ئەدەبىي زوقلىنىش ۋە تەنقىدنىڭ ئوبېكىت دائىرىسى
ئەدەبىي زوقلىنىش ھەمىشە كونلېرت ئەسەرنى ئوبېكىت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بەدىئى قىممەت ھۆكمىگە ئېرىشىدۇ، يەنى زوقلىنىدىغان كونكېرت ئوبېكىتنى ئاساس قىلىدۇ.زوقلىنىش جەريانىدا شەخسىي قىزىقىش زوقلانغۇچىنى مەلۇم خىلدىكى ئەسەرگە مەھلىيا قىلىدۇ. ئەمما ئەدەبىي تەنقىد پەقەتلا كونكېرت يازغۇچىنىڭ كونكېرت ئەسىرى ياكى مەلۇم خىلدىكى ئەسەرگىلا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بەلگىلىك تارىخى دەۋردىكى ئەدەبىيات ھەرىكىتى، ئەدەبىيات ئىدىيىلىرى شۇنداقلا ھەر خىل ئەدەبىيات ئېقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئوبېكتى قىلىدۇ.گەرچە بىر پارچە ئەسەر ئۈستىدىكى تەنقىد بولسىمۇ، تەنقىدچى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇقتىلاردىن ماكرولۇق ئىگەلەش ئېلىپ بارغاندا، ئاندىن ئىلمىي ھۆكۈم يۈرگۈزەلەيدۇ.
ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ ھەرقاندىقى زوقلىنىشى ۋە تەسىرلىنىشى ئېنىق، لېكىن بۇ خىل زوقلىنىشنى بۇ يازغۇچىلارنى بىلىش ۋە چۈشىنىش دەرىجىسىگە كۆتىرىش توغرا بولمىسا كېرەك. يۇقىرىقى ئەدىپلەرنىڭ ياشىغان دەۋرى ۋە بۇ دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت مەپكۈرەلىرىنىڭ بۇ ئەدىپلەرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتى ۋە ئىجادىيەت پەزىلىتىدە ئوينىغان رولى، تەسىرى… ھەم بۇ ئەدىپلەرنىڭ قوبۇل قىلغان، ئېلىپ كەلگەن ۋە شۇنداقلا ياراتقان ئىدىيىلىرى قوشۇلسا ھەر بىرىنىڭ بەدىئىي تەنقىد ئارخىبى تۇرغۇزۇلغان بولىدۇ.
زوردۇن سابىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا چوڭ بىر تېما. زوردۇن سابىر ياراتقان پروزا يولى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ ئەدەبىياتقا قويغان چەكلىمىلىكلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، جاراھەت ئەدەبىياتى ھادىسىسى داۋامىدا رىئالىزىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەپەككۈر دەۋرلىرىدە چېنىقىپ، « ئانا يۇرت » سۆيگۈسىدە خاس ئۇسلۇبىنى يۈكسەكلىككە ئىگە قىلدى. دىمەك زوردۇن سابىرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يېڭى دەۋر پروزىچىلىقىنىڭ ئەگرى – توقاي تەرەققىيات يولى ۋە زوردۇن سابىرنىڭ مىللىي پروزىچىلىق ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن جەريانىغا چۆكىشىمىز كېرەك.
پەقەت ئەسەرنى كۆرۈپلا ھاياجانلىنىپ، ئالدىراپ – سالدىراپ پىكىر بايان قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ تېخى مەزكۇر يازغۇچى بەدىئىي زىمىنىڭ پاسىلىغىمۇ كەلمىگەنلىكىنى ھەم بىلمىسە كېرەك.
ئالدىنقى يازما: تارىخنىڭ يەنە بىر يۈزى ( 3 )
كېيىنكى يازما: ئەدەبىي زوق ۋە تەنقىدنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى