«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش
ۋاقتى: 2011 - يىلى 15 - ئاپرېل | ئاپتورى: نۇھ | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 880 قېتىم
مۇھەممەت باغراش يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پىروزىسىدا سېھرىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بۇرۇن قوللانغان ۋە مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن يازغۇچى. ئۇنىڭ «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋىسىتى سېھرىي رېئالىزىمنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىش يولىدىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىش بولدى. لىكىن پوۋىسىت قۇرۇلمىسىنىڭ كېلەڭسىزلىكى، ئىدىيىۋى مەزمۇندىكى چېچىلاڭغۇلۇڭ، سىمىۋول، بىشارەت ئوخشىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋېتىلگەنلىكى بۇ پوۋېسىتنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە مەلۇم دەرىجىدە نوقسان يەتكۈزدى. «كەلكۈن»پوۋېسىتى، «تۆت قۇلات»، «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «قۇياش ۋە بالا » ھېكايىلىرى يازغۇچىنىڭ بۇ نوقتىدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
[ تەپسىلاتى ]