نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 2 )

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت ( 2 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 21 - سېنتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد, ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 820 قېتىم


ئىككىنچى ، تىراگىدىيىلىك قاتلام

ئادەم تەبىئەت بىلەن قوشۇلۇپ، بىر ئىكولوگىيىلىك سېستىما شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەملەرنىڭ ياشاش مۇھىتىدا تەبىئەتنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى زور بولۇپ، ئادەم تەبىئەتنىڭ كىچىككىنە زەررىسىدىن ئىبارەت. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى زىددىيەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغان دىئالېكتىك بىرلىك مۇناسىۋىتىدۇر. تەبىئەت ئادەملەرنى تەبىئەتتىن ئالغان نەتىجىسىگە لايىق جاۋاپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسانلار تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن كىيىنكى نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىي پائالىيەت تارىخىدا تەبىئەتكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈردى. بۇ تەبىئەت بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور ئۈزۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خۇددى ئېنگىلىس ئېيتقاندەك:«ئادەملەرنىڭ تەبىئەت ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسى ئاخىرقى ھېساپتا ئۇلارنى ئارتۇقى بىلەن جازالىدى.»

ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ بىرلىك مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەشكە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئېكولوگىيىلىك تەڭتەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى ھەم ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە روھىيىتىگە بولغان بولغان زەربىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ تىپىك پىرسۇناژلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىىدىكى كۆرەشلەر ۋە بۇ پىرسۇناژلارنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتنى كۈچلۈك ئىچكى بىرلىككە ئىگە قىلىپ، تەكلىماكان ئادەملىرىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان ئورمانلارنى، دەريالارنى ئاسراشقا دەۋەت قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئادەم تىراگىدىيىسى بىلەن جىپسىلىشىپ كەتكەن تەكلىماكان، يەنى تەبىئەتنىڭ تېراگىدىيىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

تراگېدىيىلىك ئەسەرلەردە تراگېدىيە توقۇنۇش ئارقىلىق ئاندىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ. زىددىيەت، توقۇنۇش يېزىلغاندىلا ، ئاندىن تراگىدىيىلىك پېرسۇناژلارنىڭ ھەركىتى چىنلىققا ئىگە بولىدۇ. ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تېراگىدىيە ئادەملەر بىلەن تەبىئەتنىڭ توقۇنۇشى جەريانىدا يۈكسەلگەن. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ئىپادە قىلىنغان. ناچار تەبئىي مۇھىت بىلەن ئادەملەرنىڭ كۈرىشى ئاساسىدا پىرسۇناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى زىددىيەت-توقۇنۇش كۆرسىتىپ بىرىلگەن.

«قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»پوۋېسىتى  مۇشۇ خىل تىراگىدىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەن ئەسەردۇر.بىز بۇ ئەسەردىكى ھەربىر پىرسۇناژنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىن، گەپ-سۆزلىرىدىن كۈچلۈك چىنلىق ھېس قىلىپلا قالماي، تەبىئەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن ئادەملەر ئورازىنى ھەقىقىي كۆرەلەيمىز.

ئاياغقۇم يېزىسىنىڭ ناچار تەبئىي شارائىتى، سۇسىزلىق، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قۇملۇق تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلىشى ۋە بۇنىڭغا ماس بولغان كىشىلەردىكى نادانلىق، كورلۇق، قاششاقلىق قاتارلىقلار بۇ يېزىنىڭ پۈتۈن ھايات مەنزىرىسى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولىدۇ. مۇھەممەتئىمىن سەئىدىننىڭ يېزىسىنىڭ سۇ مەسىلىسى بىلەن خەلقنىڭ نادان ھالىتىدىن ئاچچىقلىنىپ تېپىرلاشلىرى، نۇسرەتنىڭ قەلبىدە ئويغانغان ئوتتەك مۇھەببەت قىزغىنلىقى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى نەم توپىغا يېقىپ، ئەزەلدىن ھېس قېلىپ باقمىغان ھېسلارغا چۆمۈشى، ياسىن مەدەكنىڭ ئوتتەك قۇملۇق ھاۋاسىدا يېزىدىكى «غوجاملارغا»توختىماي سۇ توشۇشى بىلەن ئۇلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى قاتارلىقلار ئادەملەرنىڭ تەبىئەت بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى زىچ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تەقدىرى تەبىئەتنىڭ تەقدىرى، تەبىئەتنىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئەختەم ئۆمەرنىڭ زىيالىي ياشلار تېمىسىغا بېغىشلانغان «قۇملۇق تېترەۋاتىدۇ»ناملىق پوۋېسىتىدا«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا چېنىقىش ئۈچۈن ئاق ئۈجمە يېزىسىغا قايتا تەربىيە ئېلىشقا چۈشكەن زىيالىي ياشلاردىن شەمسىيە، جۆرى، مېھرىنسا قاتارلىقلارنىڭ ئاپەتلىك يىللارنىڭ ھەرخىل بېسىملىرى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەگرى توقايلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ پاك روھى بۇلغانغان، تېنىگەن ھالەتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئارزۇ-غايىلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر پارچە نان ۋە جەبىر-جاپالىق بۇ يېزىدىن كېتىۋىلىش ئۈچۈن ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى قۇربان قىلغانلىقى كونكىرت ۋەقەلەر ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن.

تەبىئەتنىڭ ئۆزى بىر سىمۋول. پوۋېسىتتا شەمسىيەنىڭ ئوي  خىياللىرى بىلەن ئۇنىڭ بىرقانچە قېتىم قۇملۇقنىڭ تېترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقى يېزىلغان. قۇملۇقنىڭ تېترىشى دەل شەمسىيەنىڭ مۇرەككەپ روھىي ھالىتىدىكى توقۇنۇشقا، ئۇنىڭ تېنى بىلەن روھى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە سىمۋول قىلىنغان. قۇملۇق نېمە ئۈچۈن تېترەيدۇ؟ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۇرغۇنلۇق يەرشارىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلانغاندا، ئۇ تېترەيدۇ.، يۆتكىلىدۇ، كۆچىدۇ. شەمسىيەنىڭ يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرى بار، ئۇ كىلەچەككە ئىنتىلىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە باشقىلاردىن كۆپرەك ئويلايدۇ. لېكىن ئوبىيىكتىپ شارائىت ئۇنىڭ غايىلىرى ئۈچۈن توسالغۇ، بۇ توسالغۇلارنى يېڭىش ئۈچۈن، ئەخلاقنى ۋە پاكلىقنى بەرپات قىلىشى كىرەك. لېكىن ئۇنىڭ غۇرۇرى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇ يېزىدا ئالتە يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ يەرگە كەلگەن زىيالىي ياشلار ناھايىتى تېزلا روھ بىلەن تەن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ توقۇنۇشنى ھەل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئىستىقبالى»غا ئىرىشدۇ. لېكىن شەمسىيە ئۇنداق قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە گالۋاڭ، بۇزۇق ۋە ساراڭ. يازغۇچىنىڭ ئەخلاق تېمىسى ئارقىلىق بىزگە كۆرسەتمەكچى بولغىنى روھ مەسىلىسدۇر . تەن بىلەن روھنىڭ توقۇنۇشى ئەزەلدىن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ كەلدى. تەن بىلەن روھ ئىنساننى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى چوڭ  ئامىل. تەن بولۇپ روھ بولمىسا، ئۇ ھايۋان ياكى مىخانىك قۇرۇلمىدىنلا ئىبارەت. ئەسەردە مىھرىنسانىڭ بىر كىچىك كەنتنىڭ ساۋاتسىز، زومىگەر دۈيجاڭنىڭ ئاشنىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى، ئىرادىلىك، غۇرۇرلۇق،ھەق- ناھەق قارىشىغا ئىگە جۆرىنىڭ بىردىنلا ئۆز ھايات ئەقىدىسىگە ئاسىيلىق قىلىپ، مىڭ تەستە ئىرىشكەن مۇھەببىتىدىن كېچىپ، دەسلەپ ئەۋۋەلنىڭ «كىچىك خانىشى»غا ئايلانغان مىھرىنساغا تەلەپ قويۇشى، كىيىن شۇجىنىڭ بىر بالىلىق بولغان قىزىغا«كۆيۈپ قىلىشى»روھنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتمەمدۇ؟

«ئەدەبىيات ئىلمى ئىنسانىيەت روھىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىلمى»④يازغۇچىنىڭ روھى چۈشكۈنلۈك، روھىي تۇراقسىزلىق، روھنىڭ بۇزۇلۇشى، تېنىشى، شەخسىيەتچىلىك ۋە باشقا ناچار ھادىسىلەرنى قامچىلىشى، ئەخلاق ۋە روھنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تارىخىي يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قاتار تېراگىدىيىلەرنى ئىنكار قىلالايمىزمۇ؟ ئەختەم ئۆمەر ئۆزىنىڭ پوۋېستلىرىدا رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى يادرو قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئەخلاقىي،دىنىي قاتلاملىرى بويىچە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك تراگېدىيىلەرنى ھەر تەرەپلىمە ئىچىپ بەردى.

ئاياللار مەسىلىسى ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى يەنە بىر تىراگىدىيىلىك قاتلامدۇر.

ئاپتۇرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىجادىيىتى بولغان«زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە» پوۋېسىتىدىكى پاتىمە، خۇماخان قاتارلىقلار مۇرەككەپ خاراكتىرگە ئىگە پىرسۇناژلاردۇر. ئۇلارنىڭ خاراكتىرىدىكى مۇرەككەپلىك ۋە زىددىيەت رېئال مۇھىتنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنىغا ۋە ھوقۇقىغا بولغان كەمسىتىش ۋە بېسىمدىن پەيدا بولغان. «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»پوۋېسىتىدىكى نۇسرەتنىڭ قەلبىدىكى گۈزەللىك، پاكلىق، ئاددىيلىق بىزنى شۇندا ق سۆيۈندۈرىدۇ. نۇسرەت جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشىگە، ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلمەيدۇ. ئەخلاقسىز دەپ ئەيىبلىنىدۇ. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكى ئاخىرى بىرىپ نۇسرەنىڭ ئۆلۈم تىراگىدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خۇددى ئارستوتېل ئېيتقاندەك:«ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇشماسلىق(قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئەمەس)كەلتۈرۈپ چېقارغان ئۆلۈم، ئازاپ، يارىلىنىش قاتارلىقلار كۆپچىلىككە ئېچىپ كۆرسىتىلسە، بۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگېدىيىلىك ئىچى ئاغرىتىشنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ.»⑤دېمەك، نۇسرەت تراگېدىيىسى يۈكسەك دەرىجىدىكى تراگىدىيىلىك سەنئەت قىممىتى پەيدا قىلىش بىلەن بىللە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن،ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىدىغان قەلب بولۇشى كېرەكلىكىنى،ئاياللارغا  كونا ئەخلاق  فېئوداللىق قاراشلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭ باراۋەرلىكنى، ئىشەنچنى چېقىش قىلىپ، ئىنسان تەبئىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئاساسىدا مۇئامىلە كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. كارۋان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام !!! ئەسەرلەرنىڭ ھەممسى دىگۈدەك يېزا پۇرقى تۇيۇنغان،چۈشۇنۇشلۇك ، يانتاق پۇقىرالىرىنىڭ 20-ئەسىرىدىكى كەچمشلىرى ۋە تۈرمۇش ئەھۋالىلىرى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . مەن ئۇزۇن بولدى. ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىزنىڭ يانتاقنى يەنە بىر ئايىلنىپ كىتشنى ،يېڭى ئىلھام تپشنى ئۈمدى قلىمەن. قەلمىگە قۇۋەت ،تىنگە سالامەتلىك، تۇرمۇشغا بەخىت ئامەت تىلەيمەن…… ;-)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif