نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي تەنقىد
بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (3)

بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (3)

ۋاقتى: 2012 - يىلى 19 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: ئىنكاس چەكلىۋېتىلگەن | زىيارەت: 445 قېتىم


بۇغدا ئابدۇللانىڭ لىرىك شېئىرلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، تارىخ، رىۋايەت، مىللىي كۈلتۈرەل تېمىلارنى مەنبە قىلغان، ئەنئەنىۋىي شېئىرلار ۋە يېڭىچە شېئىرلارنىڭ بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىرىدىن تەڭ بەھر ئېلىپ، ھىسسىيات ۋە ئەقلىلىكنىڭ، ئۆزلۈك ۋە ئىنسانىيەت كۈلتۈر ئېڭىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بەدىئى مەنزىلى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى.

[ تەپسىلاتى ]

بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (2)

بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (2)

ۋاقتى: 2012 - يىلى 17 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 436 قېتىم


شائىرنىڭ بۇ خىل رىۋايەت تۈسىدىكى تېمىلىرى ماكان- زامانسىزلاشتۇرۇلغان، شېئىرىي پىكىر يوشۇرۇن ۋە غۇۋا، ناھايىتى زور شېئىرىي بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولۇپ، كىتاپخاننى ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى ئارقىلىق ئىنسان تەقدىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۈرگە يېتەكلەيدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (1)

بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (1)

ۋاقتى: 2012 - يىلى 7 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 558 قېتىم


شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى شائىر ئۆزلىكىنىڭ ئېچىلىشىدىن ئىبارەت. بۇغدا ئابدۇللا زامانىمىزدىكى ساناقلىق لىرىك شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ لىرىك شېئىر ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرى ئالاھىدە خاسلىققا ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي زوق ۋە تەنقىدنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى

ئەدەبىي زوق ۋە تەنقىدنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى

ۋاقتى: 2012 - يىلى 23 - فېۋرال | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 570 قېتىم


مۇنەۋۋەر بىر تەنقىدچى چوقۇم مۇنەۋۋەر بىر زوقلانغۇچى بولالايدۇ لېكىن مۇنەۋۋەر بىر زوقلانغۇچىنىڭ بىر تەنقىدچى بولۇپ چىقالىشى ناتايىن. تەنقىدچىلەر سان جەھەتتە ئاز سانلىق بولىدۇ لېكىن كۆزقاراشلىرى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. تەنقىدچىلەرنىڭ زوقلىنىش قابىلىيىتى، زوقلىنىش ھەۋىسى، زوقلىنىش ئىستىكى كۆپچىلىك ئاممىغا ۋەكىللىك قىلغان شۇنداقلا ئادەتتىكى ئاممىدىن يۇقىرى تۇرغاندىلا، تەنقىد ئاممىنىڭ زوقلىنىش ئىستىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولالايدۇ ھەم شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئەدەبىي زوقىغا يېتەكچىلىك رولىنى ئادا قىلالايدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي زوقلىنىش ۋە تەنقىدنىڭ ئوبېكىت دائىرىسى

ئەدەبىي زوقلىنىش ۋە تەنقىدنىڭ ئوبېكىت دائىرىسى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 21 - دېكابىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 815 قېتىم


زوردۇن سابىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا چوڭ بىر تېما. زوردۇن سابىر ياراتقان پروزا يولى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ ئەدەبىياتقا قويغان چەكلىمىلىكلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، جاراھەت ئەدەبىياتى ھادىسىسى داۋامىدا رىئالىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەپەككۈر دەۋرلىرىدە چېنىقىپ، « ئانا يۇرت » سۆيگۈسىدە خاس ئۇسلۇبىنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلدى. دىمەك زوردۇن سابىرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يېڭى دەۋر پروزىچىلىقىنىڭ ئەگرى – توقاي تەرەققىيات يولى ۋە زوردۇن سابىرنىڭ مىللىي پروزىچىلىق ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن جەريانىغا چۆكىشىمىز كېرەك.

[ تەپسىلاتى ]

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 3 )

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 3 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 23 - نويابىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 874 قېتىم


ئەدەبىيات مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە مەدەنىيەتمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئەكس ئەتتۈرىشتىكى بىر كۆزنىكىدىن ئىبارەت. مەدەنىيەت ناھايىتى چوڭ كاتوگىرىيە، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي تۇمۇش، ئاڭ – ئىدولوگىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر پارچە روماندا ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.«جاللات خېنىم» رومانىدىمۇ بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن نۇقتىلار تەبىئى ھالدا مەلۇم چوڭقۇرلۇقتا ئىپادىلەنگەن. لېكىن يۇقىرىقى نۇقتىلارنىڭ ئىچىدە  ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئىدولوگىيە كۈلتۈرىنى [...]

[ تەپسىلاتى ]

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 2 )

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 2 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 11 - نويابىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 770 قېتىم


«جاللات خېنىم» رومانىدىكى يىلنامە پەقەت تارىخىي مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەر نېگىزىدە ئۆسۈۋاتقان ئوبرازلار زىدىىيىتىدە رىئاللاشمايدۇ. روماننىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇ يەردىكى روماندا ئاشكارە، سان – سېفىر بىلەن مەيدانغا كەلگەن زامان يىلنامىسىدىن باشقا يەنە ئەسەرنىڭ شەكلى ۋە ئىدىيىۋىي مەزمۇن قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدولوگىيىلىك- كۈلتۈر يىلنامىسىنى ھىس قىلىشقا بولىدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 1 )

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 1 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 8 - نويابىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 4 پارچە | زىيارەت: 1,357 قېتىم


تارىخ بىزگە نۇرغۇنلىغان سىرلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. تارىخ ئەسلىدىنلا چېگىش بولىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر تارىخ مەلۇم سىنىپىي جەمىيەت ۋە گۇرۇھنىڭ غالىپلىق ناخشىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا تارىخنامىلەرگە يېزىلغان تارىخ بىلەن خەلقنىڭ قەلبىگە يېزىلغان تارىخ ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پەرق ۋە ئوخشىماسلىقنىڭ بولىشى تارىخنىڭ كۆپ قاتلاملىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا تەتقىق قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

زوق بىلەن تەنقىدنىڭ ئەدەبىي ئەسەرنى ئىگىلەش ئۇسۇلى

زوق بىلەن تەنقىدنىڭ ئەدەبىي ئەسەرنى ئىگىلەش ئۇسۇلى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 937 قېتىم


ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاساسلىقى تەنقىدچىنىڭ شەخسىي قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ بەلكى ئۇ ياخشى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەن ئەسەر ھازىرلىغان تارىخىي، ئوبېكتىپ بەدىئى قىممىتىگە ھۆكۈم يۈرگىزىدۇ. ئادەتتىكى زوقلانغۇچىلار ئەدەبىي ئەسەردىكى بەدىئى سەزگۈسىگە تايانسا بولىدۇ، لېكىن تەنقىدچىلەر بەدىئى سەزگۈسىگە تايىنىشقا بولمايدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

   نىمە ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇيسىز؟  قانداق ئوقۇيسىز؟

نىمە ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇيسىز؟ قانداق ئوقۇيسىز؟

ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئۆكتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 938 قېتىم


ئوقۇش بىر خىل ئېستېتىك ھەركەت. لېكىن تۇرمۇشتا بۇ خىل ھەركەتنى قېلىپقا سېلىپ يۈرۈش مۈمكىن ئەمەس. گەرچە يۇقىرىدا نەزەرىيىۋىي مەسىلىلەرنى سۆزلىگەن بولساقمۇ، لېكىن كىتاپخانلارنىڭ ئۆزىگە خاس كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئادەت خاراكتېرلىك ئوقۇش ئۇسۇلى بىزگە نەپ بەرگەن ياكى كىتاپتىن زېرىكتۈرگەن بولۇشى مۈمكىن، ئۇنداقتا قېنى سىز كىتاپنى نىمە ئۈچۈن ئوقۇيسىز؟ قانداق ئوقۇيسىز؟

[ تەپسىلاتى ]

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 3 )

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 3 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 22 - سېنتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 979 قېتىم


ئەگەر تۇرمۇشتا تراگېدىيە بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ئەدەبىياتتىمۇ تراگېدىيىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. تۇرمۇشتىكى تراگېدىيە ئەدەبىياتتىكى تراگېدىيىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن ئۇلار كۆرگۈچى(قوبۇل قىلغۇچى ياكى كىتابخان) ئۈچۈن ئوبىيىكتىپ ئۈنۈم جەھەتتە ئوخشاشمايدىغان مەزمۇنلارغا ئىگە بولىدۇ. تۇرمۇشتىكى تىراگېدىيە ھەر خىل مۇرەككەپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تراگېدىيىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ. يەنى ئۇنىڭدا تراگېدىيىلىك قىممەت بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئېستېتىك مەنىدىكى تراگېدىيە يۈكسەكلىكنى ھېس قىلالمايدۇ. تراگېدىيىلىك ئەسەرلەردە بۇ خىل تراگېدىيە « ھېس قىلدۇرۇلغان » تراگېدىيە ھەم « گەۋدىلەندۈرۈلگەن » تراگىدىيە بولىدۇ. شۇڭا ئۇ كۈچلۈك تراگېدىيىلىك ئۈنۈم پەيدا قىلالايدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 2 )

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 2 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 21 - سېنتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 762 قېتىم


ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇشماسلىق(قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئەمەس)كەلتۈرۈپ چېقارغان ئۆلۈم، ئازاپ، يارىلىنىش قاتارلىقلار كۆپچىلىككە ئېچىپ كۆرسىتىلسە، بۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگېدىيىلىك ئىچى ئاغرىتىشنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ. دېمەك، نۇسرەت تراگېدىيىسى يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگىدىيىلىك سەنئەت قىممىتى پەيدا قىلىش بىلەن بىللە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىدىغان قەلب بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئاياللارغا كونا ئەخلاق فېئوداللىق قاراشلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭ باراۋەرلىكنى، ئىشەنچنى چېقىش قىلىپ، ئىنسان تەبئىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئاساسىدا مۇئامىلە كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

[ تەپسىلاتى ]

  • سىز تۇرۇشلۇق بەت: 1 | جەمئىي بەت: 2
  • 1
  • 2
  • >