نۇھ ئەدەبىيات بلوگى » «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش(2)

«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش(2)

ۋاقتى: 2011 - يىلى 16 - ئاپرېل | ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالىلىرىم | ئىنكاس: 2 پارچە | زىيارەت: 1,021 قېتىم


2. ئوغۇزخان ئوبرازىدىن ئاتىللا تىراگىدىيىسىگىچە

  تۆۋەندە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى ئاساسى تىما –موتىف تەتقىقاتىنىڭ پېرسۇناژلار مۇتىفى تەتقىقاتى[1] دىن پايدىلىنىپ، ئوغۇزخان ئوبرازى ئارقىلىق ئاتىللانىڭ تىراگېدىيىسى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزىمىز.

 ئوغۇزخان بىلەن ئاتىللانى ناھايىتى ئۇزۇن ماكان ۋە زامان ئايرىپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلار ئوخشىمىغان جەمىئيەتكە مەنسۇپ. مۇھىمى ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ۋە پىسخىكىسىغا ئۆز دەۋرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان. ئۇلارنىڭ روھىمۇ ئوبىكتىپ دەۋرنىڭ روھىدۇر. شۇڭا بۇ ئىككى مۇتىفنى پىسخىك نوقتىدىن چۈشەندۈرۈش ئەڭ ياخشى تەتقىقات يولىدۇر.

خەنزۇ ئەدەبىياتىدا « ئەقىل_پاراسەت موتىفى » جۇگېلىياڭ، « ئاشىقلارنى مۇراد مەقسىتىگە يەتكۈزگىچى موتىف » خوڭ نىياڭ قاتارلىقلار بار. قەدىمكى ئۇيغۇر ئىپوسىدىكى ئوغۇزخاننى بىز ئىشەنچ ۋە غەلبە موتىفى دەپ ئپيتىيالايمىز. ئوغۇزخان ئەپسانىۋى شەخىس.  ئۇنىڭ ئوبرازى بىر خىل غايە، بىر خىل ئتىقاد، بىر خىل چوقۇنۇش ۋە بىر خىل دۇنيا قاراشنى ئاساس قىلغان. ئەڭ ئالدى بىلەن جەمىئىيەت ۋە تەبىئەت، ئوبىكتىپ زامان ۋە ماكان ئوغۇزخاننىڭ ئۆزىگە بولغان  ئىشەنچىسىنىڭ ۋە غەلبە قىلىش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ دەسلەپ يايلاق قوغلىشىپ ياشايدىغان يايلاق مىللىتى ئىدى. « ئوغۇزنامە» ئۇيغۇرلارنىڭ مانا مۇشۇ دەۋىرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئىپوسى. لېكىن، بىز شۇنداق پاكىتنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كپرەككى، ئپغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ئەسىرلەر داۋامىدا تەكرار پىششىقلىنىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانلىرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. « ئوغۇزنامە» ئەڭ دەسلەپ 13 ـ  ئەسىردە قۇليازما ھالىتىگە كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مىللىتى ئاللىقاچان تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا كۆچكەن ۋە قۇملۇق ئارىسىدىكى بوستانلىقلارنى مەركەز قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ، دپھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك بۇلۇپ قالغان ئىدى. ئوغۇزخان پىسخىكىسىدا مانا مۇشۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنڭ ئۇمۇمىي خارەكتىرى خاسلىققا ئىگە قىلىنغان. بىز ئوغۇزخان ئوبرازىدا ئىپادىلەنگەن ئىشەنچ ۋە غەلبە موتىفىنڭ پەيدا بۇلۇش تارىخي ئارقا كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكىدەك ئامىللارغا باغلايمىز:

بىرىنچى، ئىجدىمائىي ۋە تەبىئىي مۇھىتنىڭ تەسىرى

مىلادى 840 – يىلدىن ئىلگىرى،يەنى ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى تىپىك يايلاق مىللىتى ئىدى. يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئارىسىدا كەسكىن ئىجتىمائىي كۆرەشلەر ئېلىپ بېرىلىپلا قالماستىن، بەلكى دەھشەتلىك تەبىئەت كۈچلىرى بىلەنمۇ جىددىي كۆرەش ئپلىپ بېرىلاتتى. ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن كۆرەش قىلىش، ئوت-چۆپ، سۇ قوغلىشىپ تىنماي كۆچۈپ يۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىدە كۈرەشچان، قەيسەر، باتۇر، قۇرۇقماس، پىداكار خارەكتىرنى يىتىلدۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئازادە يايلاق تۇرمۇشى، ئات ئۈإستىدىكى قىزغىن ھايات، زۇمرەت ئاسمان، يپشىل ئوت-چۆپلەر، ھەيۋەتلىك ھەم خەتەرلىك تاغ جىلغىلار، دھشەتلىك بوران، قار_مۇز قاپلىغان دالا ئۇيغۇرلارنى ئوراپ تۇرغان كونكېرت ماكان شارائىتى بۇلۇپ، بۇ خىل مۇھىتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساق، مەردانە، ساددا، ئۇيۇشقاق، چۇس، خۇش چاقچاق، ئۈمىدۋار مىجەز – خۇلقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوبىكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

ئوغۇزخان ۋۇجۇدىدا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنە شۇنداق مىللىي خارەكتىرى روشەن مۇجەسسەملەشكەن. ئۇنىڭ ئاجايىپ قورقۇمسىزلىقى، باتۇرلىقى، ئەل-يۇرتنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، بەخىت-سائادەت، ئاسايىشلىق يارتىش يولىدىكى كۈرەشلىرى، خەلىقنى يېتەكلەشتىكى ئەقىل پاراسىتى قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر روھىنىڭ غەلبە ۋە ئشەنچ تۈۋرىكى بۇلۇش ئورنىنى بەلگىلىگەن. مۇنداقچە ئپيتقاندا، ئۇ بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ قەدىمىي روھى، مىللي غۇرۇرى ۋە ئىپتىخارىنىڭ سىمىۋولى ئىدى.

ئىككىنىچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت ئۈستىدىن غەلبە قىلىش كۈچىنىڭ ئاشقانلىقى 

ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدە تەبىئەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۆزلۈكسىز ئۇچراپ تۇراتتى. تەبىئەت ھادىسىلىرى ئۇلار ئۈچۈن سىرلىق، قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى. ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجىربىلەر ئارقىلق ئىنسانلار دەسلەپكى قەدەمدە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئپرىشتى، ئوتتىن پايدىلنىشنى بىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلنىش، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تۆمۈر تاۋلاپ، قورال ياساشنى ئۆگۈنىشنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ئۈستىدىن قىلغان بىر غەلبىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئوغۇزنامە داستانىدا ئۇچرايدىغان:

15.ئۇ يىللىقلارغا قارايتتى،

16.ئاتلارغا مىنەتتى، ئوۋ ئوۋىلايتتى.

45.قىئات بوغا يېدى، ئېيىق يىدى، ئۇ گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق

46.بولسىمۇ نەيزەم ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈردى.

47.شۇڭقار قىئاتنى يېدى، ئۇ گەرچە شامالدەك تېز بولسىمۇ،

48.ئوقيايىم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى.

100.تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان،[2]

قاتارلىق مەزمۇنلار « ئوغۇزنامە» ئىپوسى مەيدانغا كەلگەن زاماننىڭ ئاللىقاچان ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن گاڭگىراش ۋە قورقۇش ھالىتىدىكى باسقۇچى ئەمەس، بەلكى ئوۋچىلىق شۇنداقلا تۆمۈر تاۋلاشنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىگە ئۆتكەن دەۋرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار تۆمۈر تاۋلاشنى بىلگەن چاغلاردا يەنە كىگىز بېسىش، كۆن ئىشلەش، يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئىدى. « كىگىز بپسىش، كۆن ئىشلەش قاتارلىقلار ئىنتايىن ئاددىي قول ھإنەرۋەنچىلىكى بۇلۇپ، ھەر قانداق ئائىلە مۇستەقىل ئورۇندىيالايتتى.»

ئۈچىنىچى، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتنڭ تىكلىنىشى، خۇسۇسى ئىگىلىك ۋە دەسلەپكى قەدەمدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى

« ئوغۇزنامە» تەتقىقاتچىلىردىن بىرى بولغان شىرباخ ئەپەندىنىڭ پىكىرىچە، قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاياللارنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە خان قوشۇش ئادىتى بار ئىدى. [3]  بۇ نوقتا قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خېلى يۇقىرى ئورۇنغا ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئانىلىق جامەدىن ئاتىلىق جامەگە ئۆتۈشتىكى ئىجدىمائىي باسقۇچىنىڭ قالدۇقى ھىسابلىنىدۇ.

ئاتىلىق جامەگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئەرلەر فىزولوگىيىلىك ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدىكى ئېشىنچا مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ خۇسۇسىي مۈلىكنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئىجدىمائىي تەبىقىلەرنىڭ ئايرىلىشنى تىزلىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەت ئاپپاراتلىرنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئوغۇزخاننىڭ بىر ئۇرۇق ياكى قەبىلىنىڭ باشلىقى بۇلۇش سالاھىىيىتى ئۇنىڭ كەڭ ئىمتىيازلارغا ئىگە ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن قەھرىمان بۇلۇش سۈپىتى بىلەن قەھرىمانلادا بۇلۇشقا تىگىشلىك جىسمانىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىق ۋە ئەقلىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلىككە ئىگە ئىدى. بۇ خىل قابىلىيەت جەمئىيەت تەشكىلىدە ئۇنى ھۆكۈمران  ئورۇنغا چىقارغان بۇلۇپ، ئۇ يەككە ھالدا قەبىلە ۋە ئۇرۇق ئىشلرىغا ھۆكۈم چىقىرالايتتى. ئۇ كونا قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىشكە، يپڭى قائىدە- نىزاملارنى تىكلەشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. بۇ خىل ئىجدىمائىي تەشكىلات- قەبىلىلەر ئىتىپاقى قۇرۇشىغا، تپخىمۇ ئىمتىيازلىق خاقان بولىشىغا ئاساس سالغان.

يۇقارقى تەھلىللەردىن بىز ناھايتى ئىنىق كۆرإۋالالايمىزكى، ئىشەنچ ۋە غەلبىنىڭ مەيدانغا كىلىشىدە تەبئىي شارائىت، ماددىي ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى، ئىجدىمائىي تۈزۈلمىنىڭ ئۆزگۈرىشى قاتارلىقلار ناھايتى مۇھىم رول ئوينىغان. تۆۋەندە بىز ئاتىللانىڭ ئوبرازىنى موتىف دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشتىكى ئاساسىمىزنى جەدىۋەل ئارقىلىق كۆرسىتىمىز. (قىرغىزلارنىڭ« ماناس » داستانىنىڭ موتىف سىيوژىتى قوشۇمچە قىلىنىدى).

«ئاپپاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »نىڭ سيۇژىت موتىفى

« ماناس » ئېپوسىنىڭ سيۇژىت موتىفى

«ئوغۇزنامە» ئېپوسىنىڭ سيۇژىت موتىفى

تۈركىي خەلق ئېپوسلىرىنىڭ  سيۇژېت موتىفى

 

 

 

پەرزەنت تىلەش موتىفى

 

 

 

 

ئالدىن ( چۈشىدە ) بىشارەت بېرىش موتىفى

 

 

 

 

ئانىنىڭ غايىپتىن ھامىلدار بولۇش موتىفى

 

 

 

 

قەھرىماننىڭ غەيرى نورمال تۇغۇلۇش موتىفى

 

 

 

قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى موتىفى

 

 

 

قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى ۋە غەلىبە موتىفى

 

 

 

يامان ئاتا موتىفى

 

 

 

 

قەھرىماننىڭ ئۆلۈم موتىفى

 

جەدىۋەلدە بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئوخشاشمايدىغان موتىف سىيوژىتى سىزىقچە ئارقىلق كۆرسۈتىلدى.

تۈركىي تىللىق خەلىقلەر ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئورتاق تېرىتورىيدە ياشىقانلىقى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرۇمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغانلىقى، ئېتنىك كىلىپ چىقىشى جەھەتتىن ئورتاق مەنبەگە تۇتىشىدىغانلىقى، تىل تۇغقانچىلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ تەسىرىگە تەڭ ئۇچرىغانلىقىدەك ئوبىكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ مىللي پىسخىكىسى، مىللىي خارەكتىرى، مىللىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئېستىتىك زوقىدا كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلارۋە ئورتاقىلقلار ساقلانغان.  تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئاڭ ، ئېدولوگېيىسىدىكى بۇ خىل ئورتاقلىقلار، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بايان ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ ئېپوسلىرىدا بەلگىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

يۇقىرقى جەدىۋەلدىن كۆرەلەيمىزكى، « ئوغۇزنامە» ۋە قىرغىزلارنىڭ « ماناس» ئىپوسى ئوخشاش سۇژىت قورۇلمىسىغا، بايان ئەندىزىسىگە ئىگە. « ئوغۇزنامە» ئپپپوسىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يپزىلغان، ھازىر فىرانسىيىنىڭ پۇقرالار كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىنىڭ باش- ئاخىرىنىڭ كەم ئىكەنلىكى «ئوغۇزنامە» ئېپوسىنىڭمۇ ئەسلىي تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدەك سۇژىت موتىفىغا ئىگە ئىكەنلىكنى ئۇقتۇرىدۇ.

بىز جەدىۋەلدىن « ئاپئاق ئپچىلغان سۆگەت گۈلى» ھىكايىسىنىڭ سىيوژىتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ موتىف سىيوژىتىنىڭ ئېپوسلارغا ناھايتى ئوخشايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. پەقەت سىيوژىت قۇرۇلمىسىدىكى بىردىنبىر ئۆزگۈرۈش ئېپوسلاردا كۆرۈلىدىغان« چۈشىدە پەرزەنت تۇغۇلىشىنىڭ بېشارەت بىرىش موتىفى» نىڭ ئورنىغا ئاتىللانىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئۆلۈمدىن بىشارەت بېرىپ، سۆگەت گۈلىنىڭ ئاق ئپچىلىپ كپتىشى يپزىلغان. دەرۋەقە ھەر قانداق بىر ئېپوس موتىفى چۇقۇم ئۆزىگە موئەييەن ئادەت تۈسىنى، سىمىۋوللۇق مەنىنى ۋە ئالاھىدە مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى جۇغلىغان بولىدۇ. « شۇڭا تۇنجى قپتىم ئەپسانىلەردىن باشلىغان ھىكايە موتىفلىرى گويا ئىرسىيەت گېنىغا ئوخشاش كپيىنكى دەۋىردىكى خەلق سەنئەتكارلىرنىڭ تەپەككۈرىدا قايتا زاھىر بولىدۇ. شۇنداقلا ماكان، زاماننىڭ شاللاشلىردىن ئۆتۈپ، ئېپوس،چۆچەكلەردە، ھەتتا يېقىنىقى دەۋىرلەردە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدە كۆرىلىدۇ.»[4]



[1]  پېرسۇناژلار موتىفى موتىف تەتقىقاتىدىكى بىر خىل تۈر، بىر خىل  تەتقىقات ئۇسۇلى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.

[2]  گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايوپ نەشرگە تەييارلىغان « ئوغۇزنامە »،  41  – ، 43 – ، 46- بەتلەرگە قاراڭ. مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 – يىلى 11- ئاي 1- نەشرى، 1981 – يىلى 6 –ئاي 2- بېسىلىشى.

[3]  يۇقىرىقى كىتاپ 63 – بەتكە قاراڭ.

[4]  مېھراي مەمتىلى: « تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدىكى قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى ھەققىدە تەھلىل »، ماگىستىرلىق دېسېرتاتسىيە ماقالىسىدىن ئېلىنغان.

( بۇ ماقالىغا قىزىققان بولسىڭىز، ئاخىرىنى كۆرۈڭ )

ئالدىنقى يازما:

كېيىنكى يازما:



بۇ يازمىغا (2) پارچە ئىنكاس يېزىلدى

 

  1. ئەنئەنەبلوگى مۇنداق يازغان:

    بلوگ مەزمۇنلىرى سەرخىل ئىكەن! يېڭى قۇرۋالغان بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

    • نۇھ مۇنداق يازغان:

      رەخمەت، پىكىر – تەلەپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز. ئەنئەنە بلوگىمۇ سەرخىل مەزمۇنلىرى بىلەن تېز ئىلگىرلەۋاتىدۇ، تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن!

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif