نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » تۈركىيە پروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى

تۈركىيە پروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 12 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 1,268 قېتىم


قىسقىچە تەسىرات

ئالدى بىلەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ  80 – يىللىردىكى تۈركىيە ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . تۈركىيە پروزىسىنىڭ تەرەققىياتى بۇ يىللاردا كۆتىرىلگەن بىر قىسىم سىياسى ئىنقىلاپلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ (ئەسكەرلەرنىڭ ھاكىمىيەت تارتىۋېلىشى ) ئەدەبىياتمۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. ئىجادىيەت ئۇسۇلى يەنىلا رىئالىزىم بولدى ھەم مودېرنىزىملىق ئامېللارنىمۇ چەتكە قاقمىدى. پروزا ھەر خىل شەكىل، ئۇسلۇپ، ئېقىملار بويىچە تەرەقققى قىلىشقا باشلىدى.

تۈركىيە ئەدەبىياتىنىڭ سىياسى بىلەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زامان تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشىمۇ ئۆزىدە ناھايىتى زور سىياسى ئۆزگىرىش – ئىنقىلاپلارنى ئاساس قىلغان.  ئۇ ئەڭ دەسلەپتە 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىسلاھات دەۋرىدە شەكىللىنىشكە باشلىغان.  ئۇنىڭ سىياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر ئامىل ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى، 1920  – يىللاردىكى ئاتا تۈرك ئىنقىلاۋى ۋە ئىسلاھات دەۋرىدە مۇستەھكەملەنگەن، شۇڭا  ئۇنىڭ ئىجتىمائى ئاساسىنىڭ ئۆزىلا سىياسى بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك باغلىنىشقا ئىگە. بۇ دەۋردە بىر تۈركۈم چەتئەل ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى تۈركىيەگە كىرىشكە باشلىغان. مەسىلەن،« روبېنزون كېروزو » غا ئوخشاش ياۋروپا يېقىنقى زامان پروزىچىلىق نەتىجىلىرى. بۇنىڭ بىلەن تۈرك ئەدەبىياتى يېڭى بىر تەرەققىيات دەۋرىگە كىردى.  مەزمۇن جەھەتتە بۇ دەۋردىكى يازغۇچىلار ئاتا تۈرك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىشتا ئالاھىدە رول ئوينىدى. ۋەكىللىك يازغۇچىلار ئۆمەر سەيفتىن قاتارلىقلار بار.

تۈركىيە سەھرا ئەدەبىياتى توغرىلىق سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيەدە بارا – بارا ئاناتولىنى مەركەز قىلغان سەھرا ئەدەبىياتى كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ خىل ئەدەبىياتنىڭ بىر ئالاھىدىلىگى، ئۇلار سەھرالىقلارنىڭ كۆزىدە شەھەر تۇرمۇشىنى كۈزىتىدۇ.  ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ياشار كامال بۇ ئېقىمنىڭ مۇھىم بىر ۋەكىلى. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە سەھرانىڭ مەۋجۇد ھالىتىنى تەسۋىرلەپلا قويماي خەلق ئەدەبىياتى ۋە كۈلتۈرىنى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرىۋېتىدۇ. ۋەكىللىك يازغۇچىلاردىن يەنە مەھمۇد ماكاللى قاتارلىقلار بار.

بۇ خىل يۈزلىنىش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىغا كەلگەندە تۈركىيە يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىغا ئۈتۈندى . يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى رىئالىزىمدىن يىراقلاشقان بولۇپ، مەسەل، رىۋايەت، خەلق فولكلورىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلغان. سېھرى رىئالىزىملىق ئەسەرلەر دىيىش مۈمكىن. بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىدە كولۇمبىيە يازغۇچىسى گارسىيە ماركوزنىڭ « يۈز يىل غېرىپلىق » رومانىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن زور. ۋەكىللىك يازغۇچىلاردىن لەتىپ تېكىن قاتارلىقلار بار.

80 – يىللاردىكى يەنە بىر يۈزلىنىش تارىخى رومانچىلىقنىڭ كۆتىرىلىشى. ئالاھىدىلىكى ئۇ ئەنئەنىۋىي رىئالىزىملىق ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدۇ.  بۇ خىل ئەسەرلەردە ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ۋە سالجۇقىلار ئىمپىراتورلىقى دەۋرى تارىخى ھەققىدە قايتا مۇلاھىزە يۈرگىزىدۇ. بۇ خىل رومانچىلىقنىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بار. بۇ ئەسەرلەردە كامالىزىملىق رومانچىلىقنىڭ ئىزنالىرى كۆپ ئۇچرىمايدۇ. مىللىلىكنى ئىپادىلەش ئاساسى ئورۇندا تۇرمايدۇ. ۋەكىللىرى ئۇرخان پامۇك، نەدىم گۆرسەلى. ۋەكىللىك ئەسەرلەر « ئىگەللىگۈچى »1995- يىلى يېزىلغان.   يەنە بىر ئەسەر « بوغۇز كەسكۈچى » بۇ يەردە بوغۇز ئىككى خىل سىموۋۇللۇق مەنىگە ئىگە . سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئىستانبۇلنى ئىگەللىشى ــــــ بوسفور بوغۇزىنى كېسىش، يەنە بىرى ئىنسانلارنىڭ بوغۇزىنى ( نەپس، نەپسىنى ) كېسىش، كۈندىلىك خاتىرە شەكلى بىلەن تارىخى ۋەقەلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر پارالىل ماڭغان. بۇ ئەسەرنىڭ ۋەقەلىگى 1980- يىللاردىكى ھەربىلەرنىڭ ھوقۇق ئىگەللىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

تۈرك چاغداش ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تونۇلىۋاتقانلىقى بىلەنمۇ خاراكتىرلىك.

 1990- يىللاردىن كېيىن ئىسلام ئەدەبىياتىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققى قىلدى .

تۈركىيە ئەدەبىياتىدىن ياشار كامال ،ئۇرخان پامۇكلار نوبېل ئەدەبىياتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. بۇ يازغۇچىلار كېيىن گېرمانىيە فرانكفورت ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مەزكۇر خاتىرە يېزىلىپ ئەتىسى يەنى ، 2006-يىلى 12- ئۆكتەبىر كۈنى ئۇرخان پامۇك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇرخان پامۇك نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا تونۇشلۇق، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا ھەم تەرجىمە قىلىندى، نۇرغۇن تور بەتلىرىدە تۈرك ئەدەبىياتى ۋە ئۇرخان پامۇك ھەققىدە ماقالىلار يېزىلدى. ئىشىنىمىزكى، ئۇرخان پامۇكنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتى سەھنىسىدە پارلىشى ۋە ئەسەرلىرىنىڭ تىل- يېزىقىمىزدا نەشرلىنىشى تۈركىيە ئەدەبىياتىغا بولغان قىزغىنلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.   

 2006 – يىلى 11- ئۆكتەبىر

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. رىفئەت مۇنداق يازغان:

    费里特·奥尔汗·帕穆克 Ferit Orhan Pamuk ئورخان پامۇك تۇركي مىللەتتن چىققان تۇنجى نوبېل مۇكاپات سائبى… مەن ئاپتۇرنىڭ تەڭرىتاغ ژورنىلى 2007-يىللىق 1-ساندىكى
    دادامنىڭ چامىدىنى(2006-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى مۇنبىرىدە سۆزلەنگەن نۇتۇق)نى ئوقۇپ ئورخان پامۇككا بولغان تۇنۇشۇم تېخىمۇ ئۆستى.
    ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات» رومانى ھەممە نەرسە بىر-بىرىگە ئايلانغان ۋە بىر-بىرىگە ئۇچۇر يوللىغان بايان ئەسىرىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئوقۇرمەنلەر يازغۇچى قۇرغان توزاق ۋە سىرلىق ئۆڭكۈردىن چىقىش ئۈچۈن قالدۇرغان ئىزلارنى بايقاشتا چىڭ تۇرسا، بۇ كىتابنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىسىمۇ، ئۇنداق-مۇنداق قىستۇرما ۋەقەلىكلەردىن ياكى ھەممىسىدىن تېگىشلىك زوق ئالالايدۇ.
    ئۇنىڭ يېقندا مېنڭ ئسسم قىزىل ناملىق رومانى تەرجىمە قلىنىپ نەشىردىن چىقتى.بىلىشىمچە .ئۇنىڭ يەنە «قار »،«مۇھەببەت موزىيى» نامىلىق رومانىمۇ بارغۇ دەيمەن.
    ئاپتۇرنىڭ قۇلىغا بەركەت تىلەيمەن!!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif