نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 2 )

تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 2 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 11 - نويابىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 824 قېتىم


ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «جاللات خېنىم»رومانىنى ئوقۇغىنىمىزدا تارىخ بىزنى ئوتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىغا باشلاپ، تارىخىمىزنىڭ ئەڭ چېگىش ۋە مۇرەككەپ يىللىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ. رومان سەئىدىيە خانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىشقىيە ۋە ئىسھاقىيە سۈلۈكلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى تەپرىقىچىلىك، ئاڭ- ئىدولوگىيە جەھەتتىكى ماڭقۇرتلۇق ھالەتلىرىنى بەدىئى يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرۈپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاجىزلىشىش، پارچىلىنىش ۋە ئەڭ ئاخىرى مۇنقەرز بولۇشتىن ئىبارەت تارىخىي جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

«جاللات خېنىم»رومانى ئىدىيىۋىلىكى ناھايىتى چوڭقۇر بولغان رومان. روماندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىجتىمائى، تارىخىي، دىنىي، ئەخلاقىي، پەلسەپىۋىي مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئەسەر ئىدىيىۋىلىكىنىڭ قاتلام مەزمۇنلىرىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ،  بۇ خىل مەزمۇنلار تارىخىي كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەسلى تارىخى يىلتىزىغا باغلىنىپلا قالماستىن، بەلكى مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي تارىخنىڭ دەۋرىي، ئىجتىمائى سۇبستانسىيىلىك ئۆزگىرشىنى، تەرەققىياتىنى بۈگۈنكى زامانىۋىي تارىخ ئىدىيىسىدە، ـــــ ”جاللات خېنىم“ ئوبرازى تىندىنسىسىيىسىدە نۇرلاندۇرىدۇ.

ئەدەبىيات ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ تەقلىدى سۈرىتى، كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، ئۇ ئالاھىدە ئاڭ فورمىسى، يەنى تۇرمۇشنى سەنئەتلىك ئىگەللەش، ئىپادىلەش ئۇنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى. شۇڭا مەلۇم بىر ئەسەرنىڭ چوڭقۇر ئىدىيىۋىي مەزمۇنى گۈزەل بەدىئى ئېستېتىك شەكىل ۋە غايىگە ئىگە بولغاندىلا ئۇنىڭ بەدىئى تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولىدىغانلىقى ئېنىق.«جاللات خېنىم» رومانىدىكى بىزنىڭ قەلبىمىزنى لەرزىگە كەلتۈرگەن چوڭقۇر ئىدىيىۋىي مەزمۇننىڭ دەل يازغۇچى قەلبىدىكى ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ نادانلىق، جاھالەت دەۋرى ھەققىدىكى ئازاپلىق تەپەككۈرىنىڭ ئىجادىي بەدىئى غايىدە رىئاللىققا ئايلانغانلىقى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. ياسىجان سادىق چوغلان«جاللات خېنىم»رومانىدا بىزگە ئۆزىنىڭ يېڭى بەدىئى ئالىمىنى كۆرسەتتى. تارىخىي رومانچىلىقىمىزدا كىتاپخانلىرىمىزنىڭ ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز شەكىلدە ئىنتىلىۋاتقىنى يەنىلا ئەسلى ئوبېكتىپ چىنلىق بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ياسىنجان سادىقنىڭ بەدىئى ئالىمى بىزگە تارىخىي رومانچىلىقنىڭ ئالدى بىلەن بەدىئى ئىپادىلەش فورمىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. ئەگەر ياسىنجان سادىق چوغلان مەزكۇر ئەسىرىدە ئۆزى ۋە باشقا يازغۇچىلىرىمىز ياراتقان بەدىئى پەللىلەردىن ھالقىشتا ئىپادىلىنىغان ئىجادىي بەدىئى غايىگە ئىنتىلمىگىنىدە ئىدى،  ئەسەردىكى چوڭقۇر ئىدىيىۋىي مەزمۇن ۋە باشقا مەسىلىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ناتايىن ئىدى.

«جاللات خېنىم» رومانىنىڭ بىزنىڭ تۇيغۇمىزغا ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكىنى ئۇنىڭ بەدىئى چىنلىقىدا بولسا كېرەك. روماننىڭ ئاساسى ئوبېكتىپ چىنلىقى ئۇيغۇر جەمىيىتى تارىخى تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدە بىر دەۋرى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىدە ئىپادىلەنگەن ئوبېكتىپ ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت. رومان ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ تۇرمۇش چىنلىقىنى چىن، توغرا ئەكس ئەتتۈرگەن. لېكن ئاللىقاچان تارىخىي رىئال تۇرمۇش قاتلىمى دائىرىسىدىن ھالقىپ بەدىئى چىنلىق دەرىجىسىگە كۆتىرىلگەن. ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي تۇرمۇش روماندا پېرسۇناژلار ئوبرازى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي، ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلىرى راۋاجىدا ئىشىنەرلىك يورۇتۇلغان، گەرچە ئەسەردە بۇ مۇناسىۋەتلەر تەسەۋۋۇر، توقۇلما ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ تارىخىي ئىجتىمائىي رىئاللىق ۋە يازغۇچىنىڭ ئۇنى سەنئەتلىك ئىگەللىشى ئوتتۇرىسىدا بىرلىك، ماسلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىللىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ماسلىق، بىرلىك مۇناسىۋىتى يازغۇچىنىڭ بەدىئى تالانتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىئى ئەسەردە تارىخىي جەريانلارغا چوڭقۇرلۇشى ۋە تارىخنى بىلىش ۋە چۈشىنىشتىن ئۇنى مۇئەييەن بەدىئى شەكىل چىنلىقى، بەدىئى ئىدراكى چىنلىق ۋە ھىسسىيات چىنلىقىغا كۆتىرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.

تارىخىي رومانچىلىقىمىزدا رومانلىرىمىزنىڭ بەدىئى فورما،شەكىل  مەسىلىسىگە قاچاندىن باشلاپ دىققىتىمىزنى ئاغدۇردۇق؟ بەلكىم بىزنىڭ ئاڭلىق ھالدا رومانچىلىقىمىزنىڭ بۇ خىل ئېستېتىك  گۈزەللىك مەسىلىسىگە دىققىتىمىزنى بۇرىشىمىز مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن باشلانغان بولسا كېرەك. رىۋايەتلىك تېمساللار ۋە چۆچەك شەكلىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئۇيغۇر تارىخىدىكى رىئاللىقنىڭ لوگىكىسىغا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر تارىخىي ئىجتىمائى تۇرمۇشىنىڭ يۈزلىنىشىگە، ئىجتىمائىي پىسخىكىمىزنىڭ تارىخىي لوگىكىسىغا ئۇيغۇن يارىتىلغانلىقى بىلەن روماندىكى ئىدىيىۋىي مەزمۇن گۈزەللىكى كىتاپخانلىرىمىزنى قانچىلىك ئىدراكى تەپەككۈرگە ئېرىشتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكىمۇ بىزنىڭ ئېستېتىك زوقلىنىشىمىزغا يېڭى بۆسۈشلەرنى ئېلىپ كىرگەن ئىدى.«جاللات خېنىم» رومانىنىمۇ ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىمىزدا بەدىئى فورما، قۇرۇلما جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقانلىقى بىلەن يېڭى ئەسىر كىرگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىنىڭ يېڭى بىر ئۈلگىسىنى ياراتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

رومان ماۋزۇسىدىنلا كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى رومان تارىختا ”جاللات خېنىم“ نامى بىلەن ئاتالغان، سەئىدىيە خان نەسەبىدىن بولغان سۇلتان سەئىد باباخاننىڭ قىزى، سۇلتان ئابدۇرۇشىد خاننىڭ ئەۋرىسى مۆھتىرەم خېنىمغا بېغىشلانغان بەدىئى ئابىدىدىن ئىبارەت. لېكىن رومان بىوگراپىيەلىك رومان ئەمەس ھەم شۇنداقلا رومان باش پېرسۇناژنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نېگىزىدە راۋاجلىنىدىغان سيۇژىت قۇرۇلمىسىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئاتالمىش باش ھەھرىمان مۆھتىرەم خېنىممۇ روماندىكى باشقا پېرسۇناژلارغا ئوخشاشلا روماندا تەسۋىرلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر زەنجىرىدىكى ئاددىي بىر ھالقا. ناھايىتى ئېنىقكى ئاپتور ئىجادىيىتىدە ئەنئەنىۋىي رومانچىلىقتىكى باش پېرسۇناژ ۋە باش پېرسۇناژ مەركىزىدىكى ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىش قېلىپىغا ئەمەس، بەلكى ئۆز قەلبىنىڭ بۇ ۋەقە- ھادىسىلەرنى سەنئەتلىك ئىگەللەش قېلىپىغا ئەگەشكەن. ئەگەر روماندا ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەشكە يانداشقان بەدىئى فورما بار دىيىشكە توغرا كەلسە، بۇ بىئوگرافىك رومانچىلىقتىكى يىلنامە ئارقىلىق زامان يەنى ۋاقىتنى بەلگىلەش ئۇسۇلى دەل«جاللات خېنىم» رومانىدا قوللىنىلغان ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش روماندىكى ئىجتىمائى تارىخنىڭ يىلتىزىغا چۆكىشىمىزنى ۋاقىت نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بىزنىڭ ئىدىيىمىزدە شەكىللىنىۋاتقان رىئاللىق(تارىخىلىق) بىلەن بۇنى سەنئەتلىك ئىپادىلەشتىكى بىرلىكنىڭ مۈمكىنلىكى ئەمەس بەلكى ئىشىنەرلىك ئىكەنلىكىگە ۋاستە بولغان.

تارىخىي يىلنامىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي تارىخىي مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەر نېگىزىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئوبرازلارنى ۋاقىت فوكىسىغا ئىگە قىلىش بەدىئى ئەسەر ئىجادىيىتىدىكى ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. روماننىڭ ئۆزگىچىلىگى ئۇنىڭ ھەمىشە ئۆزىدە ھازىرلىغان باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلىنىدىغان ئوخشىمايدىغان تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.«جاللات خېنىم» رومانىدىكى يىلنامە پەقەت تارىخىي مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەر نېگىزىدە ئۆسۈۋاتقان ئوبرازلار زىدىىيىتىدە رىئاللاشمايدۇ. روماننىڭ ئۆزگىچىلىكى شۇ يەردىكى روماندا ئاشكارە، سان – سېفىر بىلەن مەيدانغا كەلگەن زامان يىلنامىسىدىن باشقا يەنە  ئەسەرنىڭ  شەكلى ۋە ئىدىيىۋىي مەزمۇن قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدولوگىيىلىك- كۈلتۈر يىلنامىسىنى ھىس قىلىشقا بولىدۇ. ئەسەر پېرسۇنا‍ژلىرى مەيلى خان – پادىشاھلار، ئەمىر- سەركەردىلەر، سۈلۈك پىرلىرى ياكى ئاشىق دىۋانىلەر  بولسۇن ھەممىسىنىڭ روھىي – قىياپەتلىرى، ئىش – ھەركەتلىرى  ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مىللىي ئىدولوگىيەلىك كۈلتۈرىنىڭ ئوبېكتىپ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشقان، تويۇنغان بولۇپ، ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ئوبېكتىپ ئىجتىمائىي رىئاللىقتىن بەلگىلىك زامان يىراقلىقىدا تۇرغان يازغۇچىنىڭ ئەسلى ئوبېكتىپ چىنلىقنى ئىپادىلەشتىكى سوبېكتىپ تەسەۋۋۇرى ۋە ئۇنى بەدىئى شەكىل فورمىسىدا ئىپادىلىشى بىزنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.

بىز روماندا ئۇچراتقان بۇ خىل ئاڭ – ئىدولوگىيلىك كۈلتۈر يىلنامىسى روماندىكى سيۇژىت – تەپسىلارلارغا، ئوبرازلار سېستىمىسىغا، ئەسەرنىڭ پۈتۈن خاھىش – كەيپىياتىغا، ئوبرازلارنىڭ ئىدىيىسى، روھى، مەنئىۋىي سۈپىتى، ئېتىقاد- ئىنتىلىشلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بىر – بىرىگە سىڭىپ كەتكەن. بۇ خىل ئىدولوگىيىلىك يىلنامە ئەسەرنىڭ مەزمۇن قاتلاملىرىدا ئاشكارە ئەمەس يوشۇرۇن، ۋاستىلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ ھەر بىر ئوبراز، ۋەقە- ھادىسە، مەنزىرە دېتاللارنى تەسۋىرلىگەن چاغدىكى سەمىمىي ھىسسىياتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بايان ئىستىلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئدولوگىيىلىك كۈلتۈر يىلنامىسى روماننىڭ شەكلىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، بۇ ئەندىزە يەنە ئىجابىيى ئوبرازلارنىڭ تىلىدىن بىۋاستە، سۇپى، ئاشىق – دىۋانىلەرنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن ۋاستىلىق شېئىرلاردا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ شېئىرلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى سوفىستىك شائىرلارنىڭ نادىر شېئىرلىرىدىن ئەسەر ئىدىيىسى ۋە كەيپىياتىنى، ئوبرازلارنىڭ مەنئىۋىي سۈپەت، كامالىتىنى  بەزىدە توغرىدىن توغرا، يەنە بەزىدە ئەكس نۇقتىدىن كىنايە شەكلىدە ئىپادىلەيدىغان شېئىرلاردۇر. بۇ شېئىرلار روماندىكى مۇھىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا تۈركىي- ئۇيغۇر سوفىزىم كىلاسسىكلىرىدىن بولغان ئەخمەت يەسەۋىي، نەۋائىلارنى مەركەز قىلسا، ئۆز دەۋرىي تەسەۋۋۇپ مۇھىتىنىڭ زىىدىيەتلىك ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىپ يېتىشىۋاتقان مەشرەپ، ھىرقەتى قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئىبارەت. بولۇپمۇ روماندا ئەخمەت يەسەۋىنىڭ شېئىرلىرى بەلگىلىك سالماقتا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنىڭ ئىدولوگىيىلىك تارىخىي يىلتىزى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە ئەڭ جەۋھەر خاراكتىرلىك ئۇچۇر ۋە مەنبە. ئەسەردىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي زىددىيەتلەرنىڭ تۈگىنى ئەمەلىيەتتە سەئىدىيە خانلىقىدا ئاساسىي ئىدولوگىيىلىك ئېقىمغا ئايلانغان سۇفىزىم (ئەمىلىيەتتە بۇرمىلانغان، خاراكتىرى ئۆزگەرتىلگەن) مەزھەپلىرىنىڭ كۈرىشى بولۇپ، ئەخمەت يەسەۋىي ۋە باشقا سوفىستىك شائىرلارنىڭ مەنئىۋىي كامالىتى ۋە سوفىزىمنى بىلىشى بىلەن ئاپاق خوجا شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق ۋە چەكنىڭ بارلىقى بۇ شېئىرلارنىڭ ھەقىقى مەنئىۋىي قاتلىمىغا يېتەلەيدىغان ئوقۇرمەن ئۈچۈن ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپى ۋە ئۇنىڭ زىددىيەتلىك تەرەققىيات تارىخى ھەم قانداق ئەھۋالدا روماندا تەسۋىرلىنىۋاتقان ئىدولوگىيە كۈرىشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغانلىقىنى تەپەككۈر قىلىشىغا تەس بولمىسا كېرەك. بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى روماننى كۆپ خىل مەنىگە ۋە سىموۋۇللۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ بەدىئى كۈچى بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن.

( بۇ ماقالىغا قىزىققان بولسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif