نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » پروزا ھەققىدە كالتە خىياللار

پروزا ھەققىدە كالتە خىياللار

ۋاقتى: 2011 - يىلى 30 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: پروزا نەزەرىيىسى | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 951 قېتىم


بۈگۈنكى كۈندە پروزا بىلەن ئۇچراشمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك، مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەر ئەلۋەتتە پروزىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇ مەيلى قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئىنەزەر خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلىرىدا، ئارام ئالغىنىدا ياكى سەپەرگە چىققىنىدا، تور دۇنياسىدا خىلمۇ – خىل بەتلەرنى ئارىلىغىنىدا ئاڭسىز – ياكى ئاڭلىق ھالدا پروزا ئەسەرلىرىنى ئوقۇماي قالمايدۇ. بۈگۈنكى زامان نەشرىياتچىلىقىدا پروزا ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىۋاتقان كىتاپلارنىڭ كۆپ سالمىقىنى ئىگەللەيدۇ. ئەدەبىيات خاراكتىرىدىكى ژورناللار ئۆزىدە بېسىلغان تېتىملىق پروزا ئەسەرلىرى بىلەن ئۆز كىتاپخانلىرىنى ئاۋۇتىدۇ ھەتتا كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ژورناللارمۇ قىسقا – ھىكايە ۋە نەسىر، خاتىرىلەر بىلەن رەڭگا – رەڭ ، خىلمۇ – خىللىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئېنتېرنېت تېخنىكىسى  مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن تور ئەدەبىياتى دۇنياسىدا پروزا يەنىلا ئاۋانگارت ژانىردىن ئىبارەت. دىمەك، پروزا ژانىرى بۈگۈنكى مەدەنىيەت دۇنياسىدا ھەر خىل تارقىتىش ۋاستىلىرىدا مونۇپۇل ژانىرغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئېستېتىك زوقلىنىشىنىڭ مۇھىم بىر مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر جەمىيىتى نۇقتىسىدىن كۈزەتكىنىمىزدىمۇ ھەتتا كىتاپ – ئوقۇمايدىغان بوۋاي- مومايلار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر تۈركۈمىنىڭمۇ رادىيو ئارقىلىق پروزا ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. پروزا ئوقۇشنىڭ خوشاللىقى ۋە تەسىرى گەرچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلماي مۈمكىن ئەمەس، پروزا ئەسەرلىرى بەزىدە بىزنى ھاياجانلاندۇرۇپ ئۇلۇغ ئىستەك ۋە غايىۋىي ئارمانلىرىمىزنى قاناتلاندۇرسا، بەزىدە بىزنى چوڭقۇر تەپەككۈرگە باشلاپ ۋىجدان غورۇرىمىزنىڭ قايناپ تېشىشىغا، بەزىدە خوشاللىقتىن قانداقتۇر بىر نەرسىمىزنى تېپىۋالغاندەك ھىسسىياتقا، يەنە بەزىدە پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىلىپ يەككە – يىگانە قالغاندەك ئازاپ دۇنياسىغا تاشلايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا پروزا بىزنىڭ ئېستېتىك دۇنيارىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ سىزنى سىز ئارزۇلىغان ياكى ئىلگىرى بىلگەن ھەم شۇنداقلا پۈتۈنلەي يىپ يېڭى بەدىئى دۇنياغا گۈزەللىك دۇنياسىغا باشلايدۇ.

 نىمە ئۈچۈن پروزىدىن ئىبارەت بۇ نەرسە شۇنچىلىك سېھرىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟ پروزا دىگەن زادى نىمە؟ يۇقىرىقىلارنى ھەرگىزمۇ ھەر بىر ئوقۇرمەن ياكى ئاڭلۇغۇچى ئويلايدىغان مەسىلەر ئەمەس، گەرچە ئويلاپ باققان بولسىمۇ جاۋابىغا ئېرىشكەن ئەمەس ؛ ھەتتا بەزى يازغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئويلاپ ياكى تەھلىل قىلىپ باققان ئەمەس. بىراق دۇنيادىكى بارلىق مەنئىۋىي مەھسۇلاتلارغا ئوخشاش، پروزا ئىجات قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نەزەرىيىۋىي جەھەتتىكى تۈزۈلىشى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە شۇنداقلا ئىجادىيەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش تەققازاسى شەكىللەنگەن بولىدۇ، ھەمدە مۇقەررەر ھالدا مەلۇم كىشىلەر بۇ خىل ئاۋارە خىزمەتنى قىلىدۇ. شۇڭا پروزىدىن ئىبارەت بۇ نەرسە پەيدا بولغاندىن تارتىپ، مەيلى جوڭگو ياكى چەتئەللەردە بولسۇن ماس ھالدا مەلۇم پروزا تەتقىقاتچىلىرى مەيدانغا كەلگەن، شۇنداقلا پروزا ھەققىدىكى نەزەرىيەلەرمۇ بىر خىل ئىلىمگە ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۈزلۈكسىز گۈللىنىۋاتقان پروزا ئىجادىيىتىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە زامانىۋىي ئىلىم پەن شۇنداقلا مەلۇم ئىلمىي تەجرىبىلەرگە ئىگە يازغۇچىلارنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، پروزا ئىجادىيىتى ۋە پروزىدىن ھوزۇرلىنىشنىڭ مەلۇم قائىدە قانۇنىيەتلىرى ۋە كونكېرت مەسەلىلىرى  ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىمىز.

ئۇيغۇر مىللىتى ناھايتى ئۇزاق ئەدەبىيات ئەنەنىسىگە ئىگە. ئۇيغۇر مىللىتى ۋە  ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىنىڭ ژانىرلار قۇرۇلمىسى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، بىز تولا ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتكەن بىر سۆز بار، يەنى ئۇيغۇر مىللىتى شېىرىيەت مىللىتى، شېئىرىيەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاۋانگارت ژانىر. بۇ ھازىر كىشىلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ساۋات بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىمۇ قايتا – قايتا زىكىر قىلىنىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ خىل قاراشنىڭ مەلۇم ئاساسىي بولسىمۇ لېكىن بىز ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەسەرلەرگە كۆز يۈگۈرتكىنىمىزدە پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىرنىڭمۇ ئاز بولمىغان نەتىجىلىرىنى كۆرىمىز، بولۇپمۇ قەدىمقى زامان ئاغزاكى ۋە يازما ئەدەبىياتىمىزدا پروزا ئۆزىنىڭ سەلتەنىتىنى كۆرسەتكەن ھەم پۈتكۈل مىللەت ئەدەبىياتىدا ئاۋانگارتلىق رول ئويناپ، مىللەتنىڭ قەيسەر مىللىي روھى ۋە ياشاش ئىرادىسىنى پروزىك ئۇسۇلدانامايەن قىلغان، قەدىمقى دەۋر ئەدەبىياتىمىز ۋە قۇچۇ دەۋرى ئەدەبىياتىدكى( ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر قىسىم )ئەڭ يىرىك ۋە ئەڭ گۈزەل ئەسەرلەر پروزا ژانىرىدا ئىجاد قىلىنغان ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىجادىيەت ئېڭى ۋە ئېستېتىك تەپەككۈرىنىڭ دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر مىللەتتىن كېيىن قالمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلغان، گەرچە ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ مىللىتىمىزدە مەيدانغا چىققان دىنىي تەپرىقىچىلىك ۋە ئېتىقاد كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە خەلقىمىزنىڭ پروزا ئېڭى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، بۇ ژانىر ئەدەبىياتىمىزدىن ۋە خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك دۇنياسىدىن بىرقانچە ئەسىر يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىز ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى ۋە پروزىدىن ئىبارەت  بۇ ژانىرنىڭ ئەسلى تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئەمەلىيىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ تەكشۈرگىنىزدە ئۇيغۇر مىللىتى شېىرىيەت مىللىتى، شېىرىيەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيانقى ئاۋانگارت ياكى بىردىن بىر  ژانىر دەيدىغان كۆزقاراشلارنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ يىرىك ۋە نەتىجىلىك پروزا ئەسەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن پروزىدىن ئىبارەت بۇ ژانىر پۈتۈنلەي يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتمىدى، بۇ ژانىر خەلق ئارىسىدا ۋە خەلق سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا داۋاملىق ساقلىنىپ كەلدى، يەنى خەلق چۆچەكلىرى، قىسسە ۋە تەزكىرەلەر شۇنداقلا مەدداھلارنىڭ جەڭنامىلىرى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى دەۋردىن كېيىنكى ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ يېرىم ئەسىرگە يەتمىگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىمۇ بۇ ژانىرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئىچكى مەدەنىيەت (كۈلتۈر ) كۈچىمىزنى ئېنىقلاپ كۆرۈشكە تەقاززا قىلىدۇ.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. سالدام مۇنداق يازغان:

    ئادەتتە پىروزا دىگەن نىمە؟دىگەن سۇئالغا:ئۇ دىگەن ھىكايە،رومان،پوۋىستلارنى كۆرسىتىدۇ دەپلا جاۋاب بىرىمىز.يەنى ئاساسلىق كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز ۋەقەلىكتۇر. ئەدەبىياتنىڭ سىھرى كۈچىنى پىروزا ئەسەرلىرى ياخشى نامايان قىلالايدۇ

  2. گۈلىستان مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ شۇ ،ھىكايە رومان ،پۋىستلارنىڭ ئومۇمى نامى پىروزا دىمەكچى ئىدىم،قارىغاندا بۇنداقلا چۈشەنسەك بەك يۈزەكى بولۇپ قالغۇدەك،ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif