نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى 2012 – يىللىق ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ماقالە تېمىلىرى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى 2012 – يىللىق ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ماقالە تېمىلىرى ئېلان قىلىندى

ۋاقتى: 2012 - يىلى 22 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: دەرسخانا, يېڭىلىق | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 937 قېتىم


شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلىلوگىيە ئىنىستوتى ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر  2012- يىللىق دېسىرتاتسىيە تېمىلىرى ئۆتكەن يىللاردىكىدەك كىتاپ قىلىپ ھەرقايسى رايونلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرى ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئىشخانىلىرىغا تارقىتىلمايدۇ. بۇ يىل تېمىلار شىنجاڭ ئونۋېرسىتى مەكتەپ تورىدىلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلار تۆۋەندىكى ئادرىس بويىچە تېما ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىڭىزنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

1. ئالدى بىلەن http://www.xju.edu.cn   غا كىرىڭ.

2. ئونۋېرسىتېت باش بېتىدىن « ئورگانلار »  (“机构设置 ”) چېكىپ كىرىڭ.

3. « ئىنىستوتلار » (“学院设置”) سەھىپىسىدىن  « فىلولوگىيە ئىنىستوتى » (“人文学院”) غا كىرىڭ.

4.ئاندىن « چۈشۈرۈش رايونى » (“下载专区”) غا كىرىپ ، « 2012 – يىللىق ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ماقالە تېمىلىرى » نى    (“ 2012年自学论文题目”) چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

 

 2012 - يىللىق  « ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تارىخى » بويىچە چىقىرىلغان ماقالە تېمىلىرى 

   يېتەكچى ئوقۇتقۇچى : دوكتور ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ

abdusalam.nuh@gmail.com

noah@xju.edu.cn

13999135694 

1.زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىكى زىيالىلار ئوبرازى ھەققىدە ھەققىدە ئىزدىنىش

论祖尔东·沙比尔笔下的知识分子形象

2.مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدىكى بەدىئى تەسەۋۋۇر ھەققىدە

论买麦提明·吾守尔小说创作的的艺术构思

3. نۇرمەمەت توختىنىڭ پروزا ئىجادىيىتى توغرىسىدا

论努尔买买提·托乎提的小说创作

4.ئارسلان تالىپنىڭ رومان ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش

试论阿尔斯兰·塔力普的长篇小说创作

5.ئەخمەت ئىمىننىڭ نەسىر ئىجادىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش

论艾赫迈德·伊明的散文创作

6.« باھادىرنامە » رومانىدىكى ئوبرازلار گۈزەللىكى

论长篇《诸王传》的形象美

7. « كەچمىش » رومانىنىڭ بايان ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ئىزدىنىش

论长篇《往事》的叙事艺术

8.« كرورانلىق بالىلار » رومانىنىڭ بەدىئى ئۇتۇقلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش

浅论长篇《楼兰之子》的艺术成就

9.چىمەنگۈل ئاۋۇت شېئىرلىرىنىڭ بەدىئى ئالاھىدىلىكلىرى

浅论奇曼古丽·阿吾提诗歌的艺术特点

10.رىزۋانگۈل يۈسۈپ پروزا ئەسەرلىرىدىكى ئاياللار ئوبرازى

论热孜万古丽·玉苏普小说创作中的女性形象

11.ئابباس مونىياز تۈركىيقاننىڭ پروزا ئىجادىيىتى توغرىسىدا

论阿巴斯·穆尼亚孜的小说创作

12.ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرەنىڭ پروزا ئىجادىيىتى توغرىسىدا

论艾克拜尔·伊玛木的小说创作

13.تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ پروزا ئىجادىيىتى توغرىسىدا

论吐尔逊江·默罕默德的小说创作

14.تۇرسۇن مەھمۇدنىڭ پروزا ئىجادىيىتى توغرىسىدا

论吐尔逊·麦合默的的小说创作

15.مەخمۇت يولۋاسنىڭ « مومامنىڭ بۇلۇتى » ناملىق ھىكايىلەر توپلىمى ھەققىدە

论麦合默德·尤里瓦斯的小说创作

16. رىسالەت مەردان شېئىر ئىجادىيتى توغرىسىدا ئىزدىنىش

论热沙来提·麦尔旦的诗歌创作

17. گۈلباھار ئەزىزنىڭ نەسىر ئىجادىيىتى توغرىسىدا

论古丽巴哈尔·艾孜孜的散文创作

18« كالتە قۇيرۇقلۇق مۈشۈك » توپلىمىدىكى بالىلار ھىكايە چۆچەكلىرى توغرىسىدا 

试论吾斯曼·扎伊尔的儿童文学创作

19. 18- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

浅论荣获第18届《汗腾格里文学奖》的作家及作品

20.يازغۇچىلار تورى (http://bbs.xjzjxh.com/portal.php)نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى

浅论新疆作家网的作用与意义

ئەسكەرتىش :

    1.« مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدىكى بەدىئى تەسەۋۋۇر ھەققىدە » تېمىسىدا مەزكۇر يازغۇچىنىڭ « ساراڭ » تىپىدىكى چاتما ھىكايىلىرى، « ئىت ئېتىش »، « قارا قورساق سەركە » قاتارلىق سېھرىي تەركىپلىك ھىكايىلىرى ياكى « قۇم باسقان شەھەر » رومانىدىكى بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئايرىم مۇلاھىزە يۈرگىزسىڭىز بولىدۇ.

2. يۇقىرىقى تېمىلاردىن ئېنىق ئەسەر نامى كۆرسىتىلمىگەن تېمىلارنى كونكېرتلاشتۇرۇپ يازسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن،« ئارسلان تالىپنىڭ رومان ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش » دىگەن تېمىدا ئۇنىڭ رومان ئىجادىيىتى ھەققىدە ئومۇمى تەھلىل يۈرگۈزسىڭىزمۇ ياكى ئۇنىڭ « ياۋا كۆز »،  « خىزىرغا يولۇققان ئاتا »، « چۆلدىكى چوغ ۋارىس ھۆكۈمەت » قاتارلىق رومانلىرىنىڭ بىرىنى  تەنقىد ئوبېكتى قىلىپ كونكېرت مۇلاھىزە يۈرگىزسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  3. « ‹باھادىرنامە › رومانىدىكى ئوبرازلار گۈزەللىكى » تېمىسىدا بۇ روماندىكى خاراكتېرلىك ئوبرازلاردىن سۇلتان ئوۋەيىسخان ئوبرازى، يۇنۇسخان ئوبرازى، ئەمىر خۇدايداد ئوبرازى ياكى سىزگە تەسىر قىلغان مەلۇم ئوبرازنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە ئايرىم ماۋزو قويۇپ تەھلىل يۈرگىزسىڭىز بولىدۇ، ئەسەردىكى بارلىق ئوبرازلار ھەققىدە ئومۇمىي باھا يۈرگىزىشىڭىز تەلەپ قىلىنمايدۇ.

4.شېئىرىيەت تەتقىقاتىدىكى تېمىلاردا كونكېرت شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى چوقۇم يېتەرلىك دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولىشى، تەنقىد ئوبېكتى قىلىنغان شېئىرىي ئەسەرلەر بەك كۆپ ياكى ئاز بولۇپ قالماسلىقى، مەزكۇر شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتى بىلەن سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىڭىز ئۆزارا ماسلىشىشى كېرەك.

5.« 18- نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە » دىگەن تېمىدا خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى ھەققىدە ماقالە يازسىڭىزمۇ ياكى 18- نۆۋەتلىك مۇكاپات ساھىپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئايرىم – ئايرىم تېما بەلگىلەپ ماقالە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.

6.« يازغۇچىلار تورى (http://bbs.xjzjxh.com/portal.php)نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى » تېمىسىدا يازغۇچىلار تورىنىڭ قۇرۇلۇشى،تېما، سەھىپىلىرى ۋە ئۇنىڭ رايونىمىز ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى شۇنداقلا ياش ئەدەبىيات كۈچلىرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىۋاتقان ئىجابىي تەسىرلىرى ۋە نۆۋەتتە مەزكۇر تور قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان يېتېرسىزلىكلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگىزسىڭىز بولىدۇ.

پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى:

1. ئازات سۇلتان: « بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئةدةبىياتى توغرىسىدا » ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 –يىل نەشرى.

2 .ئازات سۇلتان ،كېرىمجان ئابدۇرېھىم: «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئةدةبىيات تارىخى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتى نەشرىياتى،2002 -يىل نەشرى .

3 .ئابلىمىت ئىسمائىل ،مەخمۇتجان ئىسلام «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىپلىرى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،1993 – يىل نەشرى .

4 .ئابلەت ئۆمەر  قاتارلىقلار تۈزگەن «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1997 –يىل نەشرى .

5 .« ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006 – يىلى 4 ئاي 1- نەشرى.

6 .  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت تەتقىقات، تەنقىد، ئوبزور ماقالىلىرى توپلاملىرى .

7 . « شىنجاڭ ئونۋېرسىتى ئىلمى ژورنىلى » قاتارلىق ئىلمىي ژورناللار ۋە   « تارىم »، « تەڭرىتاغ» قاتارلىق ئەدەبىي ژورناللارنىڭ  مۇناسىۋةتلىك سانلىرى .

8 .تاللىغان تېمىڭىزغا مۇناسىۋةتلىك بولغان يازغۇچى – شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى.

9. يازغۇچىلار تورى   http://bbs.xjzjxh.com/portal.php

10.تارىم ژورنىلى تورى  http://www.tarimweb.com/index.html

 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (3) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئەلگە نەپ مۇنداق يازغان:

    ناھايىتى پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان مەزمۇن ئىكەن :razz:

  2. ئۇيغۇر بىلوگ مۇنداق يازغان:

    بىزمۇ ئاز كۈندە بارىمزى شۇ يەگە

    ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرىگە كىرىڭ http://uyblog.cn

  3. پەخرىم مۇنداق يازغان:

    مەنۇ ئۇقييامايمەن بۇ مەكتەپتە ئەسلى بەك ئۇقۇغۇم باتى :sad:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif