەپلىرىنى، تەركىبلىرىنى «ئانا» دەپ ئاتايدۇ، ئېتىقاد مەبۇدىسى ھىسابلايدۇ.

«ئانا» دەپ چىققان تىل، «ئانا» دەپ سۆيۈنگەن دىل ئانا مەكتەپنى «ئانا» دەپ ئاتايدۇ، «ئانا» دەپ ئەسلەيدۇ، «ئانا» دەپ نىدالايدۇ، قانمايدۇ. بىز بىر چاغلاردا ئۇنىڭ باغرىغا شادلىق قەدەملىرىنى ئالغان، بىز بىر چاغلاردا ئۇنىڭ مېھرىدە ئالەمچە سۈيۈنگەن، بىز بىر چاغلاردا ئۇنىڭ ئەجرىدە بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان. بىزنىڭ ئىستىقبالغا تاشلانغان ئىشەنچ قەدىمىمىز ئاشۇنداق باشلانغان، بىزنىڭ بۈگۈنىمىز شۇ چاغلاردا، شۇ يەردە ھۇل سالغان، شۇنداق باشلانغان، ئانا مەكتەپكە ئانىلىق مىھرىنى، ئانىلىق چىن سۆيگۈنى، ئانىلىق ئەجرى ۋە تىنىمسىز بېغىشلاش روھىنى بەرگەن سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمىز شۇ چاغدا بىزنىڭ جاپالىرىمىزغا تالاي-تالاي كۈمۈلگەن، گۈزەل-گۈزەل ئارزۇلىرىمىزغا، تۇيۇنماس تىلەكلىرىمىزگە ئايانماي ئۆزىنى بېغىشلىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شەرەپ بىلەن ئىككىنچى سەپكە چىقتى، گاھلىرى بىزدىن مەڭگۈگە ئايرىلدى. مەن ھەر قېتىم ئانا مەكتەپنى يادلىغىنىمدا، بۈگۈنكى تۆھپىلىرىمدىن شادلانغىنىمدا، باسقان يوللىرىمنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمدە، تارىخىمنىڭ ھەر بېتىدىن ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك نامىنى ئىزلەيمەن، خىزىردەك ئوبىرازىنى دېرەگدەيمەن. ئىچ-ئىچىمدىن «سالام ئانا مەكتىۋىم، سالام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، مېھرىبان، جاپاكەش مۇئەللىم» دەيمەن، ئۆزەمنى باسالمايمەن…

بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ باغاشىدا قايتا تۇغۇلغانلار، ئەڭ قىممەتلىك ھاياتنىڭ، ئەڭ تېيىم مەنادىكى گۈزەل پارچىلىرىنى ئۇنىڭ باغرىدا يېزىپ چىققان، ئوزاق ئارزۇ ئىستەكتە، ھەريەر-ھەريەردىن توپلىنىپ، ئورتاق تۇيغۇلاردا تۇيۇمسىز تويۇنۇپ، بىر يىلتىزدا كۆكلەپ، بىر چەشمىدىن ئۇسسىزلىنىپ، بىر بەرگىدە رەڭ تۈزگەن ساۋاقداشلىق ھاياتىمىز ئۇنىڭ ئىللىق ھەم يېقىملىق قوينىدا يارالغان.

شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر، ئاشۇ تېتىملىق چاغلار بەلكى نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ، مەكتەپداشلارنىڭ، تەغدىرداشلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك نەقىشلەنگەن ئابىدە، ھەر قېتىمقى سىنتەبېر يۈرەكلەردە شىرىن-شىرىن ئەسلىمىلەرنى غىدىقلىغاندا بالقىيدىغان گۈزەل مەنزىرە، ھاياتىمىزدىكى بۇرۇلۇش شۇ چاغدا بولدى، ھايات مۇساپىمىزدىكى مەڭگۈلۈك باھار شۇ چاغدا يۈرىكىمىزدە ئۇيغاندى. بىز شۇنداق ئارزۇدا، ئاشۇنداق تىلەكلەردە جەم بولغانتۇق. بىزنى جەم قىلغىنى بىلىم ئىستىكى، بىزنى ئۇيغاتقىنى بىلىم ئېلىش، ئىلىم پەندە قۇدرەت تېپىش ئۇلۇغۋار تۇيغۇسى، ھەممىمىزدە ئورتاق كەمتۈكلۈك، شۇ دەۋىرنىڭمۇ ئورتاق ئاجىزلىقى شۇ ئىدى. شۇڭا بىز ئانا مەكتەپتىكى ھەر بىر كۈنىمىزنى، ھەتتا چىراقسىز تۈنلەرنىمۇ ئۆگىنىش بىلەن، ئىزدىنىش بىلەن، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن، بەسلىشىش،  رىقابەتلىشىش بىلەن ئۆتكۈزدۇق.

بىز ئۇ يىللارنى ئويۇن-كۈلكىمىز بىلەن ئەمەس، يىگەن-ئىچكىنىمىز، كەيگەن ئۈستى-بېشىمىز بىلەن ئەمەس، سەيلە-تاماشا ھەم ئاجايىپ شىرىن خىياللىرىمىز، قىنىشلىرىمىز بىلەن ئەمەس، ھاياتىمىزدا مەڭگۈ ئەسلەپ قالغۇدەك، يۈرىكىمىزدە مەڭگۈ ساقلاپ قالغىدەك ئۆتكۈزدۇق. كۈنلىرىمىز شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىلىرىدەك، نۇرغا ئاشىق كىپىنەكتەك-پەرۋانىدەك ئۆتتى. ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ھەقىقەت تامىدىغان سادالىرىغا پۈتۈن ئىخلاسىمىز بىلەن كۈمۈلدۇق، كىتاپلار قېتىغا ئىجتىھات  بىلەن سىڭدۇق، كۈنلەپ-تۈنلەپ دەرسخانىدىن چىقمىدۇق، بىر مولۇق ئاچچىقسۇغا چىلىغان سامساق بىلەن ئىككى ھور نانغا كۆندۇق، داق يەرگە كىگىز-كۆرپىنى يېيىپ، يەنىلا ياسىداق دالان سارايدا ياتقاندەك ئۇخلىدۇق، تۈڭگە-ياغاچ بېشىغا چىقىپ، قوش گۈمبازا، يەنە نە-نەلەردە ئەمگەك قوينىدا ئاچ-توق ئىشلەپ چېنىقتۇق، ئىگىز-ئىگىز سىتولبىلارغا چىقتۇق. يورۇقلۇق قۇرۇلىشى ئۈچۈن، مۇزدەك-مۇزدەك ئۆستەڭلەرگە چۈشتۇق، سۇ قۇرۇلىشى ئۈچۈن، يەنە تالاي ئىشلار ئۆتتى بىزدە ئەسلىمىسىگە يۆگىنىپ ئۆتكىدەك، قەلىبلەرنىڭ ئەڭ پاكىزە قاتلاملىرىغا پۈتۈپ قويغۇدەك. بەلكى قوناق ئۈزگەن چاغلارنى داۋاتقاندۇمەن؛ بەلكى تۈمۈريول قۇرۇلۇش ئورنىغا چىققان چاغلارنى دېگەندىمەن؛ بەلكى تۇرپانغا ۋالىبول مۇسابىقىسىگە بارغان چاغلار، ياكى قۇدۇق بېشىدا چاخچاق بىلەن چىلەك كۆتۈرۈپ سۇ ئىچكەن چاغلار، بەلكى ئوغۇللارنىڭ يانچۇغىدىن چۈشكەن كىچىككىنە پوسولكا ئەينەك، يۈزماي پۇراتقان يىگىتكە قىلىنغان چاخچاق، بەلكى، كونا ھەم كېسەك ياتاقلاردىكى سەبى-سەبى چاخچاق بەلكى «گۈل غۇنچىسىدىن بەخت يىلتىزىغا» دېگەن ماۋزودىكى چىن يۈرەكتىن قىلىنغان خىتاب، بەلكى… بەلكى…  يەنە قانداقتۇر مەڭگۈلۈك ئەستىلىك ئىشلار مېنى شۇنداق ئويلاندۇرغاندۇ، يۈرىكىمنى سۇغۇرۇۋېلىپ شۇ چاغلارغا تاشلىغاندۇ…

ئەينى چاغلاردا بىزنى ئۆزىگە رام قىلغىنى قايناق تۇرمۇشنىڭ تۇيغۇلىرىمىزنى سىرلىق ھەم سىلىق غىدىقلاشلىرى ئەمەس؛ ئانا مەكتەپنىڭ بوستان-بوستان مەنزىرىسى، ئىگىز-ئىگىز بىنالىرى ئەمەس؛ تۈگىمەس ئويۇن-تاماشا، كۈلكە چاخچاقلارغا غەرق بولۇش شىرىن تامالىرى ئەمەس؛ ئاسفالت يوللىرىدا تاتلىق پىچىرلىشىپ مېڭىش، جۈپ-جۈپ ئىزلارنى تاشلاپ سەيلە-سايائەت قىلىش مەقسىدى تېخىمۇ ئەمەس، بۈگۈنكى بوستان مەنزىرىلەر ئۇ چاغلاردا يوق، بۈگۈنكى گىلەمدەك يۇمشاق چىملىق ئۇ چاغدا يوق، بۈگۈنكى ئىگىز-ئىگىز ئوقۇتۇش بىناسى، رەت-رەت ئورمانلار، سىلىق يېيىلغان ئازادە يۇللار، كەڭ كەتكەن مەيدان، تولۇق ئەسلىھە، باغچا شەكىللىك مەكتەپ قورۇسى ئۇ چاغدا يوق. بىزنىڭ ئىزدىگىنىمىز بۇلار ئەمەس ئىدى، ئىستىگىمىزگە ئوتلۇق يېنىش بېرىدىغىنى، ئارمانلىرىمىزغا قېنىش بىرىدىغىنى، تىلەكلىرىمىزگە تېتىم بىرىدىغىنى بۇلار ئەمەس ئىدى.

شۇڭا بىز ئەينى چاغدا كونىرىغان، ئاددى دەرۋازىدىن كىرگىگىنىمىزدىمۇ خۇددى ئۆزىمىزنى زەپەر دەرۋازىسىدىن ھەقلىق ئاتلاپ ئۆتكەندەك، خۇددى پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ھالقىغاندەك شەرەپلىك سەزدۇق، ئېغىر يۈك تاقىمىزنى، ئاددى ياغاچ ساندۇقلىرىمىزنى يۈدۈپ، لاي لاتقىلىق يوللار بىلەن ياتاققا ماڭغىنىمىزدىمۇ، ئۆزىمىزنى خۇددى ئىللىق ئۇۋىغا ئېرىشكەن بەختىيار قۇش بالىسىدەك خۇشال سەزدۇق. ئاشىخانىلاردا سۇيۇقئاشلارنى،پ اگولارنى، ئاچچىقسۇغا چىلانغان سامساق بىلەن ھورنانلارنى تالىشىپ-تالىشىپ يىگەن چاغلاردىمۇ، ئۆزىمىزنى ئىللىق ئائىلىمىزدە، ئانىمىز ئەتكەن تەملىك تائاملارنى ئىشتىھا بىلەن ياۋاتقاندەك ھېس قىلدۇق. بىز تاماقنى سۇيۇقكەن دەپ قاقشىمىدۇق، ناننى قوناقكەن دەپ، قاتتىقكەن دەپ زارلىمىدۇق. چۇنكى بىز ھەممىنى كۆرۈپ كەلگەن، ئاچ قېلىشنىمۇ، يىرتىق-ياماق كىيشنىمۇ كۆرۈپ كەلگەن. ئۇزۇن قىش كۈنلىرىنى ھەممىمىزلا دېگۈدەك ياقىلىق چىپەرقۇت چاپانلار بىلەن، پاختىلىق تامباللار بىلەن، ھەتتا پاختىلىق لاتا ئاياقلار بىلەن ئۆتكۈزدۇق. بىر چاپان، بىر ئىشتان بىلەن، ئاددىيغىنا لاتا ئاياغلار بىلەن شۇنچە يىللارنى ئۆتكۈزگەن ساۋاقداشلىرىمىز كۆپ بىزدە. تۇرمۇش قىيىنلىقىدىن ئاتا-ئانىلىرىمىز ئوقۇتماسلىق ئەمەس، ئوقۇتالماسلىق ۋەجىدىن ئېلىپ كەتكىلىمۇ كەلگەن، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ماددى ھەم مەنىۋى ياردىمىدە بىز يەنە ئوقۇپ قالغان، تەغدىر يولىنى بىز ئاشۇنداق ئوڭلىۋالغان. بەزىلىرىمىز شۇ چاغدا ئىمتىھان بېرىپ سەنئەت مەكتەپكە چىقتۇق، گاھىلىرىمىز ئازراق ئىش ھەققىنى دەپ ئىشچى بولدۇق، گاھىلىرىمىز ھەربىيلىككە تىزىملاندۇق، بەزىلىرىمىز ھەتتا قان بەردۇق، قۇلىمىز، پۇتىمىز كەلمىسىمۇ ناھىيىلىك سەنئەت ئەتىرىتىگە ئىمتىھان بەردۇق…… يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن شۇنداق ئىشلىرىمىز بولغان بىزدە ئامالسىزلىقتىن، ئائىلىنىڭ بېسىمىدىن، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن، شۇلارنى ئويلىسام، يەنە يۈرىكىم قورۇلىدۇ، كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ.

بىز ئاخىرى ھەممىنى يەڭدۇق، مەنىۋى جەھەتتىن نامراتلاشمىدۇق، سېنىڭ-مېنىڭ دەپ تالاشمىدۇق، بارنى داستىخانغا تۈكۈپ تەڭ كۆردۇق، بىز ئەنە شۇنداق ئىناق-ئىجىل بولۇپ ياشىغان ئىدۇق، ساۋاقداشلىقنى ئەڭ گۈزەل مەنىلىرىگىچە بېزىگەن ئىدۇق. گوڭشاڭنىڭ قايناقسۇغا باسقان جۈسەي سېيى بىلەن جوتىڭىنى شۇ چاغلاردا ئىچكەن بىز، نەخۇلنىڭ قۇغۇنىنى شۇ چاغلاردا تەڭ تالىشىپ تۇيماي يېگەن بىز، غولبۇيىنىڭ خاسىڭلىرىنى، بوستان چوڭ پايزىنىڭ ئۆرۈكلىرىنى، يىلانلىقنىڭ تاتلىق گۆشىنى، ئوخشىغان قوشۇقلۇق نانلىرىنى…… ھەممە-ھەممىنى شۇ چاغدا كۆرگەن ئىكەنمىز، ئەمدى ئويلىسام، ئەڭ چىن دوستلۇق رىشتىنى شۇ چاغدا چەككەن ئىكەنمىز، ئەمدى ئويلىسام، مېھرى مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا بىلگەن ئىكەنمىز، يۆلەكداشلىق سايىلىرىگە شۇ چاغدا چۆككەن ئىكەنمىز، ئۇستاز قەلبىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئاشۇ چاغدا ئەڭ قېنىپ سەزگەن ئىكەنمىز.

بىزنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئەھمىيەتلىك چاغلىرىمىز ئانا مەكتەپ قوينىدا، مەڭگۈلۈك ئەسلىمە بولۇپ يۈرەكلەرگە سىڭىپ كەتكەن؛ ئانا مەكتەپ مىھرىگە، ئۇستاز مۇھەببىتىگە ئەڭ چوڭقۇر چۈمۈلگەن چاغلىرىمىزمۇ شۇ، بېسىلماس ئىستەكلىرىمىزدە، ئىستىقبال ھولىمىزنى ئەڭ مۇستەھكەم قۇرغان چاغلىرىمىزمۇ شۇ.

ئانا مەكتىۋىم-ئانا مەكتىۋىم، ئۇ،  مىھنەتنىڭ يىلتىزىدا كۈكەرگەن غازاڭسىز دەرەخ، بىزنى سايىسىدا سەگىدەتكەن، ئۇ،  مىھرى مۇھەببەت سۈيىدە يۇغۇرۇلغان مەلھەم، جاراھەتلىك قەلبىمىزنى ساقايتقان، ئۇ، ئۇستاز ئەجىرىدە، مىننەتسىز مىھنىتىدە بىنا بولغان سۇغۇلماس دەريا، تەشنا دىلىمىزنى سۇغارغان، ئۇ ئۇلۇغ ئانا، ئىنسانغا قايتا تۇغۇلۇش بېرىدىغان، ئارمانلىرىنى قاندۇرۇدىغان، ئارزۇلىرىنى ئارمانسىز كۈلدۈرىدىغان، ئىستەكلىرىنى قانات بولۇپ كۆكلىتىدىغان، ئۆرلىتىدىغان…

شۇڭا دەيمىز، ئانا مەكتەپ بىزنىڭمۇ ئانىمىز، بىزنىڭمۇ مەڭگۈلۈك پەخرىمىز، ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىمىز، ئەسلىمىز، ئۇنىڭ باغرىنى بىزمۇ بىر چاغ چىن سۆيگۈدە باغاشلىغان، ئۇنىڭ قوينىنى بىزمۇ بىر چاغ سەبىيلەرچە ماكان تۇتقان، ئۇنىڭ يوللىرىدا بىزمۇ بىر چاغ ھەغدالىق تۇيغۇلىرىدا مەغرور ئىز سېلىپ ماڭغان، بىنالاردا بىزمۇ بىر چاغ قەدىناس ئورۇنلار تۇتۇپ ئوقۇغان، دەرەخ سايىلىرىدا قوش كىشىلىك ئورۇندۇقلاردا بىزمۇ بىر چاغ قىزغىن سۆھبەتلەر قۇرغان، ئاجايىپ گۈزەل خىياللارنى يۈرىكىمىزگە سىغداپ تويمىغان، بىزمۇ بىر چاغ ئۇنىڭ باغرىدا بەس مۇنازىرىلەرنى قىزىتقان، شېئىر دىكلىماتسىيە قىلىپ، ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ قانمىغان، مۇشۇ يەردە بىزنىڭ ئۆچمەس ئىزلىرىمىز بار، مەڭگۈلۈك ئەسلىمىمىز بار، بىزگە ھەمراھ بولغان قەدىردان سىنىپلىرىمىز، قەدىناس ئۈستەل-ئورۇندۇقىمىز مۇشۇ يەردە. بىزگە ئىللىق ماكان بولغان، ھەممىمىزنى قېرىنداشتەك ئىجىل قىلغان، قىزغىن سۆھبىتىمىزگە، قىزىغان مۇنازىرىگە، شىرىن چۈشلىرىمىزگە، چۆچەكلەردەك تۇرمۇشىمىزغا سەھنە بولغان ياتاقلىرىمىز مۇشۇ يەردە.

شۇنداق، شۇنداق، ھاياتىمىزدا ئەڭ پەخىرلىنىپ ئۆتكەن چاغلىرىمىز شۇ، ھەر بىر كۈنىمىزدىن ئەڭ ئىپتىخارلىنىپ كۈلگەن چاغلىرىمىز شۇ، ئۇستاز ئەجىرىگە، مۇھەببىتىگە چۆمۈلۈپ، مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتسەك دېگەن ئارمانغا كەلگەن چاغلىرىمىزمۇ شۇ، شۇڭا شۇنچە يىل ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرساقمۇ رىشتىمىز ئۈزۈلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئايرىلغان بولساقمۇ، يىراقلارغا ئۇزاپ كەتسەكمۇ يۈرىكىمىزگە ياققان ئوتى سوۋۇمىدى، قەلبىمىزگە تىزغان گۈلى قۇرىمىدى، ئىقبالىمىزغا سىرغىغان چەشمىسى سوغۇلمىدى. ئۇ، يەنىلا قەلب تۆرىمىزدە ئۇلۇغۋار ئوبراز؛ ئۇ يەنىلا ھۇلىمىزدا مەڭگۈلۈك يىلتىز، ئۇ يەنىلا تۇمۇرىمىزدا بېسىلماس دولقۇن …

قۇياش تۇغۇلغان كۈن

بۇ يەرنىڭ باھارى نورۇز. ئۇ، رىۋايەتتەك گۈزەل مەنەلەردە، كۆڭۈللەردەك چەكسىز كەڭلىكلەردە، كەچمىشلەردەك ئۇزاق تارىخلاردا يارالغان. ئۇنىڭ بىر ئىسمى كائىنات – تەبىئەت؛ بىر ئىسمى نۇر – ھارارەت؛ يەنە بىر ئىسمى تەڭلىك، بىرلىك. چۈنكى ئۇ ھەممىگە تەڭ تارايدۇ، باھار يامغۇرىدەك ئىللىق تامىدۇ. ئېرىق – ئۆستەڭلەرگە ئەگىزلەرنى تەڭ باشلايدۇ، قاقشال شاخلاردا تەڭ بىخلايدۇ، قېرى بىلەن ياشنى، ئەر بىلەن ئايالنى ئوخشاش كۆرۈپ تەڭ شادلانسۈن دەيدۇ، تەڭ ئويغانسۇن دەيدۇ. شۇڭا ئۇ قۇياش تۇغۇلغان كۈن. شۇڭا ئۇ تەبىئەت بايرىمى، كۆكلەم بايرىمى، كۆكنىڭ بايرىمى، يەرنىڭ بايرىمى، ئۇچارقۇش، جان – جانىۋار، گۈل – گىياھنىڭ بايرىمى.

بۇ يەردە ھاياتنىڭ يېڭى سەپىرى نورۇز، تەبىئەتنىڭ يېڭى ياسىنىشى نورۇز، سۇمبۇللارنىڭ يېڭى تارىنىشى نورۇز. يەر – جاھاننىڭ يېڭى ئىللىشى نورۇز. ئانامنىڭ ھالال سۈتىدەك، ئاتامنىڭ ئاق نىيىتىدەك، مۇھەببەتنىڭ خاسىيىتىدەك يۇلتۇزلارنىڭ يىغىلىشى – كۈلۈشى نورۇز. كۆڭۈللەرنىڭ ھىدلىشىشى، ئىزدىشىشى، سىڭىشىشى نورۇز.

بۇ يەردە نورۇز شۇنداق گۈزەل بولىدۇ. يىللىغان ئارزۇلار ئەگىزدەك ئۇلغىيىدۇ، قىشلىغان ئارمانلار گۈللەردەك ئېچىلىدۇ، ئۈزۈلگەن كۆڭۈللەر ئېقىنلاردەك قېتىلىدۇ، بۇزۇلغان ئۆيلەر باھار ھۆسنىدەك تۈزۈلىدۇ. چۈنكى ئۇ سەبىيلەر تىلىكىگە تايدەك چاپىدۇ؛ تۇلپارلار تۇيىقىنى چوغدەك قىزىتىدۇ؛ يىگىتلەر يۈرىكىگە مۇڭدەك ياقىدۇ؛ ئانىلارنىڭ مۇھەببىتىدىن تەم ئالسام، گۈل قولىدا ياسانسام دەيدۇ؛ ئاتىلارنىڭ ئەقىل – كۈچىدە جانلانسام، جاسارىتى، پاراسىتىدە جۇلالانسام دەيدۇ؛ يىگىتلەرنىڭ چىڭ چېگىلگەن پوتىلىرىدەك، ئەقىدىسىدەك، قەسەمدەك قەيسەر قىزلارنىڭ ئۆرۈم چېچىدەك زېمىن باغرىدا تارام – تارام ئېقىن بولسام دەيدۇ، ئۇلارنىڭ چاڭقاقلىقىنى قاندۇرسام دەيدۇ.

بىز نورۇزدىن كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭشىلىشىدىكى ئاجايىپ خاسىيەت – خىسلەتنى، تەبىئەتتىكى دەقىقىلىك ئۆزگىرىش – قۇدرەتنى، قۇياش بىلەن سۆزلىشىشنى – سىردىشىشنى، يۇلتۇزلارغا نام قويۇپ ئەگىشىشنى، تەبىئەت بىلەن ھىمىرلىشىشنى – بىرلىشىشنى، ئۆزئارا قالقا بولۇشنى، قانات بولۇشنى، ئىجىللىشىشنى، يىلتىزلىشىشنى، تاغلاردەك تىرەك بولۇشنى، ئاتىلار ئاغزىغا قاراپ، ئانىلار مېھرىدىن سۆيۈنۈشنى، بالىلارنى ئەجداد ئىزىغا ئۇلاشنى بىلدۇق، ھېس قىلدۇق، تونۇپ يەتتۇق. شۇڭا ئۇنىڭغا زارىقىپ، ئۇنى قۇتلۇقلاپ يىللىغان ماي قاپاقلىرىنى كۆيدۈرۈپ مەشئەل ياقتۇق؛ تۈن نىسپىدىن تاڭغىچە قىشنى قوغلاپ باھار چىللىدۇق؛ سەھەر تۇرۇپ روھلارنى تاۋاب قىلدۇق، قەبرە يوقلىدۇق؛ ئۆلۈملۈك ئۆيلەرگە كىرىپ كۆڭۈل سورىدۇق، قىشتىن چىققان ئاغرىقلارغا مەدەت تىلىدۇق؛ ئەھلى مەھەللە يىغىلىپ يۇرتنى پاكلىدۇق، ھويلا – ئارام، ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى ئېرىغداپ، ئېقىنلارغا ئېچىق راسلىدۇق، دەريالارغا تارماق راسلىدۇق.

نورۇز، ئۇ ئىسراپچىلىق ئەمەس تۆكمە – تۆكمە، كۆز – كۆز قىلىدىغان، بۇلاپ – تالاپ مەنلا دەيدىغان. ئۇ ئالۋاڭ – سېلىق ئەمەس، تەبىئەتنى بۇلغاش ئەمەس، خارلاش ئەمەس، ئادەملەرنى ئالداش ئەمەس، تۆۋەن كۆرۈپ، يوقسۇل كۆرۈپ ياتلاش ئەمەس. ئۇ بىرلىك دەيدۇ، تەڭلىك ئىزدەيدۇ، بەختنىڭ يىلتىزى ئوخشاشلىق دەيدۇ. ئۇنىڭدا ھەممە – ھەممە تەڭ يىغىلىدۇ، تاپقىنىنى، ئاتىغىنىنى نورۇزلۇق دەپ داستىخانغا تەڭ تاشلايدۇ؛ تاپقانلىرى گۈل راسلايدۇ، تاپالمىغانلىرى بىر باش پىياز. ھاللىقلىرى قوي باشلايدۇ، ئاجىزلىرى چۈجە – خوراز. تۆگە چۆكتۈرگەن، تاغ بەرگەنلەرمۇ قىيادەك كېرىلىپ كەتمەيدۇ بۇ يەردە؛ ئامالسىز قۇرۇق كەلسىمۇ قورۇنۇپ تۈگۈلۈپ كەتمەيدۇ بۇ يەردە. كۆڭلىمىز ئورتاق دەيدۇ، يۈرىكىمىز ئوخشاش دەيدۇ. ھەر ئۆينىڭ مېھرى سىڭگەن، ھەر كىمنىڭ رىسقى يىغىلغان نورۇز ئېشىنى تەڭ يېيىشىپ، ئوخشاش ياشايدۇ.

نورۇز ئادەمنى ياشلىقىدەك ياشارتىدىكەن. بۇنى مومامنىڭ گۈل قىستۇرۇپ ئوقۇغان قوشاقلىرىدىن، ئاتامنىڭ ئات ئۈستىگە قونۇپ چېپىشلىرىدىن، ئانامنىڭ گۈل قولىدا رەڭ ئالغان لىباسلىرىدىن، گۈل قولىدا تەم ئالغان نېمەتلىرىدىن بىلدىم. نورۇز ھاياتنىڭ ھەقدادىكەن، ھۈنەر – كارامەت جەمگاھىكەن، بۇنى بەللەشكەن، بەيگىلەشكەن، بەسلەشكەن يىگىتلەردىن كۆردۈم. نورۇز ھاياتنىڭ قېنىشلىرىكەن، قۇياشتەك چوغلىنىپ يېنىشلىرىكەن. بۇنى ئانىلىق ئەقىدىنىڭ مېۋىسى، لاتاپەت – پەزىلەتنىڭ ئىگىسى بولغان قىزلارنىڭ خۇش پىچىم تۇرقىدىن، بۇلاقنىڭ بۇلدۇقلىشىدەك خۇلقىدىن بىلدىم. نورۇز ھاياتنىڭ گۈل چېغى، گۈزەل پەسلىكەن. بۇنى تال – چىۋىقنى ئات قىلىپ ئوينىغان بالىلارنىڭ قىقاس – چۇقانلىرىدىن بىلدىم.

شۇڭا قۇياش تۇغۇلغان كۈن نورۇز تەبىئەتكە ئانا بايرامكەن، ئادەملەرگە ئانا بايرامكەن. ئۇچارقۇش، جان – جانىۋار، گۈل – گىياھلارغا ئانا بايرامكەن، بايراملارغا ئانا بايرامكەن.

ئۇلۇغلۇق ھەيكىلى

ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەرمۇ ئۇنى ئۇلۇغ دېگەن، ئۇدا – ئۇدا تەكرارلاپمۇ يەنە ئۇلۇغ دېگەن، قەدىرلىك دېگەن؛ قورساقتا توققۇز ئاي كۆتۈرگەنلىكىگە؛ قۇچاقتىن يەرگە قويماي يىللاپ – يىللاپ باغرىدىن ئوزۇق بېرىپ بارلىقىنى يېدۈرگەنلىكىگە؛ تۈندە تاتلىق ئۇيقۇدىن كېچىپ، ھالال ۋە ئاق سۈتىنى ئېمىتكەنلىكىگە؛ ‹‹بالام، بالام›› دەپ بىر ئۆمۈر بالا كەينىدىن مارجاندەك چېچىلىپلا سەرسان يۈرگەنلىكىگە ھەممە ئۇنى شۇنداق دەيدۇ. شاھمۇ شۇنداق، گادايمۇ شۇنداق، ھەتتا ئاتىلار، ئانىلارمۇ شۇنداق. بەزىلەر ناخشىلىرىدا، بەزىلەر يازمىلىرىدا مەدھىيىلەيدۇ؛ بەزىلەر چىن دىلىدىن دېرەكلەيدۇ، بەزىلىرى يۈرىكىدىن نىدالايدۇ، يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭغا مۇھەببىتىنى ھەر بىر ئىش – ھەرىكىتىدە ئۈن – تىنسىز ئىپادىلەيدۇ.

ئانا ئوبرازى ‹‹ئانا›› دەپ چاقىرىلغاندا يارىتىلىدۇ. ئانا قەدرى ‹‹ئانا›› دەپ ئاتالغاندا تىكلىنىدۇ. ئانا نامى شۇنداق چاقىرىشلاردا يۈرەكلەر مەڭگۈلۈك نەقىشلىنىپ قالىدۇ. بالا قورساقتا تېپچەكلىگەندە، تاغ ۋەزنىدە تەۋرىگەندە، ھەر قېتىم ئاچچىق – ئاچچىق تولغاق يېگەندە، بالا ئۈچۈن يۈرەك مىڭ قېتىم تىلىنغاندا، بالام دەپ ئانا تۇنجى ئەمچەك سالغاندا، بالىنىڭ ئىستىقبال يولىغا ئۆز تەقدىرىنى باشلاپ ماڭغاندا…

ئانىلار ئۇلۇغ، چۈنكى ئۇلۇغلارنىڭمۇ ئانىسى شۇلار؛ ئانىلار قۇدرەتلىك، چۈنكى ئوغۇزخاننىمۇ، ئالپ ئەرتوڭەنىمۇ، ئىسكەندەر ھەم چىڭگىزخاننىمۇ ئانا تۇغقان؛ ئانىلار قەدىرلىك، چۈنكى قەدىر – قىممەتنىڭ نېمىلىكىنى ئۇ مىڭبىر ئۆلۈپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئادەم بالىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ياردى، يۈرىكىنى ياردى؛ ئۇ پەرزەنت يۈكى ئۈچۈن ئۆزىنى تاغ قىلدى، پەرزەنت كۈلكىسى ئۈچۈن، بەختى ئۈچۈن باغرىنى باغ قىلدى؛ ئۇ، پەرزەنتلەرگە ھەممىنى بەردى، بارلىقىنى بېغىشلىدى: نېنى ئۈچۈن تونۇردىن كۆيۈپ چىقتى؛ ئېشى ئۈچۈن ئالدىغا پىشىپ چىقتى؛ ھەتتا توقاچتەك مەڭزىنى، سۇمبۇل – سۇمبۇل چېچىنى، گۈللەردەك ياشلىقىنى بەردى…

سەن ‹‹يېرىم دۇنيا›› تەسەللىسىنى مۇجۇلغان قەلبىگە مەلھەم قىلغىنىڭدا، مەن يېقىملىق ياش تۆككەن شېئىرلىرىمدا ئۇنىڭ ھەسرەتلىك تىنىقلىرىنى ئالدىدىم. راست، ئۇ قانچىلىك بەخت كۆردى؟! ئۇ بەخت رەڭگىنى ھەم پەيزىنى تامام ئۇنتۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھەتتا جاپانى بەخت دەپ بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئائىلە، بالا، دەپ چەككەن ئازابلارنىڭ ھەممىسى بەخت. ئۇ بالىلىقىدىن بالىلىق بولغىچە، بالىلىق بويىنىڭ ئېغىرلىقىنى تاغلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك ھەسرەتلىك تولغاقلاردا يەڭگىللەتكەندىن تارتىپ، بالا ئازابىغا، جەبرى – جاپاسىغا مەڭگۈلۈك ئىككى قات بولغانغا قەدەر باسقان ئىزلىرىغا بەدەل بەردى. ياشلىق پەسلى ھالال مېھنەتتە ئېقىپ تامدى.

ئۇ بىر گۈزەل ھەيكەل، ئۇلۇغلۇق ھەيكىلى، ئانا بولغاندىن كېيىن گۈزەللىكى ئۇنتۇلغان، ئۇلۇغلۇقى ھەم پىداكارلىقى بىلەن سۇبات تاپقان گۈزەل ھەيكەل. ئۇنى ‹‹ئانا›› دە بۇرادەر، باغرىنى يېرىپ چىققان بالىسىدەك ‹‹ئانا›› دە! ئۇ ئاشۇ چاقىرىلىش ئۈچۈن تۆرەلگەن، يۈرەكلەرنىڭ شۇنداق سۆيۈملۈك نىدالىشى ئۈچۈن بېغىشلانغان پىداكار ئىنسان! شۇڭا ‹‹ئانا›› دەپ نىدالىغاندا يۈرەكلەر ياشىرىدۇ، ھەركىم ‹‹ئانا، ئانا!›› دەپ بالا پېتى ياشارغىسى، بالا پېتى تۇرغۇسى كېلىدۇ، ئۇنىڭمۇ ھەم شۇنداق، ‹‹ئانا، ئانا›› دېگىنىڭنى ئاڭلاپ، ئۇمۇ ئانىسىنى ئەسلىۋالسۇن، بالىلىقىغا قايتىۋالسۇن…

تەرجىمال ۋە نەسىرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (3) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئايجامال گاسىل مۇنداق يازغان:

    :cry: قەدىردان ئۇستازىم ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي .

  2. قەدىردان ئۇستازىمنىڭ ياتقان يېرى بېھىشتا بولغاي، روھى ئەمىن تاپقۇسى!
    شۇ سۆيۈملۈك ئۇستازىمنى تولىمۇ سېغىندىم

  3. ئوبۇلقاسىم مۇنداق يازغان:

    ئۇستازىم سىزنىڭ دەرس مۇنبىرىدىكى ھەربىر ئېغىز سۆزىڭىزنىڭ ئۆزى بىر ھىكىمەت ئىدى.تۇلىمۇ ئەپسۇس-بالدۇرلا سىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق!
    ئۇستازنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif