مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە جوڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى قۇرۇلىشى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىلدى
مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە جوڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى قۇرۇلىشى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2011 –يىلى 8- ئاينىڭ 20 –كۈنىدىن 22 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن جوڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنى بولۇپ، بۇ يىغىن تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزىلىشى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلار بولۇپ 60 يېقىن كىشى قاتناشتى.
بۇ نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ۋە جوڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى قۇرۇلىشى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتى ۋە شەنشى پداگوگېكا ئونۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستوتى. يىغىندا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەر مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇقۇم مەسىلىسى، تەرەققىياتى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە يۇقىرى سەۋىيلىك ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتىدىن مەتتۇرسۇن ئېلى، مۇھەممەت ھوشۇر، ئابدۇسالام شۈكۈر ، پىداگوگېكا ئىنىستوتوتىدىن ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ماقالىلىرىنى سۇندى.
ئالدىنقى يازما: ئەدەبىي زوق بولسا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئاساسى
كېيىنكى يازما: ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىكى تراگېدىيىلىك قىممەت( 1)
بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى
ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن قىرىندىشىم!
رەخمەت، بىرگەبولسۇن!