رەيھان
___ ئۇيغۇرلار قەدىمدىن رەيھانگۈلگە ئوخشاش خۇشپۇراق گۈل – ئۆسۈملۈكلەرنى چاي ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ئۆي ھاۋاسىنى تەڭشەيدۇ. ئاش – پولولارغا باسىدۇ. ئۆلگەنلەر بىلەن قەۋرىگە قويىدۇ. چۈنكى رەيھان جەننەتتىن چىققان.
___ ئانام ئاغزىدىن
ئەجەپ چىرايلىق پۇرۇدۇڭ رەيھان،
ئولتۇرغان چېغىمدا خانەمدە ئاخشام.
ئەسلىدىم سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى،
چۈنكى سەن ھاياتىم، يۈرىكىم، ناخشام.
باراڭنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغان بوۋام،
چاي ئىچىپ ئاغزىنى قويىدۇ تامشىپ.
چۈنكى سەن چېيىغا قوشۇلغان ئۇنىڭ،
سەن بىلەن ياشلىققا قالار تارتىشىپ.
ئەسلىمەستىن تۇرالىسۇن ئۇ قانداق،
رەيھان پۇراپ، رەيھان ئۈزگەن كوچىنى.
رەيھانىنى كۈلدۈرگەن ھەم سەن بىلەن،
سېنى پۇراپ ئۆتكۈزۈشكەن كېچىنى.
ئاھ، ئۇ چاغلار، ئاشۇ مەلە – كوچىلار،
رەيھان پۇراپ قالغان ھەتتا ناخشىلار.
ساڭا ئاشىق ئىدى چوڭى – كىچىكى،
قەۋرىسىگە ئېپ كېتەتتى ياخشىلار.
نە بولدۇڭكى يۈتۈپ كەتتىڭ بىر زامان،
ئىزدەپ يۈردۈم چۆچەكلەردىن ئىسمىڭنى.
بۈگۈن يەنە ئۇچۇپ كەپسەن يېنىمغا،
كەل رەيھانىم، چىڭ قۇچاقلاي مەن سېنى.
ئالدىنقى يازما: ئەدەبىي تەنقىتچىلىكنىڭ خاراكتىرى
كېيىنكى يازما: 4- نۆۋەتلىك شەھەر ئەدەبىياتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئارسلان تالىپ ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
بۇ يازمىغا (7) پارچە ئىنكاس يېزىلدى
«رەيھان» دېگەن خەتنى كۆرسەملا باشقىچە جانلىنىپ كېتىمەن. «رەيھان» ھەقىقەتەن يەكتا قىسمەت. «رەيھان»غا ھەردەقىق نۇسرەتلەر پايانداز بولسۇن، يۈرەكلەر ئۇنىڭ ھىدىغا چىدار بولسۇن…
بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ بولغان بولساممۇ، «رەيھان» دېگەن ئىسىمنى يەنە بىر كۆرۈش ئۈچۈن بۇ كېچىدە يەنە تورغا چىقىپ، ھاياجان بىلەن ئىنكاس يېزىۋاتىمەن. «رەيھان» قىسقا قىسمەت، يەكتا قىسمەت…(سەبرە قىلايلى)
مەرھابا، گەرچە شېئىر ياخشى يېزىلمىغان بولسىمۇ، ھەزرەتئېلىنىڭ رەيھانغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىرىنى قايتا قوزغىتىپتۇ، شائىرلارغا خاس قىزغىنلىق ۋە تەسەۋۋۇرىڭىز رەيھاندەك ياشنىسۇن، رەيھاندەك مېھىرلىك، رەيھاندەك سېھىرلىك بولسۇن!
بۇ شېىرنىڭ .اپتۇرى ؟
بلوگدىكى ئاپتورى ئەسكەرتىلگەن ئەسەرلەردىن باشقىلىرى بلوگ قۇرغۇچىسىغا تەۋە.
ئەسسالام نۇھ ئەپەندى-ئالدى بىلەن سىزنىڭ ۋە بارلىق تورداشلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن!!!
(رەيھان) دېگەن بۇ شېئىرنى ئۇقۇپ ئالدى بىلەن ئەدەبىياتتىكى ئەبۇ رەيھان بىرۇنى(973-1048) ئسىمگە كەلدى!
ياخشى يېزىلغان شېئىركەن!!
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام رىفئەت سىزنىڭ ھەم قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.