نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » پويىزدا يېزىلغان يازمىلار

پويىزدا يېزىلغان يازمىلار

ۋاقتى: 2012 - يىلى 21 - نويابىر | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 192 قېتىم


(1)

پويىز ئاقماقتا،
شەرققە قاراپ،

مەنزىللەر، تارىخ،  بۈگۈنمۇ ھەم،
قايتقان ئۆتمۈشكە،
قايتقان غەرپ تامان.

كېلەچەك ئېيتىلمىغان يېڭى رىۋايەت،
ئۇنتۇلغان قەدىمكى ئەپسانە بەلكىم.
قايتا تەكرالانغان مېنىڭ قەلبىمدە،
مەن داخان يا جەڭچى ئەسلىدە بەلكىم.
بۇنى بىر ئۆزۈم سېزىمەن پەقەت،
قايتا تۇغۇلدۇم ئۆزەمنى ئىزدەپ.
ئەسلىيەلمىسەممۇ تولۇق،
ئۆزۈمگە ئۆزۈم شۇنچىلىك تونۇش.

مەن ماكان – زاماننىڭ بىرلىكىدە،
مەن قەھرىمانلىق، نۇر دەۋرىنىڭ كەسمىسىدە،
مەن پاكلىنىشنىڭ ئەۋجىدە،
كەل، روھىمنى چاقىرغىن پېرىخون!
ئوت ئەمەس، نۇر بىلەن پاكلىغىن مېنى!
پەلەكتە كۆك تەڭرى،
پەستە قوڭۇر يەر،
قايتا تۇغۇلاي ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا.
ئاچچىق تولغاق – مىڭ يىللىق ئۇنتۇش،
يېڭى سەپەر – يېڭى تۇغۇلۇش. 

قۇم ئاتانىڭ قۇملىرى قۇم ئەمەس ئۇ غەم،
غارىدىكى بۇتلىرى بۇت ئەمەس ئۇ جەڭ.
《ئالتۇن يارۇق》 نىڭ قۇرلىرىغا قارا،
يىپەك يولىدىن كىملىڭىڭنى سورا.
مەن ئىزدىگەن ئىدىم پاكلىقنى،
تاپتىم، يۈتتۈردىم باھادىرلىقنى.
يېشىل ئۆگۈز ئاقىدۇ چايقىلىپ يەنە،
چاڭئەننىڭ سېھرى ئۆزگىچە.
پاكلىق تىلەيدۇ بۇ شەھەرگە كومراجىۋا،
كۈسەنگە مىڭ يىللىق سېغىنىشى بار.
يارىشتىن خانبالىققا سەپەر قىلدىم،
مىڭ يىللىق تارىخىمنى سەير قىلدىم.
ھەقنى ئىزدىدىم، ھەققە ئىقتىدا قىلدىم!
مىڭ يىلدا مىڭ پەريات، مىڭ ئۇرۇنۇش،
ئۆزەمنى ئۆزەمگە خار، ھەقىر قىلدىم.
بولدى بەس!
ئەمدى يۈزلىنەي كېلەچەككە!

كېلەچەك بەلكىم،
كۆچكەن يۇلتۇز،
ۋاگون ئىچىدە سوزۇلغان چەكسىزلىككە.
پويىز چاقلىرى،
رېلىس،
سۆزلىگىنى زامانىۋىي رىۋايەت.
مەن كۆيمەكتىمەن،
ئۇيغۇر تىلىدەك.

قۇم ئاتا — دۇنخۇئاڭ  
يېشىل ئۆگۈز — خۇئاڭخې دەرياسى
يارىش— جۇڭغار

2006 – يىلى سىنتەبىر   

(2)

سەپەرنىڭ مەنزىلى ھىجران،
ھىجراننىڭ دەھشىتىدە يۈرەكتە پىغان.
سەپەرنىڭ غېمىنى قانداق كۆتىرەي،
ھىجران ئوتىنى قانداق ئۆچۈرەي.
ھىجران بولمىسا ۋىسال نە ھاسىل،
ھىجران چۆلىدە مەن بىر مۇساپىر.
ۋىسالنىڭ لەززىتىدە پويىز ئاقىدۇ،
مەنزىلى ئۇنىڭكى يەنىلا  ھىجران.

كىملىكىمنى سورىغان پويىز ساقچىسى،
سورىساڭچۇ مېنىڭ ھىجرانىمنى،
تىلەكلەر تىلىسەڭچۇ ۋىسالىمغا.
سادىغاڭ كېتەي مەن ترورچى ئەمەس،
بۇنداق قارىمىغىن كۆزلىرىمگە.
ئاقتۇرساڭمۇ يۈك – تاقامنى سىپايىلىق بىلەن،
تاپالمىدىڭ يەنىلا ئوي خىيالىمنى.
چاماداندا لىق ھىجران ئېلىپ ماڭدىم،
كۆرەلمىدىڭ كۆزلىرىڭ بىلەن،
قارىساڭچۇ يۈرىكىڭ بىلەن.

يۈرەكنىڭ بىر ئۇچى قالدى يىراقتا،
بىر ئۇچى ئاقىدۇ پويىز بىلەن.
تاھىر ئاققان ھىجران دەرياسىدا مەنمۇ ئاقاي،
كىملىكىمنى سورىما لېكىن،
مەن بىر ئاشىق،
ئىسمىم كىملىكىمدە يوق،
ئىسمىم مېنىڭ يۈرىكىمدە!
كىملىكىم مېنىڭ ئۆزەمگە ئايان.
مەن بىر ئاشىق،
دەريادا ئەمەس،
ئېقىپ يۈرگەن ھىجران چۆلىدە!

مەن ھىجرانىمغا خەس بولدۇم،
مەن ۋىسالىمغا ئەسىر بولدۇم،
بىر ئەمەس مىڭ پارە بولدۇم،
چېچىلىپ كەتتىم قۇم دانىچىسىدەك.
خەير – خوش سۆيۈملۈك ساقچى،

مۇساپىرلىق مېنىڭ قىسمىتىم،
مېنى تەكشۈرۈش سېنىڭ ۋەزىپەڭ.
مەنمۇ ساڭا ئوخشاش،
پارتىيەنى قىزغىن سۆيىمەن!
ئولىمپىكنى قىزغىن قوللايمان!
ئولىمپىكنىڭ بېلىتىنى ئالغۇدەك پۇلۇم يوق،
خانبالىقتا بولساممۇ ئاشۇ كۈنلەردە،
يەنىلا كۈتۈپخانىدا كىتاپ كۆرىمەن،
شۇڭا مەندىن مىڭ خاتىرجەم بول.

يېشىل ئۆگۈزدىن ئۆتكەندە،
ئويلىدىم قەشقەردىكى قۇرغاقچىلىقنى.
قايتىپ كەلدىم قەلبىمگە.
ماڭا ئاشىقلىق ئوتى چۈشتى،
ماڭا ھىجران چۆلۈم مىڭ ياخشى.
ئېلىپ كەلگىن جەندۇ – كۇلايىڭنى،
ئېلىپ كەلگىن راۋاپ- ساپايەڭنى،
ئاشىققا مەشۇقنىڭ ئىشقى مىڭ ياخشى.

2008 – يىلى 29 – ئىيۇل           

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،ئۇزۇن بوپتىكەن تورغا چىقىپ بولمىغىلى ، بۈگۈن پۇرسەتتە تورغا چىقىپ ئۆز بلوگمى زىيارەت قىلىۋەتكەندىن كېيىن دەرھال سىز تەرەپكە كەلدىم ، بۇ شېئىرغا كۆزۈم چۈشتى ، ھەقىقەتەن ياقتۇردۇم ، قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن !!!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif