مەڭگۈ تاش
ئەسلى ماكانىڭ زادى قەيەردە؟
قانداق بولغىيتتى بوي- تۇرقۇڭ؟
كىملەر سېنى ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن؟
كىملەر سېنى يۆتكەپ كېلىشكەن؟
قايسى تاشچى،
سېنى يەتكۈزگەن يۈكسەكلىككە؟
چوقۇپ،
يۇنۇپ،
كېسىپ،
رەندىلەپ.
ئۆز ئۆتمۈشىڭمۇ گۈزەل بىر تارىخ،
تارىخ ئۈستىگە يېزىلدى تارىخ،
ئايلاندىڭ مەڭگۈ تاشقا
پۈتۈلدى قىسمەت، پۈتۈلدى بارلىق.
پۈتۈكچىدە ھىكمەت،
سېنى يەتكۈزگەن مەڭگۈلۈككە.
يېزىقى ئۇنىڭ ئەپسۇنى،
”كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن،“
تاشقا ئوخشاش بىر مىللەت،
مەڭگۈ تاشقا بەنت.
مەڭگۈ تاش،
تاش ۋاقىت،
كۈلتېگىننىڭ قىلىچىدا توختاپ قالغان.
تاش ئىچىدە ماكان – زامان.
بىر قەۋم،
تاش سىرتىدا سەرگەردان.
مەڭگۈلۈكنى ئىزدىگەن كىملەر؟
تەڭرىمۇ ئۇ ۋە ياكى ئىنسان؟
تەڭرىنىڭ قىسمەتلىرى ئۆزىدەك پىنھان،
ئىنساننىڭ گۇمراھلىقى تەڭرىگە ئايان!
مەڭگۈ تاش سەن بىر كىتاپ،
مۈمكىن ئەمەس ۋاراقلاپ ئوقۇش.
يېزىلدى تارىخ ،
ئۇنتۇش ئۈچۈن.
ئۇنتۇلدى تارىخ،
تەڭرى، بۇددا، خۇدانىڭ بۇرجىسىدا.
ئالدىنقى يازما: 20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا(3)
كېيىنكى يازما: سالغا تېشى
بۇ يازمىغا (4) پارچە ئىنكاس يېزىلدى
مۇشۇ شىئېرىڭىزنى بىلوگىڭىزغا قاچان كىرسەملا قايتا-قايتا ئوقۇيمەن….بەك ياقتۇردۇم….
بۇنى پەقەت مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنى ئۈگىنىشتىن كېيىنكى تەسىرات دىگەن تۈزۈك، شېئىردىن يىراقتەك….
ئەجەپ بىر ياخشى يېزىۋېتىپسىز،قارىغاندا سىزمۇ بىر ئۇيغۇر تارىخ ھەۋەسكارى بولسىڭىز كېرەك؟
مۇئەللىم، سىلىنىڭ شېئىر يازىدىغانلىرىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما شېئىرنى شائىېردىنمۇ بەكراق چۈشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلەتتىم. باشتىن -ئاياق چوڭقۇر تەپەككۇر، مەنە قاتلىمىغا ئىگە بولۇپتۇ. ھېسىياتتىن ئەقلىلىككە ئۆتكەن شېئىر بولۇپتۇ. ئوقۇپ بولغىچە كىم يازغاندۇ؟ ئەجەب بىر كۆڭۈلگە ياقتى، ئويلاندۇرۇپ قويدى دەپ قىزىققان ئىدىم.
باشقا شېئىرلىرى بولسا، چىقىرىپ قويماملا، ھوزۇرلىنايلى!