نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » پروزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

پروزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى

ۋاقتى: 2011 - يىلى 19 - ئىيۇل | ئاپتورى: | سەھىپە: پروزا نەزەرىيىسى | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 915 قېتىم


پروزا ئەڭ تىپىك بايانى ئەسەرلەردۇر، ئەنئەنىۋىي ھىكايىلەر پېرسۇناژ، سيۇژېت ۋە مۇھىتنى كەم بولسا بولمايدىغان پروزا ئامىللىرى دەپ قارايدۇ، پروزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بۇ ئۈچ خىل ئامىل بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك.

بىرىنچى، پروزا پېرسۇناژلارنى كۆپ تەرەپلەردىن ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. پروزىدا ئوبرازنى تەسۋىرلىگەندە ماكان زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، درامما ئەسەرلىرىگە ئوخشاش سەھنىدە ئورۇنلاش شەرتلىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىلدىن قىسىلمايدۇ، پروزىچى ھەم ئوبرازنىڭ تاشقى پورتېرىتى، كىيىم كېچەكلىرىنى تەسۋىرلىسىمۇ، ھەرىكەتلىرىنى يازسىمۇ، يەنە پىسخىك كەچۈرمىشلىرى، ھىسىىسياتىنى يازسىمۇ بولىدۇ. يەنە ئوبرازنىڭ ئۆتمۈشىنى، بۈگۈنىنى ياكى كەلگۈسىنى يازسىمۇ بولىدۇ. دىمەك پروزىدا ئادەمنىڭ ھەر خىل تەرەپلىرىنى يازغىلى شۇنداقلا ناھايىتى تەپسىلى ۋە ئىنچىكە قىلىپ تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ. پروزىدا ئوبرازنى يازغاندا پېرسۇناژ تىلىنى قوللىنىشقىمۇ، بايانچى تىلىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. پروزىدا يەنە ئەركىن ھالدا ماكان – زاماننى ئۆزگەرتكىلى، مەنزىرىدىن تولۇق پايدىلانغىلى، مەنزىرە، كەيپىيات ئارقىلىق ئوبرازنىڭ ھىسسىياتىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بۇ ئارقىلىق ئوبرازنى ناھايىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك يارىتىپ گويا ئۇنى ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىۋاتقاندەك، ياكى سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلگەندەك، قەلبىڭىزگە سىڭىپ كەتكەندەك قىلغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى، پروزىدا مۇكەممەل، مۇرەككەپ، ئەگرى- توقاي، تەسىرلىك سيۇژېت بولىدۇ.  پروزا كۆپ ۋە نۇرغۇن نۇقتىلاردىن ئوبرازنى ئىنچىكە ۋە چوڭقۇر تەسۋىرلەش ئۈچۈن چوقۇم مۇكەممەل، مۇرەككەپ، ئەگرى- توقاي، تەسىرلىك سيۇژېتقا ئىگە بولۇشى كېرەك. پروزىچى ئوبرازنى  كۆپ تەرەپلەردىن  ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجتىماىي تۇرمۇشتىن مۇكەممەل، مۇرەككەپ، ئەگرى- توقاي، تەسىرلىك، تىپىك تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنى تاللايدۇ. پروزىنى درامما ئەدەبىياتى ۋە ئىپىك شېئىرلارغا سېلۇشتۇرغاندا بۇ تەرەپتىكى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ھىس قىلىش مۈمكىن. قارىماققا دراممىدا بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سيۇژېت بولىدۇ، بىراق ۋەقە، پېرسۇناژ، ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلىشى سەۋەپلىك، سيۇژېت تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇنلىغان تەپسىلاتلار قىسقارتىلىۋېتىلىدۇ، بىراق پروزىدا چەكلىمە بولمىغانلىقتىن، سيۇژېتنى كۆپ خىل لىنىيىلەردە داۋاملاشتۇرۇش مۈمكىن، ئاساسىي لىنىيە، قوشۇمچە لىنىيىلەر بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ، شۇڭا پروزىنىڭ سيۇژېتى مۇكەممەل، مۇرەككەپ، ئەگرى- توقاي، تەسىرلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. سىز پەقەت بەزى پروزا ئەسەرلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن درامما، كىنو ئەسەرلىرى بىلەن ئەسلى ئەسەرنى سېلۇشتۇرۇپ كۆرسىڭىزلا بۇ نۇقتىنى تولۇق ھىس قىلالايسىز. ئىپىك شېىرلاردىمۇ سيۇژېت بولىدۇ، بىراق ساددا ۋە ئاددى.

ئۈچىنچى، پروزا مۇھىتنى تولۇق، مۇكەممەل ۋە كونكېرت تەسۋىرلەيدۇ. مۇھىت بولسا پېرسۇناژلار ھەركەت قىلىدىغان ۋە سيۇژېت راۋاجلىنىدىغان مەيدان، پروزا ئوبرازلىرىنىڭ چىنلىقى، تىپىكلىكى، سيۇژېتنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقى، مۈمكىنلىكى پەقەت مەلۇم مۇھىتتىلا رىئاللىشىدۇ. شۇڭا پروزىدا مۇھىت تەسۋىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بىراق مۇھىت تەسۋىرى پروزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ئەمەس، ئىپىك شېئىرلار تىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن مۇھىتنى تولۇق كونكېرتنى تەسۋىرلەش مۈمكىنچىلىكىگە ئىگە ئەمەس، گەرچە بەزىدە خېلى مۇرەككەپ تەسۋىرلەشكە، كەيپىياتنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ئېچىشقا تىرىشسىمۇ لېكىن پروزىدەك تولۇق ۋە كونكېرتنى بولمايدۇ. سەھنە ئەسەرلىرى چىراق نۇرى، دېكراتسىيە ۋە مەنقۇلاتلار، شۇنداقلا دىئالوگ ئارقىلىق مۇھىتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، شۇڭا كۆپ ۋاقىتلاردا تۇرغۇن ھالەتتە بولۇپ، مۇھىتنى ھەركەت ئىچىدە ئېچىپ كۆرسىتەلمەيدۇ. پەقەت پروزىدىلا تويۇنغان ھەرىكەت ئىچىدە مۇھىتنى تەسۋىرلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. پروزىنىڭ تولۇق، كونكېرتنى مۇھىت تەسۋىرى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى، ئورنى، ئىجتمائىي ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ ھەم شۇنداقلا پېرسۇناژلار ھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،  ئوبرازنىڭ روھىي ھالىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ۋاستىلىق ھالدا ئوبرازنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، ئوبرازنىڭ قايسى خىل ئىجتىمائى مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى ئېچىپ چۈشەندۈرەلەيدۇ؛ مەلۇم بىر خىل ئىجتىمائىى مۇھىتنى تولۇق تەسۋىرلەپ، ئۆز ۋاقتىدىكى تارىخىي – ئىجتىمائىي ۋەزىيەت ۋە ئۇنىڭ روھىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. شۇڭا پروزىنىڭ مۇھىت تەسۋىرى ھەم مەنزىرە تەسۋىرى ئالاھىدىلىكىگە ھەم يوسۇن – ئادەت خاراكتېرىگە ئىگە.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. كارۋانىم مۇنداق يازغان:

    ئۇشبۇ يازمىڭىزدا پروزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ياخشى شەرىھلىنىپتۇ.

  2. تۇرغۇن مۇنداق يازغان:

    بۇ يازمىدا پىروزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياخشى يىزىپ سىز جىمۇ!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif