نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » تاغ بار يەردە چوققا بار (3)

تاغ بار يەردە چوققا بار (3)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 9 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ئۇيغۇرشۇناسلىق, نادىر ئەسەرلەر | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 1,013 قېتىم


مەنىلىك ناۋايىخانلىق سۆھبىتى مەندە نەچچە كۈنگىچە شېئىرى ھالەت ھاسىل قىلغاندى. قاراڭغۇلۇقنىڭ گۈزەللىكىدىن ئاي بەختلىك كۈلۈپ تۇرغان ئاخشاملارنىڭ بىرىدە، تۇنجۇققان ۋە ئۆمۈرلۈك ھۈنەرگە ئايلانمىغان ھەۋەسكارلىق تەبىئى جىلمىيىشقا باشلىدى-دە، قىزنىڭ كۆز ئالدىمدىكى غايىۋىي ئوبرازىغا قاراپ لەۋلىرىم پىچىرلاشقا باشلىدى:

تاشكەنتتە يامغۇر

باھار غۇنچىلىرى سويلايدۇ لېكىن،

قىز تىترىمەكتە،يۈرىكى گۈلخان،

تاشكەنتتە يامغۇر. 

تاشكەنتتە يامغۇر. 

يۇمران ياناقلاردىن ئاقماقتا پەۋەس،

دالا گۈللىرىنىڭ كۆزلىرىگە دۇر.

كۈللۈكسىمان سەۋسەن تۇماندا،

تاشكەنتتە يامغۇر.

نۇرەپشان كامالەكتە قەترەلەر بالقار،

      ئانار مەڭىزلەرگە سەپمەكتە ھال نۇر!.. 

    چېچەكلەر چايقىلار سەلكىن بىر كۈيدە،

ئېھتىمال بۇ ساماۋىي ياغدۇ(ر).

        ھەممىنىڭ قىسمىتىگە رەمزەئىي چاغدۇر،

تاشكەنتتە يامغۇر. 

      قاراڭغۇ كىرپىكلەرنىڭ تاڭدەك يۈرەكى،

باھار ئەييامىدا  داغدۇر.

       نەرگىس گۈلگە ئايلاندى، ۋۇجۇدلىرى كۆز،

تاشكەنتتە يامغۇر. 

     دۇنيا بەدەل بولسۇن،ياشلىق يامغۇرغا،

       قۇشتەك بىر جان كۆيۈك،نەپىسى ئاھدۇر.

  قىز قۇمرىغا جۆر،چۈنكى بۇ تاشكەنت،

باھار گۈللىرى توزغىغان باغدۇر!.. 

     بۈگۈن  ئەلىشىر ناۋايى ھەققىدىكى ھەممە ئىزگۈ سادالارغا ھەمنەپەس بولۇشۇم، ئۆزبېكلەرنىڭ پەخرىيە تۇيغىسىدىن قۇۋىنىشىم، ئۆزبېك زىيالىلىرىنىڭ بۆشىكى شۇنداقلا ئاللاھىم بەخت- پىشانەمگە ئاتا قىلغان بۇ مەشھۇر ئالىگاھتىكى تېخىمۇ چوڭراق ئىلمىي مەجلىسنىڭ شاھىدى بولىشىم كېرەك ئىدى. ۋاقىت ئىنتايىن تىز ئۆتمەكتە. شۇڭا يۈگۈرەپ-يۈرۈپ دېگەندەك سائەت ئىككىلەردە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەدەنىيەت زالىغا كىردىم. بۇ چاغدا يامغۇر پەسلەپ كامالەك(ھەسەن-ھۈسەن)ئالەمنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە ئىككى قۇتۇپنى تۇتاشتۇرغۇچى ئالتۇن كەمەردەك يەتتە خىل رەڭدە جۇلالىنىپ تۇراتتى.  زال بىردەمدىلا مەن بۇرۇن ئاڭلىغان ياكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئاۋانگارات ئەدىپلىرى بىلەن تولۇشقا باشلىدى.ئەمدى ئولتۇرۇپ تۇرۇشىمغا ھاسىلىق ۋە ئايىلى قولتىقىدىن يۆلى گىنىچە ‹‹ئۇلۇغبەك غەزنىسى›› رومانىنىڭ ئاپتورى ئادىل ياقىپوۋ ئاكا كىرىپ كەلدى. مەن بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ھەشەمەتلىك ‹‹خەلقلەر دوستلىقى››سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يازغۇچىنىڭ ‹‹80 ياشلىق ئۆمۈر نەزىرىسى››دە ئەدىپنىڭ ئالدىغا تەزىمگە بېرىپ، جوڭگودىن كەلگەن ئۇيغۇرلىقىمنى، 80-يىللاردا ئۇستازىم ئارىسلان ئابدۇللا ‹‹ئۇلۇغبەك غەزنىسى››نى ئۇيغۇرچىلاشتۈرغاندا قوليازمىنى ئاققا كۆچۈرۈشكە قاتناشقانلىقىمنى، مۇشۇ دەقىقىدە ئۇستازنىڭ خاكىپايىغا قوللىرىمدىن يېتىلەپ كەلگەن تەقدىرى ئەزەلگە مىڭ شۈكۈرانىلەر ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ كۆرۈشكىنىمدە، ئەدەبىي مەردانىلىقىدىن ئۇزاق ياشىغان يازغۇچى ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەققىم ئۈچۈن دۇئا قىلغاندى. ھازىر ئەدىپ قارىماققا ئوت كەتكەن توغراقتەك قۇرۇپ- قاغجىراپ كەتكەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن سەل ياش ھاڭغىراپ تۇرغان مېھرىبان قويكۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى.ياۋروپاچە كۆركەم لايھىلەنگەن زالدىكى شىمالدىن جەنۇپقا بويلىتىپ، تۆت ئەتراپى تولدۇرۇپ قويۇلغان ئېلېپىسسىمان ئۈستەل كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. قىيپاش قارشىمدا زامانىۋىي ئۆزبېك مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ سەركەردىلىرىدىن،ئاتاخان ناۋايىشۇناس ئالىم ئېزىز قەييۇم (دوكتورلۇق دسسسېرتاتسىيەمدىكى ئاساسلىق ھېمايىچىم)نىڭ زالدا پەس ئاۋازدا ياڭراۋاتقان ناۋايىنىڭ ‹‹ مۇناجات ››(كەلمىدى)، ‹‹18ياش ھەيرەتلىرى››، ‹‹بولمىسا ئىشق ئىككى جاھان بولمىسۇن››، ‹‹دوستلار،ئالەم ئىشىغا يارۇ-ھەمدەم بولمىڭىز›› ۋە ‹‹جۇنۇن ۋادىسىدا›› غەزەللىرىگە مەستۇ مۇستەغرەق بولۇپ، كۆزلىرىنى يۇمغانچە يەڭگىل تەۋرىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا قاراپ مەشھۇر شائىر تىيىپجان ئېلىيۇپنىڭ بىر شېئىردا ‹‹كىشى شېھىت كېتەر مۇقام ئاڭلىغانچە يۇمسا كۆزىنى›› دېگەن مىسراسى ئېسىمگە كەلدى. كەلگەن چوڭ ياشلىقلارغا نەچچە قېتىم ئورۇن بوشىتىپ بەردىم. لېكىن بۇ مەن ئۈچۈن كەتسە كەلمەيدىغان مۇھىم يىغىلىش ئىدى. گەرچە مەن بىرئاز قورۇنۇپ  تۇرۇۋاتقان بولساممۇ تارىختىن بۇيان بىز بىر خەلق بولغاچقا،شۇ تاپتا تەققى–تۇرقىمىزغا قاراپ بىزنى ئۆزبېك-ئۇيغۇر، دەپ ئايرىشقا ھېچقانداق سەۋەپ  يوق ئىدى. كېيىن مەن بۇ نوقتىنى نامەنگەن، قوقان، سەمەرقەند ۋە بۇخارالارغا قىلغان زىيارىتىمدە تېخىمۇ  ئېنىق ھېس قىلدىم. چۆل-بوستانلىقلىرىمىز، ئۆسۈملۈك-ھايۋاناتلىرىمىز، ئەر كەك- ئاياللىرىمىز ئوپمۇ-ئوخشاش. نانلىرىمىزنىڭ ئاي، كۈنگە ۋە يۈزلىرىمىزگە ئوخشايدىغانلىقىچۇ تېخىي…پەقەت بىرلا پەرق ئۇلار ئىتتىپاق، ئۇمۇمىيەتچىل، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىدۇ. يول قويىدۇ، ھايا-ئېتىقاتلىق، مېھماننى مۇساپىر دەپ چوڭ كۆرىدۇ. سۆزنىڭ قۇدرىتىگە تىۋىنىدۇ. گۈزەل ۋە مەنىلىك سۆزلەر بىلەن دىلىڭنى يۇرۇتىدۇ. سۆزنى ھەقنىڭ نەزدىدە ھاسىل بولغان، دەپ قارايدۇ. ئۆزبېك زىيالىلىرى تېخىمۇ شۇنداق! مەسىلەن، مەن  تاشكەنتدە تۇرغان ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتا دۆلەتلىك يادرولۇق ژورناللار ۋە ئادەتتىكى مەتبۇئاتلاردا بولۇپ جەمئىي ئون پارچىدەك ماقالە ئېلان قىلدىم. بىر كۈنى ئۇنىۋېرستېتدا خىيالەن كېتىۋاتسام مەن ئانچە تۇنۇشمىغان داڭلىق بىر پىراففېسسور ئالدىمنى توسۇپ: ‹‹تۇرسۇنباي،سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىز چىققان بەزى ژورناللاردا مەنمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ باقمىغان. تىزراق ۋەتەنىڭىزگە قايتىڭ! بولمىسا ئۆزبېكىستاننى زابىت (ئىگەللەش) قىلار ئىكەنسىز!››دەپ كېتىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ كىشى چىرايلىق سۆز ۋە چاقچاق ئارقىلىق مېنى ئاۋۇندۇردى، ماڭا ئىلھام بەردى. قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي فاكۇلتېتدا ماقالە تىزىملايدىغان رەسمىيەتچىلىكلەر بىلەن چەتئەلدە ئېلان قىلغان ئاشۇ ماقالىلەر ھەققىدە گەپ قىلىۋىدىم بىز بىر يەردە ئىشلەيدىغان ئوخشاش پىروفېسسوردىن بىرى: ‹‹كۆتەر ئۇنداق پاق-پاق ماقالىلىرىڭنى!›› دېدى. لېكىن مەزكۇر مۇئەللىممۇ مېنى يېقىن چاغلاپ شۇنداق دېدى.ئەمما ئۇنىڭ چاقچىقى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. ‹‹روناق تاپقان ئەل بىر- بىرىبى باتۇرۇم دەر!››دەپتىكەن. مانا قاراڭ بۇ ئىككى خىل خارەكتېر ۋە ئىككى خىل نىيەتكە! دېمەك ئەشۇنداق مۇھىتتا ئۇلارغا ئۆزلىشىپمۇ قالغان ئىدىم. شۇڭا ئۈزەمدىكى ئارتۇقچە قورۇنۇشنى قايرىپ قويۇپ، قىسىلىپ بېرىپ  ئالدىدىكىراق بىر ئورۇندا ئولتۇردۇم. سائەت ئىككى يېرىملار بۇلاي دېگەندە زالغا ‹‹خەلق شائىرى››، ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمغەرمىسىنىڭ رەئىسى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابىي ئابدۇللا ئارىپوۋ كىرىپ كەلدى. مىللىي ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزبېكىستاننىڭ مەدەنىيەت بۆشىكى بولغاچقا چوڭراق ئىلمىي پائالىىيەتلەر مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىلىدىكەن. جۈملىدىن ئەركىن ۋاھىدوۋ، ئابدۇللا ئارىپوۋ ۋە ئېزىز  قېيۇموۋقا ئوخشاش بۈگۈنكى ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرى مەزكۇر ئالىگاھ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەنئەنىسى بۇيىچە ئۇلار ھەر مەۋسۈمدە نەچچە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەيدىكەن. شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق دەرسلىرىنى كۆپراق يازغۇچى، شا ئىرلار ئۆتىدىكەن.  شۇڭا بۈگۈنكى ئەلىشىر ناۋايى تۇغۇلغان تەۋەللۇت توي مەجلىسى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، سورۇندا ناۋايىشۇناس ئالىملار، مۇئەلىملار، ئەدىپلەر، خەلق سەنئەتكارلىرى دىن باشقا سىتۇدېىتلارمۇ كۆپ ئىدى.  مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، مىللىي ئۇسلوپتا چىرايلىق زىننەتلەنگەن بۇ زالنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچى دەرسخانىسى دېيىشكە بولاتتى، يىغىن رەئىسى،ئۆزبېك فىلولوگىيىسى فاكۇلتېتىنىڭ رەھبىرى نۇرباي جابباروۋ ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ پىر-ئۇستازى،ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، مەشھۇر شائىر،كاتتا دۆلەت ئەربابىي، ھەزرەت ئەلىشىر ناۋايى بوۋىمىز تۇغۇلغانلىقىنىڭن 566  يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەدەبىي مەجلىسىمىز ھازىر باشلاندى. نۆۋەتتە سۆز ‹ئۆزبېكىستان قەھرىمانى› ئۇستاز ئابدۇللا ئارىپوۋ ئاكىغا ›› دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن زالدا قىزغىن چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى.

- ئەسلىدە تارىختا ئەلىشىر ناۋايى تۇغۇلغان بۈگۈنكى كۈن بىز ئۆزبېك مىللىتىنىڭ يېڭى يىلىمىز بولىشى كېرەك،- دەپ گەپ باشلىدى ناتىق شائىر،- 1930-يىللاردا موسكۋادا  ئۆت كۈزۈلگەن بىر قېتىملىق نارەسمىي قەلەمكەشلەر سۆھبىتىدە شۇ چاغدىكى پۈتۈن ئىتتىپاق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ باشلىقى ئۆزبېكىستان ۋەكىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ‹سىلەر ئەلىشىر ناۋايى يۇرتىدىن كەلدىڭلار› دەپ سۆزلىگىنى ئۈچۈن، ناۋايى بىزنىڭ بولۇپ قالغان. مەن ناۋايىنى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ياكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئۇلۇغ شائىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق يۈكسەك بەدىئىي تەپەككۈر گەۋھەرلىرىنى مىراس قالدۇر غانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلەيمەن ۋە ياخشى كۆرىمەن. شائىر ئەسەرلىرىنى ھەقىقى چۈشەنگەن كىشى ئۇنىڭدىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. ئىنسانىيەت ئالەمگە چىققىنى بىلەن ناۋايى ئەسەرلىرىنىڭ چوققىسىنى تېخىچە بويسۇندۇرالىغىنى يوق.

ئا.ئارىپوۋ زىلۋا بوي،تاقىرباش، قىرغىز بەشەر ئامما ئىنتايىن ئۆتكۈر نەزەرلىك شائىر ئىكەن، ھازىرغىچە رۇس ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا 30 دىن ئارتۇق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپتۇ. مەرھۇم شائىر تېيىپان ئېلىيوپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى نەشىرگە تەييار لىغان ‹‹ئابدۇللا ئارىپوۋ شېئىرلىرىدىن تاللانما›› دىكى شېئىرلار ئاددى ۋە قىسقا ھەجىمدە ئالەمچە نەزمىي ھېكمەتنى ئىپادىلەپ بېرىشكە قادىر بولغانلىقىدەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغىچە سۆيۈپ ئوقۇلماقتا. توپلامدىكى ‹‹سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟›› قاتارلىق شېئىرلار ئۆزبېكىستاندا خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنە ئۇ ئاماتلىك شائىر بولۇپ، تەقدىر ئۇنى مۇستەقىل ئۆزبېكىستان رېسپوبلىكىسى دۆلەت شېرىنىڭ ئاپتورى بولۇشتەك مەڭگۈلۈك شان- شەرەپكە مۇيەسسەر قىلغان.ئىلمىي رەھبىرىم نۇرباي جابباروۋ ئارىپوۋنىڭ شاگىرت مۇخلىسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نۇرباي بىلەن ئارىپوۋ ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنىڭ بىرىدە، ئۇنىڭ ‹‹تۇرسۇن ئاغا، شۇنداق بىر ھېكمەت باركى1441-يىلى ئەتيازدا ناۋايى تۇغۇلغان بولسا، 1941-يىلى ئابدۇللا ئارىپوۋ دۇنياغا كەلگەن. بۇ ساننىڭ باشقا  ئادەم ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولماسلىقى مۈمكىن، لېكىن ئابدۇللا ئاكاغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇ ئىنتايىن تەبىئىي بىر تەسەدىبىلىق. ئارىدىن توپ-توغرا 500 يىل ئۆتكەندىن كېيىكى شۇ يىلى تۇغۇلۇش ئارىپوۋنىڭ ئەزەل قىسمىتىگە پۈتۈلگەن. ھەقىقى شائىر نەچچە يۈز يىلدا بىر قېتىم كېلىدۇ، دېگىنى شۇ بولسا كېرەك. مانا بۇ ئۆزبېك ئەدەبىياتىنىڭ ئامىتى!›› دېگەنلىكى زادىلا ئېسىمدىن كەتمەيدۇ.

-شەرق رىۋايەتلىرىدە ئىېيتىلىشىچە،-دەپ سۈزىنى ۋەزمىن ۋە تەمكىن داۋاملاشتۇردى شائىر،- يۈرەك ئەسلى بىر قۇش بولۇپ شائىرنىڭ كۆكسىدىن ئىبارەت بۇ قەپەزدە ‹‹ناۋا›› قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇ بوغۇلۇپ ۋە نالە-پەريات قىلىپ كۈنۇ – تۈن ئۈزىنى شائىرنىڭ كۆكسۈگە ئۇرۇپ، قەپەزنى چېقىپ تاشلاپ ئۇچۇپ كەتمەكنى ئىستەيدىكەن. لېكىن شائىر بۇ خىل شىرىن ئازاپقا بەرداشلىق بىرىپ ئۇنىڭ ئەركىگە يول قويمايدىكەن. ئەنە شۇنداق ئۆمۈرلۈك كۈرەشتە ئاخىر شائىر ‹‹فانى››بولۇپ، تەقدىرگە تەن بېرىدىكەن. قۇش شائىرنى داغدا قالدۇرۇپ، كۆككە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن. مانا بۇ شائىرلاردىكى جۈملىدىن ناۋايىدىكى پېرىشتەلىك روھ. چۈنكى دىني ئەقىدىلەرگە كۆرە، پەرىشتەلەرنىڭ دىنىمۇ، مىللىتىمۇ، تىلىمۇ بولمايدىكەن. ئۇ ھەممىگە ئورتاق. دېمەك ناۋايى ئىنسانىيەتنىڭ شائىرى. بىر دانىشمەننىڭ ‹‹سۆزنىڭ تۇمۇر لىرىدا قان ئاقسا، يۈرىكى ئۇرۇپ، كۈزى كۆرۇپ تۇرسا ۋە قۇلىقى ئاڭلىسا-سۆز تىرىكتۇر ›› دېگىنىدەك، ناۋايى ھەزرەت قىلدىن ئىنىچكە، قىلىچتىن ئىتتىك سۆز سەنئىتىدە تىرىكتۇر. كىلاسسىكلار شېئىرى مەنا، بەدىئىيات ۋە مەنتىق ئىلىمىدە كۆپ ئىزدەنگەن. ئۇلاردا بىز كېيىنكى زامان ئەدىپلىرى ۋە ياش شائىرلار ئىبرەت ھەم ئۇزۇق ئالىدىغان تەرەپلەر كۆپ. مەسىلەن، ناۋايىلارنىڭ شېئىرخانلىق سۆھبەتلىرىدىن مۇنداق بىر ھېكايە تارقالغان:

-بىر كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقاندا، ئەلىشىر ناۋايى يولدا كېتىۋاتسا ،  ئۇنىڭغا لۇتفى ئۇچراپتۇ. ئۇلار سۆزلىشىپ مېڭىۋېتىپ، ‹‹مەلىكۇل كەلام›› ناۋايىنىڭ دىققىتىنى يامغۇر تامچىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ سېزىلەرلىك دەرىجىدە رېشتە ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتىپتۇ.بۇ ناۋايىغا خۇسراۋ دېھلىۋىنىڭ بىر بېيىتىنى ئەسلىتىپتۇ. شېئىردا ، يامغۇر يېغىۋاتقاندا، بىر گۈزەل مەھبۇپ پاتقاقتا تېيىلىپ  كېتىپ، غايەت نازۇكلىقىدىن يامغۇر يىپلىرىغا ئېسىلىپ ئورنىدىن تۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ئىكەن. قىزنىڭ مىسلىسىز گۈزەللىكى ۋە نازۇكلۇ قىنى گۇيا بىر ماي بۇياق رەسىمدەك ئىپادىلەپ بەرگۈچى بۇ تۇرمۇش مەنزىرىسى ئاجايىپ شېئىر مۇھىت ياراتقانلىقى بىلەن لۇتفىيغا ياققاندەك ناۋايىدىمۇ ئاپىرىنلىق تۇيغۇسى قوزغىتىپتۇ. نەچچە كۈن ئۆتۈپ ناۋايى ھۈسەيىن بايقارانىڭ ھۇزۇرىدىكى شېئىرى سۆھبەتتە پادىشانىڭمۇ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن دېھلىۋىنىڭ ئەشۇ بېيىتىنى ئوقۇپ ماختاپتۇ. ئەمما يۇقىرى بەدىئىي دىتقا ئېگە ھۈسەيىن بايقارا شېئىردىن لەززەتلىنىشنىڭ ئەكسىنچە ئۇنىڭ نوقسانىنى كۆرسىتىپتۇ: يامغۇر تامچىلىرى تۈۋەنگە قاراپ چۈشىدۇ، دېمەك بۇ ‹‹يامغۇر رىشتىسى›› پەسكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ، دېگەن گەپ. بۇنداق بولغاندا يىقىلغان گۈزەلنىڭ يامغۇر يىپىغا ئېسىلىپ ئورنىدىن تۇرۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.ئەگەر بۇ يەردە:

                  زەئفدىن كۈلبەمدە قوپماق ئىستەسەم ئەيلەر مەدەد،

                  ئەنكە بۇتې رىشتە ئاسقان بولسا تورۇسلار تېمىغا.

يەنى كۈلبەمدە شۇ قەدەر زەئىپلىشىپ كەتكەنمەنكى، تورۇستىكى ئۆمۈچۈك تورىغا ئېسىلىپ  ئاران دېگەندە ئورنۇمدىن تۇردۇم، دېگەن بولسا شېئىرى پىكىر مەنتىققە ئويغۇن ۋە تېخىمۇ گۈزەل  بۇلاتتى دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سۆھبەتكە قاتناشقان ناۋايى قاتارلىق ئەدىپلەر شاھ شائىرنىڭ ئورۇنلۇق مۇلاھىزىسىگە قائىل بولۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلىپتۇ.

  ئارقىدىن‹‹ئۆزبېكىستان قەھرىمانى››، خەلق شائىرى، دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى ئەركىن ۋاھىدوۋ سۆزگە چىقتى. ئالدىنقى يىلى مەن ئۆزبېك مىللىي ئاكادېمىك دراما تىياترىدا بولۇپ ئۆتكەن شائىرنىڭ 70 ياشقا تولغانلىق ئىجادىي كېچىلىكىگە قاتناشقان. ئەركىن ۋاھىدوۋ بۈ گۈنكى زامانىۋىي ئۆزبېك شېئىريىتىدە كىلاسسىك غەزەلچىلىكنىڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتقان شائىر:

                    سەير قىلماقنى ئىستىسەم مەن غەزەل بوستانىدا،

                   نە بار ساڭا دەپ كۈلمىڭىز مىر ئەلىشىر قاشىدا…

                   ئەھلى شېئىر بەلكى كىتابىم نەزمى ئىشق دەپ ئاچادۇر،

                   ياق  كىتابىم  سۆيگۈنىڭ   دېۋانىغا   دېباچەدۇر…

 ‹‹ياشلىق دىۋانى›› ئۇنىڭ داڭلىق توپلىمى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ياشلارنىڭ قويۇن ۋە ياستۇق دەپتىرىگە ئايلانغان. شائىرنىڭ ‹‹روھلار ئىسيانى››داستانى بىز ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئەكىس سادا قوزغىغان. ئە.ۋاھىدوۋ يۈكسەك ۋەتەنپەرلىك روھىدىكى ‹‹ئۆزبېگىم››غەزىلى ئۈچۈن 25يىل دەرت تاتقان. كېيىن بۇ شېئىرغا  پۈتۈن ئىتىپاق دائىرىسىدە شۆھرەت قازانغان ئۆزبېكىستان خەلق سەنئەتكارى شېرئەلى جۆرەيىۋ ئاھاڭ ئىشلەپ زور ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان ۋە خەلق ناخشىسىغا ئايلاندۇرغان. شائىرنىڭ ئەينى دەۋرىدىكى شېئىرلىرىدا ھەسرەتلىك قەلبنىڭ ئىسيانكارلىق ساداسى بار.  ئۇ ئۈزىنىڭ ‹‹قىسمەت››ناملىق شېئىردا مۇنداق يازغان:

                                 تاتلىق بولساڭ يالاپ ئادا قىلىدۇ،

                                 ئاچچىق بولساڭ تالاپ ئادا قىلىدۇ.

                                 يۈرىكىڭدە ئاتەش بولسا بىئامان،

                                 ئۆز ئوتۇڭدا قالاپ ئادا قىلىدۇ.

   – بۈيۈك ناۋايىنىڭ يېنىق ئىشقىي غەزەللىرى،- دەپ پەسراق ئاۋازدا ھاياجان بىلەن سۆز باشلىدى ئەركىن ۋاھىدوۋ،- دىۋاندىن-دىۋانغا كۆچۈرۈلۈپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقاپ ۋە كىتاپ بەتلىرىگە پارچىلەر پۈتۈلۈپ بىزگىچە يىتىپ كەلگەن. ياشلىقىمىزدا يادلىغانمىز، سۆيگۈ  مەكتۇپلىرىغا قوشۇپ پۈتكەنمىز. قۇياش پۈتكۈل زىمىننىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئويغىنىش ھاسىل قىلغاندەك ناۋايى ئەسەرلىرى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى سۈپىتىدە بىزلەر ئۈچۈن روھى ئۇزۇق بولۇپ كەلدى. خەلقىمىزنى ئاقارتتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر سەپەر پۇرسىتىدە بىر نەچچە دېھقان يىگىت بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇلار: ‹‹ئەركىن ئاكا، كاتتا شائىرسىز! ھەتتا ‹فائۇست›نى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلغانسز. نېمە ئۈچۈن‹ناۋايى›نى تەرجىمە قىلمايسىز؟ ›› دەپ سۇئال قويۇشتى. بۇ مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىشكەن. شۇڭا ھەيران بولۇپ:        ‹‹ تىلىمىزنى تىلىمىزغا ئاغدۇرۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟›› دەپ جاۋاپ بەردىم. كېيىن ناۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئاممىباپ نۇسخىلىرى كۆپلەپ نەشىر قىلىندى، بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن. لېكىن بۇنداقتا ئەسەر ئاددىلىشىپ، گۈزەللىكىنى يوقىتىدۇ. قىزىل گۈل ئۈزىنىڭ بەرگى، شاخ، تىكەن ۋە غوللىرى بىلەن گۈزەل! ھازىرقى شېئىرى ئىجادىيىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت پىكرىي يالىڭاچلىق، ئاددىيلىق ۋە گۈزەل نەزمىي مۇھىتنىڭ بولماسلىقى. بۇ شەرق شېئىرىيىتىدە كىلاسسىك شائىرلار بۇرۇندىن ئېتىۋار بېرىپ كەلگەن مەسىلە. مەن ناۋايىنىڭ تۇغۇلغان خاتىرىسى يىغىندا گەپنى ئۇزارتماي، بۇ ھەقتە بىر مىسال كەلتۈرۈش بىلەن كۇپايىلىناي:

-شەرقتە ئادالەتلىكلىكى ۋە راسچىللىقى بىلەن نام چىقارغان پادىشاھ نۇشۇرۋان ئادىل بىر كۈنى مەملىكەت شائىرلىرىنى يىغىپ:

-ئەي،شائىرلار، مەندەك ئادىل شاھ زامانىدا راستچىللىق ھۆكۈم سۈرۈپ، يالغانغا جاي قالمىغان بىر دەۋىردە، سىلەرنىڭ ئويدۇرما، ھەقىقەتدىن يىراق سۆزلەرنى شېئىر قىلىپ يازغىنىڭلار نېمىسى! يارنىڭ كىرپىگىدىن ئۆق ئېتىلسا، ئاشىقنىڭ يۈرىكى يارىلىنىدىغان، مەي جامىدىن جاھان كۆرۈنىدىغان ئىش قايسى مەنتىقىدە بار؟ بۈگۈندىن باشلاپ بۇنداق يالغان گەپلەرنى قويۇپ، كىشىلەر ئىشەنگۈدەك راست ئىشلارنى شېئىر قىلىپ يېزىڭلار،-دەپتۇ.

ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ شاھ يەنە شائىرلارنى چاقىرتىپتۇ ۋە ئەڭ مەشھۇر شائىردىن بىرى سىگە شېئىر ئوقۇشنى ئېيتىپتۇ.شائىر ئوتتۇرا مەيدانغا چىقىپ:

                        مەشھەتدە سەھەردە تاڭ ئېتىشى راست،

                        ھەلەفتە كەچقۇرۇن كۈن پېتىشى راست.

                        ئەدان بازىرىدا دان سېتىشى راست،

                        دەمەشىقتە خەلق تۈندە داڭ چېلىشى راست.

دېگەن شېئىرنى ئوقۇپتۇ ۋە ‹‹پادىشاھى ئالەم، مانا بۇ سىزنىڭ تاپشۇرىقىڭىز بويىچە يېزىلغان راست شېئىر›› دەپ ئەسكەرتىپتۇ.شۇ چاغدا نۇشۇرۋان ئادىل ئۆز خاتالىقىنى تۇنۇپ يىيىپتۇ-دە، مۇنداق دەپتۇ:

-ئەي،شائىرلار، ئەمدى سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمەن. ئەگەر راست شېئىر شۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز راست يازماڭلار، ئۈزەڭلەر بىلگەن يالغاننى يېزىۋېرىڭلار.

بۇ ۋەقە سەۋەبلىك شەرق خەلقلىرى ئىچىدە ‹‹شائىر سۈزى يالغاندۇر›› دېگەن ماقال تارقىلىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ماقالنى فۇزۇلى بىر غەزىلىدە تولىمۇ گۈزەل ۋە ئوبرازلىق تەرىزدە مۇنداق ئىپادىلەپتۇ:

                      ئەگەر دېسە، فۇزۇلى گۈزەللەردە ۋاپا بار،

                      ئالدانمىكى،شائىر سۆزى ئەلۋەتتە يالغاندۇر.

-ئەزىز مېھمانلار. يەنە قاراڭكى ،ناۋايى ۋە خەلقتىن ئېلىنغان مونۇ  بېيىتلار نەقەدەر دىلبەر، ئۇنىڭ مەجازىي ۋاستىلىرى ۋە سۆز سەنئىتى ماھارىتى نېمەدېگەن مىسلىسىز! شېئىرى تەسىرات-نەپەسدىن يۈرەككە، يۈرەكتىن روھقا، روھتىن كۆڭۈل سىرغا، كۆڭۈل سىردىن مەنا-ماھىيەتكە ئۆتىدىغان روھى مەسخوشلۇق!     ئۇ لەززەتدىن كۆزلەر يۇمۇلغاندىكى مەنىۋىي ھالەت! نۇشۇرۋان  ئادىل ئاڭلىغان شېئىر بىلەن تۆۋەندىكى مىسرالارخۇددى توز بىلەن تاشپاقادەك قانداق كۈچلۈك سېلىشتۇرما-ھە،- دەپ سۈزىنى ئاخىرلاشتۇردى شائىر ئەركىن ۋاھىدوۋ.

                        ئارەزىن ياپقاچ،كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش،

                        بويلەكىم،پەيدا بولۇر يۇلتۇز،نىھان بولغاچ قۇياش…

                        پۇرقىتىڭدىن زەفىرەن ئۆزرە تۆكەرمەن لالەلەر،

                        لالەلەر ئېرمەسكى،باغرىمدىن ئۆتەر پەرگالىلەر…

                        بالا دەشتى ئارا مەجنۇن مېنىڭدەك كۆرمەمىش دەۋران،

                        قۇيۇندەك ھەر زامان بىر كۆرمىگەن ۋادىيدا سەرگەردان…

                        يارىنى كەپتۇ دېسە،يۈگۈرەپ چىقاي باشىم بىلەن،

                        يار يۈرىگەن كوچىلارنى سۈپىرەي ياشىم بىلەن…

( ئاخىرى بار )

 

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. مەمەت ھوشۇر مۇنداق يازغان:

    سىزنىڭمۇ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئىگىسى…بۇ تېمىنى تولۇقى بىلەن يوللاپ چوڭ ساۋاپ تېپىپىسىز!

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      نادىر ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇرمەنلەر كۆرسە دىگەن ئۈمىدتەمىز. ئېنىقكى نەۋائى تەتقىقاتى ئاللىقاچان تاق يۆلىنىشلىك دائىرىدىن ئۇزاپ كەتتى، ھالبۇكى بىز تەتقىقاتتىن كۆپرەك ھىسسىيات مەسىلىلىرىگە چىرمىشىپ يۈرىمىز… « تاغ بار يەردە چوققا بار » مىللى كىملىك نۇقتىسدا تۇرۇپ، لېكىن بۇ خىل كىملىكنىڭ مەھەللىۋىي كەمتۈكلىرىدىن ھالقىغان ئاساستا، نەۋاينىڭ كىملىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە روھىيىتىدىكى ئورنى ۋە ۋەزنىنى ئىلمىي شەرھىلىدى، شۇنداقلا تارىخىي ۋە زامانىۋىي ( سۈنئى ياسىلىۋاتقان )ئەپسۇسلۇقلار ھەققىدە دادىللىق بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. ئەدەبىي خاتىرەنىڭ چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرى بىلەن لىرىك شېرىي تىلى بىر گەۋدىلەشكەن، تۇرسۇن تۈركەشنى تەتقىقاتچىلا ئەمەس يەنە ئەدىپ كىملىكىدە بۇ ئەسەرگە كىرىشكەن ئىكەن دەپ ئويلايدۇ كىشى. شۇنداق، ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى، ئۇچۇر مەنبەلىرى تولۇق ۋە ئىشەنچلىك، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەقىقەتەن كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif