نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي تەنقىد
ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت( 1)

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت( 1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 13 - سېنتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 940 قېتىم


ئەدەبىيات بىر خىل قىممەت ئىلمىدۇر. ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئالاھىدە بەلگە ئارقىلىق ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىممەت سىستىمىسىدۇر. ئۇ ئىنسان روھىي پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى ناھايىتى مۇرەككەپ يەككە پىسخىك ئامىل ۋە ئىجتىمائىي، تارىخىي ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. ئۇ كۆپ خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىۋىي مەھسۇلات بولغاچقا، ھەر خىل ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتىسىيەلىرىنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتتا ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئالاھىدە ئىجتىمائىي رىئاللىق ئۇنىڭغا مۇقەررەر تەلەپ قويغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەرگە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مەزمۇن ۋە يەككە شەخىسنىڭ پىسخىك مەزمۇنى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇ ئوخشىمىغان مۇناسىۋەتلەرنى ئىپادىلىگەندە، ئوخشىمايدىغان قىممەتنى نامايان قىلىدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي زوق بولسا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئاساسى

ئەدەبىي زوق بولسا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئاساسى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 6 - ئاۋغۇست | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 867 قېتىم


بەزىلەر ئەدەبىي تەنقىد تەسىرات شەكىللىك تەنقىد، زوق شەكىلىدىكى تەنقىد ھەم تەھلىل شەكلىدىكى تەنقىد، ھۆكۈم شەكلىدىكى تەنقىد قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ، ئالدىنقىسىدا ئەدەبىي زوقنى ئاساس قىلىش كېرەك، لېكىن كېيىنكى ئىككىسىدە تەنقىدنى توغرىدىن توغرا ئۇقۇمدىن باشلاش كېرەك دەپ قارىشىدۇ، ئېنىقكى كېيىنكى باياندا خاتالىق كۆرۈلگەن.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 1 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 1 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 10 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 827 قېتىم


بىز تۇرمۇشتا بەزى ئادەملەرنىڭ مەندە نەچچە رومان بولغۇدەك تۇرمۇش تەجرىبىسى، ۋەقەلىك بار، ئۇنى يازغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن دەپ لاپ ئۇرىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ياكى خاسلىقى بىلەن ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى، خاسلىقى بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەم ئايرىم – ئايرىم نەرسىلەر بولۇپ، بەزى كىشىلەر يازغۇچى بولۇشنى ئويلىسىمۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئەمىلىيىتى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە ئاساس بولالمايدۇ . چۈنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئاساسىدا شەكىللەنسىمۇ، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى پەقەت ئېستېتىك پائالىيەت ئارقىلىق، ئېستېتىك ئىجادىيەتكە ئايلانغاندىلا، ئاندىن ئۇ ئىجادىيەت ھەۋىسىگە ۋە ئەمىلىيىتىگە ئۆزگىرىشكە ئاساس بولالايدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي زوقنىڭ  ئالاھىدىلىكلىرى

ئەدەبىي زوقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 5 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 880 قېتىم


ئەدەبىي زوقلىنىش بىر خىل بىلىش پائالىيىتى بولۇپ، بىراق سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئوبرازچانلىقى، ھىسسىياتچانلىقى شۇنداقلا كىتاپخاننىڭ ئەسەر ئوقىغان ۋاقتىدىكى تەسىراتى ۋە تونۇشى ئەلۋەتتە پەن -تېخنىكا ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئوخشاشمايدۇ. پەن تېخنىكا ئەسەرلىرىدە دەلىل ۋە ئىسپاتلار تولۇق بولغاندىلا باشقىلارنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ ئەمما ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقىغان ۋاقىتتا، ئەسەرنىڭ ئېنىقلىقى، تەسىرلىك بەدىئى ئوبرازلار تەرىپىدىن مەستخۇش بولىمىز ياكى تەسىرلىنىمىز. شۇڭا ئەدەبىي زوق باشتىن ئاخىر ئوبرازدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىزچىل كۈچلۈك ھىسسىياتقا ھەمرا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىدراكى پائالىيىتى باشتىن – ئاخىر ھىسسىي پائالىيەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ بىر خىل ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۈرنى ئاساس قىلغان بەدىئى بىلىش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي تەنقىتچىلىكنىڭ خاراكتىرى

ئەدەبىي تەنقىتچىلىكنىڭ خاراكتىرى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 23 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 889 قېتىم


ئەدەبىي تەنقىدچىلىك كونكىرت يازغۇچىلارنىڭ ئەسىرىنى باھالاش بىلەن بىرگە مەلۇم تارىخى دەۋردىكى ئەدەبىيات ھەرىكىتى، ئەدەبىيات ئىدىيىلىرى ۋە ھەر خىل ئەدەبىيات ئېقىملىرىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىدۇ. ئەدەبىيات نەزەرىيىسى بولسا ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزلىنىدۇ ۋە خۇلاسە چىقىرىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى زىچ، بىراق، خاراكتىرى، رولى، ئۆلچىمى، ئۇسۇلى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشماسلىقلارغا ئىگە.

[ تەپسىلاتى ]

«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »:  ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش

«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش

ۋاقتى: 2011 - يىلى 15 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 940 قېتىم


مۇھەممەت باغراش يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پىروزىسىدا سېھرىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بۇرۇن قوللانغان ۋە مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن يازغۇچى. ئۇنىڭ «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋىسىتى سېھرىي رېئالىزىمنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىش يولىدىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىش بولدى. لىكىن پوۋىسىت قۇرۇلمىسىنىڭ كېلەڭسىزلىكى، ئىدىيىۋى مەزمۇندىكى چېچىلاڭغۇلۇڭ، سىمىۋول، بىشارەت ئوخشىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋېتىلگەنلىكى بۇ پوۋېسىتنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە مەلۇم دەرىجىدە نوقسان يەتكۈزدى. «كەلكۈن»پوۋېسىتى، «تۆت قۇلات»، «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»، «قۇياش ۋە بالا » ھېكايىلىرى يازغۇچىنىڭ بۇ نوقتىدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[ تەپسىلاتى ]

ئەدەبىي تەنقىدچىلىك - كىرىش

ئەدەبىي تەنقىدچىلىك – كىرىش

ۋاقتى: 2011 - يىلى 1 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 740 قېتىم


ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 21- ئەسىرگە قەدەم قويۇش بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن بىر ئەسىرلىك تەرەققىيات تارىخى ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگىزىشى، خۇلاسە چىقىرىشى شۇنداقلا نەزەرىيىۋىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى يۈلىنىشى ھەققىدە ئىلمىي تەرەققىيات ئىستىراگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولىشى كېرەك ئىدى. گەرچە بۇ خىل ئىستىراگىيە زور دەرىجىدە سوبىكتىپلىققا ئىگە بولسىمۇ  لېكىن بۇ خىل ئىدراكى ئويلىنىشنىڭ [...]

[ تەپسىلاتى ]

  • سىز تۇرۇشلۇق بەت: 2 | جەمئىي بەت: 2
  • <
  • 1
  • 2