نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي تەنقىدچىلىك – كىرىش

ئەدەبىي تەنقىدچىلىك – كىرىش

ۋاقتى: 2011 - يىلى 1 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 740 قېتىم


ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 21- ئەسىرگە قەدەم قويۇش بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن بىر ئەسىرلىك تەرەققىيات تارىخى ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگىزىشى، خۇلاسە چىقىرىشى شۇنداقلا نەزەرىيىۋىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى يۈلىنىشى ھەققىدە ئىلمىي تەرەققىيات ئىستىراگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولىشى كېرەك ئىدى. گەرچە بۇ خىل ئىستىراگىيە زور دەرىجىدە سوبىكتىپلىققا ئىگە بولسىمۇ  لېكىن بۇ خىل ئىدراكى ئويلىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشى زامانىۋىي تەرەققىيات يۈلىنىشىدىكى ئەدەبىيات ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەقەللى تەلەپ ئىدى. لېكىن بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى ئەسىردىكى نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىگەن چېغىمىزدا ناھايىتى چوڭ ئەپسۇسلۇقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. گەرچە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاجىزلىقتىن بارغانچە كۈچىيىشكە، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، ئاددىلىقتىن مۇكەممەلىككە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى ھەممەيلەنگە ئېنىق بولسىمۇ، ئەدەبىياتنىڭ يەر شارىلىشىشىدىن ئىبارەت تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىبارەت ئەنئەنىۋىي يىلتىزى، تەرەققىيات ئېڭى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن رىقابەت ئېڭى ، تاللىنىش پۇرسىتى ئاجىز ئەدەبىيات ئىكەنلىكىنى بىزگە ھەر دائىم ھىس قىلدۇرىدۇ. گەرچە بىز ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلمىساقمۇ، ئۇيغۇر روھىغا سىڭىپ كەتكەن ئا Q لىقنىڭ ئەدەبىيات قوشۇنىمىزدىمۇ ھەر خىل ۋاريانتلىرىنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە ئىلمىي، نەزەرىيىۋىي خۇلاسە چىقىرىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ۋە ئەمەلىيىتىگە خاس بولغان مىللىي ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنى تىكلەش ۋە ئەدەبىياتىمىزغا يېتەكچى بولالايدىغان ئەدەبىيات ئېڭى ۋەسېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىش يېڭى ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولسا كېرەك.

ئەدەبىي تەنقىتچىلىكنىڭ ئەدەبىيات تارىخى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ گۈللىنىشىدە زور رول ئوينايدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئېنىق. ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىقىدا ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرۇۋاتقان ساھانىڭ دەل ئەدەبىي تەنقىتچىلىك ئىكەنلىكى يېڭى ئەسىردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەر بىر ئىخلاسمەنلىرىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكى ھەققىدە پىكىر يۈرگىزىشى ۋە تەنقىتچىلىكنىڭ نەزەرىيە قۇرۇلۇشىغا ئاڭلىقلىق بىلەن قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

21- ئەسىردىكى دۇنيا ئەدەبىي تەنقىتچىلىكى يېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەقىقىياتى ئۈچۈن نەزەرىۋىي ھۇل ھازىرلىماقتا. ئوچۇقلۇق، كۆپ خىللىق، تاللىنىشچانلىق، ئونۋېرساللىقتىن  ئىبارەت ئەدەبىي تەنقىتچىلىك ئېڭى، ئېنىق، ئالاھىدە ئەدەبىي تەنقىتچىلىك ئۇسلۇبى، كۆپ خىل ئەدەبىي تەنقىتچىلىك ئۇسۇللىرى، ئۆزارا بىر – بىرىنى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە ئەدەبىي تەنقىتچىلىك فورمۇلىرى، ئەنئەنىۋىي قېلىپلارنى چۆرۈپ تاشلىغان ئەدەبىي تەنقىتچىلىك شەكىللىرى بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىدىكى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان ئەدەبىيات ھادىسىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ قوشۇمچە تەركىۋىي قىسمى دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئەدەبىي تەنقىتچىلىك باشقىلار ئالاھىدە دىققىتىنى ئاغدۇرىدىغان بىر ساھاگە ئايلاندى. يازغۇچىلارنىڭ، كىتاپخانلارنىڭ نەزەرىدىكى ئورنى ۋە قىممىتىدىمۇ كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىشلەر شەكىللىنىشكە باشلىدى. لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىتچىلىك ساھاسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك، ئىلمىي شۇنداقلا ئىدراكىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكى ئاللىقاچان مەخسۇس بىر ئىلىمنى شەكىللەندۈردى، ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي ئجادىيىتى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە، ئېستېتىكا نەزەرىيە تەتقىقاتىغا ئوخشىمايدىغان، ئۆزىگىلا خاس بولغان خاراكتىر، قانۇنىيەت، رول، ئالاھىدىلىكلەرگە، ئەدەبىي تەنقىتچىلىك ئېڭىغا، ئۇسۇل- فورمىلىرىغا، ئۇسلۇب- ئىستىلىغا ئىگە بولدى دىيىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ.

لېكىن، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، بارغانچە تەرەققى قىلىش مۇساپىسىنى ئويلاشقان ۋاقتىمىزدا ئەدەبىي تەنقىتچىلىكتە يەنىلا نەتىجىلەرنىڭ بار ئىكەنلىكى، گەرچە ئەدەبىي تەنقىتچىلىكىمىز تېخى ئەدەبىي تەنقىتچىلىكنىڭ ئاڭلىق تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرمىگەن بولسىمۇ، ئۆسۈش – ئىلگىرىلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى يەنىلا بىزنى ئۈمۈتلەندۈرىدۇ.

ئەدەبىي تەنقىت ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي زوققا يېتەكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىنىشى كېرەك. دەل ئەدەبىي تەنقىتچىلىك ئىلمى ئەدەبىي تەنقىت ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان نەزەرىيە. ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىش، كىتاپخانلارنىڭ زوقلىنىش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىلىكى ۋە نەزەرىيىۋىچانلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىشى ۋە مۇستەھكەملىشى زۆرۈر. مانا مۇشۇ نۇقتىلاردىن پىكىر يۈرگىزگۈنىمىزدە، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىتچىلىكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ېيڭى دەۋر تەرەققىيات باسقۇچى مەزگىلىدىن باشلاپ نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىللە، نۇرغۇنلىغان سەۋەنلىكلەرمۇ ساقلاندى، مەسىلەن، نەزەرىيە ئاجىزلىقى، قالايماقانلىق، ئۆزگىرىشچانلىق، بىر تەرەپلىمىلىك، يەڭگىلتەكلىك، ھىسسىياتقا بېرىلىش، مەھەللىۋازلىق، قېلىپبازلىق، تەقلىدچىلىك، كۆچۈرمىچىلىك قاتارلىقلار. بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ ئوبېكتىپ پىكىر يۈرگىزىشىمىزنى شۇنداقلا نەزەرىيىۋى تەپەككۈر قاتلىمىدا تۇرۇپ، سېستىمىلىق، مۇكەممەل، ئىلمىي ھالدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئىجابىي – سەلبىي تەجرىبىلىرىنى خۇلاسە قىلىش بىلەن بىللە، زامانىۋى ئەدەبىيات ئىجادىيىتىگە ۋە كۆپ خىل ئەدەبىي زوق پائالىيىتىگە ماسلىشالايدىغان ئەدەبىي تەنقىتچىلىك نەزەرىيسى سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ناھايىتى زۆرۈر. ئەلۋەتتە، بۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىىللىك ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. ئەدبىي تەنقىت يازغۇچى ۋە ئەسەرلەر ئۈستىدىكى كونكېرتنى تەنقىت ئىكەن، ئۇ ئەمىلىيەتچانلىققا، رىئاللىققا، قوللىنىشچانلىققا، ئۆزگىرىشچانلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، لېكىن نەزەرىيە فورمۇسىدىكى ئەدەبىي تەنقىتچىلىك بولسا ۋاقىتچانلىق خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ، ھەر خىل تەنقىد ئېڭى، ئەدەبىي تەنقىد ئىدىيىلىرى، ئەدەبىي تەنقىد ئېقىمى، ئۇسۇللىرى،فورمىلىرىنى خۇلاسىلاش، رەتلەش، سېلۇشتۇرۇش، تاللاش ئارقىلىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە ئەتراپلىق ئىگىلەش ئاساسىدا، تەنقىد نەزەرىيىسىنى سېستىمىلىق، ئىلمىي ھالدا بايان قىلىدۇ. بلوگىمىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك سەھىپىسىدىكى ماقالىلار دەل مۇشۇ ھەقتىكى بىر ئىزلىنىشىمىز خالاس. بۇ سەھىپىمىزدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى ئەمەلىيىتىنى ئوبېكىت قىلغان ئاساستا، بۈگۈنكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكىدىكى قىزىق نۇقتىلار ھەققىدە ئەتراپلىق، توغرا، ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىشقا تىرىشىلىدۇ.

 

 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif