نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » تاغ بار يەردە چوققا بار (4)

تاغ بار يەردە چوققا بار (4)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 9 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 906 قېتىم


كېيىن ئەندىجان، پەرغانە، سەمەرقەند بۇخارا ۋە خارزمدىن كەلگەن ئالىملار ناۋايىنىڭ ھاياتى، ئىجادىيىتى ۋە پەزىلىتىگە دائىر مەنىلىك، كونكېرت تەرەپلەر ھەققىدە بىر شىڭگىلدىن ئاغىزاكى نۇتۇق بايان قىلىشتى. ئۇلار ئىلمىي مەجلىسلەردە ماقالە ئوقۇماي كۆپرەك شۇ ئنىساننىڭ پېئىل-پەزىلىتى ۋە ئۇمۇمىيەتچىللىكى ھەققىدە ئەركىن سۆزلىشىدىكەن. مەن ئەنجۈمەننىڭ تەنەپپۇز ۋاقتىدا باشقىلاردىن نەجمىدىن كامىلوۋ بىلەن پىرىمقۇل قادىروۋنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئول تۇرغانلىقىمنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. نەجمىدىن ئاكا ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق ئىجتىمائىي پەن ئالىمى بولۇپ، دوكتورلۇق ئىشىم جەريانىدا ئۇنىڭ ‹‹تەسەۋۋۇپ›› ۋە ناۋايى ھەققىدىكى ‹‹خىزىر چەشمىسى›› ئەسەرلىرىنى كۆرگەندىم. بۇ كىشىنى ئىلمىي رەھبەر قىلىپ تاللىغان ماگىستېرلارنىڭ ئىغىزىدىن: ‹‹نەجمىدىن داملا پەزىلەتتە پەرىشتە، ئىلىمدا ئىسمى جىسمىغا لايىق‹كامىل›ئىنسان›› دېگەن تەرىپلەشلىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان. ئۇ سۆز نۆۋىتى كەلگەندە بۈيۈك ناۋايى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى: ‹‹رۇس ئالىملىرىدىن ژىرمۇنسكىي ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ‹ناۋايى ۋە ئەدەبىي ئويغىنىش› دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ خۇددى ياۋروپادىكىگە ئوخشاش ئويغىنىش دەۋرىنىڭ بولغانلىق تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، كۆنراد پەرھاتنى ‹ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىئالى› سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. دېمەك تۈركىي خەلقلەر  گېرىك، ئەنئەنىۋىي شەرق ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۇزاق ئەسىر لىك تەرەققىتات ئۆركىشى قوشۇلۇپ ۋە جەۋھەرلىنىپ ئەلىشىر ناۋايىنى شۇنداقلا ناۋايىنى بايراق قىلغان شەرق ئويغىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىز تېخى شائىر ياراتقان ئۇلۇغ بىر دەريانىڭ ساھىلىدا ئايلىنىپ يۈرىۋاتىمىز›› دەپ خۇلاسىلىدى. نەجمىدىن كامىلوۋ  مۇھەممەت سىددىق زەلىلى ھەققىدىكى دىسسېرتاتسىيەمنىڭ سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتىخەسىسى بولغاچقا كېيىن مەن پېرزدېنىت نامىدىكى دۆلەت ۋە دېموگراتىك جەمئىيەت قۇرۇش ئاكادېمىيىسىگە بېرىپ ئالىم بىلەن نەچچە مەرتە دىدارى مالاقەتتە بولدۇم. سۆھبەت قىزغىن داۋام قىلىۋاتاتتى. يىغىندىن خاتىرە قالدۇرۇش مەقسىتىدە قارىماققا سۆزلىگۈچىلەرگە دىققەت قىلىۋاتقاندەك قىلساممۇ ئەمەلىيەتتە ئوتلۇق بىر خىيال مېنى باغرىغا باسماقتا ئىدى…قول كۆتۈرۈپ ‹‹مەن جوڭگودىن يەنى ناۋايىنىڭ ئۆزلۈكى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلىگەن غايى ۋىي قەھرىمانى پەرھاتنىڭ ۋەتىنىدىن كەلگەن ئۇيغۇرمەن. بۇرۇنقىلەر ناۋايى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتنى ئىزىدن چىقىرىپ، بىز قېرىنداش ئىككى خەلقنى تالاش-تارتىشقا قويدى. دۇنيادا ئۆزبېك-ئۇيغۇردەك بىربىرىگە ئوخشايدىغان يەنە باشقا ئىنسانلار توپىنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. دېمەك بىز ئىككى مىللەت ئاتالغان بىر خەلق. بىر يۈرەكنىڭ ئىككى دالانچىلىرىمىز! نەجمىدىن ئاكا بەكمۇ  ھەققانىي گەپ قىلدى. ئەلىشىر ناۋايى ياراتقان دەريا دەل شائىر ياشىغان15-ئەسىردىن ئەمەس بەلكى ئۇزاق ئەسىرلىك مەنبەلەردىن شەكىللەگەن.  ئۇنىڭ باش ئېقىن ۋە غايەۋىي يىلتىزلىرى يىراق قەدىمكى بۇلاقلار. دېمەك ھاياتىي بۇلاقلاردىن چۇرۇق- چۇرۇق كېچىك ئېرىقلار، ئېرىقلاردىن جۇشقۇن جىرالار، تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن جىرا سۇلىرىدىن شاۋقۇنلۇق غول ئېقىنلار، خۇددى تاغقا-تاغ قوشۇلغاندەك ھەيۋەتلىك ئېقىنلارنىڭ ھەر ياقتىن قوشۇلۇشى بىلەن ناۋايىنىڭ چەكسىز ئەزىم دەرياسى شەكىللەنگەن. سىلەرنىڭ ناۋايىنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭلارنى بىلىمىز،  ئەمما بىز ئۇيغۇرلارمۇ ناۋايىنىڭ مۇھىم ھەقداسى! دوستويېۋىسكىي ‹ھەقىقەت رۇسىيەدىنمۇ ئۇلۇغ› دەپ ئېيتقاندەك 20 مىليۇن خەلقنىڭ ئار زۇسى مىرزا ھەيدەرنىڭ تارىخىي خاتىرىسىدىن ئۇلۇغمۇ؟ شۇنداق ئىكەن ناۋايىشۇناسلىقتا شائىر مىراسلىرىنىڭ تۈركمەن، ئەزەربەيجان، قىرغىز ۋە قازاق ئەدەبىياتىغا تەسىرىنى كۆرسىتىپ،  شائىرنىڭ مۇھىم ھەقداسى بولغان بىز ئۇيغۇرلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويغىنىڭلار ئادىللىق بولمايلا قالماستىن بەلكى بۇ  تەتقىقاتىڭلاردىكى ئىلمىي پوزىتسىيىنىڭ ئىشەنچىسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا ھەر تەرەپتىن كەلگەن پىكىر ئېقىملىرىنى ئۆز مەدە نىيەت خامىنىدا تاسقاپ ۋە چەشكە ئايلاندۇرۇپ ئۇنى ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىياغا تارقىتىشتا مەنىۋىي بازارلىق رول ئوينىغان. باشقا تۈركىيلەر ئوتتۇرا ئەسىرىڭلار ھەققىدە سۆزلىگەندە ئۇيغۇرلارنى ئەگىپ ئۆتەلمەيسىلەر! بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان دۇنيادا قەد كۆتۈرگەن دۆلەت. شۇڭا سىلەر ناۋايىشۇناسلىقتا تار ئايرىمىچىلىق مەپكۇرىسىدىن ئازات بولۇپ، قەلبى-كۆكسۈڭلەرنى كەڭراق قىلغىنىڭلار ياخشى!›› دېيىشنى ئويلىدىم. تەلەپ قىلسام ئۇلار سۆزلەش پۇرسىتىمۇ بېرەتتى. بىراق بۇ پىكىر ئىلھامى قانداق شىددەتلىنىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك تىزلىكتە يالتايدىم. چۈنكى ئۇلاردا ھەممە كىشى ناۋايىنى ياخشى كۆرىدۇ. 15-ئەسىردىكى خۇراساندا پارسچە يازمىغان كىشى شائىر ئاتالمىغاندەك شورالار دەۋرىدىكى ئۆزبېكىستادا ناۋايى ھەققىدە كىتاپ يازمىغان كىشى زىيالى ھېساپلانمىغان. پۇتۇن بىر جەمئىيەتتىكى فىلولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ 3/5 قىسىمى ناۋايىغا بېغىشالانغان، دېسەكمۇ مۇبالىغە بولمايدۇ. شائىرنى دۇنياغا تۇنۇتۇشتا ئۆزبېك خەلقىنىڭ رولى چوڭ. مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە شائىرنىڭ نامىنى ئەبىدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن قويۇلغان جاي ۋە قۇرۇملارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناۋايىشۇناسلار بۇ قېتىمقى چەكلىك يىغىندا سۆزلەش ئارزۇسىدا دۆلەتنىڭ چەتيەرلىرىدىن كەلگەن. شۇڭا مەندەك بىر ‹‹ مېھمان ›› ئۇلارنىڭمۇ ھېسسىياتىنى چۈشىنىشىم، ھەققى-ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىم، ئۇلار غا كۆپرەك يول قويۇشۇم كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلاپ يەتتىم-دە، چەپ تەرىپىمدە ئولتۇرغان يازغۇچى پىرىمقۇل قادىر ئاكىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن:

-ئۇستاز، مەن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن، ھازىر ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسىمەن. ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقىگە تۇنۇشلۇق سۆيۈملۈك يازغۇچىسىز. رومانلىرىڭىزنى ئوقۇپ،  دىدارىڭىزنى كۆرۈشنى خىيالى ئارزۇ قىلغانمەن، شۇ تاپتا بېشىم ئاسمانغا تاقاشقىدەك بولىۋاتىدۇ،-دېدىم.

  پاكار بۇيىغا ئېغىر كېلىدىغاندەك يۇغان بېشى، ئۆسكىلەڭ، توم قارا قاشلىرى ئاستىدىكى مۈشۈكياپىلاقنىڭكىدەك چۇڭقۇر ۋە ئۆتكۈر كۈكۈش كۆزلىرى قەدىمكى ھۇن ئېرقىنىڭ تىپ ئالاھىدىلكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ،80 ياشلارنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان بۇ كىشىنى قەتئىي ۋە سەل سۈرلۈك كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، لېكىن تىز پەسلىۋاتقان ئۆمۈر قۇياشى ئۇنىڭ چىرايىدىن باغرى يۇمشاقلىق ۋە تولىمۇ رايىشلىقنى  نامايەن قىلىپ تۇراتتى.

 -ئۇيغۇر تىلىدا قايسى ئەسەرلىرىم نەشىر قىلىنغان؟

- ‹‹يۇلتۇزلۇق تۈنلەر››، ‹‹مومەييۇن››، ‹‹ئەكبەر››،  سىزنى ئۇيغۇر خەلقى ئۆز يازغۇچىسىدەك ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ بابۇر ھەققىدىكى رومانىڭىز بىزدە كۆپ قېتىم نەشىر قىلىنغان. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئېسىل ئەسەرلەر بار، ھالبۇكى بىرەر پارچە ئۇيغۇرچە ئەسەرنىڭ ئۆبېكچە نەشىر قىلىنمىغانلىقىدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم. ۋەتىنىمگە قايتقاندا دوستلىرىمغا نېمە دېيىشنى بىلمەيۋاتىمەن. دېمەك بىز سىلەرگە قېرىنداشلىق ۋە دۇنياۋىي نوقتىدىن قاراپ كەلدۇق. كېيىن پىرىمقۇل قادىر ئۈزىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا بولىدىغان ئاممىۋىي تارقىتىش ۋاستىلىرى  ھەققىدىكى سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىمدىن ئۈمۈتۋار بولغاندەك ‹‹زور،جۈدە زور،ئوغلۇم›› (ناھايتى ياخشى!) دەپ دوپپىلىق يۇغان باشلىرىنى لىڭشىتقىنىچە كۈلۈمسىرەپراق سەل توختىۋالغاندىن كېيىن تەبىئىي رىتىمدە پاراڭ تېمىسىنى يۆتكىدى:

  -تۇرسۇنباي،ئوغلۇم،سىز تاشكەنتدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن مالاقەتتە بولغانسىز-ھە،-

يازغۇچى ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن بېقىپراق جاۋابىمنى كۈتمەستىن سېغىنىشلىق قەدىمىي بىر ھېكايىنى بايان قىلىشقا تۇتۇنغان كىشىدەك سۆزلەپ كېتىۋەردى،-ھازىر ئۆزبېكىستاندا50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار. ئۇلار ئاساسلىقى تاشكەنت ۋىلايىتىنىڭ پىچاقچى، ئاخۇنبابايېف، چى لانزار، ئاھاڭگىران، قويلۇق ۋە سېرگىلى رايۇنلىرىدا تارقاق ياشايدۇ. بۇلاردىن نۇرغۇن ئالىملار، جەڭچىلەر، سەنئەتكارلار ۋە ئەمگەك قەھرىمانلىرى چىققان. ئالىدىغان بولساق، پىروفېسسور مۇرات ھەمرايېف 28يېشىدا سوۋېت ئىتىپاقى پېداگوگىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى بولغان، چوڭ- كېچىك 100گە يېقىن كىتاپنىڭ يازغۇچىسى، تۈزگۈچىسى، تەرجىمانى ۋە تەھرىرى ئىدى. ئۇ تىرىكلىكىدە پەۋقۇلاددە ئەقىل-زاكاۋىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق ئالىملار قاتارىدا تۇنۇلدى. مۇھەممەد زەيدى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› ۋە ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نى تەتقىق قىلدى.ئۇنىڭ ئۈيىدە بۇ ئىككى شاھ ئەسەر ھەققىدە بىرئادەمنىڭ ئۆمرىگە يىتىپ ئاشقۇدەك قوليازما بار، دەپ ئاڭلىدىم.ئەپسۇس بۇ مۆھتەرەم  كىشى ۋەتەندىن يېنىپ چىققىنىغا مىڭ پۇشايمان قىلىپ،يىغلاپ ئۆلۈپ كەتتى! ئاسىم باقى، روزى قادىر ۋە ئوسمان مەمەتاخۇنوۋلار بىلەن بىز داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان.بۇلاردىن ھېبىبۇللا زەينىددىن بىلەن مەتياقۇپ قوشجانوۋلارنىڭ شەجەرىسى سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىيلىكىڭلارنى ئەسلىتىدۇ. ھېبىبۇللالار ئىسسىق كۆل ئۇيغۇرلىرىدىن بولسا، مەتياقۇپلار جەمەتى خارەزم ئۇيغۇرلىرىدىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسى چىڭگىزخانغا ئەسكەر بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا يەرلىرىگە كەلگەن.مەتياقۇپ قوشجانوۋ داڭلىق ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ۋە تەنقىتچى بولۇپ، ئۇ ھاياتىدا دوكتور، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى ۋە ھەمزە نامىدىكى دۆلەت مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. مەتياقوپ 1918–يىلى تۈركمەنىستاندا تۇغۇلغان. ئۇلارنىڭ ئەجدادى يۈزلىگەن ئۇيغۇر پۇشتى قاتارىدا چىڭگىز باسقۇنچىلىرىغا يانتاياق بولۇپ، خارزمشاھلارنى يوقىتىشقا قاتناشقان. نەتىچىدە چىڭگىزخان ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭدىكى باتۇرلۇقىنى تارتۇقلاش ئۈچۈن خارەزمدىن بىر قىشلاقنى ئۇلارغا سۈيۈرغال قىلىپ بۆلۈپ بەرگەن. كېيىن پەلەك چاقى ئايلىنىپ خىۋە خانلىقلىرى كۈچەيگەندە خارازىم ئۇيغۇرلىرىنى تارىخى دۈشمەن ھېساپلاپ ئۇلارغا يۈز يىللار مۇبەينىدە ئارامچىلىق بەرمىگەن.تەقدىر شاماللىرى بىلەن نائىلاج تۇرپاندىن خارزمگىچە بېرىپ قالغان بۇ بى چارە ئۇيغۇرلار ئۇ يەردىمۇ تۇرالماي تەرەپ-تەرەپكە سەرگەردان بولۇپ كېتىشكەن. دېمەك مەتيا قوپلار جەمەتى يەنە بىر زامانلار ئۆتۈپ خوشنا تۈركمەنىستاننىڭ تاشھاۋۇز ۋىلايىتىدىن ئىككىن چى ۋەتىنى خارزمگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. بىزدە بۇ سىرنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، بىلسىمۇ ئاشكارا دېمەيدۇ، ئەمما بۇ دېگەن تارىخ! مۈمكىن بولغاندا سىز خانادان( ئۈيى )نىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىڭ!- دېگىنىدە مېنى بىر خىل تەنھالىق جىمجىتلىقى باسقانىدى. شۇ تاپتا پىرىمقۇل ئاكا بىلەن ئەنبەر ئاپىنىڭ ئەسلىمىسى قوشۇلۇپ، جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ قىسمەتكە باي مىڭلارچە يىللىق كەچمىش-كېچىرمىشلىرى ئېرىقتىكى سۇ ۋە ئۇنىڭ يۈزىدىكى نەقشلەردەك كۆز ئوڭۇمدا ئاقماقتا ئىدى. مانا ئەمدى خېلىدىن بېرى ئويۇمدا شەكىللەنگەن ‹‹خارەزملىقلار بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ئورپە-ئادەتلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئوخشاش؟›› دېگەن سۇئال ئۆز يىشىمىنى تاپقاندەك بولدى. ئۇنىڭ چىن يازغۇچىغا خاس ھىدايەت، سائادەت، سەمىمىلىك ۋە ئەقىل-پاراسەت چاقناپ تۇرغان نىگاھ ھەم مەڭىز نۇرلىرى كۆز قارىچۇ قۇم بەلكى يۈرۈكىمگە مۆھۈر بولۇپ ئۇيىغاندى. ئەدىپنىڭ شىرىن زۇۋانى ۋە ھېكمەتلىك سۆھبىتى بىلەن گويا ئىلمىي مەرىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا ئىدىم. توساتتىن بىر ئۆسمۈرنىڭ مۇسىيقىچىلەرنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا ئابدۇللا ئارىپوۋمىڭ ‹‹ئەلىشىرنىڭ ئانىسى››شېئىرنى ياڭراق ۋە تەسىرلىك ئوقۇشى قىلىشى بىلەن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلدى. دېكلاماتسىيە شېئىرنىڭ:

 مەيلىغۇ ئۇ كىم بولسۇن،

يالغۇز بىر سۆز مەناسى.

ئەلىشىرنىڭ ئانىسى ئۇ،

ناۋيىنىڭ ئانىسى…

دېگەن بېيىتلىرىغا كەلگەندە، بالىنىڭ ئۈنى ئانىنىڭ باغرىغا بۆلەنگەندەك ئاستا- ئاستا پەسلەشكە باشلىدى. مۇزىكىنىڭ ئەۋجى لەرزانلاشماقتا ئىدى. مىكروفۇندىن ياڭرىغان ئۇرغۇلۇق، مەنتىقىلىق ۋە مەنىدار بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ زالدىكى ھاياجانلىق ۋاراڭ-چۇرۇڭ پەسەيدى.

   -ئۆزبېكنىڭ يۈرىكى ناۋايىنىڭ كۆكسىدە سوققان، ئۇلۇغ شائىرنىڭ  روھى بىز تۈركىي خەلقلەرنى يۆلىگەن،-دېگەن جۈملىلەر بىلەن تەڭ ھەممىنىڭ دىققىتى بىر نوقتىغا تىكىلگەندى.

مۇنبەردە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن پەن ئەربابى ئەزىز قەييۇموۋ سۆزلىمەكتە ئىدى. بادام گۈللۈك قارا دۇخاۋا دوپپىسىنى ئوڭغا قىيسايتىپراق كىيىۋالىدىغان، باشقىلارنىڭ ئۇتۇقىدىن ھەمىشە ئىككى كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قالغۇچە ھۇزۇرلىنىپ كۈلىدىغان بۇ مەردانە ناۋايىشۇناس قوقانلىق مەشھۇر ئالىم پولاتجان داموللاىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەزىز قەييۇم ‹‹خەمسە›› دىكى ھەر بىر داستاننىڭ يېزىلىش جەريانى ئاممىباپلاشتۇرۇلۇپ ھېكايە قىلىنغان ئەدەبىي كىتاپلىرى جۈملىدىن ناۋايىنىڭ ئىجادىي بىئوگ رافىيىسىگە بېغىشلانغان ‹‹ئاجايىپ كىشىلەر ھاياتى›› ئەسىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا تۇنۇش. ئۇ يەنە ‹‹نادىر سەھىپىلەر››، ‹‹قەدىمىيەت ئابىدىلىرى›› قاتارلىق كۆپلىگەن بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆزبېكىستادىكى بىردىن بىر ئاتا-بالا زەلىلىشۇناس ئالىملار ئىكەن. مەلۇمكى زەلىلى18-ئەسىر ئەدەبىياتىمىزنىڭ نادىر ۋەكىلى بولۇپ،  شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئۆز دەۋرىدىن ئېتىۋارەن پەرغانە ۋادىسىغا كەڭ تارقالغان. ئېزىز ئاكا نەشىرگە تەييارلىغان ئاتىسى-پولاتجان داموللىنىڭ ‹‹قۇقان تارىخىي ۋە قوقان ئەدەبىي مۇھىتى››، ‹‹تەزكىرەئىي قەييۇمىي›› قاتارلىق ئەسەرلەردە ئۆزبېكىستاندا تۇنجى بولۇپ،  مۇھەممەت سىددىق زەلىلى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزىلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان. مېنىڭ زەلىلى تېمىىسىدىكى تەتقىقاتىم تاماملىنىپ دىسسېرتاتسىيە ياقلاشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقان 2008 -يىل ئىيون ئايلىرىنىڭ بېشىدىكى دائىملىق ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرىسىدە، ئىلمىي رەھبىرىم نۇرباي جاببارنىڭ: ‹‹تۇرسۇن ئاغا، ئامەتلىك ئىكەنسىز، ئېزىز پولاتوۋىچ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى، ياشىنىپ قالغاچقا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاپانېنتلىق قىلمىغان. زەلىلى ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاتا مىراس مۇئەمما بولغاچقا سىزنىڭ ئىشىڭىز ئۈچۈن ئىلمىي ھىمايىچى بولۇشقا قۇشۇلدى›› دېگىنىدە دوپپامنى ئاسمانغا ئاتقۇدەك بولغانتىم. كېيىن ئالىم ئۈيى ۋە ئەلىشىر ناۋايى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيدىكى ئىشخانىسىدا دىسسېرتاتسىيەمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرۈپ قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى. ئاخىرىدا ‹‹شىنجاڭ ئۇنىرېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى›› دا ئېلان قىلىنغان ‹‹ ‹تەزكىرە ئىي قەييۇمىي› دا زەلىلى تەلقىنى›› ناملىق ماقالەمنى ژورنال بىلەن قوشۇپ سوغا قىلغىنىمدا، ژورنالنى دادىسىنىڭ قوقاندىكى ‹‹ئۆي مۇزېىي›› غا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەۋەتلا خۇشال بولغاندى. كېيىن مەن ئۇنىڭ ‹‹ يىراق چىندىن بىر مۇساپىر ئىلىم ئىزدەپ ۋەتىنىمىزگە كەلسە، ئۇنىڭ تەرىپىدە بىرنەچچە ئېغىز ھەققانى پىكىر ئېيتىش مەسئۇلىيى تىمىز بار ›› دېگەن مەقسەتتە ماڭا ھىمايىچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ھىمايە كۈنى ئۇ تەقرىزى(باھاسىدا)دە دەسلەپتە دىسسېرتاتسىيەمنىڭ كەمچىلىكلىرى ھەققىدە توختالغان، بولۇپمۇ ماقالەمدىكى بۈگۈنكى ئۆزبېك ئەدەبىياتشۇناسلىرىدىن كەلتۈرگەن نەقىللەرنى قاتتىق سۆكۈپ، كېيىن ‹‹ دىسسېرتاتسىيىگە باشتىن-ئاياق مۇشۇنداق باھا بېرىلسە، تۇرسۇن قۇربانغا بەكلا ئادا لەتسىزلىك بولىدۇ،دىسسېرتاتسىيىدە ئۇنىڭ ياخشى ئىستىدات ئېگىسى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بار ›› دەپ كۆرسەتكەنلىكى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ. قىسقىسى ئېزىز قەييۇم كۆڭۈل نۇرەپشانلىقى يۈز-كۆزىدە نامايەن، ئاسمان باغىر، ئۇمۇمىيەتچىل بولۇشتەك پەزىلەتلىرى بىلەن مەندە ئۆچمەس تەسىرات قالدۇردى.

-مەھمۇد كاشغەرى،-  دەپ سۈزىنىي داۋاملاشتۇردى ئالىم،-  ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› نى يېزىپ،  ئانا تۈركىي تىلىمىزنىڭ  ئەرەپ تىلى بىلەن  ‹‹بەيگىگە چۈشكەن ئاتتەك›› رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان مەقامىنى نامايەن قىلغان بولسا، ئەلىشىر ناۋايى مەشھۇر‹‹خەمسە››سى ئارقىلىق قۇياشى پەسلەۋاتقان ئۆزبېك تىلىنى جاھان مىقياسىغا ئېلىپ چىقتى.  تىل ۋە ئەدەبىيات بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي ۋەتىنى ۋە دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۇشىنىڭ ئەينىكىدۇر، دەيدۇ بەھبۇدىيھەزرەتلىرى.شائىرنىڭ‹‹تىلغا ئېتىبارسىزلىق،ئەلگە ئېتىبارسىزلىق››دېگىنى شۇنداقلا:

  ناۋاسىز ئۇلۇسنىڭ ناۋا بەخشى بول،

  ناۋايى يامان بولسا،سەن ياخشى بول…

  پەرىم بولسا ئۇچۇپ قاچسام ئۇلۇسدىن تا ئاياغىم بار،

  قاناتىم كۆيسە ئۇچماقدىن،يۈگۈرسەم تا ھاياتىم بار… 

 دەپ شام پەرۋانىسى بولۇپ ئۆرتىنىشلىرى ئەمەلىيەتتە زامان زۇلمىغا، ئۆز ئۇلۇسىغا ۋە ئۇنىڭ  جاھانساز زىيالىلىرىغا قىلغان مۇراجىتى ئىدى. شۇڭا سەمەرقەنتدە ‹‹ناۋايىغىچە ناۋايى بولمىغان، ناۋايى دەۋرىدە ناۋايى ناۋايىنىڭ ئۈزى، ناۋايىدىن كېيىن ناۋايى چىقامدۇ-چىقمامدۇ، بۇ دەر گۇمان›› دېگەن مەنىلىك ھېكمەتنىڭ تاقىلىشى تەسەدىبىي ئەمەس! مانا قاراڭكى، بۈگۈنكى ئېنىگلىزلار، گېرمانلار ۋە ياپۇنلارنىڭ يۈكسەك سانائەتلىشىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ دەل ئۆز مىللىي تىلىغا تايانغانلىقىدىن بولغان…

   شۇنداق قىلىپ ئىلمىي مەجلىس ئۆتكۈر نەزەرلىك ئەدەبىياتشۇناس ئىبراھىم ھەققۇل نۇتۇقىنىڭ…ئەمدى ناۋايىغا قايتىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى، دېگەن سۆزلىرى بىلەن تۈگەللەندى. يىغىن رەئىسى ناۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممە دەۋىرنىڭ زۆرۈرى مەسىلىلىرىگە جاۋاپ بېرەلىشىدەك مەڭگۈلۈك قىممىتىنى تەكىتلەپ بۈگۈنكى ئەنجۈمەننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئۇنىۋېرسىتېت مۇزېيىنى زىيارەت قىلىشىمىزنى ئۇقتۇردى. گەرچە يىغىن نارەسمىرەك ئېچىلغىنى بىلەن ئۇنىڭدا شائىر ھەققىدىكى ئەڭ سەمىمىي پىكىرلەر ئېيتىلدى. ناۋايىنىڭ بۇ يىللىق خاتىرىسىگە ئاتاپ شائىر ئىجادىدىكى ‹‹بوزلۇق›› لارغا بېغىشلانغان بىر نەچچە پارچە ئىلمىي ئەسەر نەشىر قىلىش قارارلاشتۇرۇلدى. بەزى نەشىرىياتلار بۇنداق ئەسەرلەرنى ئەڭ تۈۋەن تەننەرختە چىقىرىشقا ۋەدە بەردى. مەن ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى پەخرىيە تۇيغۇسىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ ناۋايى ھەققىدە گەپلىشىۋالسا گۇيا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نېمەتتىن بەھرلەنگەندەك راھەتلىنىپ ۋە ئەركىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

   مۇزېي مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت كۈتۈبخانىسىنىڭ 2-قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ،ئۇنچە چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك ئەمەسلىكىگە قارىماي ئۇنىڭغا قىممەتلىك تارىخىي يادىگارلىقلار ئىلمىي ۋە كۆڭۈل قويۇپ تىزىلغاندى. تاملارغا قاراخانىيلار قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ خەرىتىسى چاپلانغان، مۇزېينىڭ ئوتتۇرىسىىغا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىلىم-پەن قۇياشىنىڭ پارلىۋاتقانلىقىغا سىموۋۇل قىلىپ، ئۇلۇغبېك (1394-1449) نىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيكىلى قويۇلغاندى. بۇ چاغدا سائەت چۈشتىن كېيىن بەشتىن ئاشقان بولغاچقا مەن بۇ كېچىك ھېكمەتخانىدىكى ھەممە يىغىلمىلارنى تەپسىلى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەي، ئىچكىرى بۆلۈمچىدىكى كىشىلەر توپلىشىۋالغان ئەينەك جازىنىڭ ئالدىغا سىغدىلىپ كىردىم. كۆز ئالدىمدا باشقا ھۆججەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك بىر قوليازما تۇراتتى. خېلى كۆپ يىغىن ئەھلىنىڭ مەزكۇر قوليازمىنى تۇنجى قېتىم كۆرىشى بولسا كېرەك، رۇس ۋە ئنگلىزلار ھەيرانلىق چىقىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى ۋە كۆك نۇر چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ئارقىلىق قوليازمىنى ئىما-ئىشارە قىلىپ ئاللانېمىلەرنى دېيىشسە، ئۆزبېك ئالىملىرى ‹‹جۈدە زور››، ‹‹شۇنەقەسى ھەم بۇلار ئىكەن! ››دېيىشەتتى. مەن ئۇنىڭ قانداق كىتاپ ئىكەنلىكىنى بىلىش نىيىتىدە رۇسچە ۋە ئۆزبېكچە يېزىلغان چۈشەندۈرىشكە نەزەر ئاغدۇردۇم. قوليازما 19-ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن ‹‹دىۋان ناۋايى››بولۇپ، چوڭ -قىلىنلىقى، نەپىس ۋە قىممەتلىكلىكى بىلەن ئادەمنى تاڭ قالدۇراتتى. كىتاپقا قارىغانسىرى ئۇ سۇ يۈزىدىكى مەيىن چەمبىرەكتەك يوغىناپ، ئۇنىڭ مەن يېقىندا شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنىڭ قوليازمىلار فوندىدا كۆرگەن تېخىمۇ بەھەيۋەت بىر قوليازما بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرمىسى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلەنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭغا 1983-يىلى تاشكەنتدە نەشىر قىلىنغان ‹‹ناۋايى ئەسەرلىرى قوليازمىلىرىنىڭ تەۋسىفى›› دېگەن كىتاپنىڭ17-،28-،29- ۋە30- بەتلىرىدە بېرىلگەن چۈشەندۈرۈش تۆۋەندىكىچە:

‹‹ئۇشبۇ قوليازما ئەلىشىر ناۋايى كۆللىياتلىرىنىڭ19 -ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن مۆتىۋەر نۇسخىلىرىنىڭ بىرىدۇر…كۆللىيات ناۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپچىلىكىنى جەملىگەنلىكى ۋە ھەجىم جەھەتتىن چوڭلىقى بىلەن شائىرنىڭ باشقا قوليازمىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ…كۆللىيات: 692بەت، تېكىست ئۆلچىمى: 18×28، قوليازما ئۆلچىمى: 30×44بولۇپ،..كۆللىيات 19-ئەسىر كاشىغەر ئۇسلوبىغا خاس نەپىس تەئىلىق خېتى بىلەن كۆچۈرۈلگەن…ھەر بىر ئەسەر باشلىنىشتىن بۇرۇن زەر ۋاراق قالدۇرۇلغان …بولۇپمۇ ‹ئەربەئن› دىكى ھەدىسلەرنىڭ دائىرىسى ئالتۇن سۈيى بىلەن ھەللەنگەن. قوليازما كارتون مۇقاۋىلىق، كارتون مۇقاۋا يۈزىگە تامغا ۋە تامغىسىمان نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن. نۇسخىنى بەش يىل جەريانىدا يەنى 1240-1245 (1824-1830)  -يىللاردا كاشىغەر شەھەرىدە ئابدۇرېھىم ئىبن مۇھەممەد فازىل كاشغەرىي كۆچۈر گەن…بۇ ھەقتە قوليازمىنىڭ بەش جايىدا تارىخ بېرىلگەن بولۇپ تۆرتىنچى ۋە بەشىنچى تارىخ كىتاپنىڭ  680-،692 -بېتىگە مۇنداق پۈتۈلگەن:

       راقم… غبدالرﺣيم ابن ﻣﺤمد فاﺧىل كاشغرى

        (كۆچۈرگۈچى…ئابدۇرەھىم ئبن مۇھەممەد فازىل كاشغەرىي) 

...تمت ھە  النسخە  الشريفە  المبارﮐﺔ فى تاريخ ١٢٤٥…

ھر كىسى اين كتاب مينكرى 

   غبدالرﺣيم كاشغرى 

  (…ئۇشبۇ مۇبارەك شەرىف نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلىشى1245-يىلىدا تۈگىدى…

           ھەر  كىم  بۇ  كىتاپقا  قارىسا

            ئابدۇرېھىم كاشىغەرىينىڭ خېتىنى كۆرىدۇ)››

ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەبۇ رەيھان بېرونى نامىدىكى مەشھۇر شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلار ئاساسىدا (1952-1975) يىللاردا ئون توملۇق كىتاپلار كاتولوگى ئىشلەنگەن بولۇپ، 1980-يىلى 31-دېكابىرغىچە بولغان مەلۇماتلارغا كۆرە، بۇلار ئىچىدە ناۋايى ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن 175جىلد قوليازمنىڭ بارلىقى ۋە بۇنىڭ تەركى بىدە شائىر 24 پارچە ئەسىرىنىڭ 254 نۇسخىسى كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىقلانغان(يۇقىرىقى كىتاپ،4-بەت). دېمەك ئابدۇرېھىم مۇھەممەد فازىل كاشغەرىي كۆللىياتى مەزكۇر فونت (يېڭى مەلۇماتلارغا قارىغاندا‹‹قۇتادغۇ بىلىك››نىڭ قەشقەردە ئۇيغۇرچە كۆچۈرۈلگەن ئەسلى بىر نۇسخىسىمۇ بۇ ئىنىستىتوتنىڭ نادىر كىتاپلار بۆلۈمىدە ساقلىنىۋېتىپتۇ)قا جەمئىلەنگەن نەچچە ئون مىڭ پارچە قوليازمانىڭ جۈملىدىن مەن شۇ تاپتا ئۈستىدە ھەيران بولۇپ تۇرغان ‹‹دىۋان ناۋايى››  نىڭمۇ سەرخىلى ئىدى. بۇ تەۋەررۈك بايلىقنى ئالدىنقى ئەسىرلەردە جەنۇبى شىنجاڭدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان رۇسىيىلىكلەر ئېلىپ كەتكەن ياكى ئۇستاز مىرسولتان ئوسمانوۋ ئېيىتقاندەك 1958-يىلى ئابدۇرېھىم فازىل كاشغەرىينىڭ ئەۋلاتلىرى سوۋېتلىققا سېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنى كىتابەت ۋە نەشىرىياتچىلىق تارىخىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بۇلاتتى. شۇل دەقىقىلەردە تەسەۋۋۇرۇم قاناتلانماقتا، ھاياجانلانماقتا ئىدىم. ئەگەر  سېھرىگەرلەردەك كارامەت كۆرسىتىپ، ھازىر ئىككى كىتاپنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويالىغان بولسام ياكى بۇ ئادەملەر ھازىر شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولسا قانداق ياخشى بۇلاتتى-ھە! ساغلام ھېسسىياتقا ئېگە ئادەم سۈپىتىدە شۇ تاپتا ئەجدادىمدىن خيالەن پەخىرلىنىپ، لەۋلىرىم ‹‹مەن قەشقەردىن كەلگەن›› دېگەن سۆزنى ئەتراپتىكىلەر ئۇقۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە پىچىرلىماقتا، بۇ سادا كۆڭۈل قەپىزىمدە ياڭرىماقتا ئىدى…

  گەرچە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ئېتىۋارەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەنىۋىي بىساتلىرىمىزغا بولغان ئېگەمەنلىكىمىزدە چۆكۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر كۆللىياتقا ئوخشاش ئالتۇن مۆھرى ئېنىق ھۆججەتلىرىمىز يەنىلا جۈزئىي دائىرىدە مىللىي كىملىكىمىزنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا. ۋاقىت بەك تېز ئۆتىۋاتاتتى. شىرىن چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك شۇنداق بېشىمنى كۆتەرسەم مۇزېيدا يالغۇز مەنلا قاپتىمەن، يامغۇردىن كېيىنكى گۈزەل تاشكەنت ئاخشىمى دەرىزىدىن روشەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

   -ئاكە جۈدە ۋاخلىچە قالدىك،- دېدى، پەقەت مېنىلا ساقلاپ تۇرغان مۇزېي خادىمى.

   -ئاكە-، دېدىم مەنمۇ ياندۇرۇپ،- ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ‹‹بىلىم يىراق چىندا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار!› ›دەپ ئېيتىلغان. ئەكسىنچە مەن يىراق چىندىن گۈزەل ۋەتىنىڭىزگە بىلىم قىدىرىپ كەلگەن مۇساپىرمەن، ئىلتىماس جىندەك تەخىر قىلىڭ. 

ئۆزبېكلەر سۆزنى مەنىلىك ۋە شىرىن زۇۋان قىلىپ سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن خەلق، سۆزنىڭ سېھرى كۈچىگە ئىشىنىدىغان مىللەت! ئۇلار شېئىرنى‹‹سۆز سەنئىتى››دەپ تەرىپلىشىدۇ، ئۇلاردا شېئىرنى پوئېتىك سەنئەت نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىش ئىلىمگە ئايلانغان. شۇڭا ئۆزبېكلەر بۈيۈك ناۋايىنى ‹سۆز گۈھەرشۇناسى››، ‹سەترىلەر سىلسىلىسىدىكى سېھرىگەر›› دەپ بىكارغا  ئېيتمىغان. مەن سەمەرقەند ۋە بۇخارالاردىمۇ بەزى مۇقەددەس جايلارغا كىرەلمىسەم، ئاشۇ ھەدىس بىلەن چىندىكى قەشقەردىن كەلگەنلىكىمنى دېگىنىمدە، ئىسسىق چىراي شەيخلەر ‹‹ئۇنداقتا، مەرھەمەت ئېزىز مېھمان›› دەپ كىرگۈزۈشكەن. چىرايلىق نۇتۇقۇم كۈچ كۆرسەتكەن  ۋە يېقىملىق ئاڭلانغان بولسا كېرەك، تاشكۆزئەينەكلىك چارباش مۇزېيىچى شۇنىڭدىن كېيىن مەن بىلەن زادىلا كارى بولمايدىغاندەك قىلىپ، ئىشىك يېنىدىكى كۆنا ساپادا مەھكەم ئولتۇرغېنىچە قېلىن، كونا كىتاپنى ۋاراقلاشقا باشلىدى…

    تاشكەنتدە ئۆتكەن گۈزەل ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈنۈم ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى.لېكىن كېچىچى بۈگۈنكى كۆرگەنلىرىمگە ئۆتكەن بىر ئەسىردە رۇسىيە ۋە ئۆزبېكىسدا ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدە قىلىنغان ئىشلار توغرىسىدىكى خىياللىرىم ئۇلىنىپ، گۇيا ياتىقىم دەرىزىىگە ئېسىلىپ تۇرغان ئاي بىلەن ئۇيقۇدىن بىدار، ئۈنسىز مونولوگلاشماقتا ئىدىم…

) بۇ ئەدەبىي خاتىرە سىزگە يارىدىمۇ؟ ئۇنداقتا كېيىنكى قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif