نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » «ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(1)

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى(1)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 1 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 1,237 قېتىم


« ئوغۇزنامە» [1] ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى دەۋرلەردىكى قەھرىمانلىق داستانى بولۇپ، نەسرىي ئۇسۇلدا قەدىمقى زامان قەھرىمانى ئوغۇزخاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە قەھرىمانلىق كۆرسىتىش، تۆھپە يارىتىش جەريانلىرى ئاساسى ھىكايە ۋەقەلىكى قىىلىنغان. ئايرىم جايلىرىدا نەزمىي بايانمۇ ئۇچرايدۇ. داستان دەسلەپتە رىۋايەت شەكلىدە خەلق ئارىسىدا تارقالغان بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخىي جەريانلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىش جەريانىدا ئۆزىگە ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى سىڭدۈرۈپ، مەزمۇن جەھەتتە تولۇقلىنىپ، بەدىئىلىكى مۇكەممەللىشىپ بارغان. داستان كېيىنكى مەزگىللەردە قادىمقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قەلەمگە ئېلىنىپ،[2] ئۇيغۇر  قەدىمقى زامان يازما ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلانغان. 

《ئوغۇزنامە》داستانىنىڭA نۇسخا دەپ  قارىلىۋاتقان قەدىمقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرىلگەن نۇسخىسى ھازىر فرانسىيىنىڭ پۇقرالار كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. نومۇرى Sapul tus,1001 . جەمىي 21بەت (42 ياپراق) ھەر بىر ياپراقتا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يازما شەكلىدە يېزىلغان 9 قۇردىن خەت بار.[3]  ئەسەرنىڭ 1- 3 – قۇرلار ئارىلىقىدا بۇقا رەسىمى، 6 – بېتىدە قىئاتنىڭ رەسىمى بېرىلگەن. ئەسەرنىڭ بەزى بەتلىرى نەملىك تەسىرىدىن بۇزۇلغان، 17- ۋارىقى يىرتىلغان، 36- بەتتىكى بەزى ئۆچۈپ كەتكەن خەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 40- بەتتىن بىر يېرىم قۇر، 42- بەتتىن ئاخىرقى ئىككى قۇر ئوقۇشقا بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان. لېكىن بۇ  داستاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

  داستاننىڭ يۇقىرىقى نۇسخىسىدىن باشقا يەنە تۈركىيىدىن بايقالغان نەزمىي نۇسخىسى، ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ خەلق داستانى « دەدە قۇرقۇت » چۆچىكىدە ساقلانغان نۇسخىسى،[4]  14 – ئەسىردىكى فارىس تارىخچىسى راشىدىنىڭ « تارىخنامە »، 15- ئەسىردە ياشىغان شەرەپىددىن ئەلى يەزدىنىڭ «زەپەرنامە» ۋە ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش مىرزا ئۇلۇغبېكنىڭ «تارىخى ئەربەئى ئۇلۇس »(«تۆت ئۇلۇس تارىخى ») ، 15- ئەسىردىكى بەلىخلىق تارىخچى خاۋەند شاھ مىرخۋاندنىڭ « رەۋزە تۇسساپا»، 16-ئەسىردىكى تارىخشۇناس مىرزا مۇھەممەت ھەيدەرنىڭ« تارىخى رەشىدى »، 17- ئەسىردە ياشىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىسى ئوبۇلغازىنىڭ  «تۈركلەر شەجەرىسى » قاتارلىق تارىخى ئەسەرلىرىدە بۇ داستاننىڭ ھەر خىل ۋاريانتلىرى ساقلانغان. يەنە 19- ئەسىردە ياشىغان يەركەنلىك ئەدىپ موللا مۇھەممەت نىيازنىڭ «قىسسەسۇل غارايىپ» ناملىق ئەسىرىدە، موللا مىر سالىھ قەشقەرىنىڭ « تارىخى قەشقەر» ناملىق ئەسىرىدە  ۋە 20 – ئەسىردە موللا موسا سايرامىنىڭ « تارىخى رەشىدى » قاتارلىق كىتاپلىرىدا ئوغۇزخان ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرىمىز. ئېيتىشلارغا قارىغاندا « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ھازىر ئېنىقلانغان ھەر خىل ۋاريانتلىرى 30 نەچچە خىل بولۇپ، بۇ ۋاريانتلارنى يىغىش، رەتلەش ۋە ئىلمىي ھالدا خۇلاسە چىقىرىش بىزنىڭ « ئوغۇزنامە » تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمىز.

 چەتئەللەردە 19–ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا « ئوغۇزنامە » ھەققىدىكى تەتقىقاتلار باشلىنىپ كەتكەن. ئەڭ بۇرۇن گوللاندىيىلىك دېتىز(Dietz) داستاننىڭ بىر قىسمىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن[5] ئۇنىڭدىن كېيىن رادلوف[6](W·W·Radloff)، رىزا نۇر[7](Riza·Nur) ، پىللىئوت [8](P·Pelliot)、، باڭ [9](W·Bang) ، رەشىد رەخمەتى ئارات[10](G·R·Rachmati) ،شېرباك   [11](A·M·Sherbak) ، زەكى ۋەلىدى توغان[12] ((A.Zeki Velidi togan زۇھەل ئۆلمەز[13]((Zuhal  Olmez قاتارلىقلار  ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ  بۇ ئەسەرنىڭ فرانسىيەدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى ۋە باشقا ۋاريانتلىرى  ئۈستىدە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.

مەملىكىتىمىزدە ئەڭ دەسلەپ بۇ ئەسەر ئۈستىدە رەتلەش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى گېڭ شىمىن ئەپەندى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇ 1976- يىلى تۈزگەن « قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى » (دەرسلىك) تە بۇ ئەسەر ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە ترانسكىرىپسىيە بېرىلگەن. 1979 – يىلى ئابدۇشۈكۈر تۇردى ۋە خاۋ گۇەنجوڭ بىرلىكتە داستاننىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسى ۋە ترانسكىرىپسىيەسىنى ئېلان قىلدى.[14] 1980- يىلى تۇرغۇن ئالماس « بۇلاق » مەجمۇئەسىدە داستاننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى[15] ، يەنە شۇ يىلى گېڭ شىمىن تۇرسۇن ئايوپ بىلەن بىرلىشىپ بۇ داستاننىڭ ئۇيغۇرچە يەككە نۇسخىسىنى نەشر قىلدۇردى.[16] 1982 – يىلىغا كەلگەندە گېڭ شىمىن ئەپەندى يەنە داستاننىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى[17] 1986 – يىلى ماكەن بىلەن بىرلىشىپ قازاقچە نۇسخىىسىنى ئېلان قىلدى.[18] 2006- يىلى گېڭشىمىن ئەپەندى ئەسلىدىكى « قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى »( ماي باسما) ئاساسىدا «قەدىمقى ئۇيغۇر  يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى »نى نەشر قىلدۇردى.[19] بۇ كىتاپتا 《ئوغۇزنامە》ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان فاكسىمىلى، ترانسكىرىپسىيىسى، سۆزلۈك، گرامماتىكىلىق ئىزاھات قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

« ئوغۇزنامە » تەتقىقاتى دېتىسنىڭ 1815 – يىلى داستاننىڭ بىر قىسىم نېمىسچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدۇرغىنىدىن باشلىغىنىمىزدا ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى. گەرچە چەتئەل ئالىملىرنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە، ترانسكىرىپسىيە، تونۇشتۇرۇشتىن باشلانغان بولسىمۇ، بارا – بارا لېكسىكىلىق بىرلىكلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسىنى ئېنىقلاشقىچە، داستاندا ئىپادىلەنگەن تارىخ، مەدەنىيەت، جەمىيەتشۇناسلىق، دىن، ئەدەبىيات مەزمۇنلىرىنى سېلىشتۇرما تەتقىقات نۇقتىسىدىن يورۇتۇپ بېرىشكە چوڭقۇرلىدى. بۈگۈنكى كۈندە چەتئەللەردە ئېلىپ بىرىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىزنىڭ مەزكۇر تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىزدا بىرىنچى قول ماتىرىيال بولالايدۇ. مەملىكىتىمىزدە بولسا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىن كېيىن باشلاندى دىيىشكە بولىدۇ. ماقالىمىزدا سەھىپە ئېتىۋارى بىلەن دۆلىتمىزدە مەزكۇر داستانىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بىرقانچە نەشر نۇسخىسىنى كۆرسىتىش بىلەن چەكلەندۇق. دۆلىتىمىزدە 《ئوغۇزنامە》داستانى ھەققىدىكى باشقا تەتقىقاتلار ئاساسەن ئەسەرنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى، تىلى، ھەر خىل ۋاريانتلىرى، ئەسەرنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن دىيىشكە بولىدۇ.[20] ئىشىنىمىزكى، قەدىمقى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنىڭ جۈملىدىن تۈركولوگىيە ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سىرلىرى نامايەن بولىدۇ. يۇقىرىدا مەزكۇر تەتقىقات ھەققىدىكى ھەر خىل ئۇچۇرلار كۆرسىتىلدى. بۇ تەتقىقات ئۇچۇرلىرىنى خاراكتىرى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى جەھەتتىن رەتلەش ۋە خۇلاسە چىقىرىش كېيىنكى تەتقىقاتلىرىمىزدا داۋاملىق قولغا ئېلىنغۇسى. تۆۋەندە داستان ھەققىدىكى باشقا مەزمۇنلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا پەقەت داستاننىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇمىز.(تۆۋەندىكى بايانلار داستاننىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ئاساسىدا يۈرگىزىلىدۇ.)


[1]  قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن داستاننىڭ باش – ئاخىرى كەم بولۇپ ،مازۇسىز . 《ئوغۇزنامە》ماۋزۇسى دوكتۇر رىزا نۇر تەرەپىدىن قويۇلۇپ باشقىلار تەرەپىدىن ئېتىراپقا ئېرىشكەن.

[2]  پائۇل پېللىئوتنىڭ قارىشىچە قوليازما يۈئەن سۇلالىسى (13- ئەسىر)دە شىنجاڭنىڭ تۇرپان رايونىدا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ،ھازىر پارىژدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسى بولسا 15 – ئەسىر ئەتراپىدا ھازىرقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەتتۇسى رايونىدا كۆچۈرۈلگەن . گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ئوغۇزنامە » ، بېىيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 –يىلى 6- ئاي بىرىنچى نەشرى،21 – بەت؛ پائۇل پېللىئوت 《ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى توغرىسىدا 》، ئەنقەرە 1995 – يىلى تۈركچە نەشرى 103 –بەتكە قاراڭ .

[3]   يۇقۇرىقى كىتاپلار : 6 –بەت ، 7 – بەتلەرگە قاراڭ .

[4] 《دەدە قۇرقۇت چۆچەكلىرى》، 《ئوغۇز ئەپسانىسى》230 -بەتكە قاراڭ . توختى تىللا تەرجىمىسى ، مىللەتلەر نەشرىياتى 2001- يىل 3- ئاي بىرىنچى نەشرى.

[5]  دىتىز 《يېڭىدىن تېپىلغان ئوغۇزنامە 》، بېرلىن 1815 – يىل.

[6] رادلوف (1837 – 1918) خەلقارادىكى ئەڭ داڭلىق تۈركولوگلارنىڭ بىرى.  1890 -  يىلى « قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قۇتادغۇبىلىكنىڭ فاكسىمىلى »(ۋىنا نۇسخىسى) ناملىق داستاننىڭ 8 بېتىنى بەرگەن. 1890- يىل پېتېربوروگ .13+200 بەت .1891- يىلى يەنە 《بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىكى》(1-قىسىم)ناملىق ئەسىرىدە داستاننىڭ تولۇق 42 ياپرىقىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى(مەتبەدە مانجۇچە ھەرپلەر ئىشلىتىلگەن. 232 –بەتتىن 244 – بەتكىچە) ۋە  نېمىسچە تەرجىمىسى (Ⅹ – Ⅷبەتلەر ) شۇنداقلا فارىس تاىخچىسى راشىددىننىڭ 《تارىخنامە》ئەسىرىدىكى ئوغۇزخان قىسسىنىڭ چاغاتايچە نۇسخىسى ۋە نېمىسچە تەرجىمىسى( ⅩⅣ ـ  ⅩⅩⅤⅢبەتلەر)، ئوبۇلغازىنىڭ 《تۈرك شەجەرىسى》ئەسىرىدىكى ئوغۇزخان قىسسىسىنىڭ چاغاتايچە نۇسخىسى ۋە نېمىسچە تەرجىمىسى (ⅩⅩⅤⅢ ـ ⅩⅩⅩⅤ بەتلەر) نى بەرگەن. ئاپتور يەنە 1893 يىلى ئەسەرنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى ئېلان قىلدۇردى. بۇ نۇسخا 1891 يىلىدىكى نېمىسچە نۇسخا بىلەن ئوخشاش.

[7]  رىزا نۇرنىڭ 《تۈركچە ئېپوس ـ ئوغۇزنامە》ناملىق ئەسىرى 1928 – يىلى  5-ئايدا نەشر قىلىنغان . فونېتىك ھەرپلەر بىلەن بېرىلگەن ترانسكىرىپسىيە ، قىسقىچە مەزمۇنى ،فرانسۇزچە تەرجىمە ، تۈركىيە تۈركچىسىدىكى مېتىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئسكەندىرىيە ، 4+64 بەت.

[8]  پائۇل پېللىئوت (1878- 1945) فرانسىيىلىك داڭلىق سىنولوگ (خەنزۇجشۇناس) ۋە تۈركولوگ . ئۇنىڭ 《ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى توغرىسىدا 》ناملىق ئەسىرى 1930 – يىلى توڭباۋ نامىدىكى ئاكادىمىيە ژورنىلىنىڭ 17- سانىدا نەشر قىلىنغان . تۈركىيىلىك ۋەدات كۆكەن  مەزكۇر ئەسەرنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ ئاتا تۈرك كۈلتۈر ، تىل ۋە تارىخ ئالىي جەمىيىتى تۈرك تىلى جەمىيىتى نەشرىياتى تەرەپىدىن 1995 – يىلى ئەنقەرەدە نەشر قىلدۇردى . تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسى 103 بەت .

[9] ۋىللى باڭ كائۇپ(1869 – 1934 ) گېرمانىيىلىك داڭلىق تۈركولوگ ، ئۇيغۇرشۇناش. ئۇنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىققا قوشقان تۆھپىسى ئاننا مارىيە فون گابائىن خانىم ياردىمىدە نەشرگە تەييارلىغان بەش توملۇق « تۈرك تىلىدىكى تۇرپان تېكىستلىرى » ۋە بۇ تېكىستلەر ئۈستىدە ئىشلىگەن « بەش توملۇق تۇرپان تېكىستلىرىگە ئانالىز  خاراكتېرلىك ئىندېكىس » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . ئۇ 1932 – يىلى رەشىت رەخمەتى ئارات بىلەن بىرلىكتە « ئوغۇزخاقان داستانى » نى ئىشلىگەن . 1932 – يىللىق فىلولوگىيە – تارىخ پەنلەر ئاكدېمىيىسى يىغىن خاتىرىسى، بېرلىن KⅠ.ⅹⅹⅴ  كە قاراڭ .

[10] رەشىت رەخمەتى ئارات (1900 – 1964) قازاندا تۇغۇلغان . 1933 – يىلى تۈركىيە ئىستانبول ئونۋېرسىتىنىڭ پرففىسورلىغىغا تەكلىپ قىلىنغان. تۈركىلوگىيە ئىلمىغا زور تۆھپە قوشۇپ تۈرك توركولوگىيىسىنىڭ بوۋىسى دىگەن پەخىرلىك نامغا ئېرىشكەن . ئۇ ئەڭ دەسلەپ 《قۇتادغۇبىلىك》تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان كىشى بولۇپ ، 《قۇتادغۇبىلىك》نىڭ 3 خىل سېلۇشتۇرما نۇسخىسى ئاساسىدا ئۇنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى، لاتىنچە ترانسكىرىپسىيەسى، تۈركچە تەرجىمىسى، سۆزلۈك ۋە ئىندىكىسلىرىنى ئىشلەپ چىققان. ئۇنىڭ ۋىللى باڭ بىلەن ئىشلىگەن « ئوغۇزخاقان داستانى »نى ئىستانبول ئونۋېرسىتى ئەدەبىيات فاكولتېتى تۈرك تىلى تەتقىقاتى نەشرىياتى تەرەپىدىن 1936 – يىلى تۈركچە ئېلان قىلىنغان . تۈرك كۈلتۈر تەتقىقاتى ئىنىستوتى نەشرگە تەييارلىغان 《رەشىت رەخمەتى ئارات ماقالىلىرى》،ئەنقەرە 1987 – يىل، بىرىنچى جىلت 605 – 672 – بەتلەرگە قاراڭ .

[11] ئا . م شېرباك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى .1959 – يىلى موسكىۋادا 《ئوغۇزنامە》نىڭ سلاۋيان ھەرپلىرى بىلەن بېرىلگەن ترانسكىرىپسىيىسى بىلەن رۇسچە تەرجىمىسىنى ئېلان قىلغان. شېرباكنىڭ ئاساسلىق ئەمگەكلىرىدىن يەنە 1970 – يىلى تۈزگەن《تۈرك تىللىرىنىڭ تارىخى فونولوگىيىسى》ناملىق كىتاۋى بار .

[12] زەكى ۋەلىدى توغان《ئوغۇز داستانى، راشىدى ئوغۇزنامەسى، تەرجىمە ۋە تەھلىل》، ئىستانبول 1972 – يىل، ئەندەرۇن نەشرىياتى.

[13] زۇخال ئۆلمەز《ئوغۇزنامە رىۋايەتلىرى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات》،《چاغداش تۈرك ئەدەبىياتىغا تەنقىدى بىر نەزەر》نامىدىكى يەككە كىتاپچىغا قاراڭ. (مەھمەت ئۆلمەز نەشرگە تەييارلىغان)، ئەنقەرە 1997 – يىل سۇمرۇغ نەشرىياتى.

[14] « تارىم » ژورنىلى 1979 – يىلى 5- سان.

[15] 《بۇلاق》مەجمۇئەسى 1980 – يىلى 2- سان.

[16] گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى ئوغۇزنامە » ، بېىيجىڭ .مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 –يىلى 11- ئاي بىرىنچى نەشرى.

[17] گېڭ شىمىن 《ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى داستانى《ئوغۇزنامە》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982 – يىل، (خەنزۇچە).

[18] گېڭ شىمىن، ماكەن رەتلىگەن « تۈركلەرنىڭ قەدىمقى تارىخى داستانى ئوغۇزنامە » ،بېيجىڭ ،1986 يىىل 11 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(قازاقچە)

[19] ئاپتورى گېڭ شىمىن ، رەتلىگۈچى مەھەممەترېھىم سايىت، 《قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى》 بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006- يىل 6 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)

[20] بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرى كۆپ بولغاچقا ئوخشىمىغان قاراشلارغا ۋەكىللىك بىرقانچە ماقالىنى كۆرسىتىمىز؛ 1. ئابدۇكېرىم راخمان《ئوغۇزخان ۋە «ئوغۇزنامە» ئېپوپىيىسى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەر》، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 1981 – يىلى ئۈچىنچى سان. 2. غەيرەتجان ئوسمان 《«ئوغۇزنامە» تەتقىقاتىدىكى بىرقانچە مەسىلە》، 《ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى》(خەنزۇچە)، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1999 – يىل 6 – ئاي 1 – نەشرى، 46 – بەتكە قاراڭ. 3 . لى شۇخۇي 《قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئوغۇزنامە» داستانىدىكى بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە》، 《شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى》ژورنىلى 2004 – يىل بىرىنچى سان . 4 . بىي شۈن 《«ئوغۇزنامە» ۋە قازاق ئەپسانىلىرى》، 《قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى》،(خەنزۇچە) مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006 – يىل 6 – ئاي بىرىنچى نەشرى، 78 – بەتكە قاراڭ.

( ئاخىرى بار )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (3) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئەلى مۇنداق يازغان:

    ئوغۇز نامىنى تورئويۇنى قىلىشقا بولامدىغاندۇ1

  2. ئايتۈرك مۇنداق يازغان:

    گېڭ شىمىن ۋە تۇرسۇن ئايۇپلار نەشىرگە تەييارلىغان «قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى-ئوغۇزنامە» مەندە بار ئىدى….

  3. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    ئوغۇزنامە بىر قەھىرمانلىق داستانى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif