نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 5 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 5 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 15 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 791 قېتىم


5

بۇندىن كېيىنكى ئىستىلشۇناسلىق تەتقىقاتى چوقۇم ئەدەبىيات ئىستىلى تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۈگۈنكى ئەدەبىيات ئىستىلشۇناسلىقى، ئىستىلشۇناسلىق ئىلمى بىلەن مەنىداش سۆز ئەمەس. شۇنداقلا بۇرۇنقى ئۇسلۇبشۇناسلىق، ژانىرشۇناسلىق (语体 ) دائىرىسىدىكى تەتقىقاتى دائىرىسىدە توختاپ قالمايدۇ.[i] ئەدەبىياتتا ئىستىل تەتقىقاتىنى يولغا قويۇش ئەدەبىياتنىڭ ئىچكى قانۇنىيەت تەتقىقاتى مەسىلىسىدىن ئىبارەت. ئەڭ ئاددى سۆز بىلەن ئېيتقاندىمۇ ئەدەبىيات ئىستىلىستىكىسى تەتقىقاتى ئەدەبىيات  ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي شەكىل مەسىلىسى، سەنئەت ئېستېتىكىسى مەسىلىسى ھەم شۇنداقلا ئىجادىيەتچىلەرنىڭ بەدىئى خاسلىق مەسىلىسى.

ئىستىل سۆزى ناھايىتى نۇرغۇن مەنىلەرنى ئۆزىگە يۈكلىگەن سۆز بولۇپ، ئوخشىمىغان كونتىكىستا ۋە ئوخشىمىغان بايانچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ ئوخشىمىغان مەنىلەرگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا ئىستىلنى تەتقىق قىلىدىغان ئىستىلشۇناسلىق پېنى باشقا پەنلەرگە نىسبەتەن چېكىنى پەرقلەندۈرۈش بىراز تەس، مۇستەقىللىقى نىسبەتەن ئاجىز بىر پەندىن ئىبارەت.

م.خ.ئابرامس (M.H.Abrams) تۈزگەن « ياۋرو-ئامېرىكا ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى » دە ئىستىلنى  « پروزا ياكى پوئىزىيەدە تىلنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى يەنى بايانچى ياكى يازغۇچىنىڭ قانداق سۆزلەش ئۇسۇلىدۇر. بىر ئەسەر ياكى بىر يازغۇچىنىڭ سۆز ئىشلىتىش ئۇسۇلى، جۈملە قۇرۇلمىسى ۋەجۈملە تۈزۈلىشى(سىنتاكىس)، مېتافورالىق شەكىللەر، رېتىمى،    تىل تاۋۇشلىرىنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى ۋە باشقا ئەدەبىيات فومىلىرىنىڭ خاراكتىرلىق ئەنىدزىسى ۋە ستىلىستىكىلىق مەقسىدى، ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ئەسەر ياكى يازغۇچىنىڭ ئىستىلىنى تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ. »[ii] دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئىستىلشۇناسلىق نىمىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن؟ خەلقارادا بىرقەدەر ئومۇملاشقان قاراش شۇكى ئۇ « ئىستىلنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. »[iii] ئۇنداقتا ناھايىتى روشەنكى ئەدەبىيات ئىستىلشۇناسلىقى ئەەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىستىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئۆز نىشانى قىلىدۇ. لېكىن ئىستىلشۇناسلىق ئاتالغۇسى ئەڭ دەسلەپ شەكىللەنگەندە پەقەت ئەدەبىياتتىن ئىبارەت تار دائىرىدىلا چەكلەنگەن. « 50 –يىللاردىن باشلاپ، بۇ ئاتالغۇ مەخسۇس ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشنى كۆرسەتكەن. بۇ خىل ئۇسۇل ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىستىلىنى ‹ ئوبېكتىپ › ۋە  ‹ ئىلمىي › تەھلىل يۈرگىزىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەنئەنىۋىي ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى‹سوبېكتىپ›ۋە ئىمپرېسسىئونىزملىق  (印象主义)  تەھلىلنىڭ ئورنىنى ئىگەللىگەن.»[iv] لېكىن بۈگۈنكى كۈندە غەربنىڭ خىلمۇ –خىل ، مۇرەككەپ ئىستىل نەزەرىيىسىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىستىل تار ۋە كەڭ مەنىدە قوللىنىلماقتا.

كەڭ مەنىدىكى ئىستىل ئوخشىمىغان سىنىپ ،قاتلام، كەسپ،ياش، سالاھىيەت، ئورۇن ۋە كونتېكىستا ئوخشىمايدىغان تىل ئىشلىتىش ئادىتى ۋە ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىكى ئىستىلنىڭ ۋەزىپىسى شۇكى، بىرقانچە خىل ئىستىل تىل ئۇسلۇبىغا نىسبەتەن موفولوگىيەلىك تەسۋىرلەش يۈرگۈزۈپ، ئالاھىدىلىكلىرىنى يىغىنچاقلاش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى ئېنىقلاش ھەم ئوخشىمىغان ئورۇن ۋە كونتېكىستا مۇۋاپىق تىلنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۈگىتىشتىن ئىبارەت.  بۇ خىل تەتقىقات پەقەت تەسۋىرىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، باھالاش خاراكتىرى بولمايدۇ. يەنى كىشىلەر مەلۇم خىل ئىستىلنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسەتسە بولىدۇ لېكىن ياخشى –يامانلىقىغا باھا قويمايدۇ.

تار مەنىدىكى ئىستىلشۇناسلىق، ئوخشىمىغان يازغۇچىلارنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىن شەكىللەنگەن ئىستىلنى تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئوخشىمىغان ئەدەبىي تىلنىڭ ئۆزگىچە ئىشلىتىلىشىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئۇنىڭ رولى ھەر تۈرلۈك ئۇسلۇبلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تەسۋىرلەش بولۇپ، قۇرۇلمىلىق تەھلىل يۈرگىزىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىچكى سەۋەپ ھەققىدە ئىزدىنىش مەقسەت قىلىنىدۇ. تار مەنىدىكى ئىستىلشۇناسلىق ھەم تەسۋىرىي ھەم باھالاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ.  ئۇ ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ياخشى –يامانلىقىغا باھا بېرەلەيدۇ. قايسى يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنىڭ ئىستىل كاتوگىرىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى ياكى يازغۇچىنىڭ ئەسىرىدە ئىستىلدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۈمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىيالايدۇ.تېخىمۇ ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستىل تىل ئىزچىللىقىدىن شەكىللەنگەن تېكست شەكلى بولۇپ ئۇنىڭدا يازغۇچى ۋە بايانچىنىڭ ئۆزگىچە روھىي قۇدرىتى، تەجرىبىسى، تەپەككۈر شەكلى ۋە باشقا ئىجتىمائى، مەدەنىيەت روھى ئىپادىلىنىدۇ. بۇ قوش قاتلاملىق كاتوگېرىيە بولۇپ سىرتىدىن قارىغاندا، ئىستىل ئەسەرنىڭ تىل ئىزچىللىقى ۋە تىل فورمىسى،  ئىچكىرىلىگەندە ئىستىل جەمىيەتنىڭ مەدەنىيەت روھى شۇنداقلا يازغۇچى، تەنقىتچىنىڭ مۇستەقىل خاراكتىر ئىندۇۋىداللىقىنى ئۈستىگە يۈكلىگەن بولىدۇ. ئىستىلنىڭ سىرتقى شەكىللىنىشىدىن كۈزەتكەندە، ئۇ ئەدەبىي ژانىر (  体   裁 )، ئەدەبىي تىل ژانىرى (  语  体 )، ئۇسلۇب 风格 ) ) قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدىغان تىل(گەپ –سۆز،话语) تەرتىۋى، تىل ئۆلچىمى، تىل ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ. ئىستىلنىڭ ئىچكى شەكىللىنىشىدىن كۈزەتكەندە ئۇ مەلۇم يازغۇچىنىڭ ئۆزگىچە ئىندۇۋىدۇئاللىقى، تەپەككۈر ئەندىزىسى، مەنئىۋى سۈپىتى قاتارلىقلارنى سوبېكتىپ ئۆلچەم قىلغان بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرنى، شۇنداقلا مۇئەييەن ئىجتىمائى تارىخى، مەدەنىيەت روھى قاتارلىقلارنى ئوبېكتىپ ئۆلچەم قىلغان مەزمۇنلارنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا ئەدەبىي ئىستىلنىڭ سىرتقى ھەم ئىچكى قاتلاملىرنىڭ ماھىيىتىگە تولۇق يەتمەي ياكى بۇلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ ئىستىل ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزگىلى ھەم مەلۇم يازغۇچى ياكى ئەسەرنىڭ ئىستىلى ھەققىدە ئىلمىي خۇلاسە چىقارغىلى بولمايدۇ.

ئەدەبىي ئىستىلشۇناسلىق بۈگۈنكى كۈندە  ئەدەبىيات ساھاسىدە ئۆزىگە خاس سېستىما ياراتقان بولۇپ ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئاساسلىق ئامىللار ژانىر-تۈر،  تىل ژانىرى ۋە ئۇسلۇب قاتارلىقلار ئۈستىدىكى ئايرىم تەتقىقاتلار ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا دەسلەپكى ياكى بىرلەمچى تەتقىقات ماتىرىيالى بولالىشى مۈمكىن. لېكىن بۇلار ھەققىدىكى يەككە ئۇرۇنۇشلار ھەرگىزمۇ بىر پارچە ئەسەرنى ئەدەبىي ئەسەرگە ئايلاندۇرالمايدۇ ياكى بۇ ئەسەرگە نادىر ئەسەر تاجى كىيگۈزەلمەيدۇ. يەنە  ئەدەبىي ئىستىلشۇناسلىق ھەم زامانىۋى ھەم ئوچۇق سېستىما بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوبېكتىپ نۇقتىدىن دەۋر، مىللەت، سىنىپ، قاتلام ، رايون، تارىخ، تېما قاتارلىقلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ھەم يازغۇچىنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ۋە ئادىمىلىك مەنئىۋىي سۈپىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر قاتار سوبېكتىپ ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

قىسقىسى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىز بۇندىن ئىلگىرى يازغۇچى – شائىرلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبى ھەققىدە ئاز-تولا ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردۇق. لېكىن مېنىڭچە، يەككە ئۇسلۇب ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنىڭ چوڭقۇر، ئىلمىي راۋاجلىنىشىغا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىچكى گۈزەللىكى، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ قاتلاملىق ماھىيىتى، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مەنئىۋىي سۈپەت خاراكتىرىنى تولۇق،  ئەتراپلىق  يورۇتۇشتا ئىچكى ئېنىرگىيىسى يەنىلا كەملىك قىلىدۇ.  گەرچە ئۇسلۇب ئەدەبىي ئىستىلنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئەڭ يۈكسەك كاتوگېرىيە،  ئۇسلۇبنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەلۇم خىل ئەدەبىي ئىستىلنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ھەم ئەدەبىي ئىستىلنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئىپادىلىنىشى بولسىمۇ، ئۇ ــــــ ئەدەبىي ئىستىل كاتوگېرىيىسىدىكى باشقا مەزمۇنلار بىلەن بىرلىكتە مۇستەھكەم بىر گەۋدىگە ئايلانمىغاندا يەنىلا ئەدەبىي ئىستىلدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن بولمايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، يۈزەكى چۈشەنچىلەردىن قاتلاملىق ماھىيەتكە، ئەنئەنىۋىي بايان قىلىشتىن نەزەرىيىۋىي يۈكسەكلىككە يۈكسىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىستىلشۇناسلىق  ۋە ئەدەبىي ئىستىل ھەققىدىكى ئىزدىنىشمۇ چوقۇم ئوبېكتىپ يۈزلىنىش بولۇپ قالىدۇ.

ئاخىرقى سۆز 

  مەزكۇر ماقالىدا ئىستىل ھەم ئەدەبىيات ئىستىلىنىڭ تارىخى مەنبەسى، ئاتالغۇ مەسىلىسى، ئۇقۇم ئېنىقلىمىسى، قاتلاملىرى،خاراكتىر ــــــ ئالاھىدىلىكلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە قىسقىچە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىستىل (باكى باشقا بىر خىل ئاتالغۇدا ئاتىلىشىدىن قەتئىنەزەر ) نەزەرىيە تەتقىقاتى بىزدە ئاجىز ھالقا بولسىمۇ ئۇ ئىجادىيىتىمىزدىكى ئۈزۈلمەس ئېقىن بولۇپ كەلگەن. ئەدەبىيات ئىجادىيەت تەرەققىياتىدا كونا ئىجادىيەت ئىستىلىنىڭ يوقۇلۇپ يېڭى ئىجادىيەت ئىستىلىنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى مۇقەررەرلىك. بىزدە بۇ ھەقتە كىلاسسىك تەتقىقاتنىڭ ئاجىز، يېڭى تەتقىقاتلارنىڭ يوق بولىشىدەك مەسىلىنىڭ ئۆزىمۇ بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ئىستىل تەتقىقاتىنىڭ ناھايىتى چوڭ نەزەرىيە قۇرۇلىشى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ. بىز بۇ تەتقىقاتنى ئىلمىي،ئوېكتىپ ۋە سوغاققان پوزىتسىيە بىلەن قولغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، قىزغىنلىق ۋە ھەمكارلىقنى تەڭ تەكىتلىكىنىمىزدە ھەر بىر مەسىلىگە كۈتكىنىمىزدەك جاۋاپ تاپالايمىز، ئۆز ئەدەبىياتىمىزنىڭ مىللى ئىستىل نەزەرىيەسىگە ئىگە بولالايمىز ھەم  « ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئىستىلى » دىن ئىبارەت بۇ نۇقتىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئەدەبىيات ژانىرلىرىمىزنىڭ يارىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى، بەدىئىي تىل، تىل شەكلى ماھارەتلىرىنىڭ  يۈكسىلىشى ھەم قېلىپلىشىشى شۇنداقلا يازغۇچىلار تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئىزلىنىشىمىزنى يەنىمۇ تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرەلەيمىز.


[i] ماقالىنىڭ 1-2-بۆلەكلىرىگە قارالسۇن.

 ii] M.H.艾布拉姆斯《奥美文学术语词典》第354、357页,朱金鹏、朱荔译,北京大学出版社,1990年11月第一版]

iii]许力生著《文体风格的现代透视》,第1页,浙江大学出版社2006年10月第一版]  

iv] M.H.艾布拉姆斯《奥美文学术语词典》第354、357页,朱金鹏、朱荔译,北京大学出版社,1990年11月第一版]  

پايدىلانغان ماتىرىياللار :  

ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىقلار تۈزگەن « قۇتاتقۇبىلىك ستىلىستىكىسى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىيات 2001 – يىل 6 – ئاي 1 – نەشرى .  

M.H.艾布拉姆斯《奥美文学术语词典》,朱金鹏、朱荔译,北京大学出版社,1990年11月第一版   

胡壮麟、刘世生主编《西方文体学辞典》,清华大学出版社2004年11月第一版

王守元、郭鸿、苗兴伟主编《文体学研究在中国的进展》上海外语出版社,2004年10月第一版   

( مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى «شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى » 2007 – يىللىق 4- سانى )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif