«ئۇيغۇر رومان ئىجادىيەت مۇھاكېمە يىغىنى» ئۆتكۈزىلىدۇ
يازغۇچىلار تورىدىن ئابدۇمىجىت مۇھەممەت خەۋىرى :
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتى ئەدەبىيات ئېنىستېتوتى «ماگىستىر ئاسپىرانتلار ھەپتىلىك كىتاب ئوقۇش مۇھاكېمە يېغىنى»دا ئەدەبىيات ئېنىستىتۇتىنىڭ ياش تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور، ماگىستر ئاسپىرانتلار يىتەكچىسى ئىقبال تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى (شەنبە) شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتىدا ئەدەبىيات ئىنېستېتۇتىدىكى پروفېسسۇرلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە «ئۇيغۇر رومان ئىجادىيەت يىغىنى» ئۆتكۈزىلىدىكەن. بۇ يىغىن 2010-يىلى 10-ئايدا مەزكۇر مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىگى» ھەققىدىكى يىغىندىن كېيىن بۇ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئىككىنچى قىتىملىق ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك چوڭ يىغىن بولۇپ، يىغىنغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان يازغۇچى، شائىر، ئوبزۇرچى ۋە ھەرساھە تەتقىقاتچلىرى قاتنىشىدىكەن. ھەم ئۇيغۇر رومان ئىجادىيتى ھەققىدە ماقالىلەرنى ئوقۇيدىكەن. يىغىن خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر ئەدەبيات گۇرپىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش ۋە ماقالىلەرنى يىغىش قاتارلىق تەييارلىق پائالىيەتلەر ئاللىقاچان باشلىنىپ بوپتۇ. يىغىن تەشكىللەش ئىشلىرىغا ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، ئىقبال تۇرسۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىنلار يىتەكچىلىك قىلىۋىتىپتۇ.
ئىقبال مۇئەللىمنىڭ خەۋەر بېرىشىچە بۇ يىغىننىڭ باشقا يىغىنلاردىن پەرىقلىندىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، يىغىندا بىر تۈركۈم ياش تەتقىقاتچىلار، ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ماگىستىر، دوكتۇر ئاسپىرانتلىرى «ئۇيغۇر رومان ئىجادىيتى» ھەققىدە ئۆز تەتقىقات ماقالىلىرىنى كۆپرەك ئوقۇيدىكەن. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتى ئەدەبىيات ئېنىستېتۇتى ساھىبخان سۈپىتىدە ھەرساھەدىكى ئىمكانىيتى يار بەرگەن ئەدەبىيات ساھبلىرىنىڭ ۋە ياش ھەۋەسكارلارنىڭ يىغىنغا قاتنېشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىكەن.
خەۋەر مەنبەسى: http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2620
ئالدىنقى يازما: بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (3)
كېيىنكى يازما: شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى 2012 – يىللىق ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ماقالە تېمىلىرى ئېلان قىلىندى
بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى
ئەجەپ قۇتلۇق ئىشلار بۇلىۋىتىپتۇ دىيارىمىزدا.بىزگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭزگە رەھمەت.