نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 3 )

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 3 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 22 - سېنتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 1,056 قېتىم


ئۈچىنچى، تراگېدىيىلىك گۈزەللىك  ۋە تراگېدىيىلىك قىممەت

ئەدەبىياتتا تىلغا ئېلىنىدىغان تراگېدىيە بىلەن تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئارستوتېلدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈندىكى تراگىدىيە تەلىماتچىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ئىككىسىنىڭ ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا بايانلارنى قالدۇرغان. ئەگەر تۇرمۇشتا تراگېدىيە بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ئەدەبىياتتىمۇ تراگېدىيىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تۇرمۇشتىكى تراگېدىيە ئەدەبىياتتىكى تراگېدىيىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن ئۇلار كۆرگۈچى(قوبۇل قىلغۇچى ياكى كىتابخان) ئۈچۈن ئوبىيىكتىپ ئۈنۈم جەھەتتە ئوخشاشمايدىغان مەزمۇنلارغا ئىگە بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى تىراگېدىيە ھەر خىل مۇرەككەپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تراگېدىيىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ. يەنى ئۇنىڭدا تراگېدىيىلىك قىممەت بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئېستېتىك مەنىدىكى تراگېدىيە يۈكسەكلىكنى ھېس قىلالمايدۇ. تراگېدىيىلىك ئەسەرلەردە بۇ خىل تراگېدىيە « ھېس قىلدۇرۇلغان » تراگېدىيە ھەم « گەۋدىلەندۈرۈلگەن » تراگىدىيە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ كۈچلۈك تراگېدىيىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلالايدۇ.

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگىدىيە تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىلەرنىڭ ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرلۈشى، تەقلىد قىلىنىشى ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشتىكى ئازاپ ۋە بەختسىزلىكلەرنى كىتاپخانلارغا ھېس قىلدۇرالايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئېڭىدا «گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان» سەنئەت يۈكسەكلىكىگە ئىگە.

ئۇنداقتا تراگېدىيىلىك گۈزەللىك نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ يۇقىرىقى تەھلىلىمىزدىن ئايانكى، تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىلەر ھەرگىزمۇ ئېستىتىستېكا مەنىسىدىكى تراگېدىيىلىك گۈزەللىكنى كۆرسىتەلمەيدۇ. تراگىدىيىلىك گۈزەللىك ھەقىقىي يازغۇچى ياكى سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىدىلا ئۆز قىممىتىنى تاپقان بولىدۇ. ئۇ «ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئازاپ ۋە بەختسىزلىكلەرنى ياكى دراما شەكلىدىكى تراگېدىيىنى ئەمەس، بەلكى گۈزەللىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قۇرۇلمىنى، يەنى تراگېدىيىلىك گۈزەللىكنى كۆرسىتىدۇ.»⑥

ئەختەم ئۆمەرنىڭ پوۋېستلىرىدىكى تراگىدىيە روھى ۋە تېنىقلىرى تەكلىماكان چۆلى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ئاپتاپتا چىرايلىرى كۆيگەن، قوللىرى قاپارغان ئاددى ئەمگەكچى خەلقنىڭ تراگېدىيىلىك مۇھىتتىكى ئۆزلۈڭ ئېڭىنىڭ ئىپادىلىنىشى ھەم قىممەت كۆز قارىشىنىڭ ئەكىس ئېتىشى بولدى.

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدا پروتوتىپ قىلغان نۇرغۇن تراگېدىيىلىك پېرسۇناژلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش سەھنىسىدە تراگېدىيىلىك رول ئېلىپ چېقىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە تراگىدىيىلىك ئۈنۈم شەكىللەندۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

«زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە» دىكى جامال يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ غايىۋى دۇنياسى بىلەن زىت رېئاللىقنىڭ قورشاۋىدا قالغاندا ھەم روھىدا ھەرخىل پەسكەشلىكلەر قۇتراپ، ، پۈتۈنلەي ئايىنىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىمۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا پىشانىسىنىڭ تەتۈرلىكىدىن زارلىنىدۇ. لېكىن ئۆز كۈلپەتلىرىنىڭ شەخسىي كۈلپەت ئەمەس بەلكى، مۇئەييەن تارىخى دەۋردىكى جەمئىيەت تراگېدىيىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بولالمايدۇ.«قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» پوۋېسىتىدا مۇھەممەتئىمىن سەئىدىن، نۇسرەت، ياسىن مەدەكلەر ناچار تەبئىي مۇھىتنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىلىپ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۇھىتنى ئۆزگەتىشكە قىلغان ئەڭ چوڭ جۈرئىتى – مۇھەممەتئىمىن سەئىدىننىڭ ھاشىرخاننى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ دەككىسىنى يەپ قايتىش، باشلىقلارنىڭ ئالدىغا ئەرزگە بىرىشىغا ئوخشاش ئىشلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ روھىي گادايلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، خۇراپاتلىق، نادانلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرىرىنىڭ چىرىكلىشىشىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى بۇنچىلىك ئېغىر تراگېدىيىگە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

لۇشۈن ئەپەندى تراگىدىيىنى «قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلەرنى پارە-پارە قىلىپ كۆرسىتىشسۇن»⑦ دەپ كۆرسەتكەن. ئەلۋەتتە قىممەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىنىڭمۇ قىممىتى بولىدۇ. «مەن قان ئىچمەيتتىم» پوۋېسىتىدىكى قۇربان توختى گەرچە ۋەھشىي قاتىل بولسىمۇ، ئۇنىڭ تراگېدىيىسىنى ئۇنىڭ قاتىللىقىدىن ئەمەس، بەلكى  ئۇنىڭ تەبئىتىدىكى ھەققانىيەت بىلەن ھايانىڭ تەتۈر قىسمىتىدىن ئىزدەيمىز. تۇرمۇشتىكى قۇربان توختى ۋەكىللىك قىلغان «ھاياتتىكى قەدىر قىممەتلىك نەرسىلەر» مۇ سۈبھىسىزكى بىر خىل قىممەتتۇر. لېكىن ئۇ سىياسىي، ئەخلاق ۋە باشقا ئىجتىمائىي قىممەت كاتىگورىيىسىگە  كىرىدۇ. بۇ ساپ بولغان ئالاھىدە تراگېدىيىلىك قىممەتنىڭ ئۆزى بولالمايدۇ. بارلىق ئىجتىمائىي قىممەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. لېكىن تېراگىدىيىلىك قىممەت پەقەت «قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلەر»يوقىتىلغاندا گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئوبىيىكتىپ خۇسۇسىيەت ھەم ئۇنىڭ كىتاپخانلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئېستىتىكىسىدا شەكىللەنگەن ئوبىيىكتىپ ئۈنۈمدۇر. «گەۋدىلەندۈرۈلگەن»،« قەدىر-قىممەتلىك  نەرسىلەر»نىڭ يوقىتىلىشى ۋە كىتاپخانلار ئېڭىدا شەكىللەنگەن ئوبىيىكتىپ ئۈنۈمنىڭ بىرلىكى ئەدەبىياتتىكى تراگېدىيىلىك قىممەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشتىكى تراگېدىيىلىك ئادەم ۋە ۋەقەلەر كىتاپخانلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا ئايلىنىپ، بىرقەدەر يۇقىرى بولغان قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئۇ ۋەقە ھەم پىرسۇناژلارنى ئۆلچىيەلىگەندىلا بۇ خىل تراگېدىيىلەر ئاندىن ھەقىقىي «گەۋدىلەندۈرۈلگەن» تراگېدىيىگە ئايلىنىدۇ.

ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك گۈزەللىك تەكلىماكان بويىدا ياشاپ، بۇ يەرنى ياشنىتىپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ تىرىشچان، غەيرەتلىك، جاسارەتلىك قەلبنىڭ، شۇنداقلا، ئۈنۈمسىز تەبئىي مۇھىت ۋە تارىخىي، ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ ھەرخىل چەكلىمىلىكرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان تۈرلۈك ئىللەتلەرنى ئوبراز يارىتىش سەنئىتى ئارقىلىق كىتاپخانلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا ئايلاندرۇپ، بەدئىي تەسىرلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدا ھەم ئۇلارنىڭ «قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرى» نىڭ گۇمران بولۇشىنىڭ سەۋەبى بىلەن كىتاپخانلاردا ئوبىيىكتىپ تەسرات پەيدا قىلالىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.

ئىزاھات:

①مامبەت تۇردى:«روزا بۇزۇلمايدۇ» «تارىم»1989-يىللىق 11-سان.

②بۇ رومان خەنزۇتىلىدا«غەربىي شىمال ئەدەبىيات سەنئىتى»ژۇرنىلىنىڭ 1951-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان. 1993-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى بۇ كىتاپنى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلغان.

③كىرىمجان ئابدۇرىھىم«بىر خىل سۇژىت شەكلىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىزچىللىقى ھەققىدە» «تارىم»1995-يىللىق 11-سانى.

④«ئەپسانە ۋە ئەدەبىيات» 2-بەت. شاڭخەي ئەدەبىيات سەنئەت نەشىرىياتى. 1995-يىل 4-ئاي نەشىرى.

⑤چېڭ مىڭخۇي «غەرب تراگېدىيە تەلىمات تارىخى»93-بەت. خەلق ئونۋېرسىتىتى نەشىرىياتى 1994-يىل 11-ئاي 1-نەشىرى. (خەنزۇچە)

⑥لاڭ يىڭ«ماناس»نىڭ تراگېدىيە گۈزەللىكى. مىللەتلەر ئەدىبىياتى تەتقىقاتى. 1990-يىل 3-سان 1-بەت.

⑦لۈشۈن ئەسەرلىرى 1-توم 297-بەت. (خەنزۇچە)


ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. پاساھەت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم نۇھ قېرىندىشىم، پاساھەت بلوگىنى ۋپ دا قايتىدىن ئاچتىم، بىلوگىڭىزدىكى بۇرۇنقى ئۇلىنىش ئادرېسىمنى ئۆۆزگەرتىۋالارسىز ، رەھمەت!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif