نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئۈرۈمچىنىڭ شاھزادىسى

ئۈرۈمچىنىڭ شاھزادىسى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 5 پارچە | زىيارەت: 1,559 قېتىم


2011– يىلى 4- ئاينىڭ 28 – كۈنى ( پەيشەنبە ) ئۆتكۈزۈلگەن « 4 – نۆۋەتلىك شەھەر ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » غا ئۈرۈمچى، قاراماي، قۇمۇل قاتارلىق شەھەر، ۋىلايەتلەردىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچى، شائىر – يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات ھەۋاسكارلىرى  قاتناشقاندىن باشقا پىشقەدەم مويسىپىتلىرىمىزدىن بۇغدا ئابدۇللا، ئىمىن ئەھمىدى قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى ۋە مەزكۇر تېما ھەققىدە قىزغىنلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ياشلىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالىجاناپ پەزىلىتىنى نامايەن قىلدى.

فراففېسور، شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئۆزىنڭ شېئىرىي تۇيغۇغا باي، تېتىملىق سۆھبىتىدە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تەرەققىيات جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئۈرۈمچىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن بىر قىسىم چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىكى تەڭپۇڭسىزلىقى شائىرنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ۋە تەپەككۈرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇپ، شائىر بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر شەھەر ئەدەبىياتىدا ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ھىس قىلدۇردى.

بۇغدا ئابدۇللا 1945- يىلى لەنجۇدا تۇغۇلغان، ئازاتلىق ھارپىسىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتقان. شائىر ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىقىدىكى ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ – كۆك ئاسمىنىنى، سۈزۈك سۇلار شاقىراپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭ-دەريالىرىنى، ھەر خىل مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشىدىغان باغلىق ھويلا – ئاراملىرىنى، سېرىنگۈل ھىدى قاپلاپ تۇرىدىغان كوچىلىرىنى ئەسكە ئېلىپ، ئەينى يىللاردىكى ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى. شائىر: « بالىلىقىم ئېسىمدىن چىقمايدۇ، بىز تەبىئەتنىڭ ئىچىدە چوڭ بولدۇق، دوسلىرىم بىلەن بىرلىكتە تاللىق ياكى چوڭكۆل تەرەپلەردە قىيغىتىپ ئوينايمىز، ئۈرۈمچىنىڭ سېرىنگۈل پۇرىقىغا تولغان كوچىلىرىدىن مەسخۇش بولىمىز. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تاتار، خەنزۇ دوست – ساۋاقداشلار بىرگە ئوينايمىز، بىرگە ئوقۇيمىز، بىز ئەنە شۇنداق پاكىزە مۇھىتتا ئەركىن چوڭ بولدۇق، ھازىر ئويلىسام ئەينى چاغلاردا مەن ئۈرۈمچىنىڭ شاھزادىسى ئىكەنمەن » دىدى ئۆز سۆزىدە.

بۇغدا ئابدۇللا زامانىمىزدىكى ساناقلىق لىرىك شائىرلارنىڭ بىرى، شائىر ئۆز ھاياتىدا شائىرلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تولۇق چۈشەنگەن ۋە ئۇنى ئۆز مەنئىۋىي سۈپىتىگە ئايلاندۇرغان شائىر. شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپەتلىرىدە ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ شائىرنىڭ پەخىرلىنىش، شەرەپ ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە شائىرلىق بۇرچى شائىرنىڭ ئازاپ تۇيغۇسىنى شەكلىللەندۈرگەن. مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ، غورۇر ۋە ئازاپنىڭ چېقىلىشى بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىدىكى تەخىرسىز تېمىلار ۋە ئىستېتىك مەنزىللەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇغدا ئابدۇللانىڭ لىرىك شېئىرلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، تارىخ، رىۋايەت، مىللىي كۈلتۈرەل تېمىلارنى مەنبە قىلغان، ئەنئەنىۋىي شېئىرلار ۋە يېڭىچە شېئىرلارنىڭ بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىرىدىن تەڭ بەھر ئېلىپ، ھىسسىيات ۋە ئەقلىلىكنىڭ، ئۆزلۈك ۋە ئىنسانىيەت كۈلتۈر ئېڭىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بەدىئى مەنزىلى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى.  شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئىجادىيىتىدە مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرىنى يېزىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ پىسخىك مەنئىۋىي قاتلاملىرىنى قېزىش ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولدى، ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل تېمىلارنى يېزىش جەريانىدا شائىر شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىدە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە بولدى.

مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى شائىر قەلىمىدە جانلاندى، يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. شائىر ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلىرى، ئۇدۇم ـ چۈشەنچىلىرىنى ئۈگەندى، رەتلىدى. بۇ خىل پارچە – پۇرات، رەتسىز ھالەتتىكى خەلق فولكلورىغا تەۋە ھەر خىل ئامىللار شائىرنىڭ ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە ئازاپ، تەرەققىيات ۋە كىرىزىس تۇيغۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتىنى تېخىمۇ تاكاماللاشتۇردى. شائىر مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى ئارقىلىق رىئاللىقنى ئىپادىلەش، ئىنسان روھىنىڭ پۈتمەس –تۈگىمەس ھاياتىي كۈچىنى ئۇلۇغلاش مەقسىدىگە ئېرىشتى. شائىر بۇغدا ئابدۇللا بۇ خىل تېمىلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى، ئەڭ ياۋايى، ئەڭ پاكىز ھىسسىياتىنى قېزىپ چىقىشقا تىرىشتى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرى لىرىك باشلىنىدۇ، مەلۇم باياننى بېسىپ ئۆتۈپ ئەۋجىگە چىقىدۇ؛ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى رىئاللىقتىن باشلىنىپ مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى ۋە تارىخ، كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ، بۇ چاغدا شائىرنىڭ ئۆزلىكى ئاللىقاچان شائىرنىڭ شەخسىي كىملىكىدىن ھالقىپ ئۇنىڭ قەۋمىگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كېڭىيىدۇ…

 بۇغدا ئابدۇللانىڭ مىللىي ئېتنىك كۈلتۈرەل تېمىلارنى يېزىشى، تېما نامراتلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شائىر خەلقنىڭ ۋىجدانلىق بىر زىيالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يوقىلىپ كېتىش گىرداۋىغا چۈشۈپ قالغان خەلق فولكلۇر بايلىقلىرىنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە قايتا ھاياتلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكىنىمىزدە شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىر ۋىجدانلىق ئىنسانشۇناس ۋە فولكلورشۇناس بىلەن ئوخشاش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي بوران – چاپقۇنلاردا ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچراپ ، بۈگۈن يوقىلىش  قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن بايلىقلىرىمىزنى سەنئەت تۈسىگە ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى بىر سەنئەتكار. شائىرنىڭ بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىدا ئېيتقان سۆزلىرى شائىرنىڭ ئۇزۇن يىللىق شېئىرىي ئىجادىيەت ئىزدىنىشلىرى جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئېيتىلدى، بۇ تەجرىبىلەر چىن، ھەقىقىي، پەردازسىز بولۇپ، يازغۇچى – شائىرلىرىمىزنىڭ شەھەر ئەدەبىياتى تېمىسىدا نىمىلەرنى يېزىشى ۋە قانداق يېزىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇسى.

 ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت ئەستىلىكى بولىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ ھەم شۇنداق. شائىرنىڭ شائىرانە تۇيغۇغا تولغان سۆزلىرى بىزنىڭ يېرىم ئەسىر جەريانىدىكى مەدەنىيەت ئەستلىكىمىزنىڭ بىر قىسمى خالاس. ئەدەبىيات مەدەنىيەتنىڭ بىر تەركىۋىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ خىل مەدەنىيەت ئەستىلىكىنى قېزىش، رەتلەش، پىششىقلاش ۋە ئۇنى سەنئەتلىك ئىپادىلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شەھەر ئەدەبىياتى ئېنىق ئايرىشقا توغرا كەلسە ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھىكايىلىرىنىڭ بىر قىسمى، ئۇنداقتا بىز يەنە نىمە ئۈچۈن شەھەر ئەدەبىياتىنى ئايرىم كاتوگېرىيەدە تەتقىق قىلىمىز؟ ئۇنى ئايرىم تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى بۇ خىل ئەسەرلەردە ئىپادىلىنىۋاتقان « شەھەر پۇرىقى » نىڭ ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە تەرەپىگە، روھىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىغىچە  سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسۈتىشتىن باشقا يەنە ئۇنىڭ تارىخىي جەريانلىرىنى، ئىجتىمائىي ۋە پىسخىك تېندىنسىيىلىرىنى قېزىپ چىقىرىشنى كۆرسەتسە كېرەك. مانا بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەستىلىكىنى ئەدەبىيات – سەنئەت قورالى ئارقىلىق قوغداش، رەتلەش ۋە قايتا قۇرۇشقا خىزمەت قىلدۇرىدۇ.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (5) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئايتۈرك مۇنداق يازغان:

    ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىرىمىز بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆمىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن!!!!

  2. چۈشتاق مۇنداق يازغان:

    مەن كۆرگەن، ئىككى ئېغىز گېپىنى يۈزتۇرانە ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان ياشقا چوڭ شائىر-يازغۇچىلىرىمىزدىن خاس پەزىلىتى بىلەن مەندە ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار قوزغىغانلار كۆپ ئەمەس، بۇغدا ئابدۇللا بوۋىمىزغا ئىپتىخارلىق يۈرىكىم بىلەن تېتىكلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

  3. ئوۋچى مۇنداق يازغان:

    تۇنجى دىدارلىشىپ مۇڭداشقان ۋاقىتلارنى پەخىرلىنىپ ئەسكە ئالىمەن. ئۇستازنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن، تېنى ساق بولسۇن!

  4. شەرھىناز مۇنداق يازغان:

    بۇغدا ئابدۇللا ھەقىقەتەن ئېسىل ئۇستاز. ئۇنىڭدەك پەزىلەت ۋە ئىقتىدارنى تەڭ يىتىلدۈرگەن ئادەملەر ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭغا ئاللاھ ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي!…

  5. مەسئۇد ئىسا مۇنداق يازغان:

    ئالدى بىلەن نوھقا سالامەتلىك تىلەيمەن!
    ئۇستازىمىز بۇغدا ئابدۇللا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتنىڭ رولچىسى. كەلگۈسىنىڭ ئەينىگى! ئۇنىڭ بارلىق ئەمگەكلىرى بىزنىڭ مەنىۋىي بايلىغىمىز. ئۇنىڭ يەڭگىل تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى، شەخس ۋە خەلق تۇيغۇسىغا يېقىن شېئىرلىرى شۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيىلىك ۋە تارىخ تۇيغۇسىغا تويۇنغان شېئىرلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلىدۇ.
    ئۇستازغا سالامەت تىلەيمەن! كۈنلىرى خۇشۋاق ئۆتكەي!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif