نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 3 )

ئەدەبىي ئىستىلغا كىرىش ( 3 )

ۋاقتى: 2011 - يىلى 14 - ماي | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: يوق | زىيارەت: 829 قېتىم


3

 بىزنىڭ ئىستىلىستىكا ۋە ئۇنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات ئىلمىنىڭ ژانىر ۋە ئۇسلۇبىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، گەرچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئستىلىستىكا ئىلمىنىڭ دۇنيا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن يۇقىرىقىدەك ئىجابىي نۇقتىلىرى داۋاملىق تەكىتلىنىپ ياكى نەزەرىيە جەھەتتىن تەدبىقلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، مانا مۇشۇ ئىستىلىستىكا ئىلمىنى ئۆز نەزەرىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسى قىلغان يەنە بىر ئىلىم  « stylistics »  يەنى « 文体学 » ئىلمى ھەم شۇنداقلا  « style »(文体) ئاتالغۇسى ھەققىدە تېخىچە سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى ياكى نەزەردىن سىرتتا قالدۇرۇلدى. ماقالىمىزدا بىۋاستە ھالدا ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىسمىنى ئاتىيالمايۋاتقان بۇ ئىلىم ۋە ئاتالغۇلار ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن نىمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ؟ ئۇ بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن نىمە ئۈچۈن مۇھىم ؟

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 20- ئەسىردە زامانىۋىلىققا قاراپ يۈرۈش قىلغان ئەدەبىيات بولۇش بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلەندى دەپ ئېيتىش مۈمكىن. لېكىن بۇ مۈمكىنلىك بىزنىڭ ئالدىمىزغا يەنە بىرمۇنچىلىغان تەشۋىشلىك سۇئاللارنى تاشلايدۇ. ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىلىقنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگە خاس مىللىي نىشانە ئىزدەپ ماڭغان ئەدەبىياتىمىز تېخى ئەمدىلا تايتاڭلاپ ماڭغان بالىغا ئوخشايدۇ. بىزنى ھەر ھالدا بەزلەپ، ئۈمۈتلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەرلەر بۇ بىر ئەسىردىن بېرى توختىماي ئىجاد قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، نەزەرىيە قەھەتچىلىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر ئەسىرلىك تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىز ھالىتىنى ھامان ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. ئەدەبىياتىمىزنى بۇ خىل تەڭپۇڭسىز تەرەققىيات ھالىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى شۇكى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئاساسىدا مىللىي ئەدەبىيات نەزەرىيىلىرىنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە چەتئەللەر ئەدەبىياتى ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيە ئۈلگىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەدبىقلاشلا ئەدەبىياتىمىزغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلالايدۇ.

« stylistics »  يەنى «文体学»  ئىلمى ھەققىدىكى يۈزە ئىزدىنىشىمىز يۇقىرىقىدەك ئىستەكنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىياتىمىزغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ بوشلۇقنى ھەر دائىم ھىس قىلماقتا ۋە بۇ ھەقتە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ھەققىدىكى نەزەرىيىۋىي ئىزدىنىشلەر ھەر خىل نۇقتىلاردىن ئەدەبىياتىمىزغا ياندىشىپ دەسلەپكى قەدەمدە ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەزەرىيە قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى. گەرچە 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى بىرەر يىرىك سېستىمىلىق ئىزدىنىش مەيدانغا چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن ئەدەبىياتىمىزدىكى مەۋجۇت نەزەرىيە قەھەتچىلىكىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى چۇقان ۋە پىكىرلەرنى كۆرۈپ  تۇرۇپتىمىز.

« تەڭرىتاغ » ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 1-سانىدا ئەدەبىي تەنقىدچى مامبەت تۇردى بىلەن غالىپ مۇھەممەت قارلۇق ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان « ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئۆز دانكولىرىغا مۇھتاج » تېمىسىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى مانا مۇشۇ ئىنكاسلارنىڭ بىرى دىيىشكە بولىدۇ. سۆھبەتداشلار   « stylistics » يەنى «   文体学 » ئاتالغۇسى ھەققىدىمۇ  توختالغان بولۇپ،  ئۇلار «文体学» ئاتالغۇسىنى ئۇيغۇرچە « نۇسخاشۇناسلىق » دەپ ماسلاشتۇرىدۇ.[i] بۇ ئەدەبىياتىمىزدا مەزكۇر تېرمىن توغرىسىدا دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر بولۇپ، بىزنىڭمۇ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ…

«文体学» نىڭ مەنبەسى يەنىلا قەدىمقى يۇناننىڭ ئىستىلىستىكا (رېتورىكا) ئىلمى. ئارىستوتىل قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىستىلىستىكا ھەققىدىكى ئەسەرلىرىدە ئۇسلۇب ۋە « 文体 »ھەققىدە نۇرغۇنلىغان بايانلارنى قالدۇرغان بولۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ « stylistics »  يەنى «文体学» ئىلمىي ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ تۈگىنى دىيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بۇ ناھايىتى كىلاسسىك بىر پەن. شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە ئىجتىمىي پەنلەرنىڭ قاتارىدىكى ئەڭ ياش پەنلەرنىڭ بىرى. نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا بۇ پەن ناھايىتى مۇرەككەپ جەريانلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، بۈگۈنكى غەرپ دۇنياسىدا مۇكەممەل بىر يېڭى پەننى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ بۇ پەننىڭ ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋىي نەزەرىيە قۇرۇلمىسى ۋە كۆزقاراشلىرى، تەتقىقات ئۇسۇللىرى ھەققىدە قىسقا بىر پارچە ماقالىدا سۆزلەپ بولۇش مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا ماقالىمىزدا ئاچقۇچلۇق ئاتالغۇ ۋە ئەدەبىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلىمىز.


[i] 《ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئۆز داكولىرىغا مۇھتاج》، 《تەڭرىتاغ》ژورنىلى 2007 –يىلى 1-سان ،60-بەت.

( ئاخىرى بار )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif