يەر تەۋرەشتىن كېيىن…
11- مارت ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتىن پۈتۈن يەر شارى لەرزىگە كەلدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى ۋە تەپەككۈرىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ياپون مىللىتى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن تراگېدىيەدىن مەڭدەپ قالدى. يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يوكوھاما يادرو بۇلغىنىشى بۇ تراگېدىيەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. تەبىئى ئاپەت بىلەن سۈنئى ئاپەت خۇددى ئىتتىپاق تۈزىۋالغاندەك ياپونلارغا مىسلىسىز قارا كۈنلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ياپونلار ئۈچۈنلا قارا كۈن بولۇپ قالماي، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسىغا ئايلاندى.
ياپونلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقلىي سانائىتى ۋە ئۇنىڭدىن بارلىققا كېلىۋاتقان تەرەققىيات ياپونىيەدىن ئىبارەت بۇ ئارال دۆلىتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز ئۆرلىشىدىكى ئاساس بولۇپلا قالماستىن ھەم يەنە بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ يوشۇرۇن مەنبەسى دىيىشكە بولىدۇ. ئەسلىدىنلا ئېكولوگىيىسى ئاجىز بۇ ئارال دۆلىتىدە يوكوھاما يادرو ئېلىكتېر ئىستانسىسىنىڭ ياپونلار ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ترويا ياغاچ ئېتىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز. ئىنسانىيەت تارىخى بۇ خىل مىسال ئەندىزلىرى بىلەن تولغان، قاچانكى ئىنسانلىق كۇپۇرلىقلىرى ھەقىقەت ۋە تەبىئەت ئۆلچەملىرىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇندى، نەتىجىسى غايەت زور يوقىتىش بىلەن تۈگەللەندى.
پۈتۈن دۇنيا ياپونىيە ۋە ياپون مىللىتىنىڭ بېشىدىكى تراگېدىيەدىن زىل-زىلىگە كەلگەن مۇشۇ پەيتتە، ياپون مىللىتى ئاجايىپ قەيسەرلىك ۋە مەردانىلىق بىلەن پۈتۈن دۇنيانى تەسىرلەندۈردى. ئاپەت جەريانىدىكى سالماقلىق، تالاپەتلەر جەريانىدىكى ئېغىر – بېسىقلىق ۋە تەمكىنلىكى شۇنداقلا سوغاققان تەپەككۈرى ئۇلارنىڭ ئاپەت ئىچىدىن قايتا ئورنىدىن تۇرالايدىغان ئىچكى كۈچكە ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ..لېكىن خروسوما ۋە ناگاساكى جاراھىتى تېخى ساقايمىغان ياپونلارنىڭ قانچىلىك بەدەل ۋە يوقىتىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى يادرو بۇلغىنىشىنىڭ تەسىرى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلماقمۇ ھەم تەس ئەمەس.
يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يادرو بۇلغىنىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكى نامالۇم بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋەھىمىسى بىزنىڭ روھىي دۇنيارىمىزنى ئاستىن – ئۈستىن قېلىۋېتىشكە ئۈلگۈردى. كىملەرنىڭدۇر يادرو بۇلغىنىشىنىڭ جوڭگوغا تەسىر قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۆسەك سۆزى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تۇز تالىشىپ سېتىۋېلىش دولقۇنى كۆتۈرىلدى، چۈنكى يۇدلۇق ئاشتۇزىنىڭ رادىئوئاكتىپ بۇلغىنىشقا قارشى ئاجايىپ رولى بارمىش. جازانىخورلار بىردەمدىلا تۇزنىڭ باھاسىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەسۋەسىدىن ئىدراكى ئىستىمال قىلىش ھالىتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر مال جاھازلىرىنى قۇرۇقداپ قويدى. پېقىر گەرچە بۇ قەھرىمانلىق مەيدانىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولساممۇ، لېكىن توردىكى سۈرەت ۋە خەۋەرلەردىن بۇ قېتىمقى روھىي تەۋرەشنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
تۇز تالىشىپ سېتىۋېلىشنىڭ ئەتىسى خىزمەتكە بارغىنىمدا بۇ يەردىمۇ تۈنۈگۈنكى شۇ ۋەقە توغرىسىدىكى گەپ. ئارىدا بىر خىزمەتدىشىم ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان بىر بۇرادىرىمىزنىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى، ئەسلىدە ئۇ بۇرادىرىمىز قارىلىق بولۇپ قېلىپ ۋەتەندە ئىكەن، ئايالى ۋە كىچىك بالىسى ياپونىيەدە ياپونلارنىڭ بۇ قارا كۈنلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇ قېرىندىشىمىز بالىسىنى ئېلىپ يىمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر تاللا بازىرىغا كىرگەن، بۇ چاغدا يىمەكلىك جاھازىسىدا ئىككى تاللا بولكا قالغان بولۇپ، ئىككى بوۋاي ئاخىرقى بۇ بولكىلارغا پۇل تۆلەۋاتقان ئىكەن، ئۇلار بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرگەن بۇ ياش ئانىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ بولكىلارنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى بۇ مۇساپىرلارغا ئۆتۈنۈپتۇ.
2011 – يىلى 19 – مارت
ئالدىنقى يازما: « سالغا تېشى » ــــــ روھلار كەچمىشى(2)
كېيىنكى يازما: ئەدەبىي تەنقىدچىلىك – كىرىش
بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى
يەر تەۋرەشتىن روھىي تەۋرەش يامان،بەك يامان….
ھەممە يەردە شۇ ،،،،ياپۇنىيدىكى ئاۋۇ بوۋايلارنىڭ ئەڭ ئاحىرقى بولكىنى مۇساپىرلارعا ئۆتۇنۇپ بىرىشى ئادەمنى بەك ئويعا سىلىپ قويىدىكەن،ئەگەر بىز بولعان بولساق قانداق قىلار بولعۇيدۇق.