ئەدەبىي زوق ۋە تەنقىدنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى
ئەدەبىي زوق ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكى كىتاپخانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەدەبىي زوق بولسا بىر خىل ئىشتىن سىرتقى مەنئىۋىي روھى پائالىيەت. ئۇ ئومۇمىيلىققا، ئاممىۋىلىققا ئىگە، گەرچە ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى ھەر خىل بولسىمۇ، پەقەت ئەدەبىي ئەسەر ئوقىغان بولسىلا، ئۇ ئەدەبىي زوق پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا ھەرقانداق ئادەم ئەدەبىي ئوبزورچى بولالايدۇ، بىراق ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن، مەلۇم كەسپىي تەربىيىلىنىشكە قاتنىشىشى، بەلگىلىك كەسپىي بىلىمگە ئىگە كەسپىي ساھادىكى مۇتەخەسىس بولۇشى كېرەك. ئۇ ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇرمىنى، زوقلانغۇچىسى، يەنە ئادەتتىكى زوقلانغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بەدىئىي ئوبرازلارنى تېخىمۇ ھىس قىلالايدىغان، ئەسەر مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنەلەيدىغان، ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋىي ۋە بەدىئىي قىممىتىگە توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان بولىشى كېرەك. مۇنەۋۋەر بىر تەنقىدچى چوقۇم مۇنەۋۋەر بىر زوقلانغۇچى بولالايدۇ لېكىن مۇنەۋۋەر بىر زوقلانغۇچىنىڭ بىر تەنقىدچى بولۇپ چىقالىشى ناتايىن. تەنقىدچىلەر سان جەھەتتە ئاز سانلىق بولىدۇ لېكىن كۆزقاراشلىرى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. تەنقىدچىلەرنىڭ زوقلىنىش قابىلىيىتى، زوقلىنىش ھەۋىسى، زوقلىنىش ئىستىكى كۆپچىلىك ئاممىغا ۋەكىللىك قىلغان شۇنداقلا ئادەتتىكى ئاممىدىن يۇقىرى تۇرغاندىلا، تەنقىد ئاممىنىڭ زوقلىنىش ئىستىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولالايدۇ ھەم شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئەدەبىي زوقىغا يېتەكچىلىك رولىنى ئادا قىلالايدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن، ئەدەبىي تەقىد ئەدەبىي زوقنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە تەرەققىياتى، ئۇ ئالاھىدە بىر ئىلمىي پائالىيەت. ئەدەبىي زوق ۋە ئەدەبىي تەقىد ئۆزارا مۇناسىۋەتلىك لېكىن بىر – بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
ئالدىنقى يازما: ئەدەبىي زوقلىنىش ۋە تەنقىدنىڭ ئوبېكىت دائىرىسى
كېيىنكى يازما: ئايدىكى ئىت