بۇ كىمنىڭ شېئىرى؟ بىلەمسىز؟
ئايلىناي
بىر كۆرۈپ ئىككى كۆزۈڭدىن،
ئۈچ بېشىڭدىن ئايلىناي.
تۆت كۆرۈپ قانداق چىداي،
جاندىن كېچىپ بەش ئايلىناي.
ئالتە كۆرسەم مەن بويۇڭنى،
يەتتە تۈرلۈك دەرت بىلەن.
سەكرىبا سەككىز بېرىپ،
توققۇز بېشىڭدىن ئايلىناي.
ئون قېتىم كۆرسەم بويۇڭنى،
مەن يۈگۈردۈم ئاھ ئۇرۇپ.
ئوتتۇز ئەيلەپ مەن پىغان،
قىرىق بېشىڭدىن ئايلىناي.
بولسا دۈشمەن ئەللىك ئاتمىش،
مەنكى مەن بىچارىگە،
قىلسا سەكسەن پارە مەن،
توقسان بېشىڭدىن ئايلىناي.
يۈز كىشى دۈشمەن بولۇپ،
گەر ئىككى يۈز تۇرسا قاراپ.
ئۈچ يۈز ئەيلەپ مەن پىغان،
تۆت يۈز بېشىڭدىن ئايلىناي.
باشىمە بەش يۈز قىلىچ،
گەر ئالتە يۈز تىغ تەڭلىسە،
يەتتە يۈز پەرياد ئۇرۇپ،
بىر مىڭ بېشىڭدىن ئايلىناي.
ئالدىنقى يازما: 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى
كېيىنكى يازما: زوق بىلەن تەنقىدنىڭ ئەدەبىي ئەسەرنى ئىگىلەش ئۇسۇلى
بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى
بۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرىغۇ دەيمەن…
شۇنداق، توعرا تپىپسىز.