نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (3)

بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى (3)

ۋاقتى: 2012 - يىلى 19 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: ئىنكاس چەكلىۋېتىلگەن | زىيارەت: 446 قېتىم


شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەنا سوبېكتىپ، ئابېستراكىتنى بولۇپ، شائىرنىڭ ئىچكى ئىدىۋىي ھىسسىياتى بىلەن ئورگانىك بىردەكلىككە ئىگە قىلىنغان، شېئىرنى تەشكىل قىلغان مۇھىت بولسا ئوبېكتىپ، كونكېرتنى، تاشقى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. لېكىن بۇ تاشقى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى شېئىرىي تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ھىسسىلاشقان، قەلبلەشكەن بولۇپ، شائىر ئوبراز ۋە تۇيغۇنىڭ چېقىلىشىدا شېئىرىي بوشلۇق ۋە پىكىرنى ئەپچىللىك بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. شائىرنىڭ 1995 –يىلى يازغان « سالغا تېشى » داستانى شائىرنىڭ يەككە شېئىرىي تېمىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلەش شۇنداقلا كۆپ خىل شېئىرىي ئوبرازلار سېستىمىسى ئارقىلىق، شېئىرىي پىكىرنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە كەڭلىكىنى بەرپا قىلىشتا مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىلدى. شائىرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە « سالغا تېشى»نىڭ تەسىرىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. بولۇپمۇ «تاشقاتما » داستانى « سالغا تېشى» دا يارىتىلغان شېئىرىي مۇھىتقا ئەگەشكەندەك قىلسىمۇ لېكىن ئالدىنقىسىدا يارىتىلغان ئېستېتىك پەللىگە يېتەلمىدى.

بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىر ئىجادىيتىنى شائىرنىڭ ئۆزلۈك ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى دىيىشكە بولىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ شائىرلىق قەلبىنى ئوچۇقتىن – ئوچۇق بازارغا سالمايدۇ، شائىرنىڭ نەزەرىدە شېئىر مۇقەددەس ھەم سىرلىق بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە ئېستېتىك  قۇرۇلما. شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتى ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي كۈلتۈرىگە باغلاندى. بولۇپمۇ شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىنكى شېئىرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمى لېكىن مەڭگۈلۈك يېڭى بولغان ئۆلمەس تېمىلىرىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى؛ بۇ شېئىرلار شائىرنىڭ ھايات ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ قەدىمى، ئىپتىدائى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان تېمىلاردىن ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ۋە قىممىتى ھەققىدە ئىزدەندى بولۇپمۇ تراگىدىيەلىك، ئازاپ – ئوقۇبەتلىك رىۋايەتلىك تېمساللار ۋە تارىخىي ئىزنالاردىن ھاياتنىڭ قەيسەر، جەڭگىۋار تەرەپلىرىنى قېزىپ چىقىپ، ئىنسان روھىنىڭ ئېگىلمەس سۇنماس ھاياتىي كۈچىنى بەدىئىي يوسۇندا نامايەن قىلدى. شائىرنىڭ « بۈگۈن ۋە ئەتە »، « كرورەن گۈزىلى » قاتارلىق شېئىرلىرى ئېستېتېتىك كۈچى كۈچلۈك بولغان شېئىرلار بولۇپ، بۇ شېئىرلارنى ئەنئەنىۋىي قوبۇل قىلىش ئېڭى بويىچە ئوقۇپ چۈشىنىش  ناھايىتى تەس.

بۇغدا ئابدۇللانىڭ لىرىك شېئىرلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، تارىخ، رىۋايەت، مىللىي كۈلتۈرەل تېمىلارنى مەنبە قىلغان، ئەنئەنىۋىي شېئىرلار ۋە يېڭىچە شېئىرلارنىڭ بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىرىدىن تەڭ بەھر ئېلىپ، ھىسسىيات ۋە ئەقلىلىكنىڭ، ئۆزلۈك ۋە ئىنسانىيەت كۈلتۈر ئېڭىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بەدىئى مەنزىلى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئىجادىيىتىدە مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرىنى يېزىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ پىسخىك مەنئىۋىي قاتلاملىرىنى قېزىش ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولدى، ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل تېمىلارنى يېزىش جەريانىدا شائىر شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىدە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە بولدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا سىناق قىلغان سوبېكتىپ تۇيغۇ ئارقىلىق شېئىرىي مۇھىت تەشكىللەش، قاتلاملىق شېئىرىي ئوبرازلارنى يارىتىش، شېئىردا بەلگىلىك ئېستېتىك بوشلۇق قالدۇرۇش  قاتارلىق بەدىئىي مەنزىلىگە يەتتى. گەرچە شائىر ئىجادىيىتدە مىللىيي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى بىلەن بىللە رىئالنى تېمىلارمۇ تەڭ يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئالدىنقى تېمىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ.

مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى شائىر قەلىمىدە جانلاندى، يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. شائىر ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلىرى، ئۇدۇم ـ چۈشەنچىلىرىنى ئۈگەندى، رەتلىدى. بۇ خىل پارچە – پۇرات، رەتسىز ھالەتتىكى خەلق فولكلورىغا تەۋە ھەر خىل ئامىللار شائىرنىڭ ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە ئازاپ، تەرەققىيات ۋە كىرىزىس تۇيغۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتىنى تېخىمۇ تاكاماللاشتۇردى. شائىر مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى ئارقىلىق رىئاللىقنى ئىپادىلەش، ئىنسان روھىنىڭ پۈتمەس –تۈگىمەس ھاياتىي كۈچىنى ئۇلۇغلاش مەقسىدىگە ئېرىشتى.شائىر بۇغدا ئابدۇللا بۇ خىل تېمىلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى، ئەڭ ياۋايى، ئەڭ پاكىز ھىسسىياتىنى قېزىپ چىقىشقا تىرىشتى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرى لىرىك باشلىنىدۇ، مەلۇم باياننى بېسىپ ئۆتۈپ ئەۋجىگە چىقىدۇ؛ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى رىئاللىقتىن باشلىنىپ مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى ۋە تارىخ، كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ، بۇ چاغدا شائىرنىڭ ئۆزلىكى ئاللىقاچان شائىرنىڭ شەخسىي كىملىكىدىن ھالقىپ ئۇنىڭ قەۋمىگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كېڭىيىدۇ…

بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك، بۇغدا ئابدۇللانىڭ مىللىي ئېتنىك كۈلتۈرەل تېمىلارنى يېزىشى، تېما نامراتلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شائىر خەلقنىڭ ۋىجدانلىق بىر زىيالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يوقىلىپ كېتىش گىرداۋىغا چۈشۈپ قالغان خەلق فولكلۇر بايلىقلىرىنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە قايتا ھاياتلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكىنىمىزدە شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىر ۋىجدانلىق ئىنسانشۇناس ۋە فولكلورشۇناس بىلەن ئوخشاش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي بوران – چاپقۇنلاردا ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچراپ ، بۈگۈن يوقىلىش  قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن بايلىقلىرىمىزنى سەنئەت تۈسىگە ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى بىر سەنئەتكار.شائىرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە  تېمىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقى، يېڭىچە بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇل – ۋاستىلىرىغا مۇراجەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا يېڭى بىر بەدىئىي مەنزىلنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. 

بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ، شېئىرىيەتىمىزدىكى ئاساسىي تېمىلاردىن مەلۇم دەرىجىدە يىراقلىشىپ، شائىرنىڭ بىۋاستە سېزىمى بويىچە يېڭى تېمىلارنى تەشكىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شېئىرىي تىل، ئىماگ، تەسەۋۋۇر ۋە ئىپادىلەش شەكىللىرىدىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، شېئىرىيەت ئېڭىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسىدىن ئېستېتىك مەناغا بۇرۇلىشىدا بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شائىر ئىجادىيىتىدە قاپىيە، ۋەزىنىڭ شېئىرنىڭ سىرتقى بېزەكچىلىك رولىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى، ئۇ شېئىرنىڭ ئىچكى قەلب رېتىمىغا تەڭكەش بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شائىر شېئىرلىرىدىكى ئوبراز-ئىماگلارنىڭ بىر تەرەپىدە مىللىي تۇرمۇش كۆرۈنۈش- ئادەتلىرى يەنە بىر تەرەپىدە ئەپسانە –رىۋايەت ۋە كۈلتۈرەل تېمساللار تۇرىدۇ. تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى، تارىخ تەجربىلىرى ئارقىلىق جۇغلانغان مەنئىۋىي سۈپەت شائىرنىڭ پەلسەپىۋىي ئېڭىنى بەلگىلىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھىسسىيات ۋە شېئىرىي پىكىرلەرنىڭ بەرىكەتلىك خامىنىغا ئايلانغان.

(  تۈگىدى )

 ( ئەسلى مەنبەسى  « تارىم » ژورنىلىنىڭ 2010- يىلى 11-سانى )

 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما: