نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » نىگاھىڭىزغا…

نىگاھىڭىزغا…

ۋاقتى: 2011 - يىلى 7 - ئىيۇن | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 3 پارچە | زىيارەت: 1,285 قېتىم


نەچچە يۈز يىلدىن بېرى خەلقىمىز  شاھ بىلەن شائىر چۇڭقۇر ھەسرەت بىلەن مۇشائىرە قىلىشقان گۈزەل بىر بېيىتنى يادىلاپ كەلمەكتە.ئۇ بولسىمۇ:

سەرۋىنىڭ سايەسىدە سۇلدى گۈل نېتمەك كېرەك؟

سەرۋىدىن تاۋۇت ياساپ،گۈلدىن كېپەن ئەتمەك كېرەك!

سىز نەۋايىنى بىلىسىز، بىز شائىرنىڭ مىللىي كىملىكىگە ھەممىدىن بەك قىزىقىمىز. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى  ماھىيەت ئەمەس، شەكىلدۇر!

1465-يىل يازنىڭ سالقىن، ئايدىڭ ئاخشاملىرىنىڭ بىرى، دەۋران گۈزىلى كېنىزەك دەۋلەتبەخت مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان «پىتنە» بىلەن شائىرنىڭ ئىشىكىنى قاقتى،بۇ نېمە ئۈچۈن؟ تېخى كامالىددىن بىنايىنىڭ ھەدېسە ئەلىشىرنىڭ چىشىغا تېگىشلىرىنى دېمەيسىز! سىز ئادەتتە ھېچنېمە ئەمەس، لېكىن كىملەرگىدۇ دۇنياسىز! ئۆز ئىشقىدا پادىشاھنى يىغلىتىپ كۆزلىرىنى كۆر قىلغان، شائىرنى ئاشقلىق دەشتىدە ئۆمۈربۇيى غەزەل پۇتكۈزگەن شور پىشانە دېھقان قىزى-گۈل، قانداق بەخىتلىك- ھە! ھەي، دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ، «ئەلگە پادىشاھ،ئىشىققا قۇل» دېگەن ھېكمەت بىكارغا ئېيتىلمىغان! نەۋايىغا شائىرلىققا شاگىرت كىرمەكچى بولغان پادىچى يىگىتنى ئۇ قانداق يېتەكلىگەن؟ سىز سەلتەنەتلىك «خەمسە» توغرىسىدا ئاڭلىغان. لېكىن پادىشاھنىڭ شائىرنىڭ ئېتىنى يىتىلىشى ئالەم پەيدا بولغاندىن بېرى كۆرۈلمىگەن ئىشلار. قىسقىسى زامانداشلىرىنىڭ خاتىرىسىدىكى ئەلىشىرنىڭ ھەقىقى ئوبرازىغا، شائىرنىڭ شەخسىيىتىگە ۋە ئىجادىنىڭ باي تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىگە قىزىقماقچى بولسىڭىز ئۇيغۇر نەۋايىشۇناسلىقى بويىچە تۇنجى نەشىر قىلىنغان ئەدەبىي-ئىلمىي ئەسەر «شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلىشىر نەۋايى»غا مۇراجىئەت  قىلىڭ!

مەنزىل: ئۈرۈمچى ئىتتىپاق يۇلى «ئەلكۈن كىتابخانىسى» يەنى «جام تىز تاماقخانىسى»نىڭ يېنىدا.    تېلىفۇن:   18999211891  

«شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلىشىر نەۋايى»ناملىق كىتاپنىڭ  ئاپتورى ھەققىدە

دوكتۇر تۇرسۇن قۇربان تۈركەش 1965-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھيىسىدە دۇنياغا كەلگەن.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كەلپىندە تاماملىغان .1983-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىدە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە  ئانا مەكتەپنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى تىل ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقتا.

تۈركەش1997-2000-يىلىغىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان. 2004-يىلى دوتسېنت بولغان. 2005 – 2008-يىلچە مىرزا ئۇ لۇغبەگ نامىدىكى ئۆزبېكىستان مىللى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان.

 ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى  تۇرسۇن قۇربان ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنىڭ جۇشقۇن چاغلىرى بولۇپ، ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مەخسۇس ۋە تۇلۇق كۇرۇس ئۇقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بويىچە تۇنجى قېتىم « كاتىبات يېزىقچىلىقى»، «ئەمەلىي يېزىقچىلىق»، «مۇناسىۋەت قائىدە-يۇسۇنلىرى» ۋە «ئارخىپ باشقۇرۇش ئىلمى» قاتارلىق يېڭى دەرسلەرنى ئۆتۈپ، كېيىن بۇلارنىڭ شىنجاڭ بويىچە كەسىپلىشىش ۋە ئومۇمىلىشىش ئاساسىنى سالغان. ئاشۇ ئوقۇتۇش يىللىرىنىڭ مەنىۋىي ھاسىلاتى بولغان «ئەمەلىي يېزىقچىلىق ماھارىتى» (2000-يىلى نەشىرى) كىتابى ئون يىلدىن بېرى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەر ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ دەرسلىكى قىلىپ قوللىنىلماقتا. دوكتۇر تۇرسۇن قۇربان تۈركەش «يېزىقچىلىق»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» دەرسلىرىنىمۇ ئىزچىل ئۆتۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «يېزىقچىلىق» دەرسلىكى2005-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.ئۇ يەنە «ئالى  مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى»نى تۈزۈشكە قاتناشقان.

 ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئالى مەكتەپ ئوقۇتۇش ھاياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. ئۇ ھازىرغىچە دۆ لەت دەرىجىلىك ئىككى، ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تەتقىقات تۈرنىڭ ئەزا تەتقىقاتچىسى بولغان. ياخشى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە 40 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. بۇلاردىن «قۇربانلىق ئادەتلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالە «مىراس» ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق1-سانىدا ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەتتە تەسىر قوزغىغان. «شەرق مەدەنىيەت ئويغۇنۇشىنىڭ ئىككى بۆشۈ كى-باغداد بىلەن كوردىۋا» («شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»،2004-يىلى،3-سان) ماۋزۇلۇق ماقالىسى مەزكۇر  مەجمۇئەنىڭ شۇ يىللىق ئەڭ ياخشى ئىلمىي ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

دوكتۇر تۇرسۇن قۇربان تۈركەش 2000-يىللاردىكى ئۇيغۇر فامىلىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاۋانگارت تۆھپەكارلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ شۇ يىللاردا جاپالىق ۋە ئىنىچكە جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق يازغان «ئۇيغۇرلاردا فامىلە مەسىلىسى ۋە فامىلە قىلىشقا بولىدىغان سۆزلەرنىڭ دائىرىسى»(«شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»،2002-يىلى،4-سان)، «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى بويىچە چەرچەن،كېرىيە كىشى ئىسىملىرىنى تەكشۈرۈشتىن دوكىلات»مىراس»،2004-يىلى،3-سان) قاتارلىق ماقالىلىرى  ئۈچۈن جەمئىيەتتىن نۇرغۇن خەت ۋە تېلىفۇن تاپشۇرۇپ ئالغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى» (2002-يىلى نەشىرى)، «ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلە قوللانمىسى»(2006-يىلى نەشىرى) نى ئىشلەشكە قاتناشقان. ئۇيغۇرلاردا فامىلە ۋە نەسەپنامە ماۋزۇسىنى بىرىنچى قېتىم ئۈزى تۈزگەن كىتاپلارغا كىرگۈزۇپ، بۇنداق يۇقۇرى ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئېگە گۇمانىتار ساھانى ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە سۆزلىگەن.

دوكتۇر تۇرسۇن قۇربان تۈركەشنىڭ كېيىنكى ئىزدىنىش سەمەرىلىرىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىدىن نەۋايى بىلەن زەلىلى ئىجادىغا بېغىشلانغان ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئىزاھلاش مۈمكىن. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، تەتقىقاتچىنىڭ ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنۋېرسىتېتىدا ياقلىغان  « زەلىلىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى مىراسى-مەنبەلىرى، مەتنىي تەتقىقاتى » ناملىق دوكتور لۇق دىسېرتاتسىيىسى ئۇنىڭ ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئەدەبىياتشۇناسلىقىغا قوشقان مۇناسىپ تۆھپىسى سانىلىدۇ. مەزكۇر دىسېرتاتسىيىگە ئۆزبېكىستاننىڭ مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرىدىن ئېزىزخان قەييۇموۋ، نەجمىددىن كامىلوۋ، نۇرباي جاباروۋ  ۋە  ئامانبېك جەلىلوۋ قاتارلىقلار ئون پارچە تەقرىز(باھا) ئېلان قىلغان.ئۆزبېكىستاننىڭ «جاھان ئەدەبىياتى»،«ئۆزبېك تىلى ۋە ئەدەبىياتى»، «تەپەككۇر»،«گۈلىستان» ،«شەرقشۇناسلىق» ۋە «فىلولوگىيە مەسىلىلىرى» قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ژورناللىرىدا ئون پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىلمىي جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

دوكتۇر تۇرسۇن قۇربان ھازىر «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ‹ئون ئىككى مۇقام›ئىلمىي جەمئىيىتى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى»نىڭ ئەزاسى.

ئىزدەنگۈچىنىڭ «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2010-يللىق 3-، 9 –سانلىرىدىكى «نەۋايىنىڭ نەسەپ دەرىخى»، «دۇنيادا نەۋايىشۇناسلىقنىڭ تارىخى تەسۋىرى» ناملىق ماقالىلىرى بولۇپمۇ «تارىم»نىڭ2011-يىللىق 1- سانىدىكى «تاغ بار يەردە چوققا بار» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئەكىس سادا قوزغىدى.

كۈنىمىزدە  دوكتۇر تۇرسۇن قۇربان تۈركەشنىڭ كىتابخانلارنىڭ ئېتىبارىغا سۇنغان «شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلىشىر نەۋايى» ناملىق ئەسىرى ئۇنىڭ ئەھمىيەتلىك ئوتتۇرا ياشلىق پەسلىدىن بىر كۈمۈش باشاق ھېسابلايدۇ.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (3) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    ياخشى خەۋەرلەر ئۈزۈلمىگەي، دوكتۇر تۇرسۇن قۇربان تۈركەشنىڭ بۇ كىتابىنى چوقۇم ئوقۇيمەن.

  2. گۈلدەستە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئەلكۈن كىتاپخانىسىنىڭ يۇقىردىكى ئىلان ئورنىدىكى سۆزلىرىنى تازا چۈشىنەلمىدىم،كىتاپنى ئوقۇسام چۈشۈنۈپ قالارمەن بەلكىم.پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكوم گۈلدەستە! « شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلىشىر نەۋايى » ناملىق مەزكۇر كىتاپ ھازىرچە ئەلكۈن كىتاپخانىسىغا سېلىندى، قىزىققۇچىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن مەنزىل ئەسكەرتىلدى. يۇقىرىقى بايانلار مەزكۇر كىتاپتىكى رىۋايەتلەرنىڭ خەلق ئېيتىمىدىكى پارچىلىرىدىن ئىبارەت، بۇ ھىكايەتلەرنىڭ كەينىدە قانداق سىر – مۇئەممالار بار؟ مەزكۇر كىتاپ بۇلارغا جاۋاپ بەرگۈسى.

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif