نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » نىمە ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇيسىز؟ قانداق ئوقۇيسىز؟

نىمە ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇيسىز؟ قانداق ئوقۇيسىز؟

ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئۆكتەبىر | ئاپتورى: | سەھىپە: ئەدەبىي تەنقىد | ئىنكاس: 1 پارچە | زىيارەت: 998 قېتىم


ئوقۇش ئېستېتىك ھەركەت بولۇپ، كىتاپخاننىڭ كىتاپ ئوقۇش مەقسىدى گۈزەللىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىش، ھىسسىياتنىڭ شاتلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. زوقلىنىش قاتلاملىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى، بۇ خىل قانائەتلىنىش ئىستىكىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ بەزىلىرى ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىش ئۈچۈن، ۋەقەلىكى جىددىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيدۇ؛ بەزىلىرى ھاياجانلىنىش ئۈچۈن ۋەھىمىلىك، قورقۇنۇچلۇق، جانبازلىق ۋە ياكى رازۋېتكا ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ؛ بەزىلىرى جىددىلىكنى پەسەيتىش، بەدىئى زوق ئېلىش ئۈچۈن لىرىكىلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇيدۇ؛ بەزىلىرى ئۆز ھىسسىياتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن، تراگېدىيىلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇيدۇ؛ بەزىلەر روھى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، ئىدىيىۋىي ئەھمىيىتى چوڭقۇرراق بولغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ….

بىراق يۇقىرىقىلارنىڭ بىر تەرەپى ئوخشاش بولۇپ، ھىچقايسىسى ئەسەرنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن ئوقۇمايدۇ بەلكىي مەلۇم روھىي، ھىسسىيات جەھەتتىكى مەنپەئەتدارلىق نۇقتىسىدىن ئوقىغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ئەسەرگە نىسبەتەن مەلۇم قىممەت باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۆلچىمى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ زوقلىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ئۇلار پەقەت زوقلانغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تامامەن شۇنداق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.

بىر تەنقىدچى ياخشى دەپ ھىساپلىغان ئەسەرنىڭ مەلۇم زوقلانغۇچىنىڭ زوقلىنىش تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولماسلىق سەۋەپلىك ياخشى كۆرۈلمەسلىكى نورمال ھادىسە. لېكىن ئەدەبىي تەنقىد  جەمىيەتكە يۈزلىنىشى، ئەدەبىي ئەسەرگە توغرا، ئوبېكتىپ، ئىلمىي قىممەت باھاسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، تەنقىدچى جەمىيەتكە، يازغۇچىغا، ئەسەرگە مەسئۇل بولىشى كېرەك. زوقلىنىش پەقەتلا باشلىنىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەنزىل ئەمەس. ئەدەبىي تەنقىدنىڭ مەقسىدى ئادەتتىكى زوقلانغۇچىلار ئاسان چۈشەنمەيدىغان ياكى چۈشىنىشنى خالىمايدىغان ئەسەرلەرنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە بەدىئىي خاسلىقىنى ئېچىپ كۆرسىتىش، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى ۋە ئېستېتىك قىممىتى ھەققىدە ئادەتتىكى زوقلانغۇچىلار ئاسان چىقىرالمايدىغان ياكى چىقىرىشى تەلەپ قىلىنمايدىغان توغرا ھۆكۈم ۋە باھانى چىقىرىشتىن ئىبارەت.

يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك كىتاپ ئوقۇش بىر خىل ئېستېتىك ھەركەت. لېكىن تۇرمۇشتا بۇ خىل ھەركەتنى قېلىپقا سېلىپ يۈرۈش مۈمكىن ئەمەس. گەرچە يۇقىرىدا نەزەرىيىۋىي مەسىلىلەرنى سۆزلىگەن بولساقمۇ، لېكىن كىتاپخانلارنىڭ ئۆزىگە خاس كىتاپ ئوقۇش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئادەت خاراكتېرلىك ئوقۇش ئۇسۇلى بىزگە نەپ بەرگەن ياكى كىتاپتىن زېرىكتۈرگەن بولۇشى مۈمكىن، ئۇنداقتا قېنى سىز كىتاپنى نىمە ئۈچۈن ئوقۇيسىز؟ قانداق ئوقۇيسىز؟

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (1) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. reyhanay مۇنداق يازغان:

    مەن كىتابنى بەزىدە زىرىكىپ كېتىپ، بەزىدە بىر نەرسىگە تەلمۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئادەت بوپ قېلىپ ئوقۇغان. رومانلارنى ئارىلاپ ئوقۇيمەن، كەسپىمگە ئائىت كىتابلارنى ئەستايىدىل ئوقۇيمەن…. :mrgreen:

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif