نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » «ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(2)

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(2)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 1 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 883 قېتىم


موتىف سۆزى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ساھاسىدە ئىشلىتىلگەندىن بېرى، ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ھەر بىر بايانى بۆلەكنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان گېرمانىيىلىك داڭلىق ئەدەبىيات تارىخشۇناسى ۋېلھىلىم شېرېر  (WLHELEM SCHERER) موتىفنى تۈرلەرگە بۆلۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «موتىف بولسا ئەدەبىياتتىكى قېلىپلاشقان بايانى بۆلەكلەردىن ئىبارەت، ھەر بىر موتىف بىر يەككە ئىدىيەنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر موتىف ئۇنى ياراتقان مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت تارىخى، تەجرىبىلىرى،  بىلىشى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ .»[1] دەپ قارايدۇ . 

 سېلۇشتۇرما ئەدەبىيات نەزىرىيىسىدە، موتىف تەتقىقاتى بولسا تېماشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم تەرەپ بولۇپ تېماشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. “ تېماشۇناسلىقتىكى موتىف ئادەمنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردا تەكرار ئۇچرايدىغان ھەركىتى، پىسخىك ھادىسىلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنياغا بولغان چۈشىنىشى، يەنى ــــ تۇغۇم، ئۆلۈم، ھىجران، خوشاللىق، غەزەپ، قايغۇ، شاتلىق، ۋاقىت بوشلۇق، پەسىل، دېڭىز، تاغ-ئېدىر، كېچە قاتارلىقلار“[2] بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى موتىف تەتقىقاتىدىكى ئەسلى تىپ تەتقىقاتىغا كىرىدۇ. موتىف تەتقىقاتى دەل ئۇزاق ئۆتمۈشتىن تارتىپ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ھىچقانچە ئۆزگىرىشتە بولماي ساقلىنىپ كەلگەن، ئومۇمىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بەزى تېما، ۋەقە ۋە پېرسۇناژلار تىپى تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ. 

”مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، موتىف بولسا كىچىكرەك مەزمۇن بۆلىكى، تېما بولسا چوڭراق مەزمۇن بۆلىكىدىن ئىبارەت. ئەدەبىي ئەسەرلەردە كىچىكلىكىدىن يەنە بۆلۈشكە بولمايدىغان تەركىپلەر بولسا موتىف، ئەمما تېما بولسا بىرقانچە موتىفنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. موتىف بايانىي جۈملىدىكى __«ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك»، تېما بولسا ئۆزىدە مەلۇم قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرگەن بايانىي جۈملە ياكى قوشما جۈملىدىن ئىبارەت.“[3] شۇڭا 《ئوغۇزنامە》داستانىنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئىزدىنىشتىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ ئىچىدىن «ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك» لەرنى ئايرىپ ئېلىپ ئۇنىڭ بايان ئالاھىدىلىكىنى تېپىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. 

بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۇچرايدىغان بىر قىيىنچىلىق شۇكى، داستاندا بۇ خىل ”ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك“ لەر توغرىدىن – توغرىغا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولۇپ، داستاندا ئۆز زامانى ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇكەممەل بولغان بىر خىل بايانى شەكىل ئەندىزىسى ئەسەر ئىستىلىنى ئزچىللىققا ئىگە قىلالىغان. يەنى ئەسەردە بايان نۇقتىسى ئۈچىنچى شەخسكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بەزى بۆلەكلەردە ئوغۇزنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن چاقىرىقلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ خىل بايانى نۇقتىنىڭ مەركەزلىشىشى« ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» نىڭ بايانى نۇقتىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن دىيىشكە بولىدۇ. [4] بۇ داستاننىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈش ۋە خەلق ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئىش قوشۇشى نەتىجىسىدە مۇئەييەن بەدىئى شەكىلگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. داستان ئاساسەن نەسرىي ئۇسۇلدا يېزىلغان بولۇپ، بەزى بۆلەكلەرگە نەزىم ئارىلاشتۇرۇلغان. پۈتۈن ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى راۋان، ئوچۇق، يەڭگىل، پېرسۇناژلار ئوبرازى جانلىق، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ھەر خىل، رىئالنى بايان بىلەن قويۇق رومانتىك تۈسكە ئىگە بولغان ئەپسانە، رىۋايەت ئۇسلۇبى ئۆزارا گىرەلىشىپ قەدىمقى زامان ئۇيغۇر بايانىي ئەدەبىياتىنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلغان. 

داستاندا“ھەممىنى بىلگۈچى“ دىن ئىبارەت بايانىي نۇقتا قوللىنىلغان. بۇ خىل بايان نۇقتىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ۋەقەلەرگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل بايان نۇقتىسى داستان، ئېپوسلاردا بىرقەدەر كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن،« ئالپامىش »،« گۆر ئوغلى»قاتارلىق داستانلاردىمۇ قوللىنىلغىنى مۇشۇنداق بايان نۇقتىسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئادەتتە  بايانچى كۆپ يۈزلىنىشلىك بايان بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. 

« ئوغۇزنامە »داستانى ئوغۇزنىڭ تۇغۇلۇش ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان. كېيىنكى بۆلەكلەر قەھرىماننىڭ ئۆسمۈرلىك – ياشلىق دەۋرى، ھەربىي يۈرۈش، تۆھپە، خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشىشى قاتارلىقلار. ئەڭ ئاخىرىدا داستان ئوغۇزنىڭ زىمىنىنى ئالتە ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. داستاننى بايان قىلغۇچى ئوغۇزنىڭ ھاياتى ۋە ئۇتۇقلىرىنى بىر پۈتۈنلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان سيۇژىت بۆلەكلىرىنى قەھرىماننىڭ ھەرىكىتى ۋە خاراكتىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە قىلىدۇ. مانا بۇ ھەر بىر سيۇژىت بۆلەكلىرىنى « ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك »قىلىپ ئايرىپ ئېلىپ، موتىف قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش مۈمكىن. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، «موتىف تەتقىقاتىدا ئەڭ ئالدى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىكى موتىفنىڭ بايان قۇرۇلمىسى، موتىفنىڭ تۈرى ۋە موتىفنىڭ تىپ تەتقىقاتى. بىراق ئېپوس موتىف تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەتمەكچى بولغان نىشانى ــــــ موتىفنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان مەدەنىيەتتىن ئىبارەت.»[5] دىمەك، بىزنىڭ داستاننىڭ موتىف بۆلەكلىرىنى ئېنىقلىشىمىز مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ. 

داستاننى ئاساسىي مەزمۇن ۋە غول سيۇژېت بويىچە ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. گەرچە بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا داستان چوڭ ئىككى مەزمۇن بۆلىكى ياكى سيۇژېتقا ئايرىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىز داستاندىكى « ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك »لەرنى تېخىمۇ ئاسان ئايرىش ئۈچۈن داستاننى ئۈچ بۆلەككە ئايرىدۇق. داستاننىڭ دەسلەپكى سيۇژىت بۆلىكىنى  ئۈچىنچى قۇردىن 18-قۇرغىچە دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ بۆلەكتىكى ئاساسى ۋەقەلىك ئوغۇزنىڭ تۇغۇلۇش ۋە ئۆسۈش ھالىتىدىن ئىبارەت. ئوغۇز تۇغۇلغاندا چىرايى كۆك، ئاغزى ئاتەشتەك قىزىل، چاچ ۋە قاشلىرى قارا، پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك ھالەتتە تۇغۇلىدۇ. ئۇ پەقەت ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى ئېچىپلا بولدى قىلىدۇ. قىمىز، گۆش تەلەپ قىلىدۇ ۋە تىلى چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ پۇتلىرى بۇقىنىڭ پۇتىدەك، بەللىرى بۆرىنىڭ بېلىدەك…. داستاننىڭ يىراق قەدىمقى زامانلاردىن قالغان ئەپسانە – رىۋايەت ئۇسلۇبى بىلەن بايان قىلىنغان بۇ قىسمى بىزنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ سىرلىق قەسرىگە باشلايدۇ. 

قەھرىماننىڭ غەيرى ھالەتتە تۇغۇلۇش موتىفى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان موتف قۇرۇلمىسى. بىز بۇ خىل قۇرۇلمىنى« قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» دەپ   قارىساق بولىدۇ. تۈركىي تىللىق خەلقلەر داستانلىرىدىكى قەھرىمانلار تۇغۇلىشىدىنلا ئۆزىدە ئالاھىدە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ خۇددى تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئىرادىسىگە تەققاسلانغان دىيىش مۈمكىن. قەھرىماننىڭ جاسارىتى ۋە تۆھپىلىرى ئۇلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلەش بىلەن بىللە ئۆزلىرىگە زور شۆھرەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل قەھرىمانلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى تۇغۇلۇش ھالىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىدىن باشقىچە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ خىل قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلىشى ئادەتتىكىدەك تەسۋىرگە ئىگە بولسا، قەھرىماننىڭ كېيىنكى ھاياتىدىكى ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى ئىشىنەرلىك بولمايدۇ. مانا بۇ خىل بايان پىسخىسى « ئوغۇزنامە »داستانىدىلا ئەمەس بەلكى تۈركىي تىللىق باشقا خەلقلەر ئېپوس- داستانلىرىدىمۇ ئۇچرىشى يۇقىرىقى پىكرىمىزنى دەلىللەيدۇ. قىرغىز خەلق داستانى« ماناس »تىمۇ ماناس تۇغۇلغاندا چېدىرنىڭ تۆت تەرەپىگە يورۇق نۇرلار تارىلىدۇ، قىرغىز خەلقىنىڭ دۈشمىنى قالماق خانىنىڭ ئوردىسىدا قاتتىق تەۋرىنىش يۈز بېرىپ، قىرغىزلارنىڭ كەلگۈسىدىكى باش كۆتىرىشى ۋە قالماقلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن بىشارەتلىنىدۇ. .. 

«قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان موتىف بولۇپ، ئۇنى چوڭ بىر موتىف سېستىمىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل موتىف تەبىئى ھالدا بايانچىدىن ئالاھىدە تۇغۇلۇش ئېپىزوتى شەكىللىنىشكە ئاساس بولالايدىغان «غايىپتىن پەرزەنت تىلەش موتىفى»، «ئالدىن (چۈشىدە)بىشارەت بېرىش موتىفى»، «ئانىنىڭ غايىپتىن ھامىلدار بولۇش موتىفى»، «قىيىن تۇغۇت موتىفى» قاتارلىق بىرقاتار موتىفلارنى ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەلگەن « قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» دىن كېيىنكى « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلىك دەۋرى موتىفى» قاتارلىق موتىفلارنىڭ بولىشىنى تەقاززا قىلىدۇ. 

« ئوغۇزنامە » داستانىدا سيۇژېتنىڭ پەقەت « قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» دىن باشلانغانلىقىنى كۆرىمىز. داستاندا بۇ موتىفقا ئۇلىشىپ كەلگىنى « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلىك دەۋرى موتىفى». قىرغىزلارنىڭ « ماناس »داستانىدىمۇ مانا مۇشۇنداق قەھرىماننىڭ ئاجايىپ بالىلىق دەۋرى موتىفى ئۇچرايدۇ. ماناسنىڭ ئانىسى سىرلىق ھامىلدار بولىدۇ ۋە تۇغۇت ۋاقتىدا تۇغۇتى بەكمۇ قىيىن توختايدۇ. ماناس بولسا تال شېخىغا ئېسىلىپ بۇ دۇنياغا كېلىدۇ. بەش ئايلىق بولغاندا يۈگۈرىيدىغان بولىدۇ. شىغايخاننىڭ قەلئەسىنى قالماقلار ئىگەللىۋالغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ قالماقلار بىلەن ئېلىشىدۇ. يەنە بىر ئېپوس « ئېرتۆشتۈك »دە قەھرىمان كۈندە يىللاپ چوڭ بولىدۇ. بىر ئايلىق بولغاندا بىر ياشقا كىرگەندەك چوڭىيىدۇ. ئۈچ – تۆت ياشقا كىرگەندە ماڭالايدىغان، سۆزلەيدىغان بولىدۇ. يەنە بىر داستان« شىرزات » تا شىرزات تۇغۇلۇپ بىرقانچە كۈندىن كېيىنلا شىر بىلەن ئېلىشىپ بىر قولى بىلەنلا شىرنى يىقىتىدۇ. مانا بۇلار تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوسلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ- غارايىپ بالىلىق دەۋرى موتىفى». 

« ئوغۇزنامە » داستاننىڭ ئىككىنچى سيۇژىت بۆلىكى 19- قۇردىن باشلىنىپ 88- قۇردا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ بۆلەكتە بايان قىلىنغىنى قەھرىماننىڭ يىگىتلىككە يېتىش موتىفى. ئوغۇزخان ئورمانلىقتىكى ياۋۇز يىرتقۇچ قىئاتنى ئۆلتۈرىدۇ…بىر كۈنى ئوغۇز ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا كۆكتىن بىر يورۇقلۇق بىلەن بىللە بىر گۈزەل قىز پەيدا بولىدۇ. ئوغۇز بۇ قىزغا ئۆيلىنىپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولىدۇ. بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئىسىملىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۈن، ئاي، يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ . ئوغۇز كېيىن يەنە شۇنداق تىلسىملىق مۇھىتتادەرەخ ئىلاھىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. ئۈچ پەرزەنتلىك بولىدۇ ۋە پەرزەنتلىرىگە كۆك، تاغ ۋە دېڭىز دەپ ئىسىم قويىدۇ… 

قەھرىماننىڭ «يىگىتلىككە يېتىش موتىفى»مۇ چوڭ بىر موتىف سېستىمىسى بولۇپ ئۇ يەنە بىرقانچە «ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك»بولغان كىچىك موتىفلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىيىش مۈمكىن. « ئوغۇزنامە » داستانىدا بۇ خىل موتىف شەكىللىرىدىن «سىناق موتىفى» ۋە «ئۆيلىنىش موتىفى» نى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. داستاندا ئوغۇزنىڭ چوڭ بىر ئورمانلىقتىكى قىئاتنى ئۆلتۈرىشى دەل ئوغۇزنىڭ  ئالدىغا قويۇلغان سىناق بولۇپ، ئوغۇزنىڭ ۋەھشى ھايۋاننى قارا كۈچ بىلەن ئەمەس بەلكى بۇغا ۋە ئېيىقلارنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ كۈزىتىش ئارقىلىق قىئاتنى يوقىتىشى ئۇنىڭ قارام باتۇر ئەمەس بەلكى ئەقىل – پاراسەتتىمۇ تەڭ يېتىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تەپسىلاتتىن ئىبارەت. 

«ئۆيلىنىش موتىفى» داستانلاردا ھەر خىل شەكىللەردە ئۇچرايدۇ.     « ئوغۇزنامە » داستانىدا ئوغۇزنىڭ ئالدىدا كۆك نۇر ئىچىدە پەيدا بولغىنى كۆك تەڭرىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى مەڭنىڭ «تۆمۈر قوزۇق»قا ئوخشىشى، «ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلىدۇ، يىغلىسا تەڭرىنىڭمۇ يىغلىشى» كۆك تەڭرى ئېتىقاتچىلىقىنىڭ مەھسۇلى، چۈنكى قەدىمقى زاماندا كۆك تەڭرى ئېتىقاتچىلىقى تەبىئەت ئېتىقادىدىكى ئنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ «كوك تەڭرى ئالەمنىڭ ئىگىسى»[6] دەپ قارىلىدۇ. ئۇلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۈن، ئاي، يۇلتۇز ئىسمىدا بولىشى يەنىلا تەبىئەت ئتىقادچىلىقنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار تەبىئەت ئېتىقاتچىلىقىدىكى ئىلاھلاردىن ئىبارەت. 

    ئوغۇزنىڭ ئىككىنچى ئايالىنىڭ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ كاۋىكىدا ئۇچرىشى بۇ قىزنىڭ سۇ ئىلاھى ۋە دەرەخ ئىلاھىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. « ئۆيلىنىش موتىفى »دىكى بىرىنچى ئىپىزوتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىككىنچى قىزنىڭ تەسۋىرى تەبىئەتتىكى كونكىرت ماددىلارنىڭ (كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ) تەسۋىرى بولۇپ، بۇلارمۇ ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتىقادچىلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتىقادىدا بۇلاق، دەرەخ كاۋىكى، ئۆڭكۈر قاتارلىقلار ئاياللار جىنسىي ئەزاسىنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ، جىنسقا چوقۇنۇشنىڭ ئىزنالىرىدىن ئىبارەت. 

ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىدائى ئېتىقاد ئوبېكىتلىرى ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، مەسىلەن، سەييارىلەر، يەر، سۇ، ئوت، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، چاقماق قاتارلىقلار. ئىپتىدائى ئىنسانلار ياشاۋاتقان جۇغراپىۋى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئوبېكىتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى بەلگىلىگەن. تاغ تاغلىق رايونلاردىكى ئىنسانلار توپىنىڭ تەڭرىسى بولغان بولسا، سۇ(دېڭىز) بولسا دېڭىز ياقىسىدىكىلەرنىڭ تەڭرىسىگە ئايلانغان. بىراق، كۆك ئاسمان، يەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار بارلىق ئىپتىدائى ئىنسانلارغا ئورتاق تەڭرىلەر ئىدى. ئوغۇزنىڭ ئىككىنچى ئايالىدىن بولغان كۆك، تاغ، دېڭىزلار دەل مۇشۇ خىل ئېتىقادنىڭ بەدىئى ئەدەبىياتىمىزدىكى تەسۋىرى. « ئوغۇزنامە » داستانىدىكى  «ئۆيلىنىش موتىفى» ناھايىتى چوڭقۇر مەدەنىيەت مەزمۇنىغا تويۇنغان بولۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتىقاد ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ھەم شۇنداقلا ئېتىقاد ئوبېكىتلىرى ئارقىلىق ئۇلار ياشىغان جۇغراپىۋى مۇھىتنى چۈشىنىشكە شۇنداقلا ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئوغۇزخان ھەربىي يۈرىشىنىڭ قىياسىي لىنىيىسىنى سىزىپ چىقىشقا بولىدۇ. 

داستاننىڭ ئۈچىنچى سيۇژىت بۆلىكى قوليازمىنىڭ 89- قۇرىدىن باشلىنىپ قوليازما ئاخىرلاشقان يەرگىچە. (376-378-قۇرغىچە) ئاساسىي ۋەقەلىكى ئوغۇزنىڭ « ھەربىي يۈرىشى موتىفى »دىن ئىبارەت. بۇ بۆلەكتە ئۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ بارلىق دۈشمەنلەرگە قارشى جازا يۈرىشى ئېلىپ بارىدۇ ۋە بارلىق تۈرك– ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ بۆلەكتە قەبىلىلەر ۋە مىللەت ناملىرىنى پەيدا بولىشى رىۋايەتلىك ئاساستا بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىر تەرەپتىن داستاننىڭ قەدىمىي ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىسى ئىكەنلىكىنى بىزگە ئەسكەرتسە يەنە بىر تەرەپتىن رىۋايەتلىك تىمساللارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئۇيغۇر – تۈرك تارىخىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىگە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىچكىرىلىشىمىزگە مەنبە بولالايدۇ. 

داستاننىڭ بۇ سيۇژېت بولىكىدە « قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى» دىن ئىبارەت موتىف سېستىمىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. داستانلاردا بۇ موتىفقا ياندىشىپ كېلىدىغان موتىف تۈرى «غەلىبە موتىفى» دىن ئىبارەت. ئوغۇزخاننىڭ ھەربىي يۈرىشى تەسۋىرلەنگەن بۇ بۆلەكتە گەرچە نۇرغۇنلىغان «ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك» لەر يەنى كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى، چىپار ئايغىر ئاتنىڭ يوقاپ كېتىشى، ھارۋىنىڭ كەشپ قىلىنىشى، ئۇرۇق – قەبىلەر نامىنىڭ پەيدا بولىشى قاتارلىقلار بولسىمۇ ماقالىمىزدا موتىف نۇقتىسىدىن ئەمەس بەلكى  « قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى»، «غەلىبە موتىفى» موتىفىغا ياردەمچى تەپسىلات قاتارىدا مۇئامىلە قىلىندى. چۈنكى موتىف يەنە «ئەدەبىياتتىكى قېلىپلاشقان بايانى بۆلەك» بولۇپ، بۇ خىل بايان بۆلەكلەرنىڭ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئاغزاكى ئەدەبىياتىدا قانچىلىك دەرىجىدە قېلىپلاشقانلىقى ۋە ئىزچىللاشقانلىقىنى يەنىمۇ تەكشۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. 

كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى داستاننىڭ يۇقىرىقى سيۇژىت بۆلەكلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈش جەريانىدا تېكست قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان  « ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك »لەر بولغان موتىفلارنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ. لېكىن « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ بارلىق سيۇژىت بۆلەكلىرىنى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت دەپ ئالدىراپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، «داستاننىڭ باش ۋە ئاخىرىنىڭ كەم»[7] ئىكەنلىكىدەك پاكىت داستاننىڭ موتىف قۇرۇلمىسىنىڭ ھەم كەم ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بىز سېلۇشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىش ئارقىلىق داستاننىڭ بىر پۈتۈن موتىف قۇرۇلمىسى، بايان ئۇسلۇبى ۋە سيۇژىتىنى ئېنىقلىيالايمىز. 


 

[1](ئامېرىكا)سىدى تومسېن :《دۇنيا چۆچەكلىرىنىڭ تىپولوگىيەسى》، شاڭخەي ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى، 1991- يىل نەشرى، 499 – بەت. 

[2]  يې شۈمىن، جۇ باۋروڭ ،،ۋاڭ شىمىڭلار تۈزگەن:《سېلۇشتۇرما ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى》،142-بەت ، ۋۇخەن ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2004-يىلى 10- ئاي بىرىنچى نەشرى . 

[3]  يۇقۇرىقى كىتاپ، 141 – بەت. 

[4]  گەرچە 《ئوغۇزنامە》داستانى 《ئۇرخۇن ئابىدىلىرى》(مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىكارلىقلىرى)دىن كۆپ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەسىرلەر داۋامىدا ئېغىزدىن –ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا ھەرقايسى دەۋرلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەپ، مۇكەممەل بايان ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 

[5]  لاڭ يىڭ 《ئېپوسلاردا موتىف تەتقىقاتى》، 《مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى》1999 – يىل 4- سان ، 18- بەت . 

[6] دىلمۇرات ئۆمەر 《ئالتاي تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ شامان دىنى تەتقىقاتى》(خەنزۇچە)،51 –بەت ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995- يىلى نەشرىياتى. 

[7] گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ئوغۇزنامە » ، بېىيجىڭ .مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 –يىلى 11- ئاي بىرىنچى نەشرى . 6 –بەتكە قاراڭ. 

  

 

( مەزكۇر ماقالىدىن نەپكە ئېرىشكەن بولسىڭىز، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif