نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » ئەڭ ياخشى نەۋرۇزلۇق سوغات

ئەڭ ياخشى نەۋرۇزلۇق سوغات

ۋاقتى: 2012 - يىلى 20 - مارت | ئاپتورى: | سەھىپە: قەلب تىۋىشلىرى | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 664 قېتىم


        مەكتىۋىمىزدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا تەسىس قىلىنغان « ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى ئوقۇشلۇقى »(« 20 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوقۇشلۇقى ») دەرسى ھەپتىسىگە 2 سائەتتىن 14 ھەپتە ئۆتىلىدۇ. بۈگۈن يەنى  2012 – يىلى 3- ئاينىڭ 20 – كۈنى ( سەيشەنبە ) چۈشتىن بۇرۇن ئالدىنقى ئىككى سائەتلىك دەرستە « شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ بەدىئى گۈزەللىكلىرى »ھەققىدە سۆزلەپ بولۇپ ئۆيۈمگە قايتتىم. مەزكۇر دەرسنىڭ مەزمۇنى كۆپ لېكىن بېرىلگەن دەرس ۋاقتى قىسقا بولغاچقا دەرس ئۆتۈشتە مەلۇم قىيىنچىلىقلار بار ئىدى، بىر ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر شەخس ۋە ئەسەرلەرنى 28 سائەتتە سۆزلەپ بولۇشنىڭ ئۆزى مۈمكىن ئەمەستە، بۇ مەسىلىنى ھازىرغىچە پەقەت لېكسىيە خاراكتېرىدىكى ئومۇملاشتۇرۇپ سۆزلەش ۋە ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك نامايەندە ۋە نادىر ئەسەرلەرنى كونكېرت تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ھەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئۈمىدىم ئوقۇغۇچىلىرىم قىسقا ۋاقىتتا سۆزلىگەن دەرسىمدىن ئازراق بولسىمۇ نەپ ئالالىسا!

   بۈگۈنمۇ بۇ دەرس ھەققىدىكى كالتە خىياللار بىلەن يولدا كېلىۋېتىپ ئالدىمدا قار كېچىپ كېلىۋاتقان مويسىپىت بوۋايغا كۆزۈم چۈشتى، بۇ باشقا بىرى ئەمەس 20 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى يەنە بىر نامايەندە خاراكتېرلىك شەخس بۇغدا ئابدۇللا ئىدى. شائىر رەتلىك كېيىنگەن، سالاپەتلىك بولۇپ قاردا ئالدىغا سەل ئېگىلگەن ھالدا نىمىنىدۇر خىيال قىلغىنىچە كەلمەكتە.

 ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم بۇغدا مۇئەللىم، – دەپ سالام بەردىم شائىر ئالدىمغا كەلگەندە.شائىر بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى ۋە خۇشتەبەسسۇم بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. قىزغىن سالاملاشتۇق، شائىرنىڭ ياۋروپاغا سەپەرگە كەتكىنىدىن خەۋىرىم بولغاچقا ھاردۇق سورىغان بولدۇم، شائىر بۇ قېتىمقى سەپىرىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

شائىر بىلەن ئۇستاز شاگېرتلىق ۋە شۇنداقلا خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتىمىز بولغاچقا كۆڭلىمىز ناھايىتى يېقىن، گەرچە ئۇستازىمىز پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن كۆپ ئۇچرىشالمىغان بولساقمۇ لېكىن ئۇچرىشىپ قالساق شېئىرىيەت ۋە شائىرنىڭ يېقىنقى ئىجادىيىتى ھەققىدىكى سۆھبەتلىرمىز ئۈزۈلمەيدۇ. شائىرنىڭ كىچىك پېئىل مىجەزى ۋە كەمتەرلىكى مەندەك ئىچ مىجەز ئادەمنىمۇ ئۇستازدىن كۆپرەك نەرسىلەرنى سوراپ بىلىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شائىر بىلەن بولغان مۇشۇنداق سۆھبەتلەر ئىلھامىدا شائىرنىڭ « سالغا تېشى » داستانى ھەققىدىكى « سالغا تېشى ــــ روھلار كەچمىشى »، شۇنداقلا شائىرنىڭ 55 يىللىق ئىجادىيىتى ھەققىدىكى دەسلەپكى كۆزقاراشلىرىم يېزىلغان « بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى » نامىدىكى ماقالىلىرىم يېزىلدى. بۇ ماقالىلاردا شائىرنىڭ مەنئىۋىي دۇنياسىغا ئىچكىرىلەشكە تىرىشتىم لېكىن يەنىلا يۈزەكى ۋە تېيىز ئىكەنلىكى مەلۇم…

ــــــ مۇئەللىم، بۈگۈنكى قاردا يەرلەر تېيىلغاق بولۇپ كېتىپتۇ، ئەسلى بۇنداق كۈندە سىرتقا چىقمىسىڭىز بولاتتى، دىدىم كۆيۈنۈپ.

شائىر مېنى قولتۇقلىۋالدى: ــــ ئەمدى سىزمۇ ئارقىڭىزغا قايتىڭ، سىزگە بىر سوغىتىم بار، ئۆيگە بارىمىز، سۆھبەتلىشىمىز، دىدى شائىرمۇ.

ئەلۋەتتە ئۆيىڭىزگە يەتكۈزىمەن، لېكىن بىر ئىشقا ئالدىرايمەن، شۇڭا  سوغىتىڭىز سىزدە ئامانەت تۇرۇپ تۇرسۇن، كېيىن سىزنى يوقلاپ كەلگەندە ئېلىۋالىمەن، ـــ دىدىم.

يولدا شائىرنىڭ ياۋروپا ساياھىتى ھەققىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلىدىم، شائىرنى ئۆيىگە يەتكۈزگىنىمدە شائىر قايتىشىمغا قەتئىي رۇخسەت قىلمىدى، شائىرنىڭ ئۆيىدە يەنە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدىكى  قىزغىن سۆھبەتلەردە بولدۇق، شائىرنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرى ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىلىرى توغرىسىكى پىكىرلىرى بۇ پىشقەدەم مائارىپچى شائىرنىڭ ياشانغىنىغا قارىماي يەنىلا قىزغىنلىق بىلەن ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتىنى ئادا قىلىۋاتقىنى نامايەن قىلاتتى.

مەن شائىرنى چارچىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن قايتىشقا ئىجازەت سورىغىنىمدا شائىر سوۋغىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ دىدىدە، كىتاپخانىسىغا كىرىپ قاتتىق مۇقاۋىلىق بىر كىتاپنى كۆتىرىپ چىقتى. بۇ شائىرنىڭ 2011 – يىلى 12 – ئايدا شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرەپىدىن  نەشر قىلىنغان « تارىم قەدىمىيەتلىرى » نامىدىكى يېڭى كىتاۋى ئىكەن. كىتاپ قاتتىق مۇقاۋىلىق، كۆركەم نەشر قىلىنىپتۇ، خۇش بولدۇم، شائىر:

ـــــ  ئەتە نەۋرۇز، بۇ يىل مېنىڭ ئەڭ بالدۇرقى نورۇزلۇق تىلىكىمگە ئېرىشكەن ئادەم سىز بولدىڭىز، نەۋرۇز  بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ـــ دەپ ئىمزا قويۇلغان كىتاۋىنى ماڭا ئۇزاتتى. ھاياجانلاندىم. مويسىپىتلار، ئۇستازلار، ئاتا – ئانىلار، قوۋمى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تىلەكلىرى كىمنىمۇ ھاياجانلاندۇرمىسۇن!

ئەسلىدە ئۇستازلارغا بىز سوۋغاتلار تەييارلىساق بولاتتى، ئۇستازغا خىجىللق ئىلكىدە ئۆزرە ئېيتقان بولساممۇ، لېكىن قەلبىمدە ئىللىق بىر تۇيغۇ…  شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ كىتاۋى بۇ يىل نەۋرۇزدا ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى سوغىتىم بولۇپ قالدى.

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. لوپنۇرى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىم، قانداق ئەھۋالىڭىز؟تېنىڭىز سالامەت، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتامدۇ؟ بۇغدا ئابدۇللا مۇئەللىمدىن راستىنلا ئېسىل بىر سوۋغاتقا ئېرىشىپسىز. مۇبارەك بولسۇن. مەن ئارسلان مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇخېلىل بولىمەن.ھازىر بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئىشلەۋاتىمەن. بلوگىڭىزنى خېلىدىن بېرى زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، بۇ بىلوگنىڭ سىزنىڭ ئىكەنلىكىگە تازا جەزىم قىلالماي يۈرگەن ئىدىم.بۇغدا مۇئەللىمنىڭ كىتابىغا قويۇپ بەرگەن ئىمزاسىدىن سىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئاندىن جەزىملەشتۈردۈم. تور ئارقىلىق ئىسىل يازمىلىرىڭىزدىن بەھرىمان بولالىدىغان بوپتۇق.مەنمۇ گەرچە ئانچە يۇقىرى سەۋىيىلىك بولمىسىمۇ، ئۆزۈم قىزىققان دائىرىلەر بويىچە بىر ئاددىي بلوگ ئېچىپ قويغان ئىدىم. ۋاقتىڭىز بولسا، زىيارەت قىلغاچ تەنقىدىي تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى بېرەرسىز. بلوگ ئادىرىسى:www.lopnuri.com
    بلوگىڭىزنى دوستانە ئۇلىنىشقا قېتىپ قويدۇم.ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەپ ئوقۇغۇچىڭىزدىن.

  2. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكوم سالام ئابدۇخېلىل! سىزنى بۇ يەردە كۆرۈپ خۇش بولدۇم. سىزنىڭ بىز بىلەن بىر سەپتە ئىشلەۋاتقىنىڭىزدىن خەۋىرىم بار، بۇنى ئۆتكەندە يىغىنغا كەلگىنىڭىزدە دىيىشكەن ئىدۇق، لېكىن بلوگېرلىقىڭىزدىن خەۋىرىم يوقكەن. بلوگىڭىزدا سەرخىل مەزمۇنلار باركەن، مۇبارەك بولسۇن! ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسى، پىكرى، ئىدىيىسى دەرسخانىدىلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك دەپ ئويلۇدۇم، نۇھ تور خاتىرىسى مۇشۇ ئىستەكتىن مەيدانغا كەلدى. سىزنىڭ ئىستەك ئارزۇلىرىڭىزغا ھەم مەدەتلەر تىلەيمەن!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif