نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » تاغ بار يەردە چوققا بار(2)

تاغ بار يەردە چوققا بار(2)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 7 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 882 قېتىم


شۇنداق قىلىپ مەن ئەسلى پىلانىم بويىچە ناۋايى مۇزېيىنى ئالدىراش ئايلىنىشقا باشلىدىم. مۇزېىي ئەمەلىيەتتە ناۋايىنى مەركەز قىلىپ، بابۇر مىرزىدىن ھازىرقى زامان ئۆزبېك زىيالىلىرىغىچە ئىنتايىن باي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سالون ئىكەن. مەسىلەن، ئىككىنچى قەۋەتتىن باشلانغان ناۋايى قىسىمىغا شائىرنىڭ ھەيكىلى، دىۋانلىرىنىڭ تۈرلۈك ۋارىيانتلىرى،ئەسەرلىرىگە ئىشلەنگەن قىستۇرما رەسىملەر، سولتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ شائىر ھەققىدىكى پەرمانلىرى، ناۋايىنىڭ مەكتۇپلىرى، ھىرات شەھەرىنىڭ رەسىم ۋە مودىللىك تارىخىي قىياپىتى، شائىر قۇردۇرغان بەزى ئىنشائاتلارنىڭ كۆرۈنۈشى، ئۈيى ۋە مەقبەرىسىنىڭ قىياپىتى، چاغداش رەسساملار سىزغان ناۋايى پوتېرىتلىرى، ئەدىپ ھاياتىغا دائىر تۈرلۈك ھۆججەت-ۋەسىقىلەر شائىر ئەسەرلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىلىرى، شۇ زاماندىن ھازىرغىچە، ئۆزبېكىستاندىن چەتئەللەرگىچە بولغان ناۋايىشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرى بەكمۇ ئىلمىي ۋە ئىدىتلىق تىزىلغان. كۆرگەزمىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەپلەرنىڭ بىرى، ئۆزبېكىستان خەلق رەسسامى چىڭگىز ئەھمەر ناۋايى ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس دەملەر ئۈچۈن سىزغان رەسىملەر بولۇپ، بۇلاردىن شائىرنىڭ سەللە ۋە تونلۇق ھاسىغا تايىنىپ تۇرغان ياشانغانلىق كۆرۈنۈشى، 1501-يىلى 31–دېكابىر ناۋايىنىڭ ئاستراباد ئۇرۇشىدىن قايتقان پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارانى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ سەكتەلنىپ ئاتتىن يىقىلىپ ھۇشسىزلانغان قىياپىتى(شائىرنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەن بۇ كۈن پەيشەنبە بولۇپ، ناۋايى شۇ ياتقىنىچە قوپالماي ئىندىنى يەنى3-يانۋار، يەكشەنبە ۋاپات بولغان)، مەشرەپنىڭ دارغا ئېسىلىشىلار ئاجايىپ ماھارەت بىلەن سىزىلغان. بۇلاردىن‹‹‹خەمسە›نىڭ سولتان ھۈسەيىنگە ئارمۇغان قىلىنىشى››(شائىرنىڭ ئېتىنى يېتىلەش) ناملىق رەسىم يارىتىلغان ئوبرازلىرىنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى، ھېسسىيات ئىپادىسىنىڭ يارقىنلىقى، تۈركىي ئەدەبىيات تارىخىدىكى جۈملىدىن پادىشاھ بىلەن شائىر ئوتتۇرىسىدىكى ئالەمشۇمۇل ۋەقەنىڭ چىن بەدىئىي خاتىرىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەشھۇردۇر. رەسسىم ناۋايىنىڭ ئۈلپەتلىرىدىن زەينىددىن مۇھەممەد ۋاسىفىينىڭ خاتىرىسى ئارقىلىق شەرقكە كەڭ تارقالغان مۇنداق بىر ھېكايىگە ئاساسەن سىزىلغان:
ئەلىشىر ناۋايى‹‹خەمسە››سىنى ھۈسەيىن بايقاراغا تەقدىم قىلغاندا، پادىشاھ ئالەمگە مەشھۇر ‹‹باغى ھۈسەينىي››گە ئوردا ئەمەلدارلىرى، ھىرات پازىللىرى ۋە سەنئەتكارلارنى يىغىپ:
-بىر ماجىرا ئۇزۇندىن بېرى ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا ھەل بولماي كەلدى، بۈگۈن شۇ ئىشنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك-،دېدى.
بۇ مەسىلە شۇنىڭدىن ئبارەت ئىدىكى، ھۈسەيىن بايقارا خېلىدىن بۇيان ئەلىشىرنىڭ مۇرىدى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى ۋە ئۇنى‹‹پىرىم›› دەپ ئاتايتتى.ئەلىشىر بولسا:
-يا ئاللا،يا ئاللا، بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى! ئەسلىدە بىز مۇرۇدمىز، سىز بولسىڭىز ھەممىمىزگە رەھنامىسىز، پىرسىز،-دەپ جاۋاپ بېرەتتى.
ئەمدى سولتان ھۈسەيىن ئەلىشىردىن سورىدى:
-ئېيتىڭچۇ، پىر نېمىيۇ، مۇرىد نېمە؟
-پىرنىڭ تىلىكى، مۇرىدنىڭ ئىستىكى بولماقتۇر،-جاۋاپ بەردى شائىر.
شۇ چاغدا سولتان ھۈسەيىن ئۈزىنىڭ ئاق ئېتىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرىدى. بۇ ئاجايىپ شوخ ۋە ئۇچقۇر ئات ئىدى.
سولتان ھۈسەيىن: ‹‹ئۇنداقتا سىز مۇرىد، مەن پىرىڭىز بولىدىغان بولسام، ئاتقا مىنىڭ، مەن ئۇنى يېتىلەيمەن››، دېدى.
ئەلىشىر بولسا: ‹‹مەن ‹سولتان ئات›قا مىنىپ كۆنمىگەن،مىنەلمەيمەن› ››دەپ پادىشانى سىپايىلىق بىلەن رەت قىلدى.
پادىشاھ ئەلىشىرنىڭ نازۇكلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سوراۋەردى.
-مەۋلانە،يەنە ئېيتىڭچۇ،شاھنىڭ ئەمرى نېمىدۇر؟
- ۋاجىپتۇر،
- مەن سىزنىڭ نېمىڭىز؟
-پادىشايىم، باشپانايىم.
- ئۇنداقتا، پادىشاھ ئەمرىدىن باش تارتىشنىڭ بائىسى نېمىدۇر؟
ئاقىۋەت ئەلىشىر ئاتقا مىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئالى ھەزرەت ئاتقا مىنىشى بىلەن پادىشاھ سولتان ھۈسەيىن بايقارا دۇردۇن ياغلىققا ئورالغان زەر مۇقاۋىلىق‹‹خەمسە››نى قولتۇقلىغىنىچە ئاتنى يېتىلەپ، مەيداننى ئايلىنىشقا باشلىدى. ئالەم پەيدا بولۇپ بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغاندى.بۇنى كۆرۈپ ئەركانۇ دۆلەتتىكى ياخشى-يامان ھەيرانلىق دېڭىزىغا چۆمدى.ئارتۇق ھاياجاندىن ئەلىشىر ھۇشىدىن كەتتى…
تەتقىقاتچىلارنىڭ يېزىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئوردىدا شائىرنىڭ دۈشمەنلىرى كۆپەيگەن، ئەل-ئىچىدىكى شۆھرىتىمۇ ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹ناۋايى مۇزېىي››مەنبەشۇناسلىق،يازغۇچىشۇناسلىق ئۇمۇمەن ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ جانلىق، تەسىرلىك تەربىيە مەكتىپىي بولۇپ، ئۇ ئۆز تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئارقىلىق مىللىي مەۋجۈتلىقىنى ساقلىغان ھەمدە تەرەققىياتقا يۈز لەنگەن بىر خەلقنىڭ پىداكارانە كۈرەش تارىخىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. مەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا كېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئۇنۋېرسىتېتدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناۋايى ئەنجۈمەنىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مۇزېىيدىن ۋاقتىنچە ئايرىلدىم. بېكەتتە ماشىنا ساقلىغاچ ئارقامدا قالغان شات-قايغۇلۇق ھاياتقا تەگسىز ئارزۇلار ۋە قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن يېنىش-يېنىشلاپ قارىدىم.
سىز ئۆبېكىستاننىڭ قېيىرىگە بارماڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆزلۈكىنى ئەسلىتىغان بەلگە- ئۇچۇرلارنى يولۇقتۇرىسىز. مەسىلەن،‹‹موللا بىلال كوچىسى››، ‹‹قەشقەر ئاشخانىسى››دېگەن ۋېۋىسكىلارنى ئۇچرىتىسىز. تاشكەنتدىن سەمەرقەند ھەتتا خارەزمگىچە ئاشخانا-رېستۇرانلارنىڭ ئىشىكىدىكى تاماق تىزىملىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىگە ‹‹ئۇيغۇر لەغمەن›› دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز. مەن بۇ ئەھۋالنى ‹‹سەمەرقەند سەيقەلى ئالەم››(سەمەرقەند ئالەمنىڭ كۈزى) مگە قىلغان سەپىرىمدىمۇ ئۇچراتتىم-دە، ‹‹ ئاشخاناڭلاردا ئۇيغۇر بارمۇ؟›› دەپ سورىغىنىمدا ‹‹بۇرۇن لاردا بولىدىغان، ھازىر يوق›› دەپ جاۋاپ بېرىشتى سىلىق-سىپايە خوجايىنلار. گەرچە ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى بۇ تائامنىڭ تەمى بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى سۆيۈملۈك لەغمەننىڭ لەززىتىگە ئانچە ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن شىرىن سۆز ئۆزبېك خەلقى ئۆز ئېگىمەنلىكىدە ‹‹ ئۇيغۇر لەغمەن›› دەپ ئاتىغاندەك، رېستۇرانچىلىق خېلى تەرەققى قىلغان يۇرتىمىزدا ئاشخانا خوجايىنلىرىدىن بىرىسى چىقىپ، تاماق مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەلۇم تۈرىنى ‹‹ئۇيغۇر››بىلەن ئاتاپ، ئەل ئېغىزىدا ئۇمۇمىلاشتۇرغېنى يوق. ئۈرۈمچىدە بارماق بىلەن سانىغىدەك كۆچا-جاي ئىسىملىرى قالغاننىڭ ئۈستىگە نۇمۇسسىزلىقىمىزدىن ئون ئادەمنىڭ سەككىزى، ھەتتا ئۈزنى زىيالىمەن دەۋالغان بىر قىسىملارمۇ ھۆكۈمەت قويۇپ بەرگەن خېلى مەشھۇر ‹‹ئۇيغۇر دوختۇرخانىسى››نى ‹‹مىنزۇ يىيۇئەن››دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.
تېمىغا قايتىپ كەلسەك، مەن خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن ‹‹ئۇيغۇر كوچا-10››بەلگىلىك كونا ئاپتوۋۇس كەلدى. شۇ ۋەجىدىن كىچىكلىكىمىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاپتۇبوسلارنى بالىلارنىڭ قوڭغاز ماشىنا دەيدىغانلىقى ئىسىمدىن كەچتى. ئاپتوۋۇس ماي توڭىنى ئۈس تىگە ئارتىۋالغانلىقىدەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى ئەسلىتپ تۇ راتتى. مەن بىرئاز ئەجەپلىنىپ ماشىنىغا چىقتىم. ئەمما كونا بولىشىغا قارىماي ئاپتوۋۇسنىڭ ئىچى پاكىز تازىلانغان ۋە رەتلىك كىيىنگەن ئادەملەر بىلەن تولغاندى. ‹‹ ھەي،نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆزبېكلەر ئۇيغۇرلارغا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپتۇ! بۇنداق ئىسىملارنى يات ئەللەر تۇرماق ئۆز يۇرتىمىزدىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ›› دېگەنلەرنى ئويلىدىم ئىچىمدە. دېمەك مەن بۇ قېتىم ‹‹ ئۇيغۇر لەغمەن›› دىن كېيىن ‹‹ئۇيغۇر كوچا-10››نى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولغانتىم. ‹‹ ئۇيغۇر كوچا-10›› دېگەنلىك 10-نومۇرلۇق بۇ ئاپتوۋۇس ئۇيغۇرلار مەھەللىسىگە بارىدۇ دېگەنلىك ئىدى. توپونۇمىيە ئىلىمىدە تەبىئىي كۆچا-كويلارنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ دەل مۇشۇ ماشىنا ‹‹ئۇيغۇر كوچا- 10›› دېگەن ۋېۋىسكىنى ئېسىۋېلىپ كۈنىگە نەچچە نۆۋەت، ھەپتىسىگە ۋە ھەتتا ئېيىغا نەچچە يۈز قېتىم ناۋايى كوچىسىنىڭ ئادەملەر مىغىلداپ تۇرىدىغان ئاۋات نوقتىلىرىدىن بولغان چارسۇ بازىرىدىن ئۆتۈپ، ئالەمگە ‹‹ئۇيغۇر››سۈزىنى تارقىتىدۇ، دېگەن گەپ! شۇ تۇرقىي بىلەن مەزكۇر ئاپتوۋۇس ماڭا بارغانچە كونا ئېلان سەنئەت بۇيۇمىدەك قىممەتلىك كۆرۈنمەكتە ئىدى. ‹‹ئۇيغۇر كوچا- 10››بىر خىل رېتىمدە لۆمۈلدەپ كېتىۋاتاتتى. يولدا مېڭىش خوشياقمىغاندەك ياكى ئۈستىدىكى خادىسى توك سىمىدىن چىقىپ كېتىپ توختاپ قالغان تىراللېبوسلار پات-پات ئۇچراپ تۇراتتى. تەگسىز ۋە ئەنسىز خىياللارغا بەنت ئىدىم.
-شوتتا ئوتتىرىڭ،-دېگەن ئاۋاز بىلەن ئۇزاق خىياللاردىن ئەندىكىپراق ئېسىمگە كەلدىم. 55ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان ئۆزبېك ئايال ئورۇندۇقنى بۇشاتقىنىچە يېنىمدا تۇراتتى. ‹‹ئۇيغۇر كوچا-10›› 20،30مىتىردەك ماڭغاندىن كېيىنمۇ ھېلىقى ئورۇندۇقتا ھېچكىم ئولتۇرمىدى. توغرىسى يېنىمىزدا بالا كۆتەرگەن، مېيىپ ياكى ياشتا چوڭراق بىرسى يوق ئىدى.
-سىزنى دىيەپمەن، ئوتىرىڭ،- دېدى ئايال، بۇ قېتىم ماڭا قاراپ تۇرۇپ. ئاپا پەس ئاۋازدا ئۆزبېكچە شۇنچىلىكلا گەپ قىلدى.
ئۇ قولۇمدىكى يۇغانراق كىتاپ سومىكىسىغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، ئەسلىدە ماڭا ئورۇن بوشىتىپ بەرگەنكەن، بىرئاز ئۇڭايسىزلاندىم. خىيالىمدىن ھەر خىل پىكىرلەر كەچتى. ‹‹ئۈزىچە مېنى ئۈزىدىنمۇ قېرى كۆرۈپتۇ-دە، قاملاشمىغانلىققۇ بۇ، نېرۋا بولسا كېرەك!›› دېگەنلەرنى ھەش-پەش دېگۈچە ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. شۇنداقتىمۇ:
-ئاپا، مەن دېگەن ياش، سىز ئولتۇرۇڭ، يەنە بىر بېكەتتىن كېيىن چۈشىمەن،-دېدىم ئايالغا تەمكىنىمنى بۇزماي.
-ھەي،ئوغلۇم، باشقىچە ئويلىماڭ، ھازىرقى دەۋىرنىڭ ياشلىرى ئائىلە، خىزمەت ۋە باشقا تىرىكچىلىكنىڭ غېمىدە يۈگىرەپ، بەكلا چارچايسىلەر. بىز قېرىلار ئەتىدىن-كەچكىچە ئۆيدە تۇرۇپ ئارام ئالىمىز، يەنىلا سىز ئولتۇرۇڭ،-دېدى ئاپا تولىمۇ سىپايىلىق بىلەن.
بۇنى بىزدىكى‹‹مەن ياشتا چوڭ بولغاچقا،ئورۇن بېرىشىڭ كېرەك››دېگەندەك قىلىپ، مۆدۈرلۈپلا كېلىدىغان كىشىلەرگە زادىلا سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى، ئەلۋەتتە! ۋۇجۇدۇمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن ئۆرلىگەن ئىسسىق ئېقىمدىن بوغۇزۇم توسۇلغاندەك بولدى. ئۆزۈمنى پىشانەمگە سوغۇق شامال ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلدىم. ئوتتۇرا ياشلاردىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىر جۈپ يوغان، نۇرلۇق قوي كۆزلىرى مەڭزىلىرىنى يۇرۇتۇپ، ئەمدىلا خوشلاشقان چوكانلىق لاتاپىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. چاچلىرىنى يارىشىملىق تۈگۈپ (بىزدىكىدەك ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار چاچلىرىنى كەستۈرۈپ بۈدۈر قىلىۋالىدىغان ياكى بۇيىۋالىدىغان ئىشلار ئۆزبېك ئاياللىرىدا ئاز) بوينىغا ناۋاترەڭ ھېلىلە ياغلىقنى شارپا قىلىپ ئارتىۋالغان بۇ ئايال كۆز ئالدىمدا شۇنچىلىك ئۇلۇغۋار، گۇيا ئاپامدەك مېھرىبان ۋە غايىۋىي بولۇپ گەۋدىلەنمەكتە ئىدى. ئاپتوۋۇس گەرچە ئىلگىرىكى قەشقەر كوچىلىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىنى ئەسلىتىدىغان، ئەمما ئىككى قاناتتىكى مەھەللىي ئۆيلەر زامانغا لايىق، زىچ قىلىپ سېلىنغان ئەگرى، لېكىن ھېسىپتەك ئۇزۇن ئۇيغۇر كوچىدا كېتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ماڭا بۇ بىزنى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئىللىق دەريا بۇيى يېشىللىققا ئىلىپ ماڭغاندەك كۆڭۈللۈك بىلىنمەكتە ئىدى. مەن ئۇنىۋېرسىتېت بېكىتىدە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئۇزاق سەپەرگە چىققاندەك بىر خىل رېتىمدە كېتىۋاتقان ‹‹ئۇيغۇر كوچا-10››نىڭ ئارقىسىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇردۇم…
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن-تاڭ، ئادىتىم بۇيىچە ئۆزبېك فىلولوگىيىسى فاكۇلتېتىنىڭ كۈتۈبخانىسىغا كىرىپ، ئىلمىي ئىشىمغا ئائىت ماتىرىياللارنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. سائەت 10لاردا يۇرۇق چىراي ۋە مېھرى ئىسسىق تەلەبە قىز يېنىمغا كېلىپ، ‹‹داملا،سىزنى ئۆزبېك تىلى كافىدىراسىدىكىلەر ئىزدىشىۋاتىدۇ›› دەپ ئۇقتۇردى. بەشىنچى قەۋەتتىكى تىل ئىشخانىسىغا ئەدەپ بىلەن كىردىم. ئىشخانىدىكى ھەممە نەرسە كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر بۇيۇم كافىدىرانىڭ ئەسلىدىكى كۆركەملىكىدىن بىشارەت بىرىپ تۇراتتى. سابىق ئىتتىپاق دەۋرىدە ئالى مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي ئىشخانا-كافىدىرالىرى يېرىم كۈتۈبخانىلاشتۇرۇلغان ئىكەن، ئىشخانىنىڭ كۈن پېتىشىدىكى پۈتۈن بىر تامنى بويلاپ قويۇلغان ئىشكاپقا تىلغا ئائىت ئۆزبېكچە، رۇسچە ۋە ئىنىگلىزچە…لۇغەت،كىتاپلار تىزىلغان.كۈن چىقىش تېمىغا:

تۈرك نەزمىدە چۇ تارتىپ مەن ئەلەم،
ئەيلەدىم ئول مەملەكەتنى يەك قەلەم.

بېيىتى يېزىلغان ناۋايىنىڭ ئۆلچەملىك رەسىمى ئېسىلغان. ئۇنىڭ ئاستىغا سوۋېت تۈركۈ لوگلىرىنىڭ ئۆزبېك تىلىنى تارىخىي باسقۇچلارغا ئايرىپ چۈشەندۈرگەن سېخىمىلىق خەرىتىسى چاپلانغان بولۇپ، بىرىنچى قۇردا كۆرسىتىلگىنى مالوفنىڭ ‹‹ئۇيغۇر تىلى← چاغاتاي ئەدەبىي تىلى← سوۋېت دەۋرى ئۆزبېك تىلى›› دېگەن بۆلۈش ئۇسۇلى ئىكەن. ‹‹مالوف،تىلىمىزغا قەدىمىيەت ئابىدىسى نوقتىسىدىن قارىغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت! لېكىن‹ئۇيغۇر تىلى› 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغۇىسىغىچە ئىلمىي ئىملا قائىدىسىگە ئېرىشەلمىگەن ئاز ساندىكى بەختسىز تىللارنىڭ بىرى›› دېگەنلەر خىيالىمدىن تېزلىكتە كېچىپ ئۈلگۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشخانىدىكى كىيىم ئاسقۇچ، بوي ئەينەك، ئۆستۈرۈلگەن گۈل، پولدىكى گىلەم، توڭلاتقۇ، يىغىن ۋە دەرس تەييارلىقى ئۈچۈن قويۇلغان يۇغان، يۇمىلاق ئۈستەل قاتارلىقلار مائارىپقا بولغان ئېتىۋار بىلەن ئادەمنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا بۇنى ئىشخانا ئەمەس ئارام بەخىش ئۆيكۈتۈبخانا، دېگەن تۈزۈك ئىدى.
-خۇش كېلىپسىز ئۇيغۇر يىگىت،-دېدى كافىدىرا باشلىقى دادابايىۋ يېزىۋاتقان نەرسىسىدىن باش كۆتۈرۈپ ۋە سۈرلۈكراق قىياپەتتە سۈزىنى داۋاملاشتۇردى:
- بۈگۈن ناۋايى ھەزرەتلىرىنىڭ تەۋەللۇت ئايەم كۈنى. ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ يېنىدىكى ئاكا دېمىك لېتسى(ئالى تۇلۇق ئوتتۇرا) دا ئوقۇغۇچىلار بىلەن شائىر ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ بارماقچىمىز. سىزنى ئۇيغۇرلاردىكى ناۋايىشۇناسلىق ھەققىدە سۈزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلساق بۇلامدۇ؟-بۇ ھەقدىكى پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولسام؟
- ئۇستاز، ئالدى بىلەن ئىلتىپاتىڭىزغا كۆپ رەھمەت، مەن ناۋايىشۇناس ئەمەس، ئەمما بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىمنى سىزدىن، ئۇقۇغاچىلاردىن ئايىمايمەن،-جاۋاپ بەردىم قەتئىيلىك بىلەن.
-يارايسىز، ئەمما بىر شەرت ‹‹ناۋايى ئۇيغۇر›› دېگەن گەپنى تىلغا ئالماسلىقىڭىز كېرەك،- دەپ شۇنچىكىلا قوشۇپ قويدى داملا.
دادابايىۋ 60 ياشلاردىكى،ئىگىز ۋە گەۋدىلىك، يارىشىملىق چاچ –بۇرۇتلىرىغا ئاق سانجىغان ھەمدە تۆرت جىلدلىق ‹‹ناۋايى ئەسەرلىرى تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى››نىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىسى بولۇپ،يۇقىرى قاتلام ئۆزبېك زىيالىلىرىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. نېمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ بۇ سۈزىگە مەلۇم ئىشەنچىسىزلىك كۆلەڭگە تاشلىغاندەك قىلاتتى.
-داملا،ئەلۋەتتە ھەممە گەپ ماڭا بەرگەن سۆز ھوقوقىڭىزنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن ‹‹ناۋايىنى ئۇيغۇر›› دېمىگەن تەقدىردىمۇ ‹‹ناۋايى بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مەشھۇر شائىرى، دېمەسلىككە زادىلا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزۈمگە يۈز كېلەلمەيمەن›› دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاق ئارىلاش. بۇ مېنىڭ تاشكەنتتە كەلگىنىمگە بەش ئاي بولغان شۇنداقلا فاكۇلتېتدىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار بىلەن خېلى ئۆزلىشىپ قالغان چاغلىرىم ئىدى. ئۇ پىكىرىمگە ئارتۇقچە ئېتىبار بېرىپ كەتمىدىمۇ ئىشقىلىپ باشقىچە ئىپادىدە بولمىدى. بىز كېتىۋاتاتتۇق. شۇنداق ئويلار خىيالىمدىن كەچتى: ‹‹ئېھتىمال،ناۋايى ھەققىدىكى تەتقىقات رۇس ئالىملىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن زىددىيەتلىك يولغا ماڭغاندۇر. بولمىسا كونا كىتاپلارنىڭ قۇرلىرىدىن شۇنچە زېھىن قويۇپ پاكىت ئىزدەيدىغان ھەتتا ئۇ ئۇنداق دېمىسىمۇ، مۇنداق دېمەكچى ئىدى. پالانىنىڭ بۇ گەپىدىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ ›› دەپ سۇبىكتىپ قىياسلىرىنى ئىلمىي پاكىت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن بۇ ئادەملەر نېمە ئۈچۈن ‹‹تارىخىي رەشىدى››دىكى قۇياشتەك ھەقىقەتنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ. ئۇنداقتا ئىلمىي تەتقىقاتدا بىز ھازىر يۈزدە-يۈز ھەقىقەت دەپ قارىغان نۇرغۇن نەرسىلەر ساختا،مۇتلەق ئويدۇرما، نەيرەڭۋازلىق دەپ بىلگەن كۆپ نەرسىلەر ھەقىقىەت بولۇپ چىقمامدۇ! ئۇ لۇغ ئەللامە مىرزا ئابدۇقادىر بېدىل بىر شېئىردا پەرۋانىنىڭ تىلى ئارقىلىق مۇشۇنداق كىشىلەرنى يۇرۇقلۇق ۋە رىئاللىقنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ‹‹كىتاپ قۇرتلىرى›› دەپ مەسخىرە قىلغان. دېمەك نېمىلا دېگەن بىلەن ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغىمۇ مەنپەئەتدارلىق يۇشۇرۇنغان ئىكەن، خۇددى ھېلى دادابايېۋ ئېيىتقاندەك ھەقىقەتمۇ شەرتلىك بولىدىكەن.
شۇنداق قىلىپ بىز بىر نەچچىيلەن ئاكادېمىك لېتسىنىڭ چوڭ زالىغا كىردۇق. ئاق كۆي نەككە گالاستۇق تاقاپ،قاراشىم كىيگەن (بۇ ئۇلارنىڭ مەكتەپ پورمىسى بولۇپ،ھەممە ئوقۇغۇچى كاستىيۇمنى بىناغا كىرگەندىكى چوڭ زالغا ئېسىپ قويىدىكەن) يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى مەجلىسنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمەت سالامى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىزنى تۇنۇشتۇرىشىدىن كېيىن ئىككى داملا ناۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە لېكسىيە قىلدى. ئاندىن ‹‹ئەمدى سۆز ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسى تۇرسۇن قۇربانغا›› دېگەن تەكلىپتىن كېيىن مىكروفۇننى قولۇمغا ئالدىم:
-مەن جوڭگو (ئەمەلىيەتتە ئۆزبېكلەر بۇنداق دېسە چۈشەنمەيدۇ) نىڭ شىجاڭ ئۇيغۇر مۇختار ۋىلايىتىدىن گۈزەل تاشكەنت شەھەرىڭلەرگە كەلگەن تەتقىقاتچىمەن. مەيلى ناۋايىنىڭ 20 توملۇق مۇكەممەل ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشىر قىلىپ، شائىرنىڭ ھەيكىلىنى قاتتۇرۇشتا بولسۇن ياكى ناۋايى ۋىلايىتىدەك كۆپلىگەن جاي ۋە دۆلەتلىك ناۋايى مۇكاپاتىدەك ئىلمىي جەمغەرمىلەرنى شائىرنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ ئۇنىڭغا تۈگىمەس شان-شەرەپ كەلتۈرۈشتە بولسۇن ئۆزبېكىستان دۇنيا ناۋايىشۇناسلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى. سىلەردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ كەلدۇق. لېكىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەلىشىر ناۋايى تەتقىقاتى بويىچە قىلغان ئىشلىرىمىز ئاز ئەمەس. ھازىر شىنجادا ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلار ئىچىدە ناۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كىتابەت نۇسخىلىرى ھەممىدىن كۆپ. مەسىلەن،1952-1959-يىللاردا شىنجاڭ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشتە 2000 پارچە قوليازما تېپىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى ناۋايى ئەسەرلىرى ئىگەللەيدۇ. بىزدە ‹‹خەمسە››چىلىك ئەنئەنىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان. بولۇپمۇ مەشھۇر ‹‹ئۇيغۇر12مۇ قامى››دا ناۋايىنىڭ 100دەك غەزىلى (1250مىسرا ئەتراپىدا) ئاھاڭغا سېلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمىتىمىز زور كۈچ بىلەن مەبلەخ سېلىپ، ھەر بىر مۇقامغا بىردىن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئەرەپچە ۋە ئېنىگلىزچە تۆت خىل تىلدا نوتىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ دۇنياغا تارقاتقان 12 توملۇق پىلاستىنكىلىق زامانىۋىي مۇزىكا قامۇسىنىڭ تەركىبىدە بۇ غەزەللەر يەر شارىنىڭ تۈركىيلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بارلىكى بۈرجىكىدە جاراڭلىماقتا. ھازىر ‹‹جوڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ‹12مۇقام› ئىلمىي جەمئيىتى›› ناۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇلۇق تومىنى مەتىن فاكسېمىلى ۋە تىرانسىكرېپىيىسى بىلەن قوشۇپ نەشىر قىلىشنى پىلانلىدى. دېمەك ئەلىشىر ناۋايى قېرىنداش ئۆزبەك خەلقىنىڭ قانچىلىك سۆيۈملىك شائىرى بولسا، تارىختىن بۇيلاپ جوڭگونىڭ باي ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىنى مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىگە تارقىتىپ، باشقا تۈركىي جەلقلەرنىڭ جەمئىيەت ۋە تىل-ئەدەبىيات تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلگەن خۇسۇسەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت بايراقدارى بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق ئۇلۇغ شائىرىمىز، بۇ ھەقتە ھەممىگە ئېنىق پاكىتلار بار، ئەمما مەنىۋىي چاڭقاقلىقىمىزنى قاندۇرۇشتا ناۋايى غەزىنىسى سۈيىنى مەڭگۈ ئىچىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بىر دېڭىزدۇركى، خەلقلىرىمىز ئۇنىڭدىن قانغىچە بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق-دېگەن ئۇرغۇلۇق جۈملىلەر بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇردۇم. يېنىمدىكى داملا پىشىمنى تارتىپ تۇرسىمۇ، ماڭا بىرىلگەن 10مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئويلىغانلىرىمنى ئۆزبېكچە-ئۇيغۇرچە ئارىلاش ئەنە شۇنداق دەۋالغانلىقىمدىن ئىچىم بوشاپ، كۆڭلۈم يۇرىدى. مەجلىسنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا ئۇستازلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناۋايى نېمىشقا ئۆيلەنمىگەن، قەبرىسى ھازىر ساقلانغانمۇ، تۇنجى شېئىرىسىنى قايسى تىلدا يازغان، ‹‹ دىۋان فانى››نىڭ فارس -تاجىك تىلىدىكى تەسىرى قانداق؟ دېگەندەك تانسۇق سۇئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىشتى.
ئاخىردا مەكتەپ مۇدىرى ‹‹نۆۋەتتە يىغىنىمىزنىڭ يېڭى كۈن تەرتىبىي بويىچە، توققۇزىنچى سىنىپ تەلەبەسى مۇنىسە بىزگە ناۋايىدىن بىر ئاشۇلە (ناخشا) ئورۇنلاپ بېرىدۇ›› دەپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ سۈزى تۈگىشى بىلەن ھەشەمەتلىك، يۇغان زالنىڭ كۈن پېتىش يېقىدىن گۈلدىراس ئالقىشلار ئىچىدە ئۈچ قىز سەھنىگە چىقىپ، نېمە ئۈچۈندۇر چەتتىكى ئىككىسى قايتىپ كېتىشتى.مەڭزىلىرى ھال سېرىق مۇنىسە گۈزەل ۋە سەبىئىي كۆرىنەتتى. قىز ناۋايى بوۋىنىڭ ئەۋلادى سۈپىتىدە شائىرنىڭ مەشھۇر ‹‹ قارا كۆزۈم ››ناملىق غەزىلىگە ئىشلەنگەن ناخشىنى ئورۇنلىماقتا ئىدى:

قارا كۆزۈم،كەلۇ مەردۇملۇغ ئەمدى فەن قىلغىل،
كۆزۈم قارەسىدا مەردۇم كەبى ۋەتەن قىلغىل.
يۈزۈڭ گۈلىگە كۆڭۈل رەۋزەسىدىن ياسا گۈلشەن،
قەدىڭ نىھالىغە جان گۈلشەنىن چەمەن قىلغىل…
يۈزۈڭ ۋىسالىغە يەتسۇن دېسەڭ كۆڭۈللەرنى،
ساچىڭنى باشتىن ئاياغ ئىلە شىكەن قىلغىل…
يۈزىدە تەرنى كۆرۈپ ئۆلسەم،ئەي رەفىق،مېنى،
گۇلاب ئىلە يۇيۇ گۈل بەرگىدىن كەفەن قىلغىل…

 شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، ئۆزبېكىستاندا نەشىر قىلىنغان ھەر خىل سەۋىيە ۋە دەرىجىدىكى ئادىمىيات پەنلىرى، جۈملىدىن دەرسلىك كىتابلاردا ئەىشىر ناۋايىنىڭ تەرجىمىھالى، ئەسەرلىرى ۋە بۇ ھەققىكى تەتقىقاتلار چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يەنە داستانلىرىنىڭ ئاممىباپ نەسىرى ئوقۇشلۇقلىرىمۇ ئىشلەنگەن. شۇڭا مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەر ئادەتتىكى نۇتۇقلىرىدىمۇ ناۋايىدىن شىپىي كەلتۈرۈپ سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن. دېمەك ئۆزبېك خەلقى ئۇلۇقلارنى ھۆرمەتلەشنى، بۇ ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى ساقلاشنى ۋە بۇنداق ئۇمۇملاشقان ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈزىنى دۇنياغا تۇنۇتۇشنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ دەرسلىكلىرىمىزدە ناۋايىغا ئائىت مەزمۇنلار يوقنىڭ ئورنىدا. ھەتتا ئالى مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تەمتىرىمەي تۇرۇپ شائىرنىڭ بىرنەچچە ئاساسلىق ئەسەرلىرى نىڭ نامىنى ئىېيتىپ بېرەلمەيدۇ. دەرس ئۆتۈش جەريانىدا بۇ بىز كۆپ يولۇقىدىغان ئەمەلىيەت. ‹‹قارا كۆزۈم›› غەزىلىنى ئوقۇغۇچى تۇرماق، بىزدە خېلى كۆپ داڭلىق شائىر ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ بىلىشى ناتايىن! كۈنىمىزدە بۇ خىل يامان يۈزلىنىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەممىزگە ئايان!
زالدا ناخشىغا تەڭكەش قىلىنىپ، رىتىملىق چاۋاك ساداسى ياڭرىماقتا ئىدى. چىرايلىق مۇنىسەنىڭ قويۇن ۋە ئېتەكلىرى گۈلگە تولدى. ئۆسكىلەڭ ماڭلايلىرى بىلەن دۇلىسىنى بېسىپ تۇرغان ئىككى ئۆرۈم چېچى شۇ تاپتا گۈل تۇتۇپ تۇرغان ھالىتى بىلەن قىزنى كىچىك پەرىشتەگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندى قىز مەجاز ياكى سۆز سەنئىتى ماھارىتى مىسلىسىز، ئاۋاز ئەگىتمىلىرى مۇرەككەپ، چۈشەنمەك قىيىن بۇ غەزەلنى ئۆزبېك مۇقاملىرىغا بەستلەنگەن شۇ ناملىق شېئىرنىڭ ئاھاڭىغا تەقلىت قىلىپ كۈيلىگەندى. غەزەلنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى بېيىتلىرىنى ئوقۇغاندا، بىر خىل ئىچكى ئۆرتىنىشتىن بولسا كېرەك ،مۇنىسەنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلۈپ ۋە تىترەپ توختىدى.10 مېتىردەك يىراقلىقتىن گۆدەك قىزنىڭ ئىككى مەڭزىدىن شام ئىرىگەندىكى كۈمۈش مەرۋايىتتەك نەملىكنىڭ بويۇنلىرىغىچە پاقىراپ سىرغىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مۇنىسە كۆزلىرى ئۇچۇق ئەما ئىدى…ئەقەللىسى ئۇنىڭغا ئاتا-ئانىسىنىڭ تۈگەل ئۈزىنىڭ چىرايىنى كۆرۈشمۇ نېسىپ بولمىغان. ئۇنىڭ ناخشا ئېيىتقاندىكى مۇڭلۇق قىياپىتى زادىلا كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. تەڭرىدىن يۇرۇقلۇق ۋە مۆجىزە تىلەپ ناۋيىنىڭ ‹‹قارا كۆزۈم›› مىگە مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى ئۇزۇندىن كېيىن ھېس قىلدىم. ناۋايى نېمە دېگەن بەخىتلىك ئىنسان-ھە! 5يۈز يىلدىن بېرى ئۇنىڭ نەزمىلىرى تىل، ئېرق ۋە مىللەت چېگىرىسىدىن ھال قىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدە ھېچ ئىجازەتسىز ھالدا ساياھەت قىلىپ يۈرۈمەكتە. دۇنيادا ياخشى، گۈزەل ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ھەممە ئادەمنىڭ مېنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى توختىماي تالاشسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ھامان مەنسۇبىيىتى بولىدۇ تۈركىي ئەدىپلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنى پىر-ئۇستاز تۇتمىغانلىرى يوق. ئەل ئىچىدىكى مەشرەپ- سامالار، غېرىپلار ھېكايىتى ۋە ياشلارنىڭ مۇھەببەت مەكتۇپلىرىنىڭ ھەممىسى ئەلىشىرناۋايى سىز بولمىغان. مانا قارىمامسىز،21 –ئەسىردىكى بىر ئاجىزە كۆڭۈل ئىزھارى ۋە بارلىق دەرت- ئستەكلىرى ئۈچۈن شائىرلار ھەم شېئىرلار ئىچىدىن ئەلىشىر ناۋايىنى ئەڭ مەقبۇل شائىر قىلىپ تاللىۋالغان. قىقاس-چوقانلىق زال بىر لەھزە جىمجىتلىقتىن كېيىن يەنە جانلى نىشقا باشلىدى. مۇنازىرىلىك ۋە تەسىرلىك سۆھبەتنى زورىغا ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەلەبەلەر بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا خوشلىشىپ سىرتقا چىقساق يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ.
تاشكەنتنىڭ يامغۇرى كۈچلۈك ۋە ئۆتكۈنچى ئىدى. تەبىئەت گويا مەيۈس كۆڭلۈمگە غەمخانە بولىۋاتاتتى. ئۈزەمنى گويا يامغۇر سىمفونىيىسى ئىچىدە زىمىنغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم. مەن بىر شېئىردىن تاشكەنتنىڭ سۈيى قىزلارنىڭ لىۋىدەك تاتلىق، دېگەن سەترلەرنى ئوقۇغان. دېمىسىمۇ باشقا يۇرتدىن كەلگەنلەر تاشكەنتنىڭ سۈيىدىن سوغىلىق ئۈچۈن ئىېلىپ كېتىشىدىكەن. شۇ تاپتا يامغۇر يۈز ۋە لەۋلىرىمىنى سالقىن ۋە تاتلىق قىلىپ ئاقماقتا ئىدى. يىراقتىكى يامغۇرلۇق تۇماندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇنىسەنى كۈنلۈك ئاستىغا ئېلىپ ھەسەل ھەرىلىرىدەك توپلاشقىنىچە ياتاقلىرىغا قايتىۋاتقانلىقىنى نېپىز پەردە ئارقىسىدىكىدەك خىرى-شىرە كۆرۈپ قالدىم.

( ئاخىرى بار )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif